
-
تېخى تۈنۈگۈنلا شوخ،ئەركە قىز ئىدىم. ھاياتقا ،مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ھەۋەس بىلەن باقاتتىم.
قاچانلاردىن تارتىپ سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ،بىلمەيمەن.شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆز ئەركىم ئۆز قولۇمدا بولماي قالدى.سېنىڭدىن ساپ،ئوتلۇق سۆيگۈ كۈتتۈم.مېنىمۇ مەن سېنى سۆيگەندەك سۆيسىكەن دەپ ئۈمىد قىلدىم.ئەپسۇس،تولىمۇ ئەپسۇس. سەن مېنىڭ پاك،غۇبارسىز مۇھاببىتىمنى بىردەملىك ئۆتكۈنچى ھىسياتنىڭ قۇربانى قىلدىڭ.سەن ئۈچۈن تىزغان گۈلدەستىلىرىمنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ۋەيران قىلدىڭ.ھەتتا سەن ئۈچۈن بەرپا قىلغان كۆڭۈل گۈلزارلىقىمغا كىرىپ ئۇنىڭدىكى ئەڭ چىرايلىق ،ئەڭ خۇشپۇراق گۈلنى ئۈزۈپ باشقا قىزغا سوۋغا قىلدىڭ.سېنى سۆيگۈ گۈلزارىمدىكى يىگانە بۇلبۇلۇم دەپ ئويلايتتىم. -
ئايگۈزەلدە كەچكىچە ھىچقانداق ئۆزگىرىش يوق ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئۈچىلىمىز بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدۇق ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ،كارىۋات بېشىدا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرىمەن . دوختۇر ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىشنى ئېيتتى ، لىكىن ئۇنداق قىلمىدۇق ھەم قىلالمىدۇق ، ھەتتا ئاپىسى تىلفۇن قىلىپتىكەن يالغان سۆزلەپ بىر نەرسىلەرنى دەپ تىلفۇننى قۇيۇۋەتتىم .
ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ گەپ قىلماي يۈرگىچە زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام بوپتىكەن ، ئۈتۈپ كەتكەنمەن دۆتكەنمەن ، ئادەم بىر ئىشنى ئىچىگە ئېلىۋەرسە مۇشۇنداق بۇلۇشىنى بىلەتتىمغۇ ، ئۇنىڭ ئاپاق بىلەن مەندىن باشقا ھەممە گەپلىرىنى ئېيتىپ سىرداشقۇدەك ئادىمى بولمىسا نىمىشقىمۇ ؟؟؟نىمىشقىمۇ ئۇنىڭدىن سورىمىغاندىمەن ، بەلكىم ماڭا يىغلاپ ئولتۇرۇپ ھەممە گەپلىرىنى دەۋالسا بۈگۈنكى ئىشلار يۈز بەرمەستى...
ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى بىرمۇ-بىر ئويلاۋاتىمەن...ئەنە يېڭى كۈچۈپ كىرگەن ۋاقتى ،ئوماق ، كۆزلىرى كۈلۈپلا تۇرىدىغان قىز...تولا سۇئال سوراپ ئادەمنى جىلە قىلىپ كىتىۋاتقان قىز ، تاماق ئىتىشنى بىلمىگەن ھالىغا تاماق ئىتىمەن دەپ ئوخشىمىغان تامىقىنى ئادەمگە يىگۈزۈپ بىزار قىلىۋەتكەن قىز ، قاپىقىم تۈرۈلۈپ بولغۇچە <بىر كۈنى ھىسامكام ...> دەپ يۇمۇر باشلاپ بۇلىدىغان قىز...كۈندە كەچلىرى ئاپاق بىلەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق مۇڭدىشىپ ، يۈزلىرى قىزىرىپ كىتىدىغان قىز...ھەر كۈنى جەيناماز ئۈستىدە ئاللاھتىن ھەربىر مۇسۇلمان قىزلىرىمىز ئۈچۈن ھىدايەت تىلەپ ياش تۆكىدىغان قىز...
تۇيۇقسىز ئۇنىڭ <ئاللاھ ھەرگىز بەندىلىرىنى تار يولدا قويمايدۇ ، چىن كۆڭلۈڭدىن ھەقىقى سەجدە قىلىپ تىلىسەڭ ئاللا تىلىگىنىڭنى بىرىدۇ > دىگەنلىكى ئىسىمگە كەلدى .
__ ئۆيگە كىتىمەن ئىلھام .
__ نىمە ؟ تۇرۇپلا...
__ مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيۇڭ ، ئاندىن ئايگۈزەلنىڭ يېنىدا ئىككىڭلار قېلىپ قېلىڭلار...ئۇ چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ ، مىنىڭ ئۆيدە ئازراق قىلىدىغان ئىشىم بار . -
مىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىم ئايگۈزەلنى بەكرەك خوشال قىلغانىدى .ئۈزۈممۇ خوشال ئىدىم .ئىلھامنىڭ كۈيىنىشىدىن كۆڭلۈمدە ئۇزۇندىن بىرى ھىس قىلىپ كىلىۋاتقان بوشلۇقنىڭ ئورنى تولدۇرۇلغاندەك ھىس قىلاتتىم ، كۈندە نەچچە قېتىم تىلفۇن قىلاتتى ، نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى ، تاماق يىگەن-يىمىگەنلىكىمنى ، چارچىغان-چارچىمىغانلىقىمنى سورايتتى ، «مەن ساڭا بەك ئامراق»دەيتتى ئۇ ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم تىلفۇن قىلىپ ، ئۇ شۇنداق مىنى ئەركىلەتكۈسى كەلگەندە سەنلەپ قۇياتتى.
بىر ئاي ئەنە شۇنداق ھەش-پەش دىگۈچە ئۆتۈپ كەتتى .
ئايگۈزەل بىلەن پاراڭلىشىدىغان ۋاقتىمىز بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى ، تاماقنى ئاساسەن مەن ئىتىدىغانلا بولدۇم ، ئۇ ھەم ئىشلەپ ھەم ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىپ ناھايىتى ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەنىدى،كەچ ۋاقىتلىرى ئۇزاققىچە ئاپپاق بىلەن ئۇچۇر يىزىشاتتى ياكى تىلفۇندا پاراڭلىشاتتى ، كېچىسى مەيلى قانچە كىيىن ئۇخلىمىسۇن ئەتىسى ئەتىگىنى يەنىلا نامازدىن كىيىن ئۇخلىماي ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنەتتى ، شۇڭا ئۇنى بىردەم بولسىمۇ ئارام ئالسىكەن دەيتتىم ،
بۇ ھەپتىدە ئۇ دەم ئالماي ئىشلەپ كەتتى ، ئادەتتە ئۇلار نۆۋەتلىشىپ ئىككى كۈندە بىر قېتىم يېرىم كۈندىن دەم ئالاتتى .ئۇنىڭدىن سورىسام دۇكاندا بىر قىزنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ، ئۇ قىزنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى شۇڭا ئۇ قىز ئىشقا كىلەلمىگەن ۋاقىتلىرىدا قىزنىڭ ئورنىغا ئىشلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ــ ئىشلىگىنىڭگە پۇل قۇشۇپ بىرەمدۇ ؟
ــ ياق ، لىكىن ئۇ قىزنىڭ ئورنىغا قارىشىپ بەرمىسەم ئۇنىڭ مائاشىدىن تۇتىدۇ . -
ئايگۈزەلنى ساقلىغاچ تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم ، تۇرۇپلا كۈلگۈم كىلىپ قالدى ، ئۇكاش بىلەن پاراڭلاشقىلى تېخى بىرەر ئايمۇ بولمىغانىدى ، بۇ تۇنجى قېتىم توردا تۇنۇشقان ئادىمىم بىلەن ئۇچراشقىنىم ھىساپلىناتتى ، توردىغۇ بىر-بىرىمىزنىڭ چىرايىنى كۆرمەي ئولتۇرۇپ گەپنى قىلىۋىرىمىز ، ھېلى ئۇ كەلسە قانداق بۇلار...
ــ تىلفۇننى قۇيۇپ بوپسەنغۇ ھوي ! ،ــ تىزلىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ خىيالغا پېتىپ كەتكەن ئايگۈزەلگە چاخچاق قىلغۇم كەلدى،ــ يائاللا تىلفۇننى بىر قۇلۇڭغا ئالدىڭمۇ بولدى ، نەچچە سائەتكىچە خىيال دەرياسىنىڭ مايماق كېمىسىدە لەيلەپ يۈرگىنىڭ يۈرگەن ، تۇر ئورنۇڭدىن ، تاماق يىگىلى سىرتقا چىقىمىز .
ــ ساراڭ ، نىمانداق جىق گەپ قىلىسەن ؟
-بول دىدىم ، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى .
ــ ماقۇل ، ماقۇل .
ئۇنىڭغا ئۇكاش بىلەن كۆرىشىدىغان ئىشنى ئېيتمىدىم . بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ بۇنى ، «ئاپاق ئۇنىمايدۇ ، بولدى ئۆزۈڭ چىقىپ كىرگىن » دەپ قويسا ئامال يوق !
مەكتەپنىڭ ئالدىغا چىقتۇق .
ــ كەچتە نىمە يىگۈڭ بار ئايگۈزەل؟
ــ تاماق يىمەي ئۇششاق –چۈششەك نەرسە ئەكىرىپ يەيلى دىيىشكەنغۇ؟
ــ تاماق يەيلىچۇ بولدى ؟ يىغلىساملا قورسىقىم ئېچىپ كىتىدۇ مىنىڭ .
ــ بىنورمال ، ھەممە ئادەم يىغلىسا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ، سىنىڭ ئەكسىنچە ھە !
ــ نىمىلا دىسەڭ مەن مىھمان قىلىمەن بۈگۈن .
ــ ناھايىتىمۇ ئاددى . سۇيۇقئاش ئىچكۇم بار .
ــ ھەنىم بولسا ئەتكەن چاي دىمىدىڭ ..،مىھمان قىلاي دىسىمۇ دەپ يۈرگەن گىپىنى ...ماقۇل ، ساڭا سۇيۇقئاش بولسۇن... لىكىن بىز ئىككىمىزلا يىمەيمىز جۇمۇ ، ئۇكاشمۇ بار!
ــ ھە ؟! قايسى ئۇكاش ؟
ــ توردىكى ئۇكاشچۇ ؟ -
توۋا...بىر چاغلاردا مەنمۇ شۇنداق ئويتلايتتىم ھە ! پەقەت ئۇنىڭلا خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتسەم ، ئالدىدا مۇلايىم ، خۇشپىچىم بولسام ، ھەر قېتىم ماڭا گەپ قىلغىنىدا <ماقۇل نىجاتىم > دەپلا تۇرسام ، مۇلايىملىقىمدىن سۈيۈنۈپ ، خوش بۇلۇپ كەتسە دەپ ئويلايتتىم...
ــ گۈزەل ، سەندىن بىر سۇئال سورىسام بۇلارمۇ ؟
ــ گەپ تېشىلىپ قالدى ھە ، سوراۋەرگىن .
ــ سەن بىرەرسى بىلەن يۈرۈپ باققانمۇ ؟
ــ بىرەرسى دەيسەنغۇ...
ــ چاقچاق قىلماي دەپ بەرگىنە ، مىنىڭ بەك ئاڭلاپ باققۇم بار.
ــ ھەئە .
ــ كىيىن قانداق بولدى ؟
ــ بۇلارنى دىسەم بىر ھىكايە پۈتۈپ كىتەرمىكىن .
ــ مەيلى ، مۇشۇنداق يېتىپ پاراڭلىشايلى ، كەچتە تاماق ئەتمەيلى بولدى ، سرتتىن ئۇششاق-چۈششەك بىر نەرسىلەرنى ئەكىلىپ يەيلى .مىنىڭ راڭپىزا ئىچكۈم كىلىۋاتىدۇ .
ــ مەيلى ئەمىسە سوراپ قالدىڭ ، ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ تىلغا ئالغۇم يوقتى،،،بوپتۇ كۆڭلۈڭ ئۈچۈن قىسقىچە قىلىپ سۆزلەپ بىرەي .
ئىككىلىمىز كارىۋاتقا يۆلىنىپ ئولتۇردۇق .ئۇنىڭ قوللىرىنى ئويناپ ئولتۇرغاچ سۆزلىرىمنى باشلىدىم. -
بۈگۈن ئىشتىن بۇرۇنلا قايتىپ كەلدىم ، ئايگۈزەل بىلەن بىرگە تاماق ئەتتىم ، تاماقتىن كىيىن ئۇنىڭدىن قاچا-قۇچىلارنى تالىشىپ يۇدۇم ، ئۇ كومپىيوتۇر ئالدىغا كەتتى . قارىسام بېشىنى كۆتۈرمەي كوت-كوتتا خەت يىزىشىۋېتىپتۇ ، ئادەتتە يىگىتى بىلەنلا ئاۋازلىق پاراڭلىشاتتى ،بۈگۈن كىم بىلەن پاراڭلاشتىكىنە بۇ ؟!
قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ بۇلۇپ مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم ، بۇ چاغدا ئۇ مۇنبەردە بىر نەرسىلەرنى كۆرۈۋاتقانىكەن.
ــ قارىغىنە گۈزەل ، مۇنۇ شېئىر بەك ياخشىكەن ، مەن نىمىشقا يازالمايدىغاندىمەن .
ــ ئاددىلا شېئىركەنغۇ،،،مەن بۇنداق شېئىرلارغا قارىغاندا چاچما ، گۇڭگا شېئىرلارنى ياقتۇرىمەن ، بۇلۇپمۇ ئوسمانجان ساۋۇت ، ئادىل تۇنىياز دىگەنلەرنىڭكىنى .
ــ ما ئەدەبىياتچىنىڭ ئاددىكەن دەپ كەتكىنىنى ، ئۈزۈڭ يازالمايسەن ، يازغانلارنىڭكىنى ياراتمايسەن!
ــ مېنىڭ يازغانلىرىمنى كۆرمەي تۇرۇپ يازالمايدىغانلىقىمنى قانداق بىلدىڭ ؟
ــ راست يازالامسەن ؟
ــ توختاپ تۇر ھە !
تاشلاپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان ماتىرياللىرىمنىڭ ئارىسىدىن توپا بېسىپ تاشلىنىپ ياتقان بىر خاتىرىنى تاپتىم .
ــ تۇتە مانى ، چالىقۇشى ئىمزاسىدىكى شېئىرلارنىڭ ھەممىسىنى مەن يازغان .
بىرىنچى بەتنى ئېچىپلا ئۇقۇشقا باشلىدى ئۇ :
ــ كالىندار
يىرتىلدى بىر بەت ،
كۆڭلۈم پەرىشان ،
ئازلىدى بىر بەت ،
كۆپلىدى بىر دەرت ... ... -
ئۆيگە كەلسەم ئايگۈزەل تېخىچە ئۇخلىماي كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىرمۇنچە گېپىگە «بەك چارچاپ كەتتىم، كىرىپ ئۇخلىۋالاي» دەپلا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدىم، سەۋەبى ئۇنىڭغا چاندۇرۇپ قويماسلىق ئىدى. ئەگەر يېنىمغا كەلسىلا تاماكا ئىسى، ھاراق پۇراپ كېتىشىم تۇرغانلا گەپ!
ئەتىسى ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرسام ئۇ ئىشقا كېتىپتۇ. ئەتىگەنلىك ناشتامنىمۇ تەييارلاپ قۇيۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن بىرسى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادەتلىرىمنى بۇزۇپ، ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدىم، قارىسام مېھمانخانا ئۆينىڭ بۇلىڭىغا ئەپچىلگىنە قىلىپ كومپيۇتېر ئۈستىلىنى قۇيۇپ قۇيۇپتۇ، قارىغاندا ئىككىنچى قول كومپيۇتېر ئالغاندەك قىلاتتى.
كەچتە ئىشتىن كېلىپلا ئۇنىڭ تەييار قىلىپ قويغان تامىقىنى يېدىم،
ــ يېڭى خىزمىتىڭىز قانداقراقكەن؟
ــ بولىدىكەن، دۇكاندىكى قىزلار بىلەنمۇ چىقىشىپ قالدىم،
ــ ياغلىقىڭىزنى ئېلىۋەتتىڭىزمۇ يوق،
ــ ئۇلارنىڭ ھېلىقى پوسمىسى بارغۇ، شۇنى كىيىدىكەنمىز، چېچىمنى تۈگۈپ، ئورىۋالغاندىن كىيىن كەيسەم چېچىم چىقىپ قالمايدىكەن.
ــ نامازلىرىڭىزنىچۇ؟
ــ ئارام ئېلىدىغان كىچىككىنە ئۆيى باركەن، خېلى پاكىزكەن، شۇ يەردە ئۆتىدىم.
ــ خوجايىنىڭلار گەپ قىلمىدىما؟
ــ ياقەي، خەنزۇكەن، ناماز ئوقۇيمەن دېسەم تېخى، «سودام تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغان بولدى» دەپ خوش بوپ كەتتى دېمەيسىز ...
ــ ھە ... -
ئەسسالامۇئەلەيكۇم سىڭلىم، تۇيۇقسىزلا يازغان خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدىڭىز ھە قاچان، تېمىلىرىڭىز، ئىنكاسلىرىڭىز دىققىتىمنى تارتقىلى خېلى بولغان، مەنمۇ بىر چاغلاردا توردا، مۇنبەردە سىزگە ئوخشاش ئەسەر يوللاپ يۈرەتتىم، نۇرغۇن دوستلىرىممۇ بولغان ... ھاياتىمدىكى بۇرۇلۇشنى، توغرا يولنى ماڭا مۇشۇ تور كۆرسەتكەن دېسەممۇ بولىدۇ... شۇڭا سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، ھېچ بولمىسا سىزگە بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلەرنى سۆزلەپ بېرىپ ئىچىمنى بىر بوشىتىۋېلىشنى ئويلاپ يۈرەتتىم ... يېقىندا يوللىغان بىر تېمىڭىزدا يولدىن چىقىپ كەتكەن بىر قىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەپسىز... شۇ تېمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن كاللامغا باشقىچە بىر ئوي كەلدى، ئويلىساممۇ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىدىغان ئاشۇ كەچۈرمىشلىرىم، قىسقىغىنە كۈلكە ئاتا قىلغان، ئەمما ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قويغان ئالىي مەكتەپ ھاياتىم، چىراقلىرى كۆزلىرىمنى چاقناتقان، ئويۇنلىرى قەلبىمنى ئۆزىگە تارتقان ئاشۇ كۈنلەر... دېمەكچى بولغانلىقىمنى چوقۇم چۈشەندىڭىز، يېزىڭ، قانچىلىك يازالىسڭىز شۇنچىلىك يېزىڭ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئۆمرىدە بىر كېلىدىغان پۇرسەت دەپ بىلىدىغان، ناتونۇش شەھەر ناتونۇش كىشىلەر قاينىمىدا ئەركىنلىكنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ئاشۇ قىز-يىگىتلىرىمىزگە ئازراق ئەسكەرتىش ياكى تەربىيە بېرەلىسەك ئەنە شۇ بىزنىڭ غەلىبىمىز،،، بەلكىم مۇشۇ ئىدىيە مەن ئويلاشتىنمۇ يىرگىنىدىغان ئاشۇ كەچۈرمىشلىرىمنى سىزگە بىرمۇ بىر بايان قىلىپ بېرىشكە كۈچ ئاتا قىلىۋاتسا كېرەك ... ئاللا قەلىمىڭىزگە كۈچ بەرسۇن.
-
ئانا دېگەن بۇ سۆز ھەقىقەتەن تولىمۇ يېقىملىق ھەم مۇبارەك سۆزدۇر، شۇنداقلا يەنە سېھرىي كۈچكە ئىگە سۆزدۇر.
ئانا، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ جاپاكەش، ئەڭ ۋاپادار ۋە ئەڭ قابىلىيەتلىك ئۇستاز ھەم بىر ئۇستا ئىجادكار، پۈتكۈل كائىناتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغۇچى ئۇستا ھۈنەرۋەن.
ئانا، قارىغىنە!؟ تۈن كېچە بولدى، ھەممە تاتلىق ئۇيقۇدا، ئەمما سەنچۇ؟ سەن يەنىلا يالغۇز ھالدا مېنى پەپىلاۋاتىسەن، ماڭا يېگانە ھەمراھ بولۇۋاتىسەن. مانا مەن چوڭ بولدۇم، مېنىڭ ساغلام ئۆسۈپ چوڭ بولغۇنۇمغا قاراپ ئىچ- ئىچىڭدىن خۇشال بولدۇڭ، بەلكى كەلگۈسىدە مەن توي قىلىپ، ئۆي- ئوچاقلىق بولغاندا، سېنىڭدىن ئايرىلىشىم، ھەپتىدە، ئايدا، يىلدا بىرەر قېتىممۇ يوقلىيالماسلىقىم مۇمكىن، ئەمما، سەن مېنى ھەربىر تېنىقىڭدا، ھەربىر قەدىمىڭدە، يۈرىكىڭنىڭ ھەربىر سوقۇشلىرىدا ياد ئېتىپ تۇرىسەن، بەختىمنى تىلەيسەن.