•      سىرتتا شارقىراپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى. قاڭقى مەمەت تامچە ئۆتۈپ تۇرغىلى بولماس بولۇپ كەتكەن ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا شۈمشىيىپ ئۇخلاۋاتاتتى. يامغۇر تامچىلىرىنىڭ داسقا، قاچىغا تېمىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھۆرى موماي بىر بۇلۇڭدا چەكچەيگىنىچە تىترەپ ئولتۇراتتى. يامغۇرنى تىللاپ غۇتۇلدىغان چاغدا يۈزىدىكى قورۇقلار تەڭ مىدىرلايتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرمايلا ھاسىسىنى ئۇزىتىپ نەۋرىسى قاڭقى مەمەتنى تۈرتتى. قاڭقى قوپمىدى. موماي قاڭقىنىڭ بېشىغا بىر سېلىۋىدى، قاڭقى ئىتتىك ئورنىدىن تۇردى.
          - ھەي تاز، قاچانغىچە ئۇخلايسەن، قوغۇنلار يېرىلىپ تۈگەيدىغان بولدى.

  • ئىپپەتئاينىڭ گۈزەللىكى ،ئىپپەتلىكلىكى يۇرت-يۇتلارغا تاراپ كېتىپتۇ.بۇ شەھەردىن خېلىلا يىراق بىر تاغ بولۇپ ،تاغدا بىر توپ قاراقچى ياشايدىكەن.قاراقچىلارنىڭ "سەمەر"ئاتلىق بىر ئاتامانى بولۇپ ،ئۇ ئىپپەتئاينىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئاشىق-بىقارار بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىپپەتئاينىڭ پېيىگە چۈشۈپتۇ.
    بىر كۈنى ئىپپەتئاي بازارغا سودىلىققا چىققاندا،قاراقچى سەمەرنىڭ ئادەملىرى ئىپپەتئاينى بۇلاپ قېچىپتۇ.ئىپپەتخان بىلەن يولدىشى قىزىدىن ئايرىلىپ قالغىنىدىن ھەسرەت چىكىپ ،تولا يىغلاپ ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ،لېكىن ئامال قىلالماپتۇ. ئىپپەتئاي قانچە قىلسىمۇ قاراقچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالماپتۇ.سەمەر ئىپپاتئايغا زورلۇق قىلماقچى بولۇپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ. بۇ چاغدا ئىپپەتئاي يېنىدىكى خەنجەرنى شارتتىدە چىقىرىپ ،مەردانە ھالدا سەمەرگە دەپتۇ:
    -سەندىن ئۆتىنەي.جېنىمنى ئالساڭ ئال !بىراق،مېنى بۇلغىما...بۇ جايغا پاك كەلدىم،ئۆلسەم مەيلىكىن،ناپاك ھالدا كېتىشكە رازى ئەمەسمەن.ئۆلسەم كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ.ماڭا زورلۇق قىلىپ ئىپپىتىمنى بۇلغۇساڭ ،ئالدىڭدىلا ئۆلۈپ بېرىمەن.ئىپپەتئاينىڭ مەردانە سۆزلىرىدىن سەمەر سەل پەس كويغا چۈشۈپتۇ.سەمەر قاراقچى بولغان خېلى كۆپنى كۆرگەن كىشى بولغاچقا ئىپپەتئايغا سەل ھۆرمىتى قوزغىلىپتۇ.سەمەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ:
    -ئەي قىز ،بۇنداق مەردانە سۆزلىرىڭگە ،جۈرئەتلىكىڭگە نېمە سەۋەب بولدى؟-دەپ سوراپتۇ.ئىپپەتئاي ئانىسى ئىپپەتخاننىڭ سۆزلىرىنى ۋە كۆرگەنلىرىنى بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بېرىپتۇ.سەمەر ئىپپەتخانغا قايىل بوپتۇ ۋە ئىپپەتئايغا:

  • چۈشۈمدە يىگىرمە قەۋەتلىك بىنادىن چۈشۈپ كېتىپتىمەن، بۇ چاغدا ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز ئىدىم، ئايالىم خوتۇنلار بىلەن چاي ئوينىغىلى كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا بىرەر ۋەسىيەت قالدۇرۇشۇم كېرەك ئىدى، بىراق شۇ تاپتا ئۇ قانىتى بولسىمۇ يېنىمغا ئۈلگۈرۈپ كېلىپ بولالمايتتى.
    مەن جىددىي ئويلاندىم ۋە بىردىنلا ئون توققۇزىنچى قەۋەتتىكى قوشنىلارنىڭ دېرىزىسىنى چېكىپ، ماڭا قەغەز – قەلەم تاشلاپ بېرىشنى ئېيتماقچى بولدۇم.

    -ساۋۇتكا، ھاي ساۋۇتكا! – دەپ توۋلىدىم مەن. ساۋۇتكام دېرىزە تەرەپكە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرغانىكەن، دېرىزىسىنى شۇنچە ئۇرۇپ توۋلىغىنىمنى ئاڭلىمىدىمۇ ياكى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىۋالدىمۇ، مەن تەرەپكە قاراپمۇ قويمىدى. ‹‹مەندىن تېخىچىلا رەنجىپ يۈرگەنمىدۇ؟›› دەپ ئويلىدىم مەن. ئۆتكەندە ئىدارىدىكىلەر ئۆيىڭىزنى مۇبارەكلەيمىز، دەپ كېلىپ بىر كېچە ئولتۇرۇش قىلغانىدى، مەن ‹‹رېستورانغا بارايلى››، دېسەم، ئۇلار ‹‹ئۆيىڭىزنى كۆرمىسەك زادى بولمايدۇ، ئۆيىڭىزدە ئولتۇرىمىز››، دەپ تۇرۇۋېلىشتى. نېمە ئامال، ئولتۇرۇش بولغاندىكىن قىقاس – چۇقان، گۈلدۈر – تاراق بولىدىغان گەپكەن، سائەت ئون ئىككىلەر بولغاندا ساۋۇتكام چىقىپ:
    ئادەمنى ئارام ئالغىلى قويامسىلەر – يوق؟، يېرىم كېچە بولاي دېدى، قوشنىلارنىمۇ ئويلاپ قويۇڭلار...


  • قۇربان ھېيت مەزگىلى ئىدى. يۇرتۇمغا تۇغقان يوقلاشقا كەلدىم. گەرچە خىزمەتكە چىققىنىمغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، يۇرتداشلارنىڭ نەزىرىدە ۋىلايەتتە ئىشلەيدىغان يوغان كادىر ھېسابلىناتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنىڭ باشقىچە ھۆرمىتىمنى قىلىپ، ئۆي - ئۆيلەرگە چاقىرىشتى. بىر تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىدىكى پەتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىشىمدا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز ئېزىز مۇئەللىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
    ئېزىز مۇئەللىم مۇشۇ مەكتەپتىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئوقۇتقۇچى ئىدى. مەكتەپ پائالىيەتلىرىنىڭ قاندىقى بولسۇن، مەيلى تەنتەربىيە دەمسىز ياكى سەنئەت، ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈشلەر بولمىسۇن ھەممىسىدە ئېزىز مۇئەللىمنىڭ پۇختا، ئەمما ئالدىراش بېسىلغان قەدەم ئىزلىرى چاقناپ تۇراتتى. «ئېزىز مۇئەللىمدىن سوراپ باقايلى ئەمىسە»، «ئېزىز مۇئەللىمنىڭ يۈزىنى قىلىپ...» دېگەندەك سۆزلەر ئوقۇتقۇچى، ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيتتى. دېمىسىمۇ، ئۇ مەكتەپنىڭ باشلامچىسى ۋە تەشكىلاتچىسى ئىدى. ھەممە ئۇنى ھۆرمەت قىلاتتى. بىر كۈنى ئېزىز مۇئەللىم زۇكامداپ قالدى. ئۆزىغۇ خىزمەتتىن قالغىنى يوق، پەقەت گىمناستىكىدا پۇشتەك چېلىۋېتىپ چۈشكۈرۈپ سالدى. بۇ ئىش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ غۇلغۇلا ۋە بەس - مۇنازىرە قوزغىدى. «ئەگەر ئېزىز مۇئەللىم ئاغرىپ يېتىپ قالسىزە، ئىشنىڭ ئوخشىغىنى شۇ» دەيتتى بالىلار.
    بالىلىق دېگەن قىزىق بولىدىكەن. بەزىدە «چۈمۈلىنىڭ نەچچە پۇتى بار» دېگەندەك تايىنى يوق گەپلەر ئۈچۈن تالىشىپ - ئۇرۇشۇپ كېتىدىغان گەپكەن. بىر كۈنى مەكتەپ يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئاچماقچى بولدى. مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياسالغان كېسەك سۇپا بايراق، لوزۇنكا ۋە شىرەلەر بىلەن زىننەتلەندى.
    يوغان دۇمباق گۈمبۈرلەپ مەكتەپ بايرام كەيپىياتىغا چۆمۈلدى. بىز يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن سىنىپلار بويىچە قاتار بولۇپ مەيداننى ئايلىنىشقا باشلىدۇق.

     

  • ھېكىماخۇن چاڭ چىقىرىۋەتكۈدەك،  دېدى مىرغىياز ھېكىماخۇن ھەققىدە پاراڭ باشلاپ.

       — قانداق چاڭ چىقارغۇدەك؟ – سورىدىم مەن.

        —يېزىقچىلىقتا،  دېدى مىرغىياز.  ئۇ توپلام چىقارماقچىكەن. تۈنۈگۈن مېنى ئىزدەپ كەپتۇ، بېشىدىكى ماكچىيىپ قالغان شەپكىسىنى تاشلىۋېتىپ، تاقىر بېشىنى غادايتىپ مېڭىشىدىن قارىغاندا راستىنلا غەيرەتكە كەلگەندەك قىلىدۇ.

       —شۇنداقمۇ؟ – مەن ھەيران بولۇپ سورىدىم.

       — ئەلۋەتتە، مانا بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ھېكايىسى، مۇشۇنداق ھېكايىدىن يۈزنى يازسام توپلام بولارمۇ؟ دەپ مەندىن سوراۋاتىدۇ. ئاۋۋال مۇھەررىر ئاغىنەم كۆرۈپ باقسۇن دېدىم. ھېكايىسىغۇ ماڭا يارىدى، بىراق ئەمەلىيەتتىن سەل چەتنەپ كەتكەندەك قىلامدۇ، نېمە، كۆرۈپ باقامسىز؟

  • ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻧﻨﺎ ﻣﺎﺭﯨﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻮﻳﯩﺰﺩﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﻡ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﮬﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯧﯟﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺑﯚﻟﯜﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﻛﺎﺭﯞﯨﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﻩﻙ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎﭼﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ، ﭘﺎﮬ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻛﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﭽﻪ ،،ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﭽﻪ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭘﻮﻳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭ ﻛﺎﺭﯞﯨﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﯘ ﻳﺎﻥ_ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﻳﺎﺗﻘﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻤﯘ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺋﺎﺷﯘ ﻗﯩﺰ ﻛﯩﺮﯞﺍﻟﺪﻯ، ﺋﯘ ﻗﺎﺭﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻤﯩﻜﯩﻦ؟ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﯜﺭﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﺎﻕ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﯧﭻ ﺑﯩﺮﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺟﯘﻣﯘ. ﻗﺎﻳﺴﯩﺒﯩﺮ ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻱ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﭘﯘﻟﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﺎﭼﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺘﯘﻕ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﺘﯩﻦ ﺗﻮﻳﯘﻧﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﯩﻖ، ﺋﯚﺯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺯﯨﺮﯨﻜﯩﭗ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﺪﯗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﭖ_ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

  • بوۋا مۆھتەرەم بوۋا، سەن ئېيتىپ بەرگەن چۆچەك رىۋايەتلەر نەقەدەر ئاجايىپ غارايىپ ۋە قىزىقارلىق ئىدى ھە؟ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگە يىتىپ بارالايدىغان ئۇچار گىلەم، ئۇچار دۇلدۇللار، خاسىيەتلىك جاھاننامە ئەينەكلەر، «ئېچىلىڭ داستىخېنىم» دەپ بولغۇچە تۈرلۈك تۈمەن نازۇ – نېمەتلەرگە تولۇپ تۇرىدىغان خىسلەتلىك داستىخانلار، بەتنىيەتلەرنى چاڭگالدا قويىدىغان سىرلىق توقماقلار. . . . . ، بوۋام بىر كەچقۇرۇنلۇقى ماڭا مۇنداق بىر چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئىدىڭ.
    ئىشقى سەۋدايىغا مۇپتىلا بولغان ئارزۇلۇق شاھزادە ۋىسال يولىغا راۋان بوپتۇ. گىياھ ئۈنمەس چۆل، قۇش قونماس تاغلاردىن ئۆتۈپتۇ. قاراقچىلارغا ئۇچراپ ئەسلى ۋەسلىدىن ئايرىلىپتۇ، ئاخىرى بىگانە بىر مەملىكەتنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئەتراپىدا ئوتۇنچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئادەم گۆشىدە مانتا ئېتىپ ساتىدىغان مانتىپەزنىڭ قاپقىنىغا دەسسەپ ئۇنىڭ يوشۇرۇن زىندانىغا چۈشۈپ قاپتۇ. قارىسا نەچچە ئونلىغان شور پېشانە يىگىتلەر ئىڭراپ ياتقۇدەك. ئايپالتىلىق بەتھەيۋەت جاللاتلار كىرگەن ھامان «مەن ئورۇق ئۇ سېمىز، مەن ئورۇق ئۇ سېمىز»، - دەپ بىر - بىرنى ئىتتىرۋاتقۇدەك، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئورۇقىمۇ، سىمىزىمۇ تۈگەپ كېتىۋاتقۇدەك. . .

  • ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺸﺮﻩﺕ ﺑﻪﺯﻣﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ،ﺋﻪﻱ ﺩﯗﻧﻴﺎ، ﻛﻪﻝ،ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﭽﯩﺸﻪﻳﻠﻰ!ﻛﻮﺗﯘﺭﻩﻟﯩﺴﻪﯓ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﭻ،ﻳﯧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ<ﺋﯩﻠﻰ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﻩﻙ>ﻧﻰ ﺋﯩﭻ،ﻳﯧﻠﯩﯖﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ،<ﺷﯩﻴﺎﮔﺎﯓ ﺩﺍﭼﯜﻱ>ﻧﻰ ﺋﯩﭻ.ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﺍﻱ،ﻗﻮﯞﺯﯨﯖﻨﻰ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﭖ-ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯩﭻ.ﻳﯘﺭﯨﻜﯩﻢ ﭼﯩﻼﺷﺴﯘﻥ ﺩﯦﺴﻪﯓ،ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭻ،ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻼﭖ ﺋﯩﭻ!ﮬﻪ،ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻠﭙﻪﺕ ﺑﻮﻻﻻﻳﺴﻪﻥ،ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ <ﺋﻪﻛﻪﻝ ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ>ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ،ﺑﯩﺰ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ.ﻣﻪﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﻣﺴﻪﻥ،ﻗﻮﺭﻗﻤﺎ،ﻣﯘﺯﺩﻩﻙ ﭘﯩﯟﺍ ﺋﯩﭽﯩﻤﯩﺰ،ﻛﻪﻳﭙﯩﯖﻤﯘ ﻛﻮﭘﯘﻛﺘﻪﻙ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﻪﻳﯩﭙﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻝ،ﻣﻪﻥ ﻛﻪﻳﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻠﻰ.ﻣﯘﺳﻠﻠﻪﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ،ﻣﻪﻳﺰﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ،ﭘﺎﺗﻨﯧﺖ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺭﻭﮬﯩﻤﯩﺰ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺧﻮﺭﺍﺯﻧﯩﯔ ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﺪﻩﻙ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﮬﻮﺳﯩﻦ ﺗﯘﺯﻩﺵ ﺩﯗﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻻﯕﭙﺎﭼﺎﻕ ﺗﻪﺗﻪﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﯞ ﺳﯘﺭﯨﺨﯩﺪﻩﻙ،....،ﮬﺎ ﮬﺎ،ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﻮﺭ ﻣﻪﺳﺘﻠﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ!ﻣﯧﯖﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯔ ﻏﺎﻟﺪﺍﯓ-ﻏﯘﻟﺪﯗﯓ،ﻳﯧﺘﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯔ ﺋﯩﺮﻣﺎﺵ-ﭼﯩﺮﻣﺎﺵ،ﺋﺎﯕﻼﺷﻠﯩﺮﯨﯔ <ﺋﻪﻱ...ﻳﺎ>،<ﺋﺎﮬ...ﯞﺍﮬ>،.....ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻗﻮﭘﺴﺎﯓ،ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﻠﯩﺮﯨﯔ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺋﻮﺭﯗﻟﮕﻪﻥ،ﺧﻮﻗﺎﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﺎﭘﯩﻘﻰ ﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ،<ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ>ﯩﯖﻨﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺋﻮﻳﮕﻪ ﻳﯘﮔﯜﺭﮔﻪﻥ.......

  • راستىمنى ئېيتسام ، ئېرىم بىلەن ئۆي تۇتۇۋاتقان شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئىشنى يۇشۇرماي ، ئىككى بالام ۋە كىچىككىنە ئائىلەم ئۈچۈن ئاياللىق ، ئانىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمەن . ئېرىمنىڭ ئازغىنە مۇئاشى بىلەن ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىش ۋە باللىرىمىزنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشتىن باشقا قۇلىمىزدا قالدىغىنى چاغلىقلا بىر نەرسە .
     بىر ئائىلىنىڭ ئايال خوجايىنى دەپ ئاتالغىنىم بىلەن بازار- ئۇچارلارغا ، توي- تۈكۈنلەرگە كىيىپ بارغۇدەك كىيمىمنىڭمۇ تاينى يوق .
    بىچارە بۇلۇپ سولتىيىپ تۇرغان قۇلاق ،  بۇيۇن ، قول بارماقلىرىمدا باشقا قېز -ئاياللارنىكىدەك نەپىس زىننەت بۇيۇملىرىممۇ يوق .  ئەمما تۇرمۇشۇم ئىنتايىن خاتىرجەم شۇغىنىسى ، ئۆز ۋاقتىدا مېنى قوغلۇشۇپ يۈرۈپ دېگۈدەك ئارلىشىپ ئۈتىدىغان دوسلىرىمنىڭ پالانچى خوجايىن ، پوستانچى ھاجىملار بىلەن توي قىلىپ ، بۇيۇن قۇلاقلىرىغا قوش - قوشلاپ زىببۇ زىننەتلەرنى ئېسىپ داڭلىق ماركىلىق كىيىم - كېچەكلەر ئىچىدە ئاياللىق سۆلىتىنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ، ئۆزىچە ياراشمىغان ئىسىملىرىنىڭ ئارقىسىغا بىر ئەپلىك پالانچى خېنىم ، پۇستانچى خانىم دېگەندەك ھۆرمەت ئاتالغۇلىرىنى قېتىۋىلىپ مېنى ئەپسۇسلاندۇراتتى . بەزىدە مەندىمۇ پۇلدارراق بىرىگەتەككەن بولسام ، ئاشۇلاردەك راھەت ئىچىدە ياشاپ باققان بولسام ، دېگەندەك ئويلار پەيدا بۇلۇپ قالاتتى . لېكىن نېمە ئامال ؟

  • ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﺎﺭﻏﯩﻤﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﻐﺎ ﻣﯧﻨﯩﭙﺘﯘ - ﺩﻩ ، ﺟﺎﻧﯩﯟﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﻮﻳﯩﺪﺍ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺶ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﯩﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺋﯘ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎ ، ﺑﯩﻠﯩﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻻﺗﺎ ﭼﯩﮕﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﭘﺘﯘ .
    ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﺯ ﺋﺎﺭﻏﯩﻤﺎﻗﻨﯩﯔ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ.:
    -- ﺋﺎﯞﯗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﯓ !
    ﭼﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭼﻪﺕ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ . ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﺎﻟﯟﺍﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ :

  • قۇلۇمدا بىر تۇتام پۇل، ھارغىن قەدەملىرىمنى سۆرەپ سىرتقا چىقتىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى ئايلىق مائاشىم-ئۆزۈم تاپقان پۇل ئىدى. توۋا، بىرئاي نېمانچىلا ئۇزاق ۋاقىتتۇ؟...ئۆيدىكى چاغلاردا ياكى سىنىپتا خاتىرجەم دەرس ئاڭلاپ يۈرگەندە بىرئاينىڭ بۇنچىۋالا ئۇزاقلىقىنى سەزمەپتىكەنمەن. بىردەمدىلا چۈش بولۇپ، چۈشتىن كېيىن كەچ بولۇپ،  كەچ بولسا، ئۇخلاپ تاڭ ئاتسا ئويغىنىپ دېگەندەك ،كۈنلەر ماڭا شۇنچىلىك تېز ئۆتكەندەك تۇيۇلاتتى. ئۆزۈممۇ سەزمەستىن ھەش-پەش دېگۈچە چوپچوڭلا بولۇپ قاپتىكەنمەن، مانا ئەمدى ئارزۇيۇمغا يارىشا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقتىمەن...

    بىردەم ئىشلىگەننىڭ، بىردەم ئوقۇۋاتقاننىڭ گېپىنى قىلسام، مېنى"نېمە دەيدىغاندۇ؟"دەپ قالماڭلار، ئوقۇۋاتقىنىم راست، ئوقۇش خىراجىتمنى غەملەش ئۈچۈن دەرستىن سىرتقى چاغلاردا رېستۇراندا ئىشلەۋاتقىنىممۇ راست.

  • — ‹‹گۆھەر›› ساتىمەن، ‹‹گۆھەر››! قەدىمكى دەۋردىكى ئېسىل ‹‹گۆھەر›› لەر...

    بەستلىك، ئۇچىسىغا ناۋات رەڭ يالاڭ يەكتەك، بېشىغا قىزغۇچ چىمەن دوپپا كىيگەن، قارامتۇل يۈزىنى تورلاشقان چار قوغۇندەك ئەگرى – بۈگرى قورۇق باسقان، قاڭشارلىق، ئور!كۆز، ئاپئاق بومبا ساقىلى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرغان 75 ياشلار چامىسىدىكى بىر بوۋاي بازار دەرۋازىسىنىڭ سول يېقىدىكى نەقىشلىك تۆمۈر رىشاتكىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئالدىدىكى قىپقىزىل تاۋارئۈستىگە رەت – رېتى بىلەن تىزىلغان ھەر خىل قەدىمكى كىتاب – ژۇرناللارغا خۇش تەبەسسۇم بىلەن خېرىدار چاقىرىپ، پات – پات توۋلاپ قوياتتى. ناگان –ناگاندا زىيالىي سۈپەت كىشىلەر يايما ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، كىتابلارنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە كۆرۈپ، بوۋاينىڭ دېگىنىگە سېتىۋالاتتى.

  • بۈگۈنكى بۇ سوغۇقتا كىرانىڭمۇ تايىنى يوق ئىدى . ئايۇپ بوۋاي ھارۋىسىنى چەتكە توختىتىپ قويۇپ ، بىر چىنە سۇيۇقئاش ئىچىپ ئىسسىۋىلىنىش ئۈچۈن دوخمۇشتىكى ئاشخانىغا كىردى . بۇ ئاشخانىنىڭ تامىقى باشقا ئاشخانىلارنىڭكىدىن پىچاق بىسى بولسىمۇ پەرقلەنگەچكىمىكىن ،خېرىدار خېلىلا كۆپ ئىدى. ئايۇپ بوۋاي بۇلۇڭدىكى ئورۇنغا بېرىپ قىسىلىپ ئولتۇردى . كۈتكۈچى يىگىت ئۇنىڭ ئالدىغا چاي قۇيدى . چەت-چۆرىسى پۇچۇلۇپ كەتكەن چىنىگە قاراپ بوۋاينىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاندەك بولدى . ئۆيدە بولغان بولسا مومىيى ھەرگىزمۇ بۇنداق پۇچۇق چىنىدە چاي بەرمەيتتى. بوۋاي ئەتراپىغا قارىدى . «توۋا!!»دىسە بولىدۇ-دە ، بازاردىكى ئاشپەزلەر خېرىدار يوق چاغلاردا ئىچى پۇشۇپ ، چىنىلەرنى غاجاپ ئولتۇرامدىكىن ، جوزا ئۈستىدىكى چىنىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ گىرۋىگى ھەرە چىشى بولۇپ كەتكەنىدى...........   
                

  • يول شۇنچىلىك تېيىلغاق ئىدىكى ئۇ ئاستا چامىداپ مېڭىپ كىتىۋىتىپ بۇ شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ مېڭىش قىياپىتىدىكى غەيرىلىكنىڭ سەۋەبىنى چۆشەنگەندەك بۇلدى.دەل شۇ چاغدا ...ئالدىدا كېتىۋاتقان بىرەيلەن شۇنداق قاتتىق تېيىلدىكى مۇز ئۆستىگە تۇيۇقسىز چۇرت كىسىپ تاشلانغان دەرەختەك گۆپپىدە  يىقىلدى.بېشدىن ئۇچقان شىلەپىسى ئادەملەرنىڭ ئايىقىدا غالتەكتەك دۇمىلاپ كەتتى.ئۇ يىقىلغان كىشىنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ قۇرسىقىنى تۇتۇپ شۇنداق قاقاقلاپ كۆلدىكى ئۆچەيلىرى ئۆزۈلۈپ كەتكىلى تاس قالدى.پۆتۈن ۋۇجۇدىغا ئاجايىپ بىر شادلىق يامراپ كەتتى.

    -قارا ما ئادەمنىڭ ئەخلاقسىزلىقىنى، بىرى يىقىلىپ ئۆلەر ھالەتتە ياتسا،ئېشەك ھاڭىرىسا كۆتى غىجەك تارتىپتۇ دىگەندەك قلىپ تۇرغىنىنى..

    -بەزى ئەدەملەرگە ئامال يۇق.

    ئۇ كۆلكىدىن ئۆزىنى تۇختاتقاچ مۇلاھىزىلەرنىڭ ئۆزى ئۆستىدە كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى.بىر نەچچە ئادەم يىقىلغان كىشىنى يۆلەپ ئۇرنىدىن تۇرغۇزدى.بىرەيلەن شىلەپىسىنى قېقىپ كېيگۈزۈپ قۇيدى.ھەممە ئادەمىنىڭ چىرايىدا ئېچىنىش،ئېچ ئاغىرىش ھېسداشلىق تۇيغۇسى لېكىن ئۇنىڭ ....

  • ئانا تىلىم-ئانامنىڭ تىلى، بىباھا مىراستۇر .ئۇ، ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ، مەھمۇدنىڭ تىلى، ماڭا دۇنيانى تۇنۇتقان، ئادەم بولۇشنى ئۆگەتكەن "قۇتاد بىلىگ"، "تۈركىي تىللار دىۋانى"نىڭ تىلى...

    ئاھ ئانا تىلىم، بۇزرۇكۋار تىلىم، سەن بولغاچقا ئالدىم مەن بىلىم، سېنىڭ بىلەن يۇرۇغان دىلىم. سېنى تەرىپلەشكە سۆز يەتمەس، ئۇلۇغلىقىڭغا، سەلتەنىتىڭگە ئەسلا سۆز كەتمەس...

    مانا، مەن مۇشۇ شاھانە تىل بىلە بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغىغان، سۆزلەر كانىدىن جاۋاھىرلارنى سۈزگەن تەڭرىتاغنىڭ بىر غۇنچىسى، گۈزەل كېلەچەكنىڭ قۇرغۇچىسى، ۋەتەن، ئەلنىڭ ئۈمىدىمەن.

    مەن مۇشۇ تىلىم بىلەن ئىلىم داۋانلىرىدىن ئېشىپ، ئۇلۇغۋار غايەم ئۈچۈن زوق-شوقى قايناپ –تېشىپ، ۋەتەن باھارىنىڭ جەننەت كەبى گۈزەل مەنزىرىسىگە ئوتلۇق قوشاقلارنى تۆكۈۋاتقان تالماس كۈيچى بۇلبۇلىمەن.

    مۇشۇ ۋاقىتتا مېنى خۇددى بۇلبۇلدەك خەندان ئۇرغۇزغان شادلىقىمنى ئىپادىلەشكە يېتۈك بۇ ئېسىل تىلنى مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ قالدۇرغان يۈسۈپ بوۋام بىلەن مەھمۇد قەشقەرى بوۋاملارغا ئوخشاش ئەجدادلارنى چەكسىز ھۆرمەت بىلەن ياد ئەتمەي تۇرالايتىممۇ ؟