• توردىكى «ئۇكاش»~6 - [تورداشلار ئەسەرلىرى]

    توردىكى «ئۇكاش»

     

    ھېكايە
    ئاپتورى:مىھراي نەجمىدىن(گۇلزىبا)

    مىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىم ئايگۈزەلنى بەكرەك خوشال قىلغانىدى .ئۈزۈممۇ خوشال ئىدىم .ئىلھامنىڭ كۈيىنىشىدىن كۆڭلۈمدە ئۇزۇندىن بىرى ھىس قىلىپ كىلىۋاتقان بوشلۇقنىڭ ئورنى تولدۇرۇلغاندەك ھىس قىلاتتىم ، كۈندە نەچچە قېتىم تىلفۇن قىلاتتى ، نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى ، تاماق يىگەن-يىمىگەنلىكىمنى ، چارچىغان-چارچىمىغانلىقىمنى سورايتتى ، «مەن ساڭا بەك ئامراق»دەيتتى ئۇ ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم تىلفۇن قىلىپ ، ئۇ شۇنداق مىنى ئەركىلەتكۈسى كەلگەندە سەنلەپ قۇياتتى.
      بىر ئاي ئەنە شۇنداق ھەش-پەش دىگۈچە ئۆتۈپ كەتتى .
      ئايگۈزەل بىلەن پاراڭلىشىدىغان ۋاقتىمىز بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى ، تاماقنى ئاساسەن مەن ئىتىدىغانلا بولدۇم ، ئۇ ھەم ئىشلەپ ھەم ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىپ ناھايىتى ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەنىدى،كەچ ۋاقىتلىرى ئۇزاققىچە ئاپپاق بىلەن ئۇچۇر يىزىشاتتى ياكى تىلفۇندا پاراڭلىشاتتى ، كېچىسى مەيلى قانچە كىيىن ئۇخلىمىسۇن ئەتىسى ئەتىگىنى يەنىلا نامازدىن كىيىن ئۇخلىماي ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنەتتى ، شۇڭا ئۇنى بىردەم بولسىمۇ ئارام ئالسىكەن دەيتتىم ،
      بۇ ھەپتىدە ئۇ دەم ئالماي ئىشلەپ كەتتى ، ئادەتتە ئۇلار نۆۋەتلىشىپ ئىككى كۈندە بىر قېتىم يېرىم كۈندىن دەم ئالاتتى .ئۇنىڭدىن سورىسام  دۇكاندا بىر قىزنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ، ئۇ قىزنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى شۇڭا ئۇ قىز ئىشقا كىلەلمىگەن ۋاقىتلىرىدا قىزنىڭ ئورنىغا ئىشلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
    ــ ئىشلىگىنىڭگە پۇل قۇشۇپ بىرەمدۇ ؟
    ــ ياق ، لىكىن ئۇ قىزنىڭ ئورنىغا قارىشىپ بەرمىسەم ئۇنىڭ مائاشىدىن تۇتىدۇ .
      بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىم بولغان بولسا ھەيران قالغان بۇلار ئىدىم...لىكىن ھازىر باشقىلار ئۈچۈن ئۇنچىلىك قۇربان بىرىش ، ئالدىدا باشقىلارنىڭ غېمىنى قىلىش مەن ئۈچۈنمۇ ئانچە يات ئىش ئەمەس ، بۇلارنى ماڭا قايتىدىن ئايگۈزەل تۇنۇتتى.
      ئۇخلاش ئۈچۈن ياتقانىدىم لىكىن ئايگۈزەلنىڭ تېخىچە كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇخلىيالمىدىم  ، سائەتكە قارىسام ئون ئىككى بۇلۇپ كىتىپتۇ .
    ــ ئايگۈزەل ئەمدى ئۇخلىساڭ بۇلارمىكىن ، سائەت ئون ئىككى بۇلۇپ كىتىپتۇ .
      ئۇ گىپىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىنلا سائەتكە بىر قاراپ قۇيۇپ كارىۋاتقا كەلدى .
    ــ يەنە تىلفۇننى ئالىسەنغۇ ؟ ئۇخلىمامسەن ؟ ئەتە سائەت بەشتە تۇرىسەن يەنە!،ــ دىدىم ئۇنىڭ ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان چىرايىغا ، ئۇيقىسىراپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ .
    ــ بۈگۈن ئاپپاق بىلەن دىيىشىپ قويدۇق  ، ئۇنىڭ بىلەن جىق ئۇچۇر يىزىشىدىغان بولدۇق .
    ــ ئۇ تورغا چىقسا ياكى تىلفۇن قىلسىلا بولمىدىمۇ ؟
    ــ ئۇ باشقا بىرنەچچە تىجارەتچىلەر بىلەن بىرگە ئىكەن.ئۇنىڭدىن باشقىلار چوڭلار بولغاچقا پاراڭلىشىشقا ئەپسىز بۇلۇپ قالىدىكەن .
      قانداق ئۇخلاپ قالدىم بىلمەيمەن . بىر چاغلاردا تىلفۇننىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم . ئايگۈزەلنىڭ تىلفۇنى ئىكەن . تىلفۇننى ئالاي دىگۈچە توختاپ قالدى .تاڭ ئېتىپمۇ كىتىپتۇ ، قارىسام تىلفۇن ئايگۈزەلنىڭ قۇلىدا ئىكەن .قارىغاندا ئاخشام خېلىغىچە ئۇچۇر يىزىشقان ئوخشايدۇ.مانا بۈگۈن نامازغىمۇ تۇرالماپتۇ بۇ بىچارە ، ئۇنى ئويغاتمىدىم ، بۈگۈن چۇقۇم ئىشقا باراتتى ، ئۇ باشقىلارنىڭ ئىزىغا ئىشلىگەندىن بىرى بىرەر قېتىممۇ دەم ئېلىپ باقمىدى ، شۇلارنى ئويلاپ ئەتىگەنلىك ناشتىغا تەييارلىق قىلماقچى بولدۇم .
      ھەممىنى تەييار قىلىپ بۇلۇپ ، ئايگۈزەلنى ئويغاتتىم:
    ــ چىللاڭ خوراز ، چىللاڭ خوراز ،يايرىم ئويغانسۇن ،
      لەۋلىرىنى چىشلىۋالاي چۆچۈپ ئويغانسۇن !
      ناخشامنى ئاڭلاپ بېشىنى يوتقانغا پۈركەپ  يېتىۋالدى ئۇ!
    ــ نامازغىمۇ تۇرمىدىڭ بۈگۈن ! ئاپپاق نەچچە قېتىم تىلفۇن قىلىپ بولدى باياتىن بىرسى!
    ــ ئوھ...مەن تۈگەشتىم ،ــ چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ئۇ .
      مەن تېخى ئۇنى نامازغا تۇرالمىغانلىقىنى ئۈچۈن چۆچۈپ كەتتىمىكىن دەپتىمەن .
    ــ بۈگۈن ناماز ئوقۇمايمەن.خۇدايىم رۇخسەت قىپتىكەن...لىكىن يامان بولدى ،ــ دېدى ئۇ تىلفۇننى قۇلىغا ئېلىپ ،ــ ئاخشام ئۇخلاپ قاپتىمەن...ئوھ...ۋاي خۇدايىم ، قارىغىنە ، بىر مۇنچە ئۇچۇر يوللىۋېتىپتۇ...مەن تۈگەشتىم...
      ــ كىچىككىنە ئىشكەنغۇ ساراڭ ، نىمىگە جىددىيلىشىسەن ...
      ئىتتىك تىلفۇن قىلدى ئۇ ئاپپاققا . لىكىن بىردەمدىلا تىلفۇننى قۇيىۋەتتى .
    ــ راستىنلا خاپا بۇلۇپ قاپتىما ؟ پاراڭلاشمايلا قۇيۇۋەتتىڭغۇ ؟!
    ــ بىلمىدىم ، قوپاللا قۇيىۋەتتى .
      ئۇ كۈنى ئۇ بىر كۈن شۇكلەپلا كەتتى ، تاماق يىگىلىمۇ ئۇنىمىدى، قوللىرىدىن تىلفۇن چۈشمىدى ، قاچانلا قارىسام ئۇنىڭ قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ئولتۇرغانلىىقىنى كۆردۈم ،
      كەچلىكى يېتىشتىن بۇرۇن ئۇزاق پاراڭلاشتۇق ئۇنىڭ بىلەن .
    ــ ھازىرغىچە خاپىمۇ ئۇ؟
    ــ ھەئە ...مەنمۇ بەك خاتا قىلدىم .تۈنۈگۈن ئۇ كۆڭلۈم يېرىم دەپ تۇرسا بىخۇدلىق قىلىپ ئۇخلاپ قالدىم...ئىشەنسەڭ بىز يۈرگەندىن بىرى ئۇنىڭ بۇنداق دىگىنىنى ئاڭلىمىغانمەن ، ئۇ ئەزەلدىن مىنىڭلا كۆڭلۈمنى ئويلاپ كەلگەن ، بىلمەيمەن  ، ئۇنىڭغا بەزى گەپلەرنى ئېيتماي ، ئۇنى ئەنسىرەتمەي دەيمەنيۇ يەنىلا ئۇنداق قىلالمايمەن ، ئۇ ئاۋازىمنى بىرلا ئاڭلاپلا نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلۋالىدۇ ، مىنىڭ دىمىگىنىمگە ئۇنىمايدۇ...ئۇنىڭ بىلەن يۈرگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بەزى ئىشلارغا ھەيرانمەن ، قانداق دىسەڭ ، ئۇنىڭ بىلمەيدىغان ئىشى يوق ، مەيلى ئاغرىپ قالاي ، ياكى مەكتەپتە بەزى ئىشلارغا ئۇچراي ياكى دوستلىرىم ئارىسىدىكى ئىشلار بولسۇن ھامان ئۇنىڭ مەسلىھەتىدە بۇلىدۇ ، ئۇ بەك توغرا يول كۆرسىتىدۇ .
    ــ ئۇنىڭغا بەك تايىنىۋېلىپ ئۆگىنىپ قاپسەن ئاي ،  كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دەپتىكەن ،..ئىشقىلىپ دىققەت قىلغىن .
    ــ مىنى ئۇ ئۆزى شۇنداق كۆندۈرۈپ قۇيۇپتىكەن،،،ئۇ بەك ئەستايىدىل ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى دەپلا تۇرىدۇ ، كۆردۈڭغۇ ، ئەڭ كۆرۈشمىدۇق دىگەندىمۇ نەچچە سائەتكىچە كۆرۈشمەيمىز شۇ ،،،مىنى پەقەت يالغۇزلۇق ھىس قىلدۇرمايدۇ...ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بىرەر كەمچىلىكىنى بايقىيالمىدىم...
    ــ ئۇنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتكەچكە بايقىمىغان گەپ سەن ، ئەمەلىيەتتە كەمچىلىكى يوق ئادەم بولمايدۇ . لىكىن رەسىمىدىن قارىغاندا ھەقىقەتەن كىلىشكەن يىگىت ئىكەن .
      ئىككىللىمىز خىيال سۈرۈپ يېتىپ كەتتۇق .
    ــ ئېرشاتنىڭ ئاكىسى بىلەن قانداقراق ئۆتىۋاتىسەن ئۆزۈڭ ؟
    ــ ھىچقانداق ...
    ــ ھىچقانداق دەيسەنغۇ...ئېرشات بەك خوشقۇ ھازىر ، سېنى ئۆيۈمگە ئەپكىتىمەن ، مەڭگۈ بىر تۇققان ھەدە –ئىنى بۇلۇپ ئۆتىمىز دەيدۇ ، بىكار دىيىلگەن گەپ ئەمەس جۇمۇ بۇ !
    ــ ساراڭ...،ــئۇنىڭغا چاخچاق قىلغاندەك قىلغان بىلەن يۈرۈكۈم باشقىچە سۇقۇۋاتاتتى ، ئاجايىپ تاتلىق ھىسلاردا بۇلۇپ قالدىم ، لىكىن تۇرۇپلا بۇ ھىسلىرىم نەللەرگىدۇر يوقاپ كەتتى ، دائىم شۇنداق بۇلاتتى ، تاتلىق خىياللارنى قىلماقچى ، كەلگۈسۈم توغۇرلۇق ئويلىماقچى بۇلاتتىم .ئەمما ئارقىدىنلا ئۆتمۈشۈم،،،قايسى ياتاقتا كىملەر بىلەن ئۈتۈپ كەتكەن كېچىلەر،،،رەڭگارەك چىراق دۇنياسىدا قۇلۇم كىملەرنىڭ قۇلىدا ، بىلىم كىملەرنىڭ قۇلىدا ...ھەممە ئىشلار كۆز ئالدىمغا كىلەتتى ، زىمىننىڭ مىنى كۆتۈرۈپ يۈرگىنىگىمۇ ھەيران بۇلاتتىم ...بۇنداق ھىسىيات ، بۇنداق پۇشايمان مەندە ئەزەلدىن بۇلۇپ باقمىغان ، ئىچ-ئىچىمدىن سىقىلاتتىم ، پۇشايمان قىلاتتىم ، ئەگەر ئاشۇ ۋاقىتلىرىمغا بىر قايتالىغان بولسام ھە،،،بېشىم كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئاشۇ بىر قەدەمنى خاتا باسمىغان بۇلاتتىم ، قەدىر-قىممىتىمنى ، قىزلىق ھۆرمىتىمنى ، خوشاللىقىمنى ، پاك قەلبىمنى يۈتۈرۈپ قويمايتتىم...
      كۆڭلۈم يېرىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئايگۈزەلنى گەپكە سېلىپ گەپنىڭ تىمىسىنى يۆتكۈۋەتمەكچى بولدۇم .
    ــ ئايگۈزەل ، سەن ئاپپاق بىلەن توردا تۇنۇشقانما ؟
    ــ شۇنداق دىسەممۇ بۇلارمىكىن ، ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن كىيىن توردا ، مۇنبەردە ئۇچۇرشۇپ قالمىغان بولساق ، تاڭ جۇمۇ ، ئۇ بىزنىڭ سىنىپتىكى بىرقىزنىڭ تۇلۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىكەن ، بىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا بىر قېتىم كۈرۈشكەن ، كىيىن توردا تۇنۇشۇپ خېلى بىر چاغلاردىن كىيىن ئاندىن ئىسىمىزگە كەلدى ئۇ ئىشلار...
    ــ ھە...
    ــ ئۇنى ئۈمۈدسىزلەندۇرۇپ قويدۇم ، ئۈزۈمگىمۇ ئۆچ بۇلۇپ قالدىم...
    ــ ئۇنداق دىمە ، ھېلىمۇ سەنچىلىك قىلماق ئاسان ئەمەس...
    ــ ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا مەن ھەرنىمە قىلسام ئەرزىيدۇ .
    ــ ئۇغۇ شۇنداق ... ...بولدى كۆڭلۈڭنى توق تۇتە،،،
    -ـ ئېم ماقۇل ، بىلىمەن ئۇماڭا قىيمايدۇ...
    ــ شۇنداق بولغاندىكىن بۈگۈن نىمىشقا تاماقمۇ يىمەيسەن ؟ ئەتە ئۇ تىلفۇن قىلسا نىمە دەيسەن ؟ يەنە ئۇنى ئەنسىرتەمسەن ؟
    ــ ماقۇل ، ماقۇل ، ئەتىدىن باشلاپ تاماقنى ئوبدان يەي ، بىر قېتىملىقىنى ئۆزۈم ئۈچۈن دەپ تۇرۇپ يىسەم بىر قېتىملىقىنى <ئاپاق يايرىم ئۇچۇن > دەپ تۇرۇپ يەي،،،ھى ھى ھى...
    ــ  ھە،،،ئەمدى ئۇنىڭ ئاپاق يارىغا ئوخشىدىڭ !

      ئۇنىڭ بىلەن خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتىم ، گەپنىڭ ھەممىسى يەنىلا ئاپاق توغرىسىدا بولدى ، ئايگۈزەلنىڭ ئۇ ، ئۇلار توغرىسىدىكىنى ئاڭلىغانسىرى ھەم ھەيران بۇلاتتىم ھەم ئۇلارغا مەستلىگىم كىلەتتى .لىكىن ئويلىماپتىمەن...ئاشۇ بىر قېتىملىق خاتالىقنىڭ دوستۇمنى بىر ئۆمۈر داغدا قۇيىشىنى...
      قەلبىمگە يەنە بىرى كىرەلەيدۇ ، مۇزلاپ كەتكەن يۈرۈكۈمنى يەنە بىرى ئىللىتالايدۇ دەپ ئويلىمايتتىم ، نەزىرىمدە دۇنيادا ياخشى ئوغۇللار يوق ئىدى .ئىلھامنىڭ قىلىۋاتقانلىرىغا قاراپ ھەم خوشال بۇلاتتىم ، ھەم خىجىل بۇلاتتىم ھەم ئازاپلىناتتىم .ئېرشات ئۇكام بەكمۇ خوشال ، كۆرۈنۈشتە مەنمۇ خوشالدەك ، لىكىن ئەمەلىيەتتە يۈرۈكۈمىنىڭ قان يىغلايدىغانلىقى ئۆزۈمگىلا ئايان!
      يېقىندىن بىرى نىمە بولدۇقكىن...ئۆيدە بىر خىل جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈرۈدۇ...ئايگۈزەلنىڭ شوخ كۈلكىسىنى ، ئەتتىگەندىلا «بىر كۈنى ھېسامكام...»دەپ باشلايدىغان يۇمۇرلىرىنى ئاڭلىمىغىلى خېلى بولدى ، كېچىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلىشىدىغان مۇڭ پاراڭلىرىمۇ ، «ئاپاق يارىم» دەپ قىلىشىدىغان تاتلىق پاراڭلىرىمۇ يوقلا بۇلۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ بىلەن ياخشىراق پاراڭلىشاي دىسەم بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇدۇ ،،،
      ئۇ كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ تۇرسام ئېرشات ئۇكام تىلفۇن قىپتۇ ، چۈشتىن كىيىن دەرسىنىڭ يوقلىقىنى ، خالىسام ئۈچىمىز بىرگە بېرىپ تاماق يەپ كىلىشنى ئېيتىپتۇ ، ئايگۈزەلنىڭ تازا مىجەزى يوق ، ئۇنىڭغا قارايمەن دىدىم ،دىمىسىمۇ  ئۇ يېقىندىن بىرى تۈزۈك تاماقمۇ يىمەيدۇ ، مەندىن يۇشۇرۇنچە يىغلايدۇ...ئاپاق تېخىچە خاپا...قايسى كۈنى ئۇنىڭ شۇنداق يىغلاپ تۇرۇپ ئاپاقتىن كەچۇرۇم سورىغانلىقىنى ئاڭلىدىم . كىيىن قانداق بولدىكىن ... قارىماققا كىچىككىنە ئىش ، لىكىن ئاپاقنىڭ كۆڭلىگە بەك قاتتىق تەگكەن بولسا كېرەك ،،،ئۇلار چۇقۇم ئوڭشىلىپ كىتىدۇ ، مەن بېرىپ ئايگۈزەلگە تاماق ئىتىپ بىرەي .
      ئۆيگە كەلسەم ئۇ باركەن .ئادەتتە چۈشتىن بۇرۇن  ئىشلىگەنلىرىدە مۇنداق بۇرۇن ئۆيگە قايتمايتتى .
    ــ بۈگۈن ئىشتىن ئەجەپ بۇرۇن چۈشۈپسەنغۇ ؟
    ــ ئەمدى ئىشلىمەيدىغان بۇلۇپلا كەلدىم ،ئىمتاھانغىمۇ ئاز قالدى...
      ئۇنىڭ ئىمتاھاننى تىلغا ئېلىشى ئېنىقلا بىر باھانە ئىدى ، «بىلىمەن ئاي ، مىنىڭمۇ سەندەك ۋاقىتلىرىم بۇلۇپ باققان ، بۇنداق ۋاقىتلاردا كىشىگە ھىچنىمە خۇش ياقمايدىغان گەپ ، ئادەمنى جىسمانى ھاردۇق ئەمەس ، روھى ھاردۇق كاردىن چىقىرىدۇ ، بىلىمەن ، بىر ھەپتىدىن بىرى ساڭا تەسەللى بىرىپلا كەلدىم ، ئۈزۈڭمۇ ئۇنى چۇقۇم ئاچچىقىدىن يېنىپ قالىدۇ دەپلا ئويلىدىڭ ، شۇڭا بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزەلىدىڭ...خۇدايىم شۇنداق بۇلىشىنى نىسىپ قىلغاي ئىلاھىم...مەن كۆرگەن كۈنلەر سىنىڭ بېشىڭغا كىلىپ قالمىسۇن...سەندەك ياخشى قىزلار ھەقىقى بەختكە ئىرىشىشى كېرەك...»
      سىرت سوغۇق ئىدى ، توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇر تۆۋەن كەيپىياتىمىزنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىۋەتتى...چۇشتە ئايگۈزەلگە پولو ئىتىپ بەردىم ، لىكىن پەقەت تۈزۈك يىمىدى ، بىر گەپ قىلساملا يىغلاپ تاشلايدىغاندەك تۇرقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ئاپپاق توغۇرلۇق گەپ قىلالمىدىم .
      چۈشتىن كىيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە بىرلا كىرىپ كىتىپ چىقمىدى ، مەنمۇ ئۇنىڭغا دەخلى قىلىشنى خالىمىدىم . ئولتۇرسام ئىلھام تىلفۇن قىپتۇ :
    ــ ھازىر مەن ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدىلا ، تىز چىقە ، بۇ يەرگە ماشىنا توختاتسا بولمايدىكەن .
    ئۇ ئۇنداق دەۋاتسا ئارتۇق باھانە-سەۋەپنىڭ ئورنى يوق ئىدى ، كىيىملىرى ئىتتىك-ئىتتىك كىيىپلا ئۇنىڭ يېنىغا چۈشتۈم .
    ــ نىمە ئىش بولدى ، جىددىيلەشتۇرۇپ ئادەمنى ؟
    ــ تىز چىقە !
      ماشىنىغا چىقىپ بولغاندىن كىيىنمۇ ئۇ نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بەرمىدى ،
    ــ دەپ بىرىڭە ...ئادەم جىلە بۇلۇپ قالغاندا تېخىمۇ جىلە قىلماي ئادەمنى!
    -نىمىگە جىلە بۇلۇپ قالغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرسىڭىزكەن ئاۋال .
    ــ ئاۋال سىز ئېيتىپ بىرىڭ .
    ــ ماقۇل ، قاراڭ گۈزەلئاي نىمىشقىكىن يامغۇرنى بەك ياخشى كۆرىمەن . يامغۇردا  ئايلىنىشنى ، كۆڭلۈمدىكى ئادىمىم بىلەن سەيلە قىلىشنى ، يۈزلىرىمگە چۈشكەن سوغۇق يامغۇر تامچىلىرىنى ياخشى كۆرىمەن .ئىمكانىيەت يار بەرسە يالاڭئاياق يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۇلىرىغا كىچىپ ئوينىسام ، يامغۇرلۇق يوللاردا ھارغۇچە يۈگۈرسەم دەيمەن...شۇڭا گەرچە بۈگۈنكى يامغۇر كەچكۈز يامغۇرى بولسىمۇ يەنىلا سىز بىلەن بىرگە تاماششا قىلغۇم كەلدى... ئەمدى دەڭە  ، سىزگە نىمە ئىش بولدى ؟
    ــ ئايگۈزەلنىڭ تازا مىجەزى يوق ، يا سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەيلى دىسەم ئۇنىمايدۇ ، يا تۈزۈك تاماق يىگىلى ئۇنىمايدۇ ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا قالدىم .
    ــ يەنە ئالدىنقى قېتىمقى ئىش ئۈچۈنمۇ ؟
    ــ ھەئە ...
    ــ ھەممە ئىشلار ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ ، مۇشۇ قىزلار بىر ئىشلارغا سەل بىپەرۋاراق بولساڭلار دەيمەن ، كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ ئىچىڭلارنى پۇشۇرۇپ يىغلاپ يۈرۈيسىلەر  ، غەيرەت قىلاي دىمەيسىلەر . ئۇمۇ ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ. ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كىتىدۇ .
      ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماي ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇردۇم . خېلى ماڭغاندىن كىيىن ئاجايىپ چىرايلىق بىر يولغا چىقتۇق ، ئىككى تەرىپى بۈككىدە دەرەخلىك ئىكەن ،كۈزنىڭ خاسىيىتىن ئاجايىپ چىرايلىق تۈسكە كىرگەن ، خۇددى كىنولاردىكىدەك بۇ مەنزىرىگە قاراپ  بەكلا خوشال بولدۇم...
      ماشىنىدىن چۈشتۇق ، ئاياقلىرىمىزنى سېلىپ ماشىنىغا تاشلاپ قۇيۇپ يامغۇرلۇق يولدا سۇغا كىچىپ ئوينىدۇق ، خۇددى كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدىكىدەك...كۈلكە دىگەن مۇشۇنداق بولسا ھە ! دوستلۇق دىگەندەكمۇ مۇشۇنداق بولسا ، مىننەتسىز ، مىھنەتسىز بولسا ، پاك بولسا پاكىز بولسا ...
