• قاراخانىيلاردا تېبابەتنىڭ ئايرىم بىر پەن سۈپىتىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.بۇ دەۋردە يېزىلغان ئىككى شاھ ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ» بىر مۇنچە تېمىلاردا تېبابەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 11-ئەسىردە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان ۋە ئاشۇ شاھ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى بولغان يۈسۈپ بىلەن مەھمۇدتىن ئىبارەت بۇ ئىككى بۈيۈك شەخس تىل ۋە سىياسەت ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز دەۋرىنىڭ تېبابەت مەدەنىيىتى ھەققىدىمۇ خېلىلا تەپسىلى مەلۇماتلارنى بەرگەن ئىدى.بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ئەسىرىگە ئوبدان بىر نەزەر تاشلانسا، ئۇلارنىڭ تېبابەت ساھەسىدىمۇ مول بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ خىل ھالەت قاراخانىيلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدا تېبابەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.ئەمما، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېبابەت بىلىملىرىنى تولۇق ھالدا يورىتىپ بىرەلەيدىغان بىرەر مەنبەگە ئىگە ئەمەسمىز.  دۇنياغا مەشھۇر باشقىرت ئالىمى ئەھمەد زەكىي ۋەلىدى توغان مانىسادا شەرقىي قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى ئەل - ھەسەننىڭ ئوغلى ئەل - مەمۇنغا بېغىشلانغان بىر تېببىي كىتابنى تاپقان.(1)بۇ ئەسەرنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تېبابەت ئىلمىگە دائىر  مۇھىم ۋە يىتەرلىك بىر مەلۇمات بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.ئەپسۇس، بۇ ئەسەر قولىمىزدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە  ھازىرچە بىر نەرسە دېيەلمەيمىز.
  • 2007 - يىلى رۇسىيىنىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر پۇر باجىن-لايدىن ياسالغان قەلئە توغرىسىدىكى خەۋەر بولدى . بۇ خەۋە رۇسىيىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلانغاندىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ نەزىرى پۇرباجىنغا تىكىلدى . رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پۇرباجىننى «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 2-قاغانى مويۇنچۇر سالدۇرغان بولۇپ بۇ ، ئۇ قەدىمى ئۇيغۇر قەلئەسىدۇر»دەپ جاكارلىغاندا، بۇنى ئۇققان دۇنيانىڭ جاي-جايدىكى ئۇيغۇرلار بىر-بىرىگە ھاياجان ئىلىكىدە خەۋەر يەتكۈزۈشتى . شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتتى . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسورى ، خەنزۇ تارىخچى چىن شۆشۈن ئەپەندى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2007-يىلى 11-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «رۇسىيە پۇرباجىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرمەكتە» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى بۇ كاتتا ۋەقەدىن خەۋەردار قىلدى . ئارقىدىن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» مۇ رەھىمجان ھاكىم خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان «رۇسىيىدىكى ئۇيغۇرلار سالغان يازىلىق قەلئە پورباجىن» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ بۇ خەۋەرگە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇردى .

  • زۇردۇن سابىر ئاكىنىڭ « ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسى بىزدە يېزىلىۋاتقان تارىخىي رومانلار ئىچىدە بەدىئىي تۈسى نىسبەتەن يۇقىرى ئەسەر بوپقالدى. ئاپتور بەدىئىي تەلەپ بىلەن تارىخىي ئۇچۇر سىغىمچانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشتا زور كۈچ سەرپ قىلغان. ئەسەردىن قارىغاندا، ئاپتور تارىخىي ئۇچۇرلارنى توپلاش ئۈچۈن ئاجايىپ كۆپ ئەمگەك قىلغان ۋە ئۇنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۇزۈشكە جىددىي ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ تەرەپ بىزدىكى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئېتىبار بەرمەيدىغان ئەدىبلەر ئۈچۈن بىر ئۈلگە.
    روماندا پېرسوناژلار شۇنچە كۆپ، ئاساسلىق پېرسوناژلار خاراكتېر جەھەتتىن ئۆز مۇستەقىللىقى بىلەن كۆزىمىزگە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى تارىخىي شەخىسلەر بولۇپ، تارىخىي شەخىسلەرگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىش شەرتى بىلەن بەدىئىي سۈپەتتە نامايان قىلىش يازغۇچىدىن ھەم ئۆتكۈرلۈك، ھەم زىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ. دىيارىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئازادلىق كۈرەشلىرى، سان - ساناقسىز قۇربانلار، تالاي تارىخىي ئىبرەتلەر بىلەن تولغانكى، بۇ زېمىندىن پۈتكەن كېسەكلەردىن، بۇ زېمىننىڭ تاغلىرىدىن ئېلىنغان يارما-تاشلاردىن ئارماندا كەتكەن مىليون - مىليون شەھىتلەرنىڭ ئارمانلىق كۆزلىرى قاراپ تۇرىدۇ.

     

  • ئىستەلگەن نەرسىلەر دىلغا تايىن بولىدۇ،ۋىسال ئىشىقى ئۆمۈرلۈك مەنا سەپىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.ئىستەلگەن يار شائىر ئۆزىلا ھېس قىلالايدىغان سىيما بولۇپ،شائىر قەلىمىدىن تۇغۇلغان مىسرالارنى ئاشۇ سىيمانىڭ غايىۋى قۇدىرتىدىن تەپكەن ئىلھامنىڭ كۆلەڭگۈسى دېيىشكە بولىدۇ.ئۇنداقتا،مەنىۋىلىك ياكى مەنە ئىزدىگەن ئادەم ماددىي تەمە غەۋغالىرى ئىچىگە غەرق قىلىنغاندا،ئۇنىڭدا قانداق ھال يۈز بېرىشى مومكىن؟
    تەنھالىق ۋە غېرىپلىق ئىنسانلارنى ھەقىقىي سۆيگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق تەقدىرى.قايسى پەيغەمبەر،قايسى داھىي،قايسى قەھرىمان،قايسى پىكىرلىك غۇرۇر ئادىمى غېرىپلىق دەشتىدە ئازابلانمىغان؟

  • قەدىمكى يۇناننىڭ بىر پەيلاسوپى: “قۇياش ھەر كۈنى يېڭى” دېگەنىكەن. روشەنكى، بىز كالېندار ۋارىقىنى بىر قېتىم ئۆرىگىنىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ مۇئەييەن ماكان، زامان بىلەن بولغان پسىخىكىلىق ۋە فىزىكىلىق مۇناسىۋىتىمىزنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە بىر تەرەپ قىلغان بولىمىز. بۇ جەرياندا “بۈگۈن” دېگەن ئۇقۇم ئۆتمۈشكە قارىتا ئىنكارلىق مۇناسىۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىچكى قاتلىمىنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ. ھەربىر قەدەم بىر ئويلىنىشنى مەزمۇن قىلىدۇ. تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ھەربىر بۇرۇلۇش ئۆتمۈشكە قارىتا ئويلىنىشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ سان ئوقىدا ئۆز يۆنىلىشىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرىدۇ.

  •  
        ئەسۋاپلار شۇ قەدەر نازۇك،  يۈرەكنىڭ ئەنسىز سوقۇشلىرى،  ئىچ - باغرىمدىكى ئاينىشلار،  قان تىپلىرىمىز،  گېن تۈزۈلۈشىمىزنىڭ ھەممىسى ئاشكارا،  ھەر - بىر بوسۇغا،  ھەر - بىر دوقمۇش ئارخىپىمىزغا يېڭى بىر مەزمۇن قوشىدۇ.  بارغانسىرى كارتىلارغا ئايلاندىم،  كارتىلار مىنى توشۇماقتا.
        تېلىفۇن.......تېلىفۇنلاردا پارغا ئايلاندىم،  كىملەردۇ مېنى سۈزمەكتە،  لىكىن مەشۇقۇمنىڭ كارى يوق.
        يالغۇزلۇق،  ھىچكىمگە چۈشەندۈرەلمىگەن گەپلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن سوغۇق يالغۇزلۇق بازارغا ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزەمگە قېپقالدى.

  • پىروفسۇر ئازاد رەھمۇتۇللا سولتان ۋە جاڭ مىڭ،  نۇرمۇھەممەت زامانلار تۈزگەن «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» نامىلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسەتلگەن : «ئابدۇقادىر دامۇللام مەشھۇر جامائەت ئەربابى ۋە مەرىپەت پائالىيەتچىسى،  شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ ئاسچىلىرنىڭ بىرى. 20 –ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىلىپ بىرىلغان ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە مەرىپەت ھەرىكتىدە ئابدۇقادىر دامۇللام باشلامچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان،  شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇر ئىدىيە مەدەنىيىتنىڭ مەرىپەت ۋە ئەدەبىيات تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە  ئاچقان»،  «ئابدۇقادىر دامۇللام ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدىكى بىر نۇرلۇق چولپان ۋە يول ئاچقۇچى. ئۇيغۇر ھازىرقى ئەدەبىياتىدىكى جاھانگىرلىككە،  فىئۇداللىزىمغا،  نادانلىققا قارشى تۇرۇش،  ئازادلىق،  ئەركىنلىك،  باراۋەرلىك،  تەرەققىيات،  دېىمۇكىراتىيە تەلەپ قىلش ئىدىيەسى ئابدۇقادىر دامۇللامدىن باشلانغان.» 

  • تىل ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىللارنىڭ بىرى . ياكۇب گرىم :«بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ تارىخىدۇر . بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئۇستىخان - سۆڭەك ، قەبرە - كېپەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق بىر پاكىت باركى ، ئۇ بولسىمۇ دەل ئۇلارنىڭ تىلىدۇر» دەيدۇ . دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىغا نەزەر تاشلىساق، بىر ئەل ياكى بىر خەلقنىڭ مەدەنىيىتى گۈللەنگەن دەۋرى دەل ئۇلارنىڭ مىللىي تىلىنىڭمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ۋە تاكامۇللاشقان دەۋرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز...

  • ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﻪﯓ ﭘﯩﻨﮭﺎﻥ، ﺋﻪﯓ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﺪﯗﺭ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﺗﯩﻞ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ: ﺩﯦﺮﯨﺰﻩ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﯟﯨﺮﻟﯩﺸﻰ، ﻗﺎﺭ ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﭽﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﻮﺕ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﻗﯩﺮﺍﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺗﯩﻨﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ، ﺩﻩﺭﺳﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﯨﻘﻰ، ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ... ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﻤﯩﺰ ﺳﯧﺰﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯚﺯﻯ ﻳﻮﺭﯗﻏﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ، ﭼﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﯕﺴﯩﻖ ﮬﯩﺪﻯ، ﺷﺎﺗﯘﺕ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ، ﻣﯘﺯﺩﻩﻙ ﺗﺎﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻕ... ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯩﻠﻰ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯘﻻﺭ. ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯘﺩﯗﻕ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺑﯩﺰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻦ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯧﺰﯨﻤﻠﻪﺭ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻗﯘﺩﯗﻗﻘﺎ ﺟﻪﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻗﯘﺩﯗﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻧﺎﮔﯩﮭﺎﻥ ﺳﻪﻥ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺳﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ، ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﭘﺎﺭﻩ - ﭘﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ.

  • داۋراڭچى بىر مىنۇتلۇق داۋراڭ ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەننى نەق ئالدى-دە، داۋراڭ ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. ناخشا چولپىنى ئوبراز بەدىلى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەننى نەق ئالدى. ۋاقتى بىر مىنۇت ياك ئۇنىڭىدن ئاز.
    دەۋاگەر ئىلتىجا قىلىپ كەلدى، بوسۇقلاردا جىنايەت شان-شەرەپكە، پۇرسەتكە، زىياپەتكە ئايلاندى. ھاجەتلەردىن بىنالار ئۈندى، داچىلار ئۈندى، ماشىنىلار ئۈندى…
    يېڭى ئوقۇش يۈتتۈرگەن ستۇدېنت قىز ئانىسىنىڭ باشلىشىدا ئش ئىزدەپ ئىشخانىغا كىردى. تارتىمىلار بايلىققا تولدى، ئىپپەت سودىسى باشلاندى. ئىشخانىلاردىكى توختام ئىشرەتخانىدا ئەمەلىيلەشتى.
    ئاخۇنۇم نىكاھ ئوقۇدى، ئالدىغا 50 يۈەن قويۇلدى. ئاخۇنۇم چالۋاقىدى:

  • ئىنسان _ ئۇچۇر سۇبيېكتى ئىقتىدارىغا ئىگە ئىجتىمائىي ھايۋان . ئۇ ، ئوزۇقلىنىش ۋە بىخەتەرلىك ئۇچۇرىغىلا ئەمەس ، يەنە زامان ، ماكان خاراكتېرلىك تامغىلىق ئۇچۇر ئىقتىدارىغا ئىگە .
    كىتاب _ يۈكسەك ئۇچۇر ۋە مۇقەددەس تامغىدىن ئىبارەت . ئىنسانىيەت يازما تارىخ ۋە كىتاب سەھىپىلىرىگە بىلىش ۋە ئىپادىلەش جەۋھەرلىرىنى يېزىق ئارقىلىق قالدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۆز تۇرمۇشى ، ئالەم قاراشلىرى ۋە روھىيەت ئۆركەشلىرىنى قىيا تاشلارغا ، قورچاق ياكى تاش - سۆڭەك ، برونزا بۇيۇملىرىغا ، كاھىش قاچىلارغا ھەر خىل قىياپەتلىك ياكى سىمۋوللۇق رەسىم ، تامغا - بەلگىلەر بىلەن چېكىشكەن ، ماقال - تەمسىل ، ئەپسانە - رىۋايەت ، مەسەل - چۆچەك ، ناخشا - قوشاق شەكلىدە ئەقىل دەستۇرلىرى ئۈزۈشكەن . مانا بۇلار كىتاب شەكلىگە كىرمىگەن << كىتاب >>تىن ئىبارەت .

  • بۇ 14 ياشقا كىرگەن چېغىمدا يۈز بەرگەن ھەقىقى بىر ۋەقە، شۇ چاغدا مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇيتۇم، شۇنداق بەخىتلىك ئىدىم،قەلبىمدە ھاياتقا بولغان ئوتتەك مۇھاببەت جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى، بىر كۈنى قىزىقىشتىنمۇ ياكى ياخشى كۈرۈشتىنمۇ ئەيتاۋۇر ،مەھەللىمىزدىكى ئوماق بىر قىزنى دەريا بۇيىغا بېرىپ ئويناپ كىلىشكە تەكلىپ قىلدىم،ئۇ قىز باشتا قەتئىي ئۇنىمىدى،كىيىن مىنىڭ گىپىمنى يەردە قويغۇسى كەلمىدىمۇ،بېرىشقا قۇشۇلدى،بىز دەريا بۇيىغا كەلدۇق، مەندە ئۇ قىزغا نىسپەتەن ھىچقانداق يامان نىيەت يوق ئىدى،ئىككىمىز شۇنداق كۈڭۈللۈك ئوينۇدۇق، بۇ بىزنىڭ ئەڭ پاك،بىغۇبار چاغلىرىمىز بولغاشقا كۆڭلىمىزدە ھىچقانداق غەيرى تۇيغۇ يوق ئىدى،كىم بىلسۇن بىزنى كۈرۈپ نورماللىق ھىساپلىمىغان بىرەيلەن مىنى بىر قىز بىلەن كۆرگىنىنى دادامغا دەپ قۇيۇپتۇ.تېخى ئۇيۇنىمىز تۈگىمەستە دادام قىلىۋاتقان ئىشىنىمۇ تاشلاپ دەريا بۇيىغا مىنى ئىزلەپ چىقىپتۇ.ئۈچىمىز بىللە قايتتۇق،دادام ئالدى بىلەن قىزنى ئۈيىگە ئاپىرىپ قويدى،ئاندىن مىنى باشلاپ ئۆيگە كىرىپلا ئانامنى ئۆيدىن چىقىرۋەتتى- دە،ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدى،ئۆيدە ئالدىن تەيارلاپ قۇيۇلغان يۇلغۇن تايىقى بار ئىكەن.مەن ئېغىز ئېچىپ چۈشەندۈرەي دىگۈچە دادا مىنى شۇ تاياق بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى.

  • بەزىلەر مېنىڭدىن بۇ قېتىمقى چەت ئەل سەپىرىڭدىن زادى نېمىگە ئېرىشتىڭ، دەپ سوراشتى. مەن »ۋەتەندىن ئايرىلغان ئادەمنىڭ ھېچنېمىسى بولمايدىكەن، دېگەن ھەقىقەتنى ھېس قىلدىم« دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇلار بۇ جاۋابىمنى ناھايىتى ئاددىي ھېس قىلىشتى. شۇنداق، قارىماققا بۇ گەپ شۇنچە ئاددىي، لېكىن بۇ گەپنىڭ تېگىدىكى ھەقىقەتنى ھەربىر ئەۋلاد ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن، ھىجراندىكى ئازابلىرى بىلەن، كۆز ياشلىرى بىلەن ئىزھارلاپ بولغىلى بولمايدىغان ماددىي-مەنىۋى بەدەللىرى بىلەنلا چۈشىنەلەيدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ خاتىرجەم ياشاۋاتقان بىر بالىنىڭ ۋەتەن تۇيغۇسى بىلەن ئۇرۇشنىڭ زەربىسىدىن ئۆيى ۋەيران بولغان مېيىپ پەلەستىنلىك بالىنىڭ ۋەتەن تۇيغۇسىنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟!

    بەزى ھەقىقەتلەر ئېيتىلىشىدىنلا ناھايىتى ئاددىي ھەم ئاممىباب بولغاچقا، ئۇنىڭ توغرىلىقىدىن ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ، ئۇنى تەبىئىي رەۋىشتە ئۆزىنىڭ خاتىرىسىگە ئېلىۋالىدۇ، ئالاھىدە بىر ئىش تەسىر قىلمىغۇچە ئىنسان ئۆزى پىششىق بىلىدىغان ھەقىقەت توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقمايدۇ، ئۇ ئويلىنىپ بېقىشقا مەجبۇر بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزىنى يېڭىۋاشتىن چۈشىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. سىز ئۆز ۋەتىنىڭىزدە تۇرۇۋاتقاندا ۋەتەننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلمايسىز ياكى يۈزەكى ھېس قىلىسىز، ئاشۇ ئەزىز ۋەتەندىن مەلۇم مەزگىل ئايرىلغاندا، »ۋەتەن« دېگەن بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنىڭ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى بايقايسىز.

  • كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ، ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر! بۇ بىر تەرەققىيات زۆرۈرىيىتى. ئۇچۇرلىشىۋاتقان دۇنيا تارىخنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. تارىخنى يوشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنى دەستەك قىلىۋېلىشقا بولمىغاندەك، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئۆتمۈش - يېزىلىپ بولغان تارىخ، رېئاللىق - يېزىلىۋاتقان تارىخ.


    ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس ئۆتمۈشى شەكىللەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان تارىخ پەنلىرى بىر مىللەت، بىر رايون ياكى بىرەر ئائىلىگە نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان نۇرلۇق ئەڭگۈشتەر ھېسابلىنىپ كەلمەكتە. كىمنىڭ ياكى قەيەرنىڭ بولۇشىدىن، كىمگە ياكى نېمىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ تارىخلا بولىدىكەن، ئۆزىگە تۇشلۇق ئارزۇ - ئارمانلارنى مۇجەسسەملىگەن ئەپسانە - رىۋايەتلىرى، قان - ياشلىق ھايات ئۇلانمىلىرىنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرى ھەم مۇشۇ پاكىتلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىدىيە - مۇلاھىزىلىرى بىلەن مەدەنىيەت خەزىنىسىنى ئۇلغايتىپ ھەم نۇرلاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ يۈزىنى يورۇق، كۆزىنى ئوچۇق، يولىنى دۇرۇس قىلىدۇ. بىر مىللەت، بىر دۆلەتكە نىسبەتەن، تارىخنى ئۇنتۇش ھالاكەتكە يۈزلىنىش ھېسابلانسا، بىر ئائىلە، بىر ئادەمگە نىسبەتەن، تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىق - كۇپۇرلۇقتىن دېرەك بېرىدۇ. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە، يۇقىرىقى يەكۈننى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، جاھاندا بولغان ۋە بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ شۇنچە كۆپ، شۇنچە ئەھمىيەتلىك، شۇنچە جەلپكار ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالىمىز. بەلكىم، نۇرغۇن زامانلاردىن بۇيان ئۆز تارىخىنى ئۆزى يوقىتىپ كېلىۋاتقان نادان خەلقلەر ئۈچۈن كۆزىنى ئېچىش تېخىمۇ مۇھىم بولسا كېرەك.

  • زاﻣﺎن – زاﻣﺎﻧلاردﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﺗﻪرﯨﭙﻰ ﺗﯩﻠلاردا داﺳﺘﺎن ﺑﯘ ﻗﻮۋﻣﻨﯩﯔ ﺑﻮي – ﺑﻪﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎۋۇل، ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻤﻠﯩﻚ؛ ۋۇﺟﯘد ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮرﻗﯘﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ۋە ﺷﯩﺠﺎﺋﻪت؛ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮ ۋە ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭙﭙﻪت، ﻏﯘرۇر؛ ﺋﺎڭ – ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘر ۋە ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻧﻪﺳﻪﺑﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺑﯘ ﻗﻮۋﻣﻨﻰ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺋﺎﻣﻪت – ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎرلارﻏﺎ، ﻧﯘﺳﺮەت -ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻧﺎﺋﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪى.
    ﻧﯩﮭﺎﻳﻪت، ﺑﯘ ﺳﯜﭘﻪت -ﺳﺎﺋﺎدەﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎن ﺋﻪﺳﯩﺮ -ﺋﯧﺮالارﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺎت -ﻗﯘﻳﺮۇﻗﻠﯩﺮى ﺳﯩﻴﭙﺎپ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ﻣﻪرﻛﻪز ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯜﻳﯜك ﻳﯩﭙﻪك ﻳﻮﻟﻰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﯩﺮى، ﺗﯩﻠﺴﯩﻤﺎت ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪر، ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ – رﯨﯟاﻳﻪﺗﻠﻪر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﯕﻤﻪس ﺟﯘلاﺳﻰ، ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﺎس زﯨﻠﺰﯨﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻨﯩﯔ ﺑﻪرﮬﻪﻗﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺋﻪﺑﻪدﯨﻴﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺷﺎﮬﯩﺪﻟﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ.