
-
تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ يادىغا ئاخشام كۆرگەن چۈشى كېلىۋالدى. ئۇ بىردىنلا قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن ئەخلەت-چاۋارلار ئارىسىدا قالدى.ئۇ ئەخلەت-چاۋارلارغا قوشۇلۇپ ھەريان ئۇچۇپ يۈرەتتى...
ئۇ چۇچۇپ كەتتى.
ئىشىك جالاققىدە ئېچىلىپ ،خوتۇنى ئۆڭ- سۆلى ئۆچكەن ھالدا كىرىپ كەلدى-دە، ئۇنىڭ ئالدىدا شاپپىدە توختاپ، كۆزلىرىگە مىختەك قادالدى.خوتۇنىنىڭ كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان سوغوق نۇر ئۇنىڭ يۈرۈكىنى ساراسىمىگە سېلىۋەتتى.‹‹ئاھ خۇدا بۈگۈنمۇ يەنە ئۆيىمىزدە ئىران-ئىراق ئۇرۇشى پارتىلايدىغان بولىدى-دە؟ بۇ خوتۇن بىلەن قانداقمۇ جاھاننىڭ مىرادىغا يىتەرمەن؟...ئۇنىڭ مۇشۇ تۇرىقىنى كۆرسەملا تىنىم شۈركۈنىپ كېتىدۇ...مەن تۇغۇلىشىمدىنلا باشقىلارنىڭ خاپىلىقىدىن قۇتۇلالمايدىغان قىلىپ يارىتىلغان بولغىمىتىم؟!...ئادەم ساراڭ بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ يېقىن ئادەملىرى بىلەن جىدەل-ماجرا چىقىرىپ يۈرەمدىغاندۇ-يا؟...›› ئۇنىڭ تىپتىنىچ كۆڭلى تىپتىنىچ كۆل سۈيىگە تۇيۇقسىز تاش ئاتقاندەك داۋۇلغۇدى.
ئۇ چۇچۇپ كەتتى...
ئۇنىڭ خوتۇنى سىرىتتىن پات-پات ئاشۇنداق يامان ئەلپازدا ئۆيگە كىرىپ كېلىپ ،ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوت ئاچاتتى.زەھەردەك گەپلىرى پىلىمۇتتىن ئوق چىققاندەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىپ ئۇنىڭ يۈرىكىگە سانجىلاتتى،يۈرىكىنى زىدە قىلاتتى...
-ئاخشام نەگە باردىڭ؟ -
رەھمەتلىك چوڭ ئانامنىڭ دەپ بىرىشىچە ، ئانام مەن بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئىچىپ بىر سائەتتىن كېيىن ھۇشىغا كىلىپ دوختۇرلاردىن ، « بالام ئوغۇلمۇ ، قىزمۇ ؟ » دەپسوراپ ،ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن جاۋاب چىقىپ بولغۇچە ، 23يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىپتىكەن . مېنى 70ياشلاردىن ئاشقان چوڭ ئانام دوختۇرخانىدىن ئەچىقىپ ، تاغامنىڭ يارىدىمى بىلەن بىر بالىسى بار ئەچىكە سېتىۋېلىپ ، شۇنىڭ سۈتى بىلەن بېقىپ چوڭ قىپتىكەن. دادام يانچۇقىغا پۇل كىرسىلا قىمار ئوينىمىسا ئۇيقىسى كەلمەيدىغان ئادەم بولۇپ ، ئانام قازا قىلىپ بەش ئايدىن كېيىن ، قىمار ئويناپ ئۆي ۋە باشقا بىساتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئۇتتۇرۋىتىپ ، قوشنا يېزىدىكى ئۈچ بالىسى بىلەن تۇل قالغان بىر ئايال بىلەن توي قىلىپ ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كىتىپتىكەن . ئەقىلمگە كەلسەم چوڭ ئانامنىڭ تاملىرى زەيلىشىپ كەتكەن ، ھۇيلا تېمىى يوق ئىككى ئېغىزلىق كونا ئۆيىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇمۇش كەچۈردىكەنمەن .
1998 – يىلى ، يەنى مەن 6ياشقا كىرگەندە چوڭ ئانام قازا قىلدى . ئۇنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن تاغام ( ئانامنىڭ ئاكىسى ) مېنى ئۆيىگە ئەكىلىۋالدى ۋە مەن بىلەن تەڭ ياشلىق ئوغلى بىلەن كەنىتنىڭ باشلانغۇچ مەكتىۋىگە ئاپىرىپ بەردى . بىرىنجى سىنىپنى پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا ، بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كەلسەم ، بىشىغا ئاق شاپاق دوپپىنىڭ بۇرجىكىنى قىستۇرۇپ كېيىۋالغان ، شاپ بۇرۇت بىر ئادەم تاغام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ . ئۇ ئادەم مېنىڭ باش ئايىغىمغا قاراپ ، كىلە بالا مەن سېنى ئېلىپ كەتكىنى كەلدىم ، -دېدى . مەن تاغامنىڭ سۈپەتلەپ بەرگىنى ۋە ئۇ ئادەمنىڭ مېنى « بالام » دېگىنىدىن دادام ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولساممۇ ، نېمىشقىكى ئۇنىڭ يىنىغا بارغۇم كەلمىدى . تاغام مېنىڭ ئۇنىڭدىن قىچىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ . -
مەزكۇر ئاۋازلىق ئەسەرنى 2009-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاپ،قاشتېشى ئۇيغۇر توربېكىتىدە ئېلان قىلغان...
تورداشلرىمىزنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن تور خاتىرىمىزگە چىقىرىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
ئەسەر ئاپتورى:ياسىنجان ئابدۇقادىر(چۆل ئوغلى)
مىكروفۇن ئالدىدا:سۇلايمان ئابلىمىت(جەلىپكار)
كرىشتۈرگۈچى:سۇلايمان ئابلىمىت(جەلىپكار) -
مۇھەببەتتە كۆڭۈل ئىزھار قىلىش كۆپۈنچە ئوغۇللارنى ئاساس قىلىدۇ ، بىرقىسىم قىزلار ئامالسىز پۇرسەت ئالدىدا ئۆز كۆڭلىنى بايان قىلىدۇ ، لېكىن بۇ بىر قىزغا نىسبەتەن ئاسان چىقىدىغان قەلىب سۆزلىرى ئەمەس .
بىر قىز بىلەن يىگىت باغچىنىڭ گۈللىكىدە پاراڭلىشىۋاتاتتى ، ئۇلار خېلىلا ئۇزۇن پاراڭلاشتى ، يىگىت مېڭىشقا تەمشەلدى ، قىز يىگىتكە گېپى بارلىقىنى ئېيتىپ توختاتتى ، قىز ئىنتايىن خىجىللىق بىلەن يەرگە قاراپ تۇرۇپ يىگىتكە دېدى :
_ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن !
يىگىت : - ئۇن سۇرمىدى ،
قىز : - گەپ قىلمايسىزغۇ ؟
يىگىت : - مۇمكىنمۇ ؟
قىز : - ئەگەر ئىككى ئادەم بىربىرىگە ئىشەنسە ، چوقۇم باشقا ئېلىپ چىقالايدۇ ، مىنىڭ ئىشەنچىم بار !
يىگىت : - ئۇغۇ شۇ ، مۇھىمى ئىشەنچ ،
قىز : - توغرا ، ئىشەنچ مۇھەببەتنىڭ تۇۋرىكى ، قانداق ؟
يىگىت :- مەن دەل شۇنىڭ ئۈچۈن ئامالسىزمەن . كەچۈرۈڭ ،
قىز : - بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟
-
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى بۈگۈن،
تەنھالىق ئىچىدە يۈرەكتە تۈگۈن.
باشقىغا خوشاللىق،ماڭا ئاددى كۈن،
قىزارغان چىچەكتەك سۆيگۈم تۈنۈگۈن.باھارنى چىللىغان قۇياشقا قاراپ،
ۋۇجۇدۇم ھەۋەسلەر قەترىدە تاراپ.
كىملەرنىڭ قەلبىگە قارايمەن ماراپ،
سەۋدايى تاماگەر ھېسلىرىم ئوراپ.نەقەدەر كۈلكىلىك سايرىماس تېلفۇن،
نۇمۇسلۇق بىر قىزمەن ئەمەسمەن يۇچۇن.
ئۆزۈمنىڭ بىر گۈزەل قائىدە-يۇسۇنى،
يات ئەلنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگىلەر ئۈچۈن. -
ـــ ھەي ، تۇرسۇن ، ھەي ! ماڭا قارا دەيمەن ـــــ بايىدىن بېرى قىززىق پاراڭلارنى قىلىۋاتقان جامال قىلىۋاتقان گېپىنى توساتتىن توختىتىپ ، ئايىقىنى زور ئىشتىياق بىلەن مايلاپ ئولتۇرغان تۇرسۇنغا سۆز ئاچتى ــــ ئاڭلىدىڭمۇ ؟
ـــ نېمىنى ! ــــ جامالنىڭ ئاغزىدىن نېمە خەۋەر چىقىدىغىنىغا قىزىققان تۇرسۇن ، مايلاۋاتقان ئايىقىنى قويۇپ ، ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇردى .
ـــ ئاڭلىسام سىنىپىمىزدىكى ئادالەت مۇھەببەتلىشىۋېتىپتىمىشقۇ !
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، كۆرىۋاتقان كىتابىمنى كارىۋاتقا تاشلاپ ، ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇميۇ ، ئۈستىدىكى كارىۋاتقا « گۈسسىدە » كاللا قويۇپ ، يەرگىلا زوڭزىيىپ قالدىم . ئۇنىڭغىچە تۇرسۇن كېلىپ ، مېنى يۆلەپمۇ ئۈلگۈردى .
ـــ چاتاق يوقتۇ ؟!
ـــ ھېچ ... ھېچقىسى ... يوق . ـــ مەن ئورنۇمدىن ئاستا تۇردۇم - دە ، كارىۋاتقا ئولتۇردۇم . تۇرسۇنمۇ خاتىرجەم بولۇپ ، ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى . مەن بىر ئاز ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن ، جامالدىن سورىدىم ـــ بايا نېمە دېگەنتىڭ !؟
ئېھتىمال چىرايىم بىرقىسما بولۇپ قالغان بولسا كېرەك ، جامال كېكەچلەشكە باشلىدى -
كۈلكە جاننىڭ ئوزۇقى دەپتىكەن...قېنى نىمىگە قاراپ تۇرىسىز...
ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ 2010-يىللىق ئىتوت كېچىلىكىدىكى ئەڭ يېڭى ئىتوتلارنىڭ داۋامى سىزنى كۈتمەكتە... -
كىشىلەر تەرىپدىن كىچىك تاشمۇھەممەت دەپ ئاتالغان ياش ناخشىچى ئەسقەر مۇختەرنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسىدىكى ئۆزگىچە يېڭى ناخشىلىرى....
تىما ماۋزۇسىنى بېسىپ كىرىپ ئاڭلاپ كۆرۈڭ... -
بىلەمسەن دوستۇم، ئوقۇتقۇچى قانچە كۈيلەنسە، تەرىپلەنسە، قەدىرلەنسە شۇنچە ئەرزىيدىغان ئۇلۇغ ئىنسان. بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ. چۈنكى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەجىر – مېھنىتىدىن ئادەممۇ، ئالەممۇ كۆكلەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ يۈكى، مەجبۇرىيىتى تولىمۇ ئېغىر. جەمئىيەتنىڭ، دەۋرنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدى تولىمۇ زور. ئۇنىڭدا تىنىمسىز ئىزدىنىش، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بولمىسا، بۈگۈنكى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداقمۇ چىقالىسۇن!؟ شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتىدىغان ئادەم. بۇ كەسىپنىڭ قىممىتىگە يەتكەن مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى تۇنجى سائەتلىك دەرستىن باشلاپ ئۆزى ھەققىدە ئويلاشقا خاتىمە بېرىپ، پۈتۈن زېھنىي – قۇۋۋىتىنى مىللەتنىڭ كېلەچىكى بالىلارغا سەرپ قىلىدۇ، ۋۇجۇدىدىكى بارلىق مېھىر – مۇھەببەت ۋە ئىلىم – ھېكمەتنى ئالدىدىكى سەبىي نوتىلارغا بېغىشلايدۇ. ئولتۇرسا – قوپسا، ماڭسا – تۇرسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ غېمىنى يەيدۇ، ھەتتا چۈشىدىمۇ دەرس تەييارلايدۇ. بۇ نەقەدەر ئالىيجاناب روھ – ھە!؟...
-
قەدىرلىك ئانا ، - جىنىم بالام ئۇنداق قىلمىغىن ، داداڭدەك ياخش ئادەم بولغىن ، سىېنىڭ تومىرىڭدا ئېقىۋاتقىنى داداڭ بىلەن مېنىڭ پاك قېنىمىز ، تارختىن بىرى ئەۋلادىمىز ئىچىدىن سەندەك بۇنداق كەيپى – ساپا قىلىدىغان ئادەم چىققان ئەمەس ، - دەپ نەچچە مىڭ قېتىملاپ كۆز يېشى قىلىپ باشلىرىمنى سىلاپ يىلىنىپ تۇرۇپ ، قىلغان نەسىھەتلىرىنىڭنى ئاڭلىماي ، دادامدىن مىراس قالغان بارچە بىساتلارنى تۈگۈتۈپ ، سېنىڭ كېسەلجان ،قىسقىسى مەندىن ئايرىلساڭ تېكەندەك يالغۇز قالىدىغانلىقىڭنى بىلىپ تۈرۈپ ، تۈرمىنى ماكان قىلىپ ياتقان مەندەك بىر ئەقىلسىز ئوغلۇڭنى كەچۈرەرسەنمۇ ؟
قەدىرلىك ئانا، مەن تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن ئويلانسام ، بىز بىرگە ياشاۋاتقان كۈنلەردە ،سېنىڭدەك بىر ئۇلۇغ ئىنساننىڭ باغرىنى يېرىپ چۈشۈپ ھەمدە ، بۇ دۇنيادا ھىچقانداق نەرسىگە تەڭ قىلغىنى بولمايدىغان ئاق سۈتۈڭنى ئېمىپ چوڭ بولغان ئىنسان بالىسى بولساممۇ ،ھەقىقى ئىنسان بالىسى قىلىدىغان ئىشلاردىن بىرەرنىمۇ قىلىپ باقماپتىمەن . -
ھايات!سەن بەك رەھىمسىزلىك قىلدىڭ،ئادالەتسىزلىك قىلدىڭ.تۇيۇقسىزلا شۇبىغۇبار قەلىب ئىگىسىنىڭ روھىي تۈۋرىكى،جخسمانىي مەدىتى بولغان دادىسىنى ۋاقىتسىز ئېلىپ كەتتىڭ.ئۇنىڭ جىمى خۇشاللىقى،شادلىقىنى رەھىمسىزلەرچە تارتىۋالدىڭ!ئۇنىڭغا،ئۇنىڭغا قىلچە ئىچ ئاغرىتمىدىڭ،ھېسداشلىق قىلمىدىڭ.
ئېيتقىنە!ئەي ھايات ئېيتقىنا زادى نېمىشقا شۇنداق قىلىسەن،نېمىشقا؟ !
ئۇ بىر مەسۇمە ئىدىغۇ!دائىم ساڭا كۈلۈپ باققان،سېنى سۆيۈپ كەلگەن بىر مەسۇمە ئىدىغۇ؟!ئۇسەندىن ئۇنىڭغا قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈشنى تەلەپ قىلمايتتى،پەقەت سەن ئۇنىڭغا قاراپ چىشىڭنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ قويساڭلا ئۇئالەمچە شادلىققا چۆمەتتىغۇ؟بىراق سەن.........
ھايات!بىلمىدىم،نېمىشقا بۇنچە رەھىمسىزلىشىپ كەتتىڭ.
تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرىلا ئۇنى دادىسىدىن ئايرىغان ئىدىڭ،مانا ئەمدى ئۇنى ئانىسىدىنمۇ ئايرىدىڭ.ياق!ئانىسىدىنلا ئەمەس،ئۇنى ئەشۇ ئاجىزسوقۇپ تۇرغان يۈرىكىدىن باشقا ھەممە نىمىسىدىن ئايرىدىڭ.
ھە!رەھىمسىزھايات!سەن ھازىر«غەلبەڭ»دىن كېرىلىپ كۈلۈۋاتامسەن؟بوپتۇ.قېنى قىلغۇلۇقىڭنىڭ ھەممىنى قىلە.ئۇنىڭغا يەنە زەھەرلىك قوللىرىڭنى سۇنە!مەن بىركۆرۈپ باقاي،جاھان ئەھلى بىركۆرۈپ باقسۇن!سەن ئەمدى ئۇبىچارىنىڭ يەنە نېمىسىنى ئېلىپ كېتەرسەنكىن؟ئۇنىڭ ئەشۇ ئاجىز سوقۇپ تۇرغان يۈرىكىنىمۇ؟!...... -
ئىسىمنى بىلسەم ئۆيىمىزدە بىر قارا تەخەي بولغان ئىكەن . دادامدىن ئاڭلىسام ئانىسى بۇ تەخەي تۇغۇلۇپلا ئۈلۈپ كەتكەن ، شۇڭا ئۆيدىكىلەر بۇ تەخەيگە بەك ئامراق ئىدۇق . لىكىن نىمىشقىكىن قارا تەخەي مىنى كۆرسىلا ئارقامدىن قوغلاپ مىنى<<
ئۈسۈپ>> -تىپىپ كىتەتتى .ئۆيدىكىلەر يوق بولدىمۇ ، تازا ئۇرۇپ ئاچچىقىمنى چىقىرۋالاتتىم . كىيىن بولسا مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋىلىپ چۇرقۇراشلىرى ، پات -پات ساغرىسىغا ئۇرۇشلىرى قىزىق تۇيۇلدىمۇ ، بارا -بارا مىنى كۆرسە ئويناقشىپ ئالدىمدا يۈگرەيدىغان بولدى .
بىر كۈنى مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن قارا تەخەينى يىتىلەپ ،ئۆستەڭ بۇيىغا سۇغا چۈمۈلگىلى باردۇق . تەخەينى بىر مايماق سۆگەتكە باغلاپ قۇيۇپ ئۇيۇننى باشلىۋەتتۇق . بىر چاغلاردا ئۇيۇن تازا ئەۋجىگە چىققاندا بالىلار چۇرقۇرشقىلى تۇردى. نىمە بولدىكىن دەپ شۇنداق قارىمامدىم ، ھەيران بولغىنىمدىن قاتتىق ۋارقىرىۋەتتىم . تەخەي قانداق بوشانغانكىن ، بىز باياتىن بېرى سۇغا سەكرەپ چۈشىۋاتقان كۆۋرۈك بېشىغا بېرىپ ، بىزگە ئوخشاش سەكرەشكە تەمشىلىۋاتقان ئىكەن .
- ياق ...ياق...سەكرىمە ! -
ئۇ- ياشلىق باھارىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىدا ، نۇرغۇن ئارزۇ ئۈمۈدلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆستۈرگەن سۆيگۈ
گۈللىرىمىزنى نابۇت قىلىپ ، يۈرەك سۆزلىرىمگە پەرۋامۇ قىلماي،‹‹سىز بىلەن توي قىلىشىمغا ئۆيدىكىلەر قوشۇلمىدى ، مېنى كەچۈرۈڭ ، ھەر ئىككىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى ››، - دەپلا ئارقىسىغىمۇ قارىماي كىتىپ قالدى . ئۇ بەلكىم ،مېنى سىناۋاتقان بولىشى مۇمكىن دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ، خىلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇنى قەلىب ئىكرانىمدىن چىقىرۋەتمەي، خىيالىمدىكى سىناقنىڭ بالدۇرراق تۈگىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم . ئويلىمىغان يەردىن بىر كۈنى ئۇنىڭ باشقا بىرسى بىلەن تويى بولىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ،‹‹ ياق ئۇ ھەرگىز ئۈنداق قىلمايدۇ ، بىز دېگەن مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا ۋەدە قىلىشقان››دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بەرگەن بولساممۇ ، يۈرىگىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىن ، ‹‹ئەي نادان ، ھازىر جاھان نېمە بولۇپ كەتتى، سەن ئاشۇ قۇرۇق قەسەمگە ئىشىنىپ يۈردىڭمۇ ؟ ، سەن ئىشقىدا كۆيۈپ يۈرگەن ئاشىغىڭنىڭ راستىنلا بىر پۇلدار بىلەن تويى بولىۋاتىدۇ ››دېگەن سادا كەلگەندەك بولدى
-
كۆزۈمدە ياش قەلبىمدە ئارمان،
قەلەملىرىم ئامالسىز يازغان،
ئىمانىڭدىن كەچكىنىڭ يالغان،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.
ئانىلارنىڭ دۇئاسى نەدە؟
ئاتىلارنىڭ ئارزۇسى نەدە؟
ئېيتە ئەركەك،ئىمان قەيەردە؟
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.
ئاتاڭ دىھقان كەتمەن قولىدا،
ئاناڭ قالدى كونا چاپاندا،
ئويلاپ ئوينا مەنزىل قاياندا؟
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.
-
ۋەتەن ئىشقى كۆكرىكىڭدە بولسا ئەگەر ،
ھەر غېرىچ يەر سىنىڭ ئۈچۈن بىباھا گۈھەر ،
بەس ، ھەم شۇ يەردە ياش ۋە ئاداققى قان تۆكىلەر ،
تامچە قاندىن چۆل قۇچاقلاپ چىمەنلەر كۆكلەر ،
ھەر مىنۇتتا دۆلەت ئەلا ، مىللەت ئەلا !
جانلىنىش ، كۆرەش ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچى ،
ۋەتەن پەرۋەرلىك خەلققە نۇرلار چاچقۇچى ،
بولغىن شۇڭا گاڭ ئىرادىلىك بىر جەڭچى ،
بولسۇن ساڭا بۈگۈن ھەربىر يېڭىش بىرىنچى ،
ئالغا چامدا ، دۆلەت ئەلا ، مىللەت ئەلا !