      يولنىڭ بويىدا بىر-بىرىمىزگە ياندىشىپ ئولتۇرىمىز ، بېشىمنى قاچان ئىلھامنىڭ مۈرىسىگە قۇيىۋالغىنىم ئىسىمدە يوق ، خىيالىمدا چۈش كۆرىۋاتىمەن ...ئاجايىپ تاتلىق ، تاتلىق چۈش ...چۈشلىرىدە تانسا كېچىلىكىگە بارغان كۈلقىزنىڭ چۈشىدەك ...سەرەڭگە ساتقۇچى قىزنىڭ بىر تال سەرەڭگىنى ياندۇرغىچە قىلغان شۇنچە كۆپ شۇنچە تاتلىق خىياللىرىدەك ...چۈشلىرىمدىن ، خىياللىرىمدىن ئويغىنىپ كىتىشنى خالىمايتتىم .بىراق ئىلھام گەپ قىلىپ خىيالىمنى بۇزىۋەتتى :
    ــ گۈزەل ، ساڭا دەيدىغان بەزى گەپلىرىم باتتى ...
      كۆزلىرىم ئاچماي تۇرۇپ ئازراق مىدىرلاپ قويدۇم ، بۇ قۇلىقىم سزدە دىگىنىم ئىدى :
    ــ ئەمىسە گىپىمنى قىلىۋىرەي ، سەن ماڭا قانداق قارايسەن بىلمەيمەن ...بىز راسمىي تۇنۇشقىلى پەقەت بىر ئايدىن ئاشتى ، لىكىن سىنىڭ گەپلىرىڭنى ئۇكامدىن ئاڭلاپ كەلگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولدى ، ئۇكامدىن گىپىڭنى ئاڭلىغان شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ساڭا غايىبانە ئامراق بۇلۇپ قالغانمەن ، لىكىن ھازىر قىزلار ، جەمىيەت دىگەندەكلەرگە پەقەت ئىشەنگىلى بولمايدىغان بۇلۇپ كەتتى ، ئۈزۈڭمۇ بىلىسەن ، بۇ دىگىنىم ساڭا ئىشەنمەيمەن دىگىنىم ئەمەس...توغرا چۇشەنگىن...شۇڭا ئۇ ۋاقىتلاردا سەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئانچە ئالدىراپ كەتمىدىم ، ئەمما ئۇكامدىن ھەممىنى ئىگەللەپ تۇردۇم ، سەن بىلەن كۈرۈشمەي تۇرۇپلا سەندەك بىر قىزنىڭ بىر ئۆمۈز يېنىمدا بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىشقا باشلىغانمەن...كىيىن كۈرۈشتۇق ، ئارزۇيۇم تېخىمۇ كۈچەيدى ، لىكىن بىلىمەن ، ساڭا بەرگەن ۋاقىت بەك ئاز بۇلۇپ قالدى ،..شۇڭا قانداق ئويلايدىغانلىقىڭنى بىلىپ باققۇم بار گۈزەل ؟
      ئۇنىڭغا ئاچچىقىم كەلدى ، شۇنچە تاتلىق خىياللانى سۈرۈۋاتاتتىم ، چۇشلەرنى كۆرىۋاتاتتىم ، خىياللىرىمدا ، چۈشلىرىمدە ھىچكىم مېنى بوزەك قىلالمايتتى ، مەسخىرىلىك چىرايلار ، شەھۋەت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇرغان كۆزلەر يوق ئىدى . «مۇھەببەت» دىگەن چىرايلىق توننى يېپىۋالىدىغان ئوغۇللار ، بايلىققا ، رەڭگارەك چىراقلارغا ئۆزىنى ئاتقان ، بىر كېچىلىك ئويۇن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كېچىسى بىلەن كارى بولمايدىغان قىزلار يوق ئىدى ...
    ــ ھىچقانداق ئويلىمىدىم ، سىز بىلەن مەڭگۈ مۇشۇنداق دوست بۇلۇپ ئۆتكۈم بار ،ــ دىيەلىدىم ئارانلا .
    ــ ئويلاپ باقسام مەن توغۇرلۇق پەقەت ئۇكامنىڭ ئاغزىدىن مەدھىيلەش سۆزلىرىنىلا ئاڭلاپ كەپسەن ، بەلكىم سىنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش كەلگۈسىدە سەن بىلەن بىرگە ئۆتىدىغان ئاشۇ يىگىتكە قۇيىدىغان ياكى كۈتىدىغان تەلەپلىرىڭ باردۇ ، دىگىنە ، مەن ئاڭلاپ باقاي ، سىنىڭ يىگىتلەردىن كۈتىدىغان تەلىۋىڭنى ئاڭلاپ باقاي !
    ــ مىنىڭ ھىچقانداق ئارتۇق تەلىۋىم يوق ، سىزگە دىسەم  ئايگۈزەل بىلەن بىرگە تۇرغىلى توت ئاي بوپتۇ ، لىكىن تۆت يىل بىرگە تۇرغاندەك بىلىنىدۇ ، نىمىشقا دىسىڭىز ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەنلىرىم ، ھىس قىلغانلىرىم ، يۈتۈرۈپ قويغانلىرىمنى تېپىۋالغانلىرىم بەك كۆپ ،،،ساناپ بىرىپ بۇلالمايمەن ...ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىرەر يىگىتنىڭ ئۆمۈرلۈك جۇپتى بۇلىمەن دىگەنلەرنى ئويلاپ باقمىدىممۇ ياكى ئويلاپ باققان بولساممۇ تازا ئىسىمدە يوقمىكىن تاڭ !ئىشقىلىپ يىگىتلەردىن نىمىلەرنى كۈتىمەن دىگەننى ئانچە ئويلىشىپ باقمىغانىدىم ، مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ تەسىرىدىنمىكىن مەنمۇ خۇددى ئايگۈزەلنىڭ ئاپاق يارىدەك ئىمان-ئىتىقادلىق ، خۇتۇننى قانداق باشقۇرۇشنى بىلىدىغان ، ھەقىقى ئەركەكتەك يىگىتلەرنى تاپسام دەيدىغان بۇلۇپ قالدىم ، نىمىشقا بۇنداق ئويلاپ قالغىنىمنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن .
    ــ قىزلار ئەسلىدىنلا بىزنىڭ باشقۇرىشىمىزغا مۇھتاج ، لىكىن بۇنى سىلەر ئەركىنلىكىمىزگە ئارىلىشىۋالغانلىق دەپ چۈشىنىسىلەر ، ئەمەلىيەتتە بۇلار ئەركىنلىككە ئارىلاشقانلىق ئەمەس ، سىلەرگە مەسئۇل بولغانلىق ، كۆڭۈل بۆلگەنلىك ، سىلەرنى ھەم ئۆزىمىزنى گۇناھلىق ئىشلاردىن توسۇغانلىق .
    ــ ھەئە ، بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا شۇنداق ئويلايتتىم ، لىكىن جەمىيەت ماڭا سىنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خاتا دىدى ، مەنمۇ باشقىلار ماڭغان يولدا مېڭىپ باقتىم ، ئەمدى قارىسام يەنىلا بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدىكى ئىدىيەم توپتوغرا ئىكەن .
    ــ گۈزەل ، بىزمۇ ئاتا-ئانا بۇلىمىز ھە...! ئويلىسام ئەجەپ بۇلۇپ قالىمەن ، تېخى ئۆتكەندىلا كىچىك بالىلار ئىدۇق ئويناپ يۈرگەن ، مانا ئەمدى تۇرمۇشلۇق بۇلۇشنى ، ئاتا-ئانا بۇلۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز .
    ــ نىمە دىسەم بۇلا ئىلھام ، ھازىر مەنمۇ كۆپ خىيال سۈرىدىغان بۇلۇپ قالدىم ، ئاخمىقانە ، شىرىن خىياللار ، ئاڭلاشنى خالامسىز ؟
    ــ بەك خالايمەن گۈزەل !
    ــ قاراڭ ، زاڭلىق قىلماڭ ئەمىسە ھە ! مىنىڭمۇ توي قىلىدىغان كۈنۈم بۇلارمۇ دىگەنلەرنى ئويلايمەن ، ئەگەر راستلا مەنمۇ باشقا قىزلاردەك ئاشۇنداق ئۇلۇغ شەرەپكە مۇيەسسەر بولالىسام ، ئاشۇ كۈنى چۇقۇم ئەتلەستىن كۆينەك كەيگەن ، چاچلىرىمنى ئۇششاق ئۆرۈپ ، يۈزۈمگە نىپىز رومال ئاتقان ، تۇيۇمدا ھاراق دىگەندەك ھارام نەرسىلەرنى يوللاتماي ، ھەقىقى ئۇيغۇرنىڭ تۇيىدەك توي قىلسام دەيمەن .
    ــ ئاندىنچۇ ؟
    ــ ئاندىن ، ئاندىن راستىنى دىسەم  يەنە قاچاندىن بىرى شۇنداق ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم بىلمەيمەن ، ئىشقىلىپ خىزمەت قىلغۇم يوق ، مەنمۇ ئايگۈزەلدەك ناماز ئوقۇسام ئۈزۈمنىڭ گۇناھلىرىغا توۋبە قىلغاچ يولدىشىمنىڭ ، بالىلىرىمنىڭ بەختىگە ، ئىنسابىغا ئاتاپ دۇئا قىلسام دىگەنلەرنى ئويلايمەن .
    ــ گۈزەل !
    ــ ھە !
      ئىلھام بىلەن ئۇزاقتىن ئۇزاق قارىشىپ تۇرۇپ كەتتۇق ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن رازىمەنلىك ، ھاياجانلىق ،خوشاللىق  چىقىپ تۇراتتى ، قوللىرى قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇۋالغان ئىدى ، خىجىل بۇلۇپ كۆزلىرىمنى ئېلىپ قېچىپ  يالاڭئاياق ، يامغۇر سۇلىرىدا ھۆل ھەم شالتاق بۇلۇپ كەتكەن پۇتلىرىمغا قاراپ ئولتۇرىۋالدىم .
    ــ گۈزەل !
    ــ ھە !
    ــ ماڭا قارىغىنە ، ساڭا گەپ قىلاي ،  ھە مۇنداق ، سىنىڭ ئاشۇ خىياللىرىڭنى ئىككىمىز  بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى بۇلامدۇ ؟! ماڭا ئىشىنەمسەن ؟
      يەنە گەپ قىلالمىدىم ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى ۋە ئۆتمۈشۈمنى ئىتراپ قىلغۇدەك جۇرئىتىم يوق ئىدى .
    ــ قارا گۈزەل،ــ دەپ يەنە گەپ باشلىدى ئۇ ،ــ ساڭا <مەن مۇشۇ كەمگىچە بىرەرسى بىلەن يۈرۈپ باقمىغان >دىسەم ئىشىنەمسەن ؟ راستىنى دىسەم بۇرۇن بىرىنى يۇشۇرۇن تۆت يىل ياخشى كۆرگەن ، لىكىن مىنىڭمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق ئارزۇلىرىم باتتى ، ئاشۇ ئارزۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتە بەش يىل ھىچقايسى قىزغا قارىماي ئۆتۈپ كەتتىم ، كۆردۈڭ ، ھىچكىمدىن قېلىشقۇدەك يېرىمىز يوق ، مىنىڭمۇ ئوينىغۇم كىلىپ باققان ، جۈپ-جۈپ بۇلۇپ يۈرگەنلەرگە قاراپ مىنىڭمۇ جۈپ بولغۇم كىلىپ باققان ، لىكىن ئارزۇيۇم مەندىن بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلاتتى ، شۇنداق قىلىپ ئارزۇ ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كەچتىم ، بىراق بىر قېتىم ئازغىلىمۇ تاس قالغان ، خېلى يېقىن ئۈتىدىغان بىر قىز بەكلا بېشىمنى ئاغىرتىپ قويدى ، ئادەتتىغۇ قىزلارنىڭ ئۇنداق كۆڭۈللىرىگە ئىتىبار قىلىپ كەتمەيتتىم ، لىكىن ئۇ قىز باشقىلارغا ئوخشىمايتتى ، ھەم چىرايلىق ھەم ئەقىللىق قىز ئىدى ، خاراكتىرى كۈچلۈك ئىدى ، ئۇنداق قىزلارنىڭ كۆڭلى ئازار يەپ قالسا ئۆزىنى تۇتۇۋالمىغى ئاسان ئەمەس  ، ئاسانلا ھىسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلىپ  قىلىپ سالىدۇ .شۇڭا شۇ قىز سەۋەپلىك تاس قالدىم يۇرۇپ سالغىلى ، لىكىن كىيىن ئويلىسام ياخشى بولمىغۇدەك . مۇھەببەتبى ھىسداشلىقنىڭ ئۈستىگە قۇرغۇم كەلمىدى ، ئۇ قىزغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلدىم لىكىن ، كىيىن تېخىمۇ ياخشى دوست بۇلۇپ كەتتۇق . ئۇمۇ ماڭا مەدەت بىرىپ تۇردى ، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىشلار جايىدا ھەل بولدى ، ئۇ قىز بىلەن ھازىرمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتىمىز ، ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىمۇ بار ھازىر...
    ــ كىيىنچۇ ؟ ئىگىلىك تىكلەش توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرەمسىز ؟
    ــ كىيىن يەنە شۇ ئارزۇنىڭ ھەلەكچىلىكىدە چېپىپ يۇردۇم ،ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى جاپالارنى ، تارتقان كۈنلىرىمنى كىيىن دەپ بىرەي ، ئىشەنسەڭ ئۆزۈمگە تايىنىمەن دىگەن نىيتىم بولغاچقا بەك قىينالدىم ، ھەتتا بىرەر ۋاق تاماق يىگۈدەك ۋاقىت چىقماي مانا ھازىرقى ئاشقازىنىم ئاغرىيدىغان كېسەل ئەنە شۇ تىرىشچانلىقنىڭ ماڭا بەرگەب سوۋغىتى...
      ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ دىمىم تېخىمۇ ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى ، ئاھ خۇداھ ، نىمىشقىمۇ ئاشۇنداق مەسئۇلىيەتچان ، ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلىدىغان بالىغا بۇرۇنراق ئۇچراتمىغانسەن ؟ ئەگەر ئەتراپىمىزدىكى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ، مەسئۇلىيىتىنى مانا ئىلھامدەك ، ئۇكام ئېرشاتتەك ، ئايگۈزەلنىڭ ئاپپاق يارىدەك چۈشەنگەن بولسىچۇ ھە ؟!  بەلكىم مەندەك قىزلاردىن نەچچە ئونى ئازلىغان بۇلار ئىدى ...
      كەچتە قايتىپ كەلسەم ئايگۈزەل ئۇخلاپ بوپتۇ ، ھېلىمۇ بىچارە تۈزۈكرەك ئۇخلاپ باقمىغىلى نەچچە كۈن بۇلۇپ كەتتى ، قارىسام قۇلىدا تىلفۇن بار ئىكەن ...ئاستا تىلفۇننى ئېلىۋېتىپ مەنمۇ يوتقاننڭ ئىچىگە كىردىم ، ئايگۈزەلنىڭ پىشانىسىگە يىنىك بىرنى سۆيۈپ قۇيۇپ ئۇنىڭ يېنىدا جىمغىنە ياتقىنىمچە بۈگۈنكى تاتلىق خىياللارنىڭ ئاخىرىنى سۈرۈشكە باشلىدىم... ...