-
ئىسىمنى بىلسەم ئۆيىمىزدە بىر قارا تەخەي بولغان ئىكەن . دادامدىن ئاڭلىسام ئانىسى بۇ تەخەي تۇغۇلۇپلا ئۈلۈپ كەتكەن ، شۇڭا ئۆيدىكىلەر بۇ تەخەيگە بەك ئامراق ئىدۇق . لىكىن نىمىشقىكىن قارا تەخەي مىنى كۆرسىلا ئارقامدىن قوغلاپ مىنى<< ئۈسۈپ>> -تىپىپ كىتەتتى .ئۆيدىكىلەر يوق بولدىمۇ ، تازا ئۇرۇپ ئاچچىقىمنى چىقىرۋالاتتىم . كىيىن بولسا مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋىلىپ چۇرقۇراشلىرى ، پات -پات ساغرىسىغا ئۇرۇشلىرى قىزىق تۇيۇلدىمۇ ، بارا -بارا مىنى كۆرسە ئويناقشىپ ئالدىمدا يۈگرەيدىغان بولدى .
بىر كۈنى مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن قارا تەخەينى يىتىلەپ ،ئۆستەڭ بۇيىغا سۇغا چۈمۈلگىلى باردۇق . تەخەينى بىر مايماق سۆگەتكە باغلاپ قۇيۇپ ئۇيۇننى باشلىۋەتتۇق . بىر چاغلاردا ئۇيۇن تازا ئەۋجىگە چىققاندا بالىلار چۇرقۇرشقىلى تۇردى. نىمە بولدىكىن دەپ شۇنداق قارىمامدىم ، ھەيران بولغىنىمدىن قاتتىق ۋارقىرىۋەتتىم . تەخەي قانداق بوشانغانكىن ، بىز باياتىن بېرى سۇغا سەكرەپ چۈشىۋاتقان كۆۋرۈك بېشىغا بېرىپ ، بىزگە ئوخشاش سەكرەشكە تەمشىلىۋاتقان ئىكەن .
- ياق ...ياق...سەكرىمە ! -
كۆتۈرۈپ ئەكەپتۇ دادام بىر كۈنى ،
بۇيۇمدەك كىلدىغان ئەسكى تۈمۈرنى .
ئەسكى دەپ كۆرمەڭلار سىرتىغا قاراپ ،
ئەسكىسى داتلىشىپ كەتكىنى ئىدى .
بەرمەي بىزگە تاشلىدى ئۇنى ،
ئىچكىرى ئۆيدىكى كونا قازناققا .
دىيىشىچە بىر كۈنى لازىم بۇلارمىش،
ئىشەككە ھەركۈنى بىدە توغراشقا .
شۇندىن ئون يىل كىيىنكى كۈندە ،
تۇيۇقسىز ئۇچراتتىم ئاشۇ تۈمۈرنى .
ئۈستىدە داتلار قېلىنلاپ قاپتۇ ،
سېپىدە ياقۇتلار چاقنىتىپ كۆزنى . -
ئەتراپنى پۈتۈنلەي قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ، ئەتراپ شۇنچىلىك جىمجىت ، تىمتاس . لەنىتى يامغۇر شارىلداپ ياغماقتا ئىدى . تورخانىدىن چىقىپ ياتاققا قاراپ ماڭدىم . سائىتىمگە قارىۋىدىم ، كىچە سائەت 3نى كۆرسىتىپ تۇراتتى . ھېسلىرىمنىڭ <<مۇھەببەت ، سەن ئۆل !>>دىگەن تېمىسنى ئوقۇشقا قىزىقىپ كىتىپ سائەتنىڭ بۇنچە تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قاپتىمەن . ئەمدى بۇ يېرىم كىچىدە ياتاققا ئارتىلىپ كىرمەكتىن باشقا ئامال يوق ئىدى . يامغۇر تېخىمۇ قاتتىق يېغىشقا باشلىدى ،
يۈگۈرۈپ دىگۈدەك مېڭىپ مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى قاراڭغۇ، تار كوچىغا يىتىپ كەلدىم .
توساتتىن كەينىڭگە قارا دىگەندەك قىلىپ ، شۇنداق قارىۋىدىم ،
يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ سۇقۇپ كەتتى .
كەينىمدە ئاپئاق كىيىم كىيۋالغان بىرسى ماڭا قاراپ تۇراتتى .
قۇرقۇنىمدىن پۈتۈن بەدىنىم لاغىلداپ تىترەپ كەتتى . تېزلا ئالدىمغا قارىۋالدىم....... -
ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى چىكىڭ،شۇندىلا تىمىنىڭ تۇلۇق مەزمۇنىنى كۆرەلەيسىز
بۈگۈن يەكشەنبە ، ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ زىرىكتىم . خۇددى سىز ئۇچراپ قالىدىغاندەك كوچىغا چىقىپ نىشانسىزلا ئايلاندىم . ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بۇ چوڭ شەھەردە ئالدىراش پېتى مىغىلداپ كىتىۋاتقان ئادەملەر ئارىسىدا مەن يەككە -يىگانە . بەزىدە سىزدىن ئايرىلىپ شۇنچە يىراق يەرگە ئوقۇشقا كەلگىنىمگە ئازراق پۇشايمانمۇ قىلىپ قالىمەن . بىراق، يەنە تېزلائۆزۈمگە قايتىمەن ، دائىم ئەقىل بىلەن ھىسىيات ئارىىسدا مانا شۇنداق تېڭىرقايمەن . سىز مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم ، سىز بولسىڭىزلا مەن ھەرقانداق جاپاغا چىدايمەن ، سىز مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ .
زاھىرە چىن يۈرىكىدىن چىققان ،سېغىنىشلىق ھىسياتى ئۇرغۇپ تۇرغان خەتنى يېزىپ بۇلۇپ ، ئۆزى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتى . شۇئان ئۇنىڭ مەمنۇنلۇق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان چىرايىدا چىرايلىق زىناق پەيدا بۇلۇپ ، بۇ گۈزەل قىزنى تېخىمۇ ئوماق تۈسكە كىرگۈزۋەتتى .
-
ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى چىەكسىڭىز،ئاندىن تىما تۇلۇق چىقىدۇ.
ئانام دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغىلى ھەپتىدىن ئېشىپ قالغانىدى . ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇللا ئانام ياتقان دوختۇرخانىغا قاراپ يول ئالدىم . بالنىستقا كىرىپ كەلگىنىمدە ئانام ئۇخلاپ قالغان ، ئايالىم ئانامغا قاراۋاتاتتى .
__ تۈنۈگۈندىن بېرى ئانىلىرىغا قاراپ كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقتىم ، بالدۇرراق كىلىدىغان كۈنلىرىمۇ بارمۇ سىلىنىڭ ؟ _ كىرىپ تۇرىشىمغا ئايالىم پەس ئاۋازدا سۆزلەپلا كەتتى .
__ قانداق قىلىمىز خۇتۇن ، ھايات ۋاقتىدا مۇشۇنداق ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ ،قارىۋالمىساق ، كىيىن ۋاي ئىست دىگىنىمىز بىلەن بىكار ئەمەسمۇ . سەنغۇ ئانامغا بەك ياخشى قاراۋاتىسەن ،__ دېدىم گەپنى باشقا ياققا بۇراپ ،__ ھە راست ،بۈگۈن ئاكامنىڭ ئايالى كىلىپ ئانامغا قارىماقچى ئىدىغۇ ؟