-
ئەۋرىشكە ئېلىشتىكى پەلسەپە - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-05-06
ئەمەلىي خىزمەتلەردە، تەتقىق قىلىنىۋاتقان ئوبىيكىتنىڭ ماتېماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، كۆپىنچە ئومۇمىي گەۋدە ئىچىدىن بىر قىسىم يەككىلىكلەر ماتېرىيال قىلىنىپ ئېلىنىدۇ، ماتېرىيال قىلىپ ئېلىنغا بۇ يەككىلىك قىسىم ئەۋرىشكە دېيىلىدۇ، ئۇ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بويىچە تەھلىل قىلىنىدۇ. بۇنداق ئومۇمى گەۋدىدىن بىر قىسىم يەككىلىكنى ئېلىش جەريانى ئەۋرىشكە ئېلىش دەپ ئاتىلىدۇ.
ماتېماتىكىلىق سىتاتىستىكىدا ئەۋرىشكە ئېلىشتا ، ئاساسەن، ئېلىنغان ئەۋرىشكىنىڭ تاساددىپىلىقى ۋە ۋەكىللىك خارەكتېرى ئويلىشىلىدۇ، شۇ ئاساستا قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق بولغان ئەۋرىشكە ئېلىش ئارقىلىق ئومۇمىي گەۋدە ئۈستىدىن نىسبەتەن ئىشەنچلىك يەكۈن چىقارغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلە تەتقىق قىلىنىدۇ.
تۆۋەندە ئەۋرىشكە ئېلىشنى پەلسەپە جەھەتتىن كۆرۈپ باقايلى:
1.قىسمەنلىك ۋە پۈتۈنلۈك
ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش مەڭگۈ مەلۇم بىر قىسىم ئەۋرىشكە ئارقىلىق ئومۇمى گەۋدىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بېرىدۇ. شۇڭا ئۇ قىسمەنلىك بىلەن پۈتۈنلۈكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. پەقەت تاللاپ ئېلىنغان قىسمى ئومۇمى گەۋدىگە توغرا ۋەكىللىك قىلالىغاندىلا ئاندىن ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا توقۇنۇش ۋە زىددىيەت كۆرۈلمەيدۇ. ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى كۆپ قېتىم خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسى بىلەن ئوخشاش چىققان، بۇ تاللاپ ئېلىنغان قىسمىنىڭ ( راي سىناشقا قاتناشقان كىشىلەر) ئومۇمىي گەۋدىنى ( بارلىق بېلەت تاشلىغان كىشىلەر) نى ناھايىتى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يېقىنقى بۇش بىلەن گېرنىڭ سايلام رىقابىتىنىڭ نەتىجىسىمۇ ئوخشاش. بىراق 1936 -يىلىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن روزۋېلىت بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن لاندوننىڭ سايلام رىقابىتى نەتىجىسى بولسا خەلىق رايىنى سىناش بىلەن ئوخشاش چىقماي قالغان. دېمەك ئەينى چاغدا كۆپ قىسىم ئەۋرىشكە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنى قوللىغۇچىلاردىن ئېلىنىپ قالغان بولۇپ، بارلىق خەلىقنىڭ سايلىمىدىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي گەۋدىگە توغرا ۋەكىللىك قىلالمىغان.
2. چەكلىك بىلەن چەكسىزلىك
ئەۋرىشكە ئېلىشتىكى چەكسىزلىك بىلەن چەكلىكلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى سىتاتىستىكىدا كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.چۈنكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى سىتاتىسكىدا ئادەتتە چەكلىك بولغان ئومۇمى گەۋدە تەھلىل قىلىنىدۇ. بىراق ماتېماتىكىلىق تېئورىمىلارنىڭ ئىسپاتلىرىدىن بۇ نۇقتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ماتېماتىكىدا بىر خىل ئىندۇكسىيىلىك ئىسپاتلاش ئۇسۇلى بار بولۇپ، بۇنىڭدا مەلۇم بىر قائىدە ياكى فورمۇلىنىڭ بارلىق تەبىئىي سانلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندا، ئالدى بىلەن n=1 بولغاندا يەكۈن قۇرىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايمىز، ئارقىدىن n=k بولغاندا يەكۈن كۈچكە ئىگە دەپ پەرەز قىلىپ تۇرۇپ، شۇ ئاساستا n=k+1 بولغاندا يەكۈننىڭ يەنىلا كۈچكە ئىگە بولىدغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقالىساق، بۇ يەكۈن بارلىق تەبىئي سانلارغا نىسبەتەن كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولىمىز. بۇ يەردە 1، k, k+1 قاتارلىق چەكلىك سان، بارلىق تەبىئىي سان بولسا چەكسىز سان، دېمەك چەكلىكلىكتىن چەكسىزنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق. ئەۋرىشكە ئېلىشمۇ شۇنداق بولۇپ، تاللاپ ئېلىنغان چەكلىك بولغان ئەۋرىشكىدىن بارلىق چەكسىز بولغان ئومۇمى گەۋدىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىلىدۇ.
مەنبە :http://www.izdinix.com/
收藏到:Del.icio.us