-
ناتونۇش يوللاردىكى مىڭ مىل - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2011-02-12
شىۋېتسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سۋېن ھېدىن(1865-1952) 1899-يىلى ستوكھولمدىن ئىچكى ئاسىياغا قاراپ يولغا چىقىپ ئۈچ يىللىق سەپىرىنى باشلايدۇ .ئۇ بۇ قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيە سەپىرىدە روسىيەگە بېرىپ ئاندىن كاسپىي دېڭىزى ئارقىلىق سەمەرقەنت ۋە تاشكەنت، ئەندىجانغا بارىدۇ. ئاندىن 45 مىل يول يۈرۈپ ئۆزىنىڭ شەخسىي كارۋىنى بىلەن قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ.ئۇ كېيىن قەشقەردىن تارىم دەرياسى بويىنى بويلاپ، لايلىق، كورلا،ئاقسۇ،لوپنۇرلاردا تەكشۈرۈشتە بولىدۇ.ئۇ سەپىرىنى يەنەھازىرقى تىبەت ئاپتونۇم رايونى، ھىندىستانلارغىچە داۋاملاشتۇرۇپ ئاندىن شىۋېتسىيەگە قايتىدۇ.ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە ئاساسەن1903-يىلى «ناتونۇش يوللاردىكى مىڭ مىل»دىگەن ئىككى توملۇق كىتابنى ۋە «لوپنۇرغا قاراپ»دىگەن كىتابىنى نەشر قىلىدۇ. بۇ كىتابلاردا 400 پارچىدىن ئارتۇق فوتو رەسىم ۋە تۆت خەرىتە بېرىلگەن بولۇپ، تۆۋەندە بۇ رەسىم ۋە خەرىتىلەرنىڭ بىر قىسمى ئۈلگە سۈپىتىدە بېرىلدى.بۇ كىتابلار ھازىر ستوكھولم شەھەرلىك كۈتۈبخانىدا ساقلانماقتا.
تارىم ۋادىسىدىكى كىشىلەر
تەكلىماكان ۋە تارىم خەرىتىسى
قەشقەردىن ئوشقا قاراپ ماڭغان كارۋان
تەڭىگىلىك ئۆيدىكى ئاياللار ۋە بالىلار
چارقىلىق
كىرورەن خرابىسىدىن تېپىلغان ياغاچ ئابىدىلەر
ئۆي بېزەكلىرى
پارپى باي ۋە ئىسلام باي
سۋېن ھېدىننىڭ خىزمەتكارلىرىشاغدۇر، سۋېن ھېدىن ۋە شەرەپ لاما
شىنجاڭ ۋە تىبەت رايونىنىڭ خەرىتىسى
فرانسىيىلىك بوبىن
قاسىم ئاخۇن
قىزىلسۇ دەريا بويى
قىرغاققا چىقىش
قەشقەردىكى داۋازلىق ئويۇنى
ئۆي ئىشىكلىرى ساقلىنىپ قالغان كىرورەندىكى خارابىلىق
كېمىدە يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان سۋېن ھېدىن
يارىلانغان قۇلان بالىسى
يالغۇز كېمىدىكى ئۆردەك، قوش كېمىدىكى پالتا ۋە باشقا ئىككى كىشى
يۇمىلاق دەريا ۋادىسى
ئۆلگەن موزاينى كۆمۈش
ئوۋلانغان ئېيىق
ئوۋ بۈركۈتى
ئابداللىقلار
لوپلىق ئاياللار ۋە بالىلار
كىرورەندىن تېپىلغان مىس چىراق
http://tiwish.hostzi.com/?p=1020
收藏到:Del.icio.us