
-
ئامرىقىم،سەن ماڭا ھىجران ھەققىدە شىكايەت قىلما. ساڭا زارىققان غۇبارسىز يۈرۈكۈمنىڭ ، پەقەت ساڭىلا كۆڭۈل بەرگەن چىن-ۋاپادارلىقىمنىڭ ھىجران دەشتىدە قانسىراپ ساق يېرى قالمدى...
ئىلگىرى ،سۆيگۈ گۈلخانلىرىنى لاۋۇلدېتىپ مېنى مۇھەببەت قوينىغا سۆرەپ كىرگەن تۇنجى پەرۋىشكارلىقىڭنىڭ ،ئەمدىلىكتە ۋاپادارلىقمنىڭ قاتىلىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن.
ساڭا كۆنگەن ،پەقەت سەن ئۈچۈنلا سوققان ئاجىز يۈرۈكۈمنىڭ ئەمدىلىكتە سەن قالدۇرۇپ كەتكەن ھىجران جاراھىتىدە، مېيى تۈگىگەن سائەتتەك چىپپىدە توختاپ قالدىغىنىنى پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن... -
بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان ھەر قانداق ئىنسان ھاياتلىقىدا ، كۆڭلىدىكى بىر ئادەم بىلەن نىكاھلىنىپ ، بۇ دۇنيادا ئىزىنى باسىدىغان بىرەر ئەۋلات قالدۇرۇپ قويۇشنى ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ياخشى تۈرمۈش كەچۈرۈشنى ئويلايدۇ ۋە شۇ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۇرمۇشقا جەڭ ئىلان قىلىپ مادارىنىڭ يىتىشىچە تېرىشىدۇ . ئىنسان بۇ دۇنيادا مەيلى قانداق ياشىمىسۇن تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئاخىرى بىر كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۇلۈك ۋىدالىشىدۇ .
نىكاھ ، قۇرامىغا يەتكەن ھەر بىر ئىنسان ھايات مۇساپىسىدا بىسىپ ئۆتىدىغان بىر ئۆتكەل بولۇپ ، ئۇنى ھاياتلىقىدىكى ئەڭ موھىم ئۆتكەل دەپ بىلىپ ، بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۇشتىن بۇرۇن نىشاننى توغرا تاللىغانلار كۆزلىگەن نىشانلىرىغا يەتسە ، ئەكسىچە نىشاننى خاتا تاللىغان ، ئۇنى ھايتلىقىدا تەبىي بولىدىغان ئىش دەپلا بىلگەن ئىنسانلار ، ئۆزلىرى تەسەۋۇر قىلىپ باقمىغان ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچچار بولىدۇ . -
ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى يېقىنلاپ كەلمەكتە، سىنىپتىكى قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇھەببىتى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتلىرى بىر ئاز پەسلەپ، ھەممەيلەن دىگۈدەك ئوقۇشقا بېرىلىپ كەتتى. ئىمتاھان يېقىنلاپ كەلگەنسىرى بەك جىددىلىشىپ كىتىپ باراتتىم. «ئىمتاھاندىن ئۈتەلمىسەم قانداق قىلارمەن؟» دەپ ئەندىشە قىلاتتىم. تۇيۇقسىز كاللامغا دادامنىڭ «ئەگەر ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەيدىغان بولساڭ، ساڭا بىر يوغان كەتمەن بىلەن 10 مو يەر ئېلىپ بىرىمەن، يەر تېرىپ، دىھقانچىلىق قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىسەن، قالغىنى ئۈزۈڭگە باغلىق، ئۈزەڭنىڭ تەقدىرى ئۈزەڭنىڭ قولىدا، پۇرسەتنى قولدىن بەرمە!» دىگىنى ئىسىمگە كەلدى.
مانا، ئىمتاھان ۋاقتىمۇ يىتىپ كەلدى. بۈگۈن خەنزۇتىلى دەرسىدىن ئىمتاھان ئېلىناتتى. ئۈزۈمگە زور ئىشەنچ بىلەن ئىمتاھان مەيدانىغا كىرىپ كەلدىم. ھەممەيلەن بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئىمتاھان قەغىزى تارقىتىۋاتقان كومىسسىيەگە قاراپ ھاڭ-تاڭ بولۇپلا قالدىم،. ئۆز كۆزۈمگە ئۈزۈم ئىشەنمەيلا قېلىۋاتاتتىم، .. -
(ھىكايە)
گۈل چۈشى
ئۇ يەنە چۈشىدىن چۈچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،ئۇنىڭ ئۈستى –بېشى چىلىق –چىلىق قارا تەرگە چۈمۈپ كەتكەنىدى،ئەتراپ تېخىچە تۈن پەردىسى ئىچىدە ئىدى.ئۇ بىر ھازا ئولتۇرۋالغاندىن كىيىن ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتى،بىراق ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچقان بۇلۇپ،كۆز ئالدىغا كۆرگەن چۈشى يەنى ئاشۇ كۈنى كېچىدە يۈز بەرگەن ئىشلار كىلىۋالغانىدى.
ئاشۇ كۈنى ئۇ يېقىن دوستى شەھىدەنى ئېلىپ توي قىلماقچى بولغان يېگىتىنىڭ يۇرتىغا كەلدى،يىگىتى ئۈزىنىڭ بىر دوستىنى ئېلىۋالغان بۇلۇپ ،ئۇلار كاتتا بىر ئارامگاھنىڭ ئايرىمخانىسىدا سۇرۇن تۈزۈپ ئولتۇردى،قىزلار سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەچ ھەرخىل سەيلەردىن ئالغاچ ئولتۇردى،ئوغۇللار بولسا ئاق ھاراق ئىچىشتى.
-ئەلى ،بەك كۆپ ئىچىۋەتتىڭلار ،ئەمدى ئىچمەڭلار،بىزمۇ بۈگۈن كەلدۇق،ھەم تېخى ياتاققىمۇ ئۇرۇنلاشمىدۇق ،بالدۇرراق قايتىپ ئارام ئالساق بۇلاتتى.
-رەنا ،مەن تۇرسام يەنە نىمىگە ئەنسىرەيسىز؟ياتاققا ئۈزۈم ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيىمەن،-ئارىدىن بويلىرى ئىگىز ،ئۇرۇق ،قارا-قۇمچاق كەلگەن بىر يىگىت شۇنداق دىدى.
-ئۇنداقتا ،يەنە بىر سائەتلا ئولتۇرۇپ ئاندىن قايتايلى،بۇلامدۇ،-رەنا ئەلىگە يىلىنىش نەزىرى بىلەن قارىدى.
-بۇلىدۇ،گىپىڭىزنى ئاڭلايمەن.
.... -
ئېسىمنى بىلسەم دادام ئاشقازان راكى بىلەن ئاپام ئىككىمىزنى تاغاردا بىر قەرىزگە بوغۇق قۇيۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن ،ئاپام بىچارا مەسۇم ،ھاردىم- تالدىم دېمەي ،دادامنىڭ كېسلىنى داۋالىتىش ئۇچۇن ئالغان قەرىزلەرنى تۆگتۇش ئۇچۇن كىچنى- كۇندۇزگە ئۇلاپ جاپالىق ئەمگەك قىلاتتى ،قەرىزلەرنى ئاز دېگەندەك مىنىڭ تۇرمۇش ،ئوقۇش خېراجىتىم قۇشلۇپ ياش ئاپام قېرماي تۇرۇپ موماي بۇلۇپ قالغان ئىدى .
ئاپامنىڭ ۋاقىتسىز ئاقارغان چاچلىرىغا قاراپ ئۆزۇمنىڭ يارماس ئوغۇل بۇلۇپ قالغىنىمغا پۇشايمانمۇ قىلىپ كېتەتتىم ،بۇنداق چاغلاردا پەرىشتە ئاپام كۆڭلۇمدىكنىى بىلۋالغاندەكلا ،ئوماق تاھىرجان بالام ،سەن مىنىڭ يۈرەك پارەم ،مەن سەنسىز ياشيالمايمەن ،سېنىڭ بەختىڭ، خۇشاللقىڭ ،مىنىڭ بارلىقىم ،پەقەت سەن ياخشى ئوقۇپ ئالىي بىلم يۇرتىدا ئىلىم ئىگەلەپ ،كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولساڭلا مەن دوزاقتىكى ئوت دېڭىزغمۇ كېرىشكە تەييار ،جېىنم بالام چۇقۇم ياخشى ئوقۇپ مىنىڭ ئاق سۇتۇمنىڭ ئەجىىرنى ئاقلا ،شۇنداق قىلالىساڭلا ،مەن ئىككىلا ئالەم سېنىڭدىن رازى بۇلمەن .
ئاپامنىڭ بۇ سۆزنى ئاڭلاڭ ، ئەگەر دادام بىلەن ئاپامدىن كېيىن قالغان بولسام ،ئۆگەي ئاپدىن بىرنى تېپىپ بېرىپ نەلەرردە ،كىملەرنىڭ كۆزگە قاراپ ياشاپ يۇرەتتىم ،كونلارنىڭ "ئالتۇن باشلىق داداڭ بىلەن قالغىچە ،پاخما باش ئاپاڭ بىلەن قالغىنىڭ ئەۋزەل "دېگەن سۆزنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم .ئىچىمدە ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئاپامغا سالامەتلىك ئۇزۇن ئۈمۇرنىڭ يار بۇلۇپ ،مىنىڭ كېيىنچە كۆرستىدىغان راھىتىمنىڭ مەلىكىسى بۇلشنى تېلدىم ،ھەم چۇقۇم ياخشى ئۆگنۇپ ئاپامغا جاۋاب قايتۇرماقچى بولدۇم . -
رەھمەتلىك چوڭ ئانامنىڭ دەپ بىرىشىچە ، ئانام مەن بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئىچىپ بىر سائەتتىن كېيىن ھۇشىغا كىلىپ دوختۇرلاردىن ، « بالام ئوغۇلمۇ ، قىزمۇ ؟ » دەپسوراپ ،ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن جاۋاب چىقىپ بولغۇچە ، 23يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىپتىكەن . مېنى 70ياشلاردىن ئاشقان چوڭ ئانام دوختۇرخانىدىن ئەچىقىپ ، تاغامنىڭ يارىدىمى بىلەن بىر بالىسى بار ئەچىكە سېتىۋېلىپ ، شۇنىڭ سۈتى بىلەن بېقىپ چوڭ قىپتىكەن. دادام يانچۇقىغا پۇل كىرسىلا قىمار ئوينىمىسا ئۇيقىسى كەلمەيدىغان ئادەم بولۇپ ، ئانام قازا قىلىپ بەش ئايدىن كېيىن ، قىمار ئويناپ ئۆي ۋە باشقا بىساتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئۇتتۇرۋىتىپ ، قوشنا يېزىدىكى ئۈچ بالىسى بىلەن تۇل قالغان بىر ئايال بىلەن توي قىلىپ ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كىتىپتىكەن . ئەقىلمگە كەلسەم چوڭ ئانامنىڭ تاملىرى زەيلىشىپ كەتكەن ، ھۇيلا تېمىى يوق ئىككى ئېغىزلىق كونا ئۆيىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇمۇش كەچۈردىكەنمەن .
1998 – يىلى ، يەنى مەن 6ياشقا كىرگەندە چوڭ ئانام قازا قىلدى . ئۇنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن تاغام ( ئانامنىڭ ئاكىسى ) مېنى ئۆيىگە ئەكىلىۋالدى ۋە مەن بىلەن تەڭ ياشلىق ئوغلى بىلەن كەنىتنىڭ باشلانغۇچ مەكتىۋىگە ئاپىرىپ بەردى . بىرىنجى سىنىپنى پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا ، بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كەلسەم ، بىشىغا ئاق شاپاق دوپپىنىڭ بۇرجىكىنى قىستۇرۇپ كېيىۋالغان ، شاپ بۇرۇت بىر ئادەم تاغام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ . ئۇ ئادەم مېنىڭ باش ئايىغىمغا قاراپ ، كىلە بالا مەن سېنى ئېلىپ كەتكىنى كەلدىم ، -دېدى . مەن تاغامنىڭ سۈپەتلەپ بەرگىنى ۋە ئۇ ئادەمنىڭ مېنى « بالام » دېگىنىدىن دادام ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولساممۇ ، نېمىشقىكى ئۇنىڭ يىنىغا بارغۇم كەلمىدى . تاغام مېنىڭ ئۇنىڭدىن قىچىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ . -
مۇھەببەتتە كۆڭۈل ئىزھار قىلىش كۆپۈنچە ئوغۇللارنى ئاساس قىلىدۇ ، بىرقىسىم قىزلار ئامالسىز پۇرسەت ئالدىدا ئۆز كۆڭلىنى بايان قىلىدۇ ، لېكىن بۇ بىر قىزغا نىسبەتەن ئاسان چىقىدىغان قەلىب سۆزلىرى ئەمەس .
بىر قىز بىلەن يىگىت باغچىنىڭ گۈللىكىدە پاراڭلىشىۋاتاتتى ، ئۇلار خېلىلا ئۇزۇن پاراڭلاشتى ، يىگىت مېڭىشقا تەمشەلدى ، قىز يىگىتكە گېپى بارلىقىنى ئېيتىپ توختاتتى ، قىز ئىنتايىن خىجىللىق بىلەن يەرگە قاراپ تۇرۇپ يىگىتكە دېدى :
_ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن !
يىگىت : - ئۇن سۇرمىدى ،
قىز : - گەپ قىلمايسىزغۇ ؟
يىگىت : - مۇمكىنمۇ ؟
قىز : - ئەگەر ئىككى ئادەم بىربىرىگە ئىشەنسە ، چوقۇم باشقا ئېلىپ چىقالايدۇ ، مىنىڭ ئىشەنچىم بار !
يىگىت : - ئۇغۇ شۇ ، مۇھىمى ئىشەنچ ،
قىز : - توغرا ، ئىشەنچ مۇھەببەتنىڭ تۇۋرىكى ، قانداق ؟
يىگىت :- مەن دەل شۇنىڭ ئۈچۈن ئامالسىزمەن . كەچۈرۈڭ ،
قىز : - بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟
-
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى بۈگۈن،
تەنھالىق ئىچىدە يۈرەكتە تۈگۈن.
باشقىغا خوشاللىق،ماڭا ئاددى كۈن،
قىزارغان چىچەكتەك سۆيگۈم تۈنۈگۈن.باھارنى چىللىغان قۇياشقا قاراپ،
ۋۇجۇدۇم ھەۋەسلەر قەترىدە تاراپ.
كىملەرنىڭ قەلبىگە قارايمەن ماراپ،
سەۋدايى تاماگەر ھېسلىرىم ئوراپ.نەقەدەر كۈلكىلىك سايرىماس تېلفۇن،
نۇمۇسلۇق بىر قىزمەن ئەمەسمەن يۇچۇن.
ئۆزۈمنىڭ بىر گۈزەل قائىدە-يۇسۇنى،
يات ئەلنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگىلەر ئۈچۈن. -
ـــ ھەي ، تۇرسۇن ، ھەي ! ماڭا قارا دەيمەن ـــــ بايىدىن بېرى قىززىق پاراڭلارنى قىلىۋاتقان جامال قىلىۋاتقان گېپىنى توساتتىن توختىتىپ ، ئايىقىنى زور ئىشتىياق بىلەن مايلاپ ئولتۇرغان تۇرسۇنغا سۆز ئاچتى ــــ ئاڭلىدىڭمۇ ؟
ـــ نېمىنى ! ــــ جامالنىڭ ئاغزىدىن نېمە خەۋەر چىقىدىغىنىغا قىزىققان تۇرسۇن ، مايلاۋاتقان ئايىقىنى قويۇپ ، ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇردى .
ـــ ئاڭلىسام سىنىپىمىزدىكى ئادالەت مۇھەببەتلىشىۋېتىپتىمىشقۇ !
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، كۆرىۋاتقان كىتابىمنى كارىۋاتقا تاشلاپ ، ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇميۇ ، ئۈستىدىكى كارىۋاتقا « گۈسسىدە » كاللا قويۇپ ، يەرگىلا زوڭزىيىپ قالدىم . ئۇنىڭغىچە تۇرسۇن كېلىپ ، مېنى يۆلەپمۇ ئۈلگۈردى .
ـــ چاتاق يوقتۇ ؟!
ـــ ھېچ ... ھېچقىسى ... يوق . ـــ مەن ئورنۇمدىن ئاستا تۇردۇم - دە ، كارىۋاتقا ئولتۇردۇم . تۇرسۇنمۇ خاتىرجەم بولۇپ ، ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى . مەن بىر ئاز ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن ، جامالدىن سورىدىم ـــ بايا نېمە دېگەنتىڭ !؟
ئېھتىمال چىرايىم بىرقىسما بولۇپ قالغان بولسا كېرەك ، جامال كېكەچلەشكە باشلىدى -
قەدىرلىك ئانا ، - جىنىم بالام ئۇنداق قىلمىغىن ، داداڭدەك ياخش ئادەم بولغىن ، سىېنىڭ تومىرىڭدا ئېقىۋاتقىنى داداڭ بىلەن مېنىڭ پاك قېنىمىز ، تارختىن بىرى ئەۋلادىمىز ئىچىدىن سەندەك بۇنداق كەيپى – ساپا قىلىدىغان ئادەم چىققان ئەمەس ، - دەپ نەچچە مىڭ قېتىملاپ كۆز يېشى قىلىپ باشلىرىمنى سىلاپ يىلىنىپ تۇرۇپ ، قىلغان نەسىھەتلىرىنىڭنى ئاڭلىماي ، دادامدىن مىراس قالغان بارچە بىساتلارنى تۈگۈتۈپ ، سېنىڭ كېسەلجان ،قىسقىسى مەندىن ئايرىلساڭ تېكەندەك يالغۇز قالىدىغانلىقىڭنى بىلىپ تۈرۈپ ، تۈرمىنى ماكان قىلىپ ياتقان مەندەك بىر ئەقىلسىز ئوغلۇڭنى كەچۈرەرسەنمۇ ؟
قەدىرلىك ئانا، مەن تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن ئويلانسام ، بىز بىرگە ياشاۋاتقان كۈنلەردە ،سېنىڭدەك بىر ئۇلۇغ ئىنساننىڭ باغرىنى يېرىپ چۈشۈپ ھەمدە ، بۇ دۇنيادا ھىچقانداق نەرسىگە تەڭ قىلغىنى بولمايدىغان ئاق سۈتۈڭنى ئېمىپ چوڭ بولغان ئىنسان بالىسى بولساممۇ ،ھەقىقى ئىنسان بالىسى قىلىدىغان ئىشلاردىن بىرەرنىمۇ قىلىپ باقماپتىمەن . -
ھايات!سەن بەك رەھىمسىزلىك قىلدىڭ،ئادالەتسىزلىك قىلدىڭ.تۇيۇقسىزلا شۇبىغۇبار قەلىب ئىگىسىنىڭ روھىي تۈۋرىكى،جخسمانىي مەدىتى بولغان دادىسىنى ۋاقىتسىز ئېلىپ كەتتىڭ.ئۇنىڭ جىمى خۇشاللىقى،شادلىقىنى رەھىمسىزلەرچە تارتىۋالدىڭ!ئۇنىڭغا،ئۇنىڭغا قىلچە ئىچ ئاغرىتمىدىڭ،ھېسداشلىق قىلمىدىڭ.
ئېيتقىنە!ئەي ھايات ئېيتقىنا زادى نېمىشقا شۇنداق قىلىسەن،نېمىشقا؟ !
ئۇ بىر مەسۇمە ئىدىغۇ!دائىم ساڭا كۈلۈپ باققان،سېنى سۆيۈپ كەلگەن بىر مەسۇمە ئىدىغۇ؟!ئۇسەندىن ئۇنىڭغا قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈشنى تەلەپ قىلمايتتى،پەقەت سەن ئۇنىڭغا قاراپ چىشىڭنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ قويساڭلا ئۇئالەمچە شادلىققا چۆمەتتىغۇ؟بىراق سەن.........
ھايات!بىلمىدىم،نېمىشقا بۇنچە رەھىمسىزلىشىپ كەتتىڭ.
تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرىلا ئۇنى دادىسىدىن ئايرىغان ئىدىڭ،مانا ئەمدى ئۇنى ئانىسىدىنمۇ ئايرىدىڭ.ياق!ئانىسىدىنلا ئەمەس،ئۇنى ئەشۇ ئاجىزسوقۇپ تۇرغان يۈرىكىدىن باشقا ھەممە نىمىسىدىن ئايرىدىڭ.
ھە!رەھىمسىزھايات!سەن ھازىر«غەلبەڭ»دىن كېرىلىپ كۈلۈۋاتامسەن؟بوپتۇ.قېنى قىلغۇلۇقىڭنىڭ ھەممىنى قىلە.ئۇنىڭغا يەنە زەھەرلىك قوللىرىڭنى سۇنە!مەن بىركۆرۈپ باقاي،جاھان ئەھلى بىركۆرۈپ باقسۇن!سەن ئەمدى ئۇبىچارىنىڭ يەنە نېمىسىنى ئېلىپ كېتەرسەنكىن؟ئۇنىڭ ئەشۇ ئاجىز سوقۇپ تۇرغان يۈرىكىنىمۇ؟!...... -
ئۇ- ياشلىق باھارىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىدا ، نۇرغۇن ئارزۇ ئۈمۈدلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆستۈرگەن سۆيگۈ
گۈللىرىمىزنى نابۇت قىلىپ ، يۈرەك سۆزلىرىمگە پەرۋامۇ قىلماي،‹‹سىز بىلەن توي قىلىشىمغا ئۆيدىكىلەر قوشۇلمىدى ، مېنى كەچۈرۈڭ ، ھەر ئىككىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى ››، - دەپلا ئارقىسىغىمۇ قارىماي كىتىپ قالدى . ئۇ بەلكىم ،مېنى سىناۋاتقان بولىشى مۇمكىن دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ، خىلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇنى قەلىب ئىكرانىمدىن چىقىرۋەتمەي، خىيالىمدىكى سىناقنىڭ بالدۇرراق تۈگىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم . ئويلىمىغان يەردىن بىر كۈنى ئۇنىڭ باشقا بىرسى بىلەن تويى بولىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ،‹‹ ياق ئۇ ھەرگىز ئۈنداق قىلمايدۇ ، بىز دېگەن مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا ۋەدە قىلىشقان››دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بەرگەن بولساممۇ ، يۈرىگىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىن ، ‹‹ئەي نادان ، ھازىر جاھان نېمە بولۇپ كەتتى، سەن ئاشۇ قۇرۇق قەسەمگە ئىشىنىپ يۈردىڭمۇ ؟ ، سەن ئىشقىدا كۆيۈپ يۈرگەن ئاشىغىڭنىڭ راستىنلا بىر پۇلدار بىلەن تويى بولىۋاتىدۇ ››دېگەن سادا كەلگەندەك بولدى
-
كۆزۈمدە ياش قەلبىمدە ئارمان،
قەلەملىرىم ئامالسىز يازغان،
ئىمانىڭدىن كەچكىنىڭ يالغان،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.
ئانىلارنىڭ دۇئاسى نەدە؟
ئاتىلارنىڭ ئارزۇسى نەدە؟
ئېيتە ئەركەك،ئىمان قەيەردە؟
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.
ئاتاڭ دىھقان كەتمەن قولىدا،
ئاناڭ قالدى كونا چاپاندا،
ئويلاپ ئوينا مەنزىل قاياندا؟
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.
-
تولا ئىسلىنىۋېرىپ،قارداپ كەتكەن ئۆينىڭ تورۇسىدىكى ئىنچىكە ،قوپال لىم-چەڭزىلەرنى ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپ كەتكەن،سامان لايدا سۇۋالغان تاملارنىڭ ئۇ يەر بۇيەردىكى سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كېتىپ كىسەكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان،سۇنۇپ ،دەز چىقىپ چۈشۈپ كېتەي دەپ قالغان يەرلىرىگە پىلاستىر <جىياۋبۇ>چاپلاپ تۇرغۇزۇپ قۇيۇلغان كۆزنەكلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندائاساسەن ئەينەكلىرى قالمىغان ،ئېچىلىپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان دەرىزىدىن چۈشكەن نۇر ئۆينى غۇۋا يورۇتۇپ ،ئۆي ئىچىنى بىر ئالغان بەدبۇي پۇراق بىلەن بىرگە ئادەمگە بىر خىل غەشلىك تۇيغۇسى بېغىشلايتتى. ئۆينىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگىنى ئىگىلىگەن كاڭ ،كاڭنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن،كۆيە يەپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋەتكەن قارا(رەڭگىمۇ ئۆزگىرىپ كۈلرەڭ بۇلۇپ قالغان)ئىككى پارچە كېگىز،كېگىز ئۈستىدە تۆر تەرەپكە سېلىنغان كىرلىشىپ كاناپتەك قېتىپ كەتكەن ،ئەسلىدىكى قىزىل رەڭگى سۈسلىشىپ سۈس قىزىل رەڭگە كىرىپ قالغان كۆرپە ئۈستىدە ،قاسماقلىشىپ كەتكەن يېشىل دۇخاۋا ياستۇققا بېشىنى قويۇپ ،ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى ئۇزۇن سوزغىنىچە ،ئېغىر -ئېغىر يۆتىلىپ ،قىينىلىپ تەستە نەپەسلىنىپ ،ئاجىز ئېڭراپ ،ياشاڭغۇراپ قالغان كۆزلىرىنى تورۇسقا تىككىنىچە بىر بوۋاي ياتاتتى.
-
-بالام ، ياخشى ئوقىغىن ، ئۆيدىكى ئىشلاردىن ئەنسىرىمىگىن ....
ھەر قېتىم ئۆيگە تېلىغون قىلغىنىمدا ئانامنىڭ چوقۇم دەيدىغان مۇشۇ بىر جۈملە سۆزى ئۇدۇل بېرىپ يۈرۈكۈمگە تېگەتتى ،
-ماقۇل ،ئانا ، خاتىرجەم بۇلۇڭ ، مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن ..
ئانام مېنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقىيالىغىنىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنەتتى ، ھەر قېتىم ئۆيگە مېھمان كەلسە مېنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى ، دېمىسىمۇ بىزنىڭكىدەك بىر يېزىدىن ،مەندەك بىر دېھقاننىڭ بالىسىنىڭ بۇ چوڭ شەھەرلەرگە كېلىپ ئوقىيالىشى راستلا ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى ، بىزنىڭ ئۆينىڭ جان سانى جىق ، كىرىمىمىز بەكلا ئاز ،شۇ سەۋەپلىك يۇقىرىلاپ ئوقىيالىغان پەقەت مەنلا بار ئىدىم ، ماڭا بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈرگىلىمۇ نەچچە يىل بۇلۇپ قاپتۇ ، ئوقۇشنىمۇ پۈتتۈرەي دەپ قالدىم لېكىن ئانام مېنىڭ قايسى مەكتەپتە ئوقۇيدىغىنىمنىمۇ دەپ بېرەلمەيدۇ ، ئۇ پەقەت مېنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر چوڭ شەھەردىكى بىر داڭلىق ئۇنۋېرسىتتا ئوقۇيدىغىنىمنىلا بىلىدۇ ،ئەلۋەتتە ئانامدىمۇ ئەيىپ يوق ، جاپاكەش ئانام ئۆمۈر بويى بالىلىرىنىڭ غېمىدە ، قانداق قىلىپ بالىلىرىنى ياخشىراق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش غېمىدىلا يۈرۈپ ، خەنزۇچە دىگەننى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسا ،يەنە كېلىپ ئانامنىڭ مەكتىپىمنى ئۇنداق ئېنىق بىلىپ كېتىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى .