-
ئاشخانىدىكى پاراڭ - [ھىكايە-نەسىرلەر]
ئاشخانىدىكى پاراڭ
مەمتىمىن ھوشۇر
بۈگۈنكى بۇ سوغۇقتا كىرانىڭمۇ تايىنى يوق ئىدى . ئايۇپ بوۋاي ھارۋىسىنى چەتكە توختىتىپ قويۇپ ، بىر چىنە سۇيۇقئاش ئىچىپ ئىسسىۋىلىنىش ئۈچۈن دوخمۇشتىكى ئاشخانىغا كىردى . بۇ ئاشخانىنىڭ تامىقى باشقا ئاشخانىلارنىڭكىدىن پىچاق بىسى بولسىمۇ پەرقلەنگەچكىمىكىن ،خېرىدار خېلىلا كۆپ ئىدى. ئايۇپ بوۋاي بۇلۇڭدىكى ئورۇنغا بېرىپ قىسىلىپ ئولتۇردى . كۈتكۈچى يىگىت ئۇنىڭ ئالدىغا چاي قۇيدى . چەت-چۆرىسى پۇچۇلۇپ كەتكەن چىنىگە قاراپ بوۋاينىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاندەك بولدى . ئۆيدە بولغان بولسا مومىيى ھەرگىزمۇ بۇنداق پۇچۇق چىنىدە چاي بەرمەيتتى. بوۋاي ئەتراپىغا قارىدى . «توۋا!!»دىسە بولىدۇ-دە ، بازاردىكى ئاشپەزلەر خېرىدار يوق چاغلاردا ئىچى پۇشۇپ ، چىنىلەرنى غاجاپ ئولتۇرامدىكىن ، جوزا ئۈستىدىكى چىنىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ گىرۋىگى ھەرە چىشى بولۇپ كەتكەنىدى...........
بۇرۇن كىرگەن خېرىدارلاردىن بىر ئىككىسى :
_ ئۇكاموي ، بىزنىڭ تامىقىمىزنى ئەكىلىۋەتسەڭلار بولاتتا... - دەپ ئالدىراتقىلى تۇردى .
_ ئالدىرىماڭلار ، ھەممىڭلارنى ھازىرلا يولغا سالىمىز ،_ دىدى قاچا - قۇچىلارنى يېغىشتۇرىۋاتقان چوكان ، - ئۆيۈڭلەردە بولسىمۇ بىر دەم كۈتىسىلەرغۇ ...
شۇ چاغدا ئىشىكتىن ياقىلىق پەلتۇ ، كۆكۈش ئەلتىرە قۇلاقچا كىيىپ ، چاقماق يۇڭ شارپا ئورىغان سالاپەتلىك بىر كىشى كىرىپ كەلدى . ئاشپەز ئۇستام قورۇما چۆمۈچىنى چەتكە قويۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى ،
_ قېنى،قېنى ... يۇقۇرى ئۆتسىلە ...
_ ۋاھ، بازار قالتىسكەن _ ھە!
_ دائىملا مۇنداق ئەمەس ،چۈش ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا ئازراق خېرىدار يىغىلىپ قالدى ... ھوي كۈتكۈچى بالا ، قېنى سەن ؟ ماۋۇ ئاكاڭنى ئورۇنلاشتۇرۇپ چاي قۇي !
خېرىدارلار سەل سىغدىلىشىۋىدى ، بوۋاينىڭ يېنىدىن خېلىلا كەڭرى بىر كىشىلىك ئورۇن بوشىدى . مېھمان ئولتۇرۇش بىلەنلا كۈتكۈچى يېگىت ئۇنىڭغا تېخى غاجىلانمىغان يىڭى پىيالىدە چاي ئەكەلدى . ھەش-پەش دېگۈچە مېھماننىڭ تامىقىمۇ چىقتى . دورا -دەرمىكى تەڭشىلىپ قورۇلغان گۈيرۇ قورۇمىسىنىڭ پۇرىقى بوۋاينىڭ بۇرنىغا گۈپپىدە ئۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئاچقان قورسىقىنى تېخىمۇ غولدۇرلىتىۋەتتى . بوۋاي مايلىق قورۇمىنى ئاشنىڭ ئۈستىگە تۆكۈۋاتقان مېھمانغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدى -دە : مانا ئۈستىگە ئىسسىق كېيىم ، نەگە بارسا ھۆرمەت ئۈستىگە ھۆرمەت ، خۇدامۇ بۇ ئامەتنى بەرگۈسى كەلگەنلەرگە قوشلاپ بېرىدىكەن !... دەپ ئويلاپ ، ئۇنىڭغا ھەۋىسى كەلدى .
مېھمان تەخسىسىنى بىر دەمدىلا قۇرۇقداپ ، بىر تال سەرەڭگە ياغىچىنى سۇندۇرۇپ ،چىشىنى ئوبدان كوچىلاپ ، يەنە بىر پىيالە چاي ئىچىۋالغاندىن كېيىن قوزغىلىپ ماڭدى . كاسسىرنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۇ قوينىغا قول سېلىۋىدى ،
_ ئۇنداق قىلمىسىلا ، سەت بولىدۇ ... مەن خاپا بولىمەن ،_ دەپ تەكەللۈپ قىلدى قورۇما قورۇۋاتقان ئاشپەز .
مېھمان :
_ ئەستا ، بۇ قانداق بولغىنى ... _ دەپ تەڭلىكتە قالغان چىرايىنى خېرىدارلارغا كۆرسىتىپ ، قولىنى يانچۇقتىن چىقىرىۋالدى -دە ، «رەھمەت»ئېيتىپ چىقىپ كەتتى .
_ ئىت ! شىركەت باشلىقىمىش تېخى ... _ دىدى ئوتتۇرىدا يۈرگەن چوكان بايىقى مېھماندىن قالغان چىنە - تەخسىلەرنى يىغىۋىتىپ .
_ كىمنى تىللاۋاتىسىز قىزىم ؟_ دەپ ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدى بوۋاي .
_ ھەر كىرگەندە خۇددى پۇل تۆلەيدىغاندەك يانچۇقىغا قولىنى ئاپىرىپ قويىدۇ تېخى ...
ئۇنىڭ كىمنى تىللاۋاتقى بوۋايغا ئوچۇق بولدى .«خۇدايا ، مىڭ قات شۈكرى !_ دىدى بپۋاي ئىچىدە _ كەمبەغەل قىلغان بولساڭمۇ ، مېنى ئىت قىلماي ، ئادەم قىلىپ يارىتىپسەن !»