
-
تارىخى، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن ھەر قايسى تارىخىي زامانلاردا يارىتىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى يوقىلىپ كەتتى، تالان- تاراجقا ئۇچرىدى. ئېچىنىشلىق ھالدا ۋەيران قىلىۋېتىلدى. نەتىجىدە تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىزنى تەتقىق قىلىشتا زور دەرىجىدە ئۈزۈكچىلىك پەيدا بولۇپ، تارىخ كەچمىشلىرىنىڭ يارقىن سېيمالىرى خۇنىكلىشىپ كەتتى. باشقىلار ئۆز ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ ياراتقان مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ سەرخىللىرى ھېسابلىشىپ، مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگىى خېلى ئۇزاق زامانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى باشقىلار نىمە دېسە شۇ بولۇپ، دۇنيانىڭ نەزىرىدىن يىراقتا قېلىۋەردى. پەقەت تارىخ چاقى چۆرگىلەپ ⅧⅩ ئەسىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشلىرىگە تەۋە قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلار ئارقا- ئارقىدىن ئاشكارلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ مەزگىللەردە ئەڭ مۇكەممەل يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن بولغان «تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت ئىككى شاھانە ئەسەرنىڭ تېپىلىشى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى قارا تۇمانلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. قىسقىسى، بۇ ئىككى قامۇسنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقاتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشقا، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت، تارخ تەتقىقاتىنىڭ يېڭى سەھپىسىنى ئېچىشقا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.
-
تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلابى پارتلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەملىكىتمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلار ئارقا -ئارقىدىن پارتلايدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئېغىر سىياسى، ئىقتىسادى كىرىزىسكە دۇچ كېلىدۇ. ئۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئىقتىسادى سېلىقىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرىدۇ. ئىلىدىكى جىياڭجۈن مەھكىمىسى ئىلگىرى ھەر بىر تۈتۈننىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە يىلىغا تاپشۇرىدىغان 4 خو ( 256كىلوگرام ) بۇغداي غەللە پاراقنى 1863-يىلىغا كەلگەندە 32 خوغا ئۆستۈرىدۇ. ھەددىدىن زىيادە ئىقتىسادى زۇلۇمغا دۇچ كەلگەن ئىلى دېھقانلىرى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىققا قارشى قوزغىلاڭ كۈتۈرۈشكە مەجبۇر بۇلىدۇ. دەسلەپتە 1863-يىلى 3-ئايدا ياڭ سەنشىڭ، مائېرلەنلەر باشچىلىقىدا باياندايدىكى خۇيزۇلار قوزغىلاڭ كۈتۈرىدۇ، بۇ قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن خۇيزۇلار غۇلجا شەھرىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئابدۇرۇسۇلبەگ باش قوماندان بۇلۇش شەرتى بىلەن بۇ تەكلىپكە قۇشۇلىدۇ.
-
قاراخانىيلار خانلىقى-ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن ۋە قۇدرەت تاپقان فېئودال خانلىق بولۇپ، بۇ خانلىق ھۆكۈم سۈرگەن 399 يىل جەريانىدا، خانلىق تەۋەسىدىكى ھەر قايسى رايونلاردا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن بىر قاتاردا ئىلىم-پەنمۇ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان. جۈمىلىدىن قەشقەر، بالاساغۇن ۋە سەمەرقەندلەردە ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالى بىلىم يۇرتلىرى-مەدرىسلەر قۇرۇلغان. بۇ مەدرىسلەر ئۆز دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت ئوچىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن دىن، پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات، ئاستىرونومىيە، ماتىماتىكا، تىبابەتچىلىك قاتارلىق تەبىئىي ۋە ئىجىتمائى پەن ساھەلىرىدە كۆپلىگەن ئۆلىمالارنى، ئەدىب-شائىرلارنى، تىلشۇناسلارنى، پەيلاسوپلارنى، تارىخشۇناسلارنى، تىۋىپلارنى يىتىشتۈرگەن. بۇ ئىلىم ئەھلىلىرى تۈرك(ئۇيغۇر)، ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، كېيىنكىلەرگە جاھانشۇمۇل يازما مىراسلارنى قالدۇرغان.
-
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېتنىك تەركىبىگە سىڭىپ كەتكەن ئۇرۇقداش خەلقلەر ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئىچىدە ئولتۇراق تېرىم مەدەنىيىتىگە بۇرۇن قەدەم قويغان بۇلۇپ سودا-ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى ماھارىتى، شەھەر-قەلئە ھاياتى، يېزىق ۋە ئەدەبىي تىل جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى. شامانىزمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىپتىدائىي ئېتقاد ئەقىدىلىرىدىن ئاللىبۇرۇن ئاساسىي ئالاقىنى ئۈزۈپ، زوروئاستېردىنى، مانى دىنى ھەم بۇددىزم مەدەنىيىتى تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە بۇ دىنلارغا ئېتقاد قىلغان دەۋردىكى شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى مەشھۇر سىياسىي ئەربابلار، مۇتەپەككۇر ئالىم شائىرلار، تەرجىمەشۇناسلار ۋە سودا ئىقتىساد خۇجىدارلىرى («Sarthavaha» سارتاۋاخ) نىڭ يېتىشىپ چىققانلقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتنى كۆپ قاتلاملىق، كۆپ مەنبەلىك بولۇشتەك باي مەدەنىيەت خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلغان بۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىپەۋەر خاسىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
-
1944-يىلى 11-ئايدا نىلقا پارتىزانلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ۋەناھىتى تىزلىك بىلەن بىرقاتار غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ نىلقا بازىرنى ئازاد قىلدى ،گومىنداڭ دائىرلىرى قاتتىق ئالاقزادە بولۇ پ غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىن3000 دىىن ئارتۇق ئەسكەر يۆتكەپ كىلىپ قوغىلڭنى باستۇرشقا ئۇرۇندى،ھەمدە نىلقىنى قوشاۋغا ئالدى ، بۇ ۋاقىتتا قوزغىلاڭچىلار ئابدۇكېرىىم ئابباسوفنڭ خەۋەر يەتىكۈزشى بىلەن غۇلجىدا ئەسكەر قالمىغان پۇرسەتتىن پايىدىلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نىلقىدىن چىكىنپ چىقىپ قۇرۇق نىلقا بازارنى گومىنداڭغا تاشلاپ بېرىپ غۇلجىغا ئاتلاندى.1-ئاينىڭ 7-كۇنى كىچىدە ئابدۇكېرىىم ئابباسوف غۇلجىدا قوزغىلاڭ كۆتەردى ،ھەمدە نىلقا پا رتىزانلىرى بىلەن ماسلىشىپ، غۇلجا شەھىرىنڭ ھەرەمباغ ۋە لاڭشىياڭ ئايدىرومىدىىن باشقا جايلىرىنى تولۇق ئازاد قىلدى1945-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ھەرەمباغ ئىشخال قىلىندى ،شۇنىڭ بىلەن پۈتىكۈل ئېلى ئازاد قىلىندى .
-
مىلادى 13- ئەسىردە موڭغۇللارنىڭ غەرپكە قىلغان يۈرۈشىدە ئۇيغۇرلار ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. ھەتتا تۇرپان، كۇچا، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھىلاكۇخاننىڭ قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ باردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سىياسىيونلار، ئالىملار، سەنئەتكارلار، زىيالىلار، كاتىپلار ۋە شائىرلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار غەربىي ئاسىيادا قۇرۇلغان موڭغۇل ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە ھەربىي ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.
-
ﻛﻮﻝ ﺑﻮﻳﻼﺩﯨﻦ ﻛﻪﻳﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﯘﻳﯘﻧﭽﯘﺭ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﺪﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ يېڭى ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﯩﺪﻯ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻧﯩﻘﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍﻕ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (582-630) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (680-742) ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻳﯘﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ.