• 20-ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى - [ماقالە-ئوبزورلار]

    20-ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى

     


    يالقۇن روزى
     

                                                                                                     
         ئىسلاھات ئىنسانىيەت تارىخدىكى يورۇق تېما. ئىسلاھات-ياخشىلاش، تۈزىتىش،  ئۆزگەرتىش دىمەكتۇر.يەنى، ۋاقتى ئۆتكەن كونا تۈزۈم، كونا مەدەنىيەت ۋە كونا ئىدىيەلەرنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇپ، تۈزىتىپ،  گاھىلىرىنى ئۆزگەرتىپ ھاياتى كۈچكە باي يىڭى تۈزۇم، يىڭى مەدەنىيەت ۋە يىڭى ئىدىيەنى يارىتىش ياكى ئومۇملاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلاھات شەكىل كۆپ خىل، ئۈنۈمى پەرقىلىق بولسىمۇ بىراق ئورتاقىلىقى شۇكى،  بارلىق ئىسلاھات ئىنتايىن مۈشكۈللۈك ئىچىدە يۈرگۈزۈلىدۇ. شۇڭا ئىسلاھاتچىلار ئالدى بىلەن قۇرقماس جاسارەت يىراقىنى كۆرەر پاراسەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.بۇنداق تۈپ ساپانى ھازىرلىمغان كىشىنڭ ئىسلاھاتچى بۇلالىشى مۇمكىن ئەمەس.ئىنسانىيەت تارىخدىكى بارلىق داڭلىق ئسلاھاتچى دەل مۇشۇنداق ساپاغا ئىگە مۇنەۋەر ئەزىمەتلەردۇر.
         20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخدىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى ،  مەشھۇر ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللام دەل مۇشۇنداق تۈپ ساپاغا ئىگە زات ئىدى.


    ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ھاياتى،  ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىسلاھاتچىلىق پائالىيەتلىرىنى تەتىقىق قىلش 20-ئەسىرىنىڭ باشلرىدىكى مىللى ھاياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىنى يۇرۇتۇشىمىزدا مۇھىم ئەھىمىيەتكە ئىگە. مىسالەن، ئۇيغۇر جەمئىيتىدە جەدىتلىك ھەرىكىتى قاچان،  قانداق باشلانغان؟ ئۇيغۇر جەمئىيىتى تاتارمەرىپەتچىلىرى قوزغىغان جەدتىلىك ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇپ ئىدىيۋى ئىقىم پەيدا قىلالىغانمۇ- يوق ؟ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جەدىتىلىك ئىدىيىسىگە ئىگە مەنىۋى يولباشچىلاربارلىققا كەلگەنمۇ -يوق ؟


          ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنشى قانداق تەسىر ئاستىدا ئەمەلگە ئاشقان ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ئىڭى ۋە مىللىي ئىڭى قاچاندىن باشلاپ ئۇيغانغان ؟ بۇ بىر قاتار مەسىلە بىزنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىدىيە،  ئەدەبىيات،  تارىخمىزغا مۇناسۋەتلىك مەسىللىلەردۇر. مەن بۇ ماقالەمدە ئابدۇقادىر دامۇللامىنڭ ھاياتى،  ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنشى ۋە جەدىتىلىك پائالىيەتلىرىنى بىر قەدەر مەنتىقىلىق رەۋىشتە بايان قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىنقىسز مەسىللىلەرگە جاۋاب بېرىشكە تىرشتىم.مىنڭچە، ئابدۇقادىر دامۇللام دەۋىرى بولغان 1910-يىللردىكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكەتلەرنى يورۇتقاندا بۇ مەسىللەرگە بىر قەدەر رۇشەن جاۋاب تاپقلى بولىدۇ.


         ھەممىمىزگە مەلۇم،  ئىسلامىيەت تارىخىدا 18-ۋە 19ئەسىرلەر مىسلىسىز پاجىئەلىك دەۋىر ھىساپلىنىدۇ.
         چۆنكى،  بۇ ئەسىرلەردە ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى دۇنياۋى ئىككى چوڭ ئىمپىرىيە بولغان تۈرك ئوسمانلى بىلەن تۈرك موغۇل ئىمپىرىيەسى كۈنسىرى ئاجىزلىشىپ،  قەدەممۇ –قەدەم زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ھەم ئاخىرقى ھىساپتا بىرى يوقىتىلىپ،  بىرى لىڭىشىپ قالغان. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدىكى،  ئافغانستان ۋە ئىران ئىگىزلىكى ئۇششاق ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ ھالىمۇ ئوخشاش قىسمەتكە مۇپتىلا بولغان بۇ ئەسىرلەردە ئىسلەمىيەتنىڭ ئىچىكى قىسمىدا ئۇزاقتىن بىرى يامراپ كىلىۋاتقان ھەرخىل دىنى مەزھەپىنڭ بىدىئەت قاراشلىرى ۋە چاكىنا تەشەببۇسىلرى كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدە –ئىتىقادلىرىنى ئىزىدن چىقىرۋەتكەن،  بولۇپمۇ سۇپى –ئىشانلار گۇرۇھى ئىسلام ھۆكۈمرانلىرىنىڭ سەلتەنىتگە سالجىدەك چاپلىشۋىلىپ،  ئۇلارنىڭ رېئال دۇنيا ھەققىدىكى جەڭگۋار قاراشلىرىنى چىرىتىۋەتكەن،  تەركى- دۇنيالىقىنى ئەڭ ئالىي ئەخلاق دەپ داۋراڭ سىلىپ،  ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ھايات سەھنسدىن بەخىت ئىزدەش غايىلرىنى سىرلىق خىيالى تۇيغۇرلىرىدىن قانائەت ئىزدەيدىغان ئەھمىيەتسىز ئۇرۇنۇىشلارغا بۇرىۋەتكەن. سۇپى-ئىشانلار گۇرۇھنىڭ قايمۇقتۇرۇش كۈچى زۇر تەشەببۇسلىرى مۇسۇلمانلار جامائىتىنى ئىزدىنىش ۋە كۈرەش جاسارىتى كەمچىل مەرىپەت روھى سۇس، ئەقىل كۈچى زەئىپ،  ئىمانى مۈجىمەل،  ئەخلاق ساپاسى تۆۋەن ئاڭقاۋ (نادان) جامائەتكە ئايلاندۇرۋەتكەن،  تەركى-دۇنياچىلىق كەيپىياتى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۋاتقان بۇنداق شارائىتتا ياشىغان كىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى بارا-بارا خارۇ-زارلىق كوچىسىدا قىقىلىپ-سوقىلىپ ياشاشىنى ھار ئالمايدىغان بىپەرۋا جامائەتكە ئايلانغان. قسىقىسى،  سوپى –ئىشانلانىڭ تەركى –دۇنياچىلىق تەشەببۇسلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپنچسىنى ھۇرۇنلۇق،  چىچىلاڭغۇلۇق، بوشاڭلىق،  قاشاڭلىق، ئىللەتلىرنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۋەتكەن.«بۇ سوپىلار دەۋىردە ئىسلامىيەت دۇنياسى تامامەن ئۇلارنىڭ بوياقلرى بىلەن بويۇلۇپ كەتكەن،  قەيەردە شەھەر ياكى يىزا بولدىكەن.ئۇ يەردە سوپىلار بار ئىدى».


           دىمەك ئىسلامى ھاكىميەتلەرنىڭ زەئىپلىشى،  مۇسۇلمانلارنىڭ چۆشكىنلىشى،  ئىسلام ئىتىقادىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەھكۇملىققا يۈزلىنىشى ئېغىر تارىخى يۈزلىنىش بولۇپ قالغان مۇشۇ دەۋىرلەردە ھاكىم مىللەتلەر ھىساپلىندىغان ياۋرۇپا ئەللىرى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە كۈنسىرى قۇدرەت تىپىپ،  كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ مەرىپەت روھى مىسلى كۆرلىمىگەن دەرىجىدە ئويغىنىپ،  رىقابەت ئىقتىدارى ئىشىپ،  ھەر جەھەتتىن قۇدرەت تىپىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ توپ –زەمبرەكىلىك كىمە –پاراخۇتلىرى دىڭىز –ئوكيانلارنى تىنىمسىز كىزىپ،  زامانىۋى قۇشۇنلىرى سەلدەك يامراپ، يىڭىدىن –يىڭى موستەمىلىكە زېمىنلارنى ئىزدىمەكتە ئۇلارغا نىسبەتەن تولىمۇ سىرلىق ھەم سىھىرىلىك ھىساپلىندىغان شەرق ئۇلارنىڭ بۇيسۇندۇرۇش،  تالان –تاراج قىلش نىشانى ئىدى. ئۇلار شەرقىنى بۇي سۇندۇرۇش ۋە تالان-تاراج قىلشتىن ئىبارەت بۇ مەقسەتكە يىتىش يولىدا بىر -بىرى تىنىمسىز بەسلىشەتتى. بولۇپمۇ قارام نىيىتى تىشىپ تۇرغان بىرىتانىيە ئىمپىرىيسى بىلەن چاررۇسىيە ئىمپىرسىنىڭ بەس-بەستە زىمىن كىڭەيتىشى نەتىجىسدە ئىسلامىيەت دۇنياسى شىمالى ئافىرىقا،  ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا زىمىندا كەينى-كەينىدىن پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇپ،  قۇللۇق كىشەنلىرى بىلەن چەمبەرچاس زەنجىرلىنىپ ئۈمۈد چىرىقى بارغانسىرى خىرەلىشىپ ئۆزلىرنىڭ تارىخى دۆشمەنلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ھەسرەت ئىلكىدە قۇبۇل قىلشقا مەجبۇر بولماقتا ئىدى.
           مانا مۇشۇنداق ئىغىر تارىخى كۈلپەت ئىسلامىيەت دۇنياسنىڭ تارىخى شان-شۆھىرىتى،  ئىسلام ئەللىرىنىڭ مىللىي ئەرك –ھۇقۇقى ۋە مەرىپەتچىلىك رۇھىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۆچۈن پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان شىر يۈرەك مىللى داھىلار بىلەن ئوت يۈرەك موتەپەككۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈلپەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنشىنى تەقەزار قىلدى.19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىرىمدا بارلىققا كەلگەن ئىسلاھات رۇھىغا ئىگە ئىسلامىيەت دۇنياسىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئۇيغۇتىش قوڭغۇرىقىنى چالدى.


          شۈبھسىزكى، ئىسلاھات روھى كۈچلۈك ئىسلامىيەت مۇتەپەككۇلىرىنىڭ ئىدىيەۋى تەلىماتى يىقىنقى زامان ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى موھىم تۈرىتكە ھىساپلىنىدۇ. خۇددى زامانىمىزدىكى خەنزۇ تەتىقىقاتچى سەي دېگۈي ئىيتقاندەك :«ئىسلام مىللەتلىرى ئاجىزلاشقان ۋە قۇل قىلشقا ئۇچىرىغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بۇ مىللەتنىڭ جاسارىتى ۋە ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۇردى»،  «ئۇلارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىدىيەسى ۋە تىنماي كۈرەش قىلش رۇھى شەرق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ يىقىنىقى زاماندىكى گۈللىنىشكە يىتەكچى بولىدۇ». تىخىمۇ توغرىراقى،  «ئۇلارنىڭ تەلىمى تالاش – تارتىشسىز ھالدا شەرقىتىكى ئىدىيە گۈللىنشىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.» 19-ئەسىردە ئىسلام دۇنياسغا كۆرسەتكەن تەسىردىن ئىيتقاندا،ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ دۇنياۋي موتەپەككۇر ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى،  ئۇلار «بىرەر ئىسلام دۆلىتىگە بارسا،  شۇ دۆلەتنىڭ زىمنىدىكى چىرىك ھۆكۈمرانلارغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ كۈچلۈك ئىنقلاپ يالقۇننى تۇتاشتۇرۋىتەتتى.»ئۇلارنىڭ ھاياتىدا كىشلەرگە قالدۇىرىغان گەۋدىلىك ۋە چوڭقۇر تەسىرى ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ئىتپاقلىش ۋە ئويغۇنىشىنى ئارزۇ قىلش ھەم  موستەملىكچىلكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسى ھەمدە مۇشۇ يولدا باش ئەگمەي باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلش رۇھىدىن ئىبارەت. ‹‹مۇشۇ تەشەببۇس ئاساسىدا،  ئۇلار سىياسى،  ئىجتىمائى ۋە دىننى ساھەسىدكى بىر قاتار چوڭ مەسلىدە پەيلاسۇپىنىڭ مەنتىقى چوڭقۇرلىقى ۋە باتۇرلىقىنى،  سىياسەتچىنىڭ يىراقىنى كۆرەرلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى،  دىننى ئىسلاھاتچىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە ئوچۇق-يۇرۇق خسلىتىنى ئىپادلىدى.»
           ئۇلار مەسىلىنى رەت قىلغۇسىز دەرجىدە ئىنق،  چۈشنىشلىك ئوتتۇرىغا قوياتتى.ئۇلار،  تەبىئى پەنلەر رۇھى تامامەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئىسلامىيەت دۇنياسىدا تەبىئى پەنلەر رۇھىنى ئۇيغىتىش ئۆچۈن «خۇدا ئىككى كىتاب ئەۋەتكەن،  ئۇلارنىڭ بىرى (قۇرئان )،  يەنى تەبىئەت دۇنياسىدىن ئىبارەت. بىر موئەللىپ يازغان بۇ ئىككى كىتاب بىر-بىرىگە زىت ئەمەس،  شۇنىڭ ئۆچۈن تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئۆگىنش لازىم »دىگەن.


    ئۇلار يەنە مۇنداق قارىغان :«كىيىكى كۈنلەردە ئىسلام دىنىڭ قاتارىغا ھەرخىل تەركىبتىكى كىشلەر كىرىپ،  ھەرخىل ئىدىيە فۇرماتسىيەسىنىمۇ ئىلىپ كىرىپ،  ھەرخىل غەيرى ئەقىدىنى شەككلەندۇرۈپ،  كىشلەرنىڭ ئىدىيەسىنى قالايمقانلاشتۇرۇپلا قالماستىن،  كۈچلۈك تەسىر ۋە كۈچ ھاسىل قىلىپ،  ئىسلام دىننى ئەسىلدىكى ئەقىدە ۋە پىرىنسىپلاردىن چەتلتىۋەتتى. دىندا پائال كۈرەش قىلىدىغان رۇھ تۈگىدى. كونىلقققا يىپشۋىلىش،  پاسىپلىق بىلەن كۈتۈش مۇسۇلمانلارنىڭ (نىسىۋىسى) بولدى. ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرشى بىلەن دەۋىرنىڭ ئالغا بىسۋاتقان ئىقىمىدىن ئايرىلىپ قالدى.» شۇڭا ئۇلار «ئىسلاھاتنى دىندىن باشلاپ،  كىشلەرنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىدىئولىگىيەسنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كىرەك،  دەپ قاراپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دەۋىرنىڭ ئالغا بىسۋاتقانلىقىنى تونۇشقا،  بۈگۈنكى دۇنيادا قاتار تۇرماقچى بولىدكەن،  جاپالىق ئىشلەش، تىرىشىپ ئىجاد قىلش ۋە قۇرۇشقا، ئۆتكەنكى شان-شۆرەتنى مەدىھلەش بىلەن مەمنۇن بۇلۇپ يۈرمەستىن، ھازىرقى زامان پەن مەدەنىيتىنى قۇبۇل قىلشقا چاقىرىدى؛ دىن بىلەن پەنىڭ،  دىن بىلەن سىياسىنىڭ مۇناسۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلشىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلدى. ئۇلار يەنە پەن بىلەن دىن زىت ئەمەس،  دىن پەننى ئىنكار قىلمايدۇ،  پەننمۇ دىننى ئىنكار قىلمايدۇ،  دەللىلەش پىرىنسپى ۋە قانۇم چىقىرىش پەرقلىندۇ،  يەكۈنى ئوخشاش. شۇڭا مۇسۇلمانلار پەن بىلەن دىننى قارمۇ –قارشى قىلىپ قويماي، ھازىرقى زامان پەن-تىخنىكسىنى ئۆگىنىشى لازىم،  دەپ قارىدى.»


         ئسلامىيەت دۇنياسىدىكى ئاڭ ئۇيغىنشىغا ماس قەدەمدە تۈركى خەلىقلەر ئارسىدىمۇ ئىسلاھات ئىدىيەسى شەككلەندى. بۇ خىل ئىدىيە جەدىتچىلىك دەپ تەرىپلەندى. جەدىتچلىك زامانىۋىلىشش،  يىڭلاش ھەرىكىتى بولۇپ،  ئۇ ئىسلاميەتنىڭ قىممەت قارشى ئاساسىدا،  ياۋرۇپانىڭ ئىلغار پەن-مەدەنىيتىنى ئۆگىنىپ،  ئۇنى مىللى مەدەنىيەتكە خىزمەت قىلدۇرۇشىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئىدى. جەدىتچلىك ھەرىكتىنىڭ بايراقدارلىرى رۇسىيەنىڭ قىرىم ھەم ئېدىل- ئۇرال بويلىرىدىكى تاتارلار ئارسىدىن چىققان مەشھۇر موتەپەككۇر ئىسلاھاتچىلار ئىدى. ئۇلار تۈركى دۇچ كەلگەن تارىخى كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ قىرىم يىرىم ئارىلى ئۇرال ئېدىل بۇيلرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكلىرىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدى. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى پائالىيەتلىرى ئاڭ جەھەتىىكتى ھەقىقى ئۇيغۇتشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ كىمنىڭ دوست،  كىمىنىڭ دۆشمەنلىكىنى،  نىمىنىڭ زالالەت،  نىمىنىڭ سائادەت ئىكەنلىكىنى پەرىق ئىيتەلمەيدىغان نادان خەلىققە كىلەچەكىنىڭ داغدام يولىنى كۆرسەتكلىلى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەنلىكىدە ئىپادىلەندى. ئۇلار رۇسىيە مۇسۇلمانلىرنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە قايغۇرۇپ،  چاررۇسىيە ھاكىميىتى تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئىدىيە جەھەتتن تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قىلشىغا سەۋەب بولدى،  دەپ قارىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،  مەۋھۇم خەلىقتە زۇلۇمىنى ھىس قىلىدىغان ئاڭ بولمىسا،  ئۇلار زۇلۇمىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئادەتتكى مەزمۇنى سۈپتىدە ھىس قىلىپ كىتىۋىرەتتى.


         زادى قانداق قىلغاندا كىرىزىس ئىڭىنى ئۇيغىتىپ،  زاماننىڭ زۆرۈرىيەتلرىنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى،  مىللى ئاڭىنى ئۇيغىتىپ، ھۆرىيەت رۇھىنى شەكللەندۇرگىلى،  خۇراپاتلىققا خاتىمە بىرىپ ئەقىدىنى ساپلاشتۇرغىلى،  نادانلىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ مەرىپەت روھىنى تىكلىگىلى،  خارلىق،  ئىتپاقسىزلىق، بۇشاڭلىق،  قاشاڭلىق ئىللەتلرىنى تۈگىتىپ گۈللىنىش يولىغا قەدەم قۇيۇپ،  ئاخىرىدا قۇللۇق كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغىلى بولىدۇ ؟ مانا بۇ ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى دىننى مۇتەپپەككۇرلار بىلەن مىللى داھىيلار پىداكارلىق بىلەن ئىزدىندىغان،  ئويلىندىغان جىددى مەسىلە ئىدى.
    20-ئەسىرنىڭ 10-يىللىرى قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا قانات يايىغان مىللى ئۇيغىنىش ھەرىكتىنىڭ بايراقدارى،  مەشھۇر جەدىتچى ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللا ئىبنى ئابدۇۋارىس كاشغەرى (ئەزىزى) خەلىقمىز ئارسىدىن چىققان ئەنە شۇنداق ئوي- ئارزۇدىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى موتەپەككۇر ئىدى. ئابدۇقادىر دامۇللام بىلەن زامانداش مەشھۇر شائىر،  ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ھۆسەيىن خان قۇتبىددىنشاھ تەجەللى ھەزىرەتلىرى ( 1925-1856) نىڭ تىلى بىلەن ئىيتقاندا : ئابدۇقادىر دامۇللام نازۇكلۇقتا روھقا،  ئىرادىسنىڭ، مۇستەھكەملىكىدە تاغقا،  ئىلىنىڭ موللۇقىدا دىڭىزغا ئوخشايتى. ئەپسۇسنارلىقى،  مىللى ھاياتىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويىنغان ئىجتمائى ئىسلاھاتچى ھىساپلىندىغان ئابۇقادىر دامۇللام ھەقىقدە ھازىرغىچە ئىلان قىلنغان بارلىق چوڭ كىچىك ئەسەردە ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ھايات پائالىيىتى مۈجىمەنلەشتۈرۈۋىتلگەن،  دەۋىر ئارقا كۆرنشى تەھىلل قىلنمىغان،  ئسلاھاتچىلىق ئىدىيەسىنىڭ شەكللىنش باشقۇچلىرى رۇشەن يورۇتىلمىغان. شۇڭا سىستىملىق باغلىنش يوق بوپقالغان.  بىر ئىدىيەنىڭ شەكلىنىشى مۇئەييەن ئارقا كۆرىنىش ۋە موئەييەن باشقۇچىنى بىسىپ ئۈتۈشتىن خالى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مەن ئىزدىنش،  دەللىلەش،  مۇھاكىمە قىلش ئارقىلىق ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ پائالىيىتى،  ئىدىيەسىنىڭ شەككلىنشىدىكى ئارقا كۆرنۈش ۋە باسقۇچىلارنى سىستىمىلىق بايان قىلشقا تىرشتىم.
    ئابدۇقادىر دامۇللام 1870-يىلى قەشقەر ئاتۇشىنڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئرىق كەنىتىدە ئابدۇلۋارىس ئىسملىك دىھقان ئائلسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەشھەد – قارىخانىلار خانلىقىنىڭ ئۇلۇغ خاقانى ساتۇق بۇغراخان ئابدۇلكەرىم بىلەن ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى دەپنە قىلنغان مەشھۇر جاي. تارىختا ئۆتكەن سەلتەنەت ئىلگىرى بىلەن ساخاۋەتچى بايلار سولتان ساتۇق بۇغراخان ئابدۇلكەرىم بىلەن ئەبۇنەسىر سامانىنىڭ ھۆرمىنى ئۆچۈن قەۋرىگاھ يىنغا مەسچىد ،  مەدرسە،  خانقالارنى تەمىر قىلغان. ئابدۇقادىر دامۇللام دەسلەپكى مەلۇماتنى مانا مۇشۇ يەردىكى «ھەز(ھەزر ىتى) سولتان مەدىرسەسى» دە ئالغان. يىشى 20لەرگە ئۇلاشقاندا قۇقانغا چىقىپ ئوقۇغان.


          ئەيىنى يىللاردا بۇخارادا ئوقۇش ئەللامە بولۇشىنىڭ يولى ئىدى.چۈنكى، 15-ئەسىردىن كىينىكى بۇخارا ئىسلام دىننى ئىلمى بويىچە نوپۇزلۇق ئالىملار ۋە مەشھۇر مەدرسىلەر توپلانغان جاي ئىدى.شۇڭا،  «سەمەرقەند سەيقىلى ئالەم،  بۇخارى قۇۋىتى ئىسلام» دەپ ئۇلۇغلانغاندى.


    ئابدۇقادىر دامۇللام ئاتۇش ۋە قۇقاندا ئىگەلىگەن بىلىملىرىگە قانائەت قىلماي،  ئىلىمدە قانائەتكە يىتىش ئۆچۈن بۇخاراغا بىرىپ،  ئۇ يەردىكى «ئابدۇلئەزىزجان مەدرسەسى» گە ئوقۇشقا كىرىپ،  دىنى ئىلىمنىڭ ھەرقايسى بۇيىچە ئەتىراپلىق مەلۇمات ھاسىل قىلپلا قالماستىن،  ئەدەبىيات تارىخ،  ئىلىمى مەنتىق،  ھىساپ ۋە ئەرەب،  پارىس تىللىرىنى پۇختا ئىگەلىگەن. ئۇ،  بۇخارادا مەۋلانە ئابدۇررەززاقىي،  بۇخارا مۇپتىسى ئىۋەز خوجەندىي،  قۇقاننىڭ شەيخۇلىئسلامى دامۇللا ئۇلۇغخان تۆرەملەردىن دەرس ئالغان. ئابدۇقادىر دامۇللام 1907-1909 –يىللاردا بۇ ئوستازلىرىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان مەرسىيەلىرىدە ئۇلارنى يۈكسەك ھۆرمەت ۋە قايىللىق ھىسىياتى بىلەن مەدھىيەلىگەن،  بۇخارا شەھىرى ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىم –تەربىيەۋە  مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەنىدى. مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى باھاۋدىن نەقشىبەندىي بەرپا قىلغان نەقشىبەندىيە ئېقىمىنىڭمۇ  مەركىزى ئىدى.. شۇڭا ئىسلام دۇنياسىدا «بۇخارى شەرىف» دەپ ئۇلۇغلىناتتى،  بۇ تارىخى ۋە ئىجتىمائى جەريانىدا بۇخارادا مەدرسە مۇدەررىسلىرى بىلەن دىنى ئۆلىمالار يىتەكچىلىكدىكى كۈچلۈك بىر قەدىميىچىلىك ئەقىدىسىنى شەكىللەندۇرگەندى. بولۇپمۇ بۇخارى ئەمىرى ئابدۇللاخان زامانىدا شەيىخۇل ئۆلىمالىققا تەكلىپ قىلنغان مىرزاجان شىرزاىي دۇنياۋى پەنلەرنى ئوقۇتۇشىنى چەكلەش جەھەتتە سەلىبى ئۈلگە تىكلىگەن. مۇتەئەسىپ خاراكتىرىگە ئىگە بۇ ناچار ئۈلگە ئۈچ ئەسىر جەريانىدا  كەڭ ئومۇملاشقان.  شۇڭا قىرىم ۋە ئۇرال-ئېدىل بويلرىدىكى تاتارلار ئارسىدا تېز ئۇلغىيىپ جەدتىچىلىك پىكىر ئېقىمى بۇخارادا كۈچلۈك قارشلىققا ئۇچرىغان،  بۇ مەتەئەسىپ قەدىمىيچىلەر جەدىتچلىكىنى ئىسلامغا قارشى بىر ھەرىكەت شەكىلىدە كۆرەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇخارادىكى ئىسلام مائارىپى كىينكى ھاغلاردا كۆپنچە مىڭىنى چىرتىدىغان بىلملەرنى ئۆگىتدىغان قالاق مائارىپ بوپقالغان. بۇخارا مەدرىسلىرى ئىلغارلىق ۋە تەرەققىياتىنى جان –جەھلى بىلەن چەتكە قاقىدىغان ئىديەنى تارقىتىش بىلەن تونۇلغان. ئابدۇقادىر مۇنداق قالاق مائارىپىنىڭ زىيانلىق تەسىرىدىن قانداق قۇتۇلغانلىقىنى 1916-يىلى ‹‹شۇرا» ژۇرنىلىغا يازغان «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» دىگەن ماقالىسىدە  مۇنداق باياب قىلغان :«ساپ ۋىجدانىمىنىڭ ۋە بەزى ھەقەقەتچى زاتلارنىڭ،  سۆز-سۆھبىتى ھەم يول كۆرستىشلرى بۇخارادا  ئىلىم تەھسىل قىلش جەريانىدا ھاسىل بولغان خۇراپاتلىق ۋە گۇمانخۇرلۇق زۇلۇمدىن،  شۇنداقلا مەنتىق،  كالام،  پەلسەپە كىتاپلىرىنىڭ شەرھ – ھاشىيەلىرى،  قاتمۇقات ئۇزۇندىن –ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپسەتلىرىدىن ھاسىل بولغان خۇراپات  زەنجىر- كىشەنلىرىدىن ئەقىل-پىكرىمىنى ئازاد قىلدى.»


         ئابدۇقادىر دامۇللام بىلەن سۆھبەت قۇرغان ھەم ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكەن «ھەقىقەتچى زاتلار» كىم بولۇشى مۇمكىن ؟ بۇ ھەقىقەتچى زاتلار ھەقىقدە  ئابدۇقادىر دامۇللام ئىنىق قىلىپ  مۇنداق يازغان : «بۇخارادا ھاشىيە خانلىقتىن زەھەرلەنگەن ئەقىل ۋە پىكىرىمىنىڭ  شىپا تاپماقلىقىغا يەنە بىر سەۋەب : بۈيۈك ئالىملاردىن ئىبىنى تەيىميە،  ئىبىنى قەيىم جەۋزىي،  جامالدىن ئافغانى ۋە شەيخ مۇھەممەت ئابدۇ ھەزرەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى موتالىئە –مولاھىزە قىلماق ۋە ھازىرقى زاماندىكى ‹تەرجىمان › ‹ۋاقىت›،  ‹شۇرا› كەبى پايدىلىق گىزىت ۋە ژۇرنال مەسلەكلىرىگە ئەگشمە بولىدى» بۇ نىڭدىن كۆرۋىلشقا بولىدۇكى،  ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ  ئىسلاھات ئېڭى ۋە جەدىتىلىك ئىدىيەسى بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ قايىتىپ كەلگەندىن كىيىن شەكللىنشكە باشلىغان.
         ئابدۇقادىر دامۇللام بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ 20-ئەسىرنىڭ ھارپىسىدا قەشقەرگە قايىتىپ كەلگەن،  تۇنجى نىكاھى كۆڭلدىكىدەك بولماي،  ئىككىنجى قىتىم نائىلە ئىسىملىك قىزىنى ئەمرىگە ئالغان. 1902-يىلى ئاۋغۇستىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كىيىن بىر يىل ئۆتكەندە ، يەنى 1903-يىلى 33يىشدا تۇنجى پەرزەنتى ئابدۇلئەزىزى مەخسۇم دۇنياغا كەلگەن،  ئابدۇقادىر دامۇللام ئوقۇشىنى يىڭىدىن تۈگىتىپ كەلگەن ياش دامۇللام بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەردىكى ئومۇمى ئىقىم ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن. ئۇ،  بىخ ھالىتىدىكى يىڭى قاراشلرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەسىر پەيدا قىلشقا پىتىنالمىغان. چۈنكى «ياۋرۇپا ئەللىرىدە مائارىپ-مەرىپەتچلىك ئىشلىرى تازا يۈكسىلۋاتقان شارئىتتا،  ئۇغۇر جەمىئىيتىدە بۇنىڭ دەل ئەكسىچە جاھالەت،  يەنى ئاڭ،  بىلىم،  پىكىرىدە  قاراڭغۇلۇق ھۆكۈم سۈرۋاتاتتى.» ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەردە بىر مەزگىل مۇدرسىلىك قىلغاندىن كىيىن،  ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاچ  چەتئەللەردىكى ئىسلاھات ئەھۋالىنى بىلىپ كىلش مەقسىتدە 1906-يىلى مەككىگە بارغان،  ھەجىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئىستانبۇلدا ئىككى ئاي تۇرۇپ مىسىرغا بارغان. ئۆزىنىڭ يېزشىچە،  مىسىردا تاتار تالىبلارنىڭ ياردىمىدە داڭلىق يىڭلىقپەرۋەر مۇتەپەككۇر شەيىخ رەشىد رىزا، «ئەللىۋا» ژۇرنىلنىڭ باشلىقى مۇستاپا كامىل،  تەھزىرىيە مەدرسىنىڭ مۇدىرى سەيپىدىن مۇھەممەد ئەپەندى قاتارلىق زاتلار بىلەن پىكىرلەشكەن،  ئىسلاھات رۇھىغا باي ئەدىب – ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ. ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيەلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ،  مىسىردا ئىككى ئاي تۇرۇپ،  ئاندىن ۋەتنىگە قايىتقان. ئۇ بۇقىتىم غەيرەت قىلىپ قەشقەر ئاھالىسىنى تەرەققىيات ۋە جەدىتچىلىك ئىسلاھاتىغا دالالەت قىلشقا كىرشكەن. ئۇنىڭ ياشلارغا خاس قىزغىن ھېسىيات بىلەن قىلغان بۇ دالالەتلرى خۇراپاتلىق  نادانلىق،  قاششاقلىق ۋە ئۇچىغا چىققان مۇتەئەسپىكلىنىڭ قاتمۇ-قات چاڭ تۇزانلرىغا كۆمۈلۈپ قالغان  قەشقەر دىيارىدا ئەكسىچە ئۈنۈم بەرگەن،


          مۇتەئەسىپ ئۆلىمالار ئۇنىڭغا بىردەك ئۆكتە قۇپقان. ئىككى ئوتتۇرىدكى تۈپ زىدىيەت مەدرسە –مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مېتودى – ساۋاق ئۇسۇلى ۋە ئۇقۇتۇش مەزمۇننى يىڭلاش،  يىڭلماسلىق مەسىلسىگە مەركەزلەشكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە مەزمۇننى يىڭلاشنىڭ ئەھىميىتنى تونۇپ يەتكەن ئىلغار زات ئىدى. ئۇ،  مەشھۇر تاتار جەدىتچلىرىنىڭ ئىدىيە-تەشەببۇلرىدىن خەۋەردار ئىدى. كونىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قاتمال بولغاچقا جەدىتچىلەر قەتئى ئىسلاھات قىلشىنى تەلەپ قىلاتتى. داڭلىق تاتار جەدىتچى ئالىم رىزائىدىن ئىبىنى فەخىردىن (1858-1937) ‹‹ساۋاق (دەرس) ئۇسۇلىغا رىئايە ) دېگەن ماقالىسىدە كەسكىن قىلىپ «ساۋاق ئۇسۇلى ۋە تەربىيە قائىدىسى بۈيۈك ۋە شۇ نىسبەتتە مۇبارەك بىر پەن. ساۋاق ئۇسۇلىغا رىئايە ئەتىمىگەن مۇئەللىم ئۆز ئىتىبارسىزلىقى سەۋەبىدىن بالىلارنىڭ زېھنىلىرىنى ئەزىمەكتىن ئۆزگە بىر پايدا كەلتۈرمەس. بالىلار مۇنداق مۇئەللملەرگە بەرگەندىن كۆرە،  ئۆزلىرىنىڭ تەبىئى ھاللىرىغا قالدۇرىغان ