بارلىق رەقىمى 3 تىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق سانلار كۇۋادېراتىنىڭ قانۇنىيىتى
بارلىق رەقىمى 3 تىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق سانلار كۇۋادېراتىنىڭ ئۆزگىچە قانۇنىيىتى بار بولۇپ ، بۇ قانۇنىيەتنى پۇختا ئىگىلىۋالساق ، مۇناسىۋەتلىك ھېسابلاشلارنى ھەم تېز ھەم توغرا ئورۇنداپ كىتەلەيمىز. تۆۋەندە بۇ قانۇنىيەت بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
ئالدى بىلەن بىر ئەمەلىي مىسال كۆرۇپ ئۆتەيلى:
1089=332
110889=3332
11108889=33332
1111088889=333332
.............................
89...1088....11=32...33
يۇقارقى مىساللار ئارقىلىق بارلىق رەقىمى 3 تىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق سانلار كۇۋادېراتىنىڭ قانۇنىيىتىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
بارلىق رەقىمى 3 تىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق ساننى n خانىلىق سان ( 2 دىن كىچىك بولمىغان) دېسەك ، ئۇ ھالدا بۇ سانلارنىڭ كۇۋادېراتى 2n خانىلىق سان بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىرلەر خانىسىدە چوقۇم 9 بولىدۇ، ئونلەر خانىسىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا 9 بىلەن 0 نىڭ ئارىسىغا n-1 خانە قوشىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ رەقەملىرى 8 بولىدۇ، يەنە 0 نىڭ ئالدىغا ( سول تەرىپىگە ) n-1 خانەقوشىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ رەقەملىرى 1 بولىدۇ.