شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7- مارتخەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابدۇسالام تەرجىمىسى
تۈركىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى گېزىت بولغان ‹‹ زامان ›› گېزىتىنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئاممىنىڭ مەزكۇر گېزىتنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش گېزىتخانىسىنىڭ سىرتىدا دائىرىلەرنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ ئېلىپ بارغان نامايىشى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ساقچىلار شۇ كۈنى گېزىتخانىغا بېسىپ كىرىپ ئېتىزارچى ئاممىغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە سۇ مىلتىقى ئاتتى. ئېتىرازچىلار ئارىسىدىكى ئاز بولمىغان ئاياللارمۇ ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ‹‹زامان گېزىتى›› ئامېرىكىدىكى سەرگەردان مۇسۇلمان داھىي فەتھۇللا گۈلەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئەيىپلەنگەن. يەرلىك دائىرىلەر ئۇنى تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغاننى ئاغدۇرۇۋېتىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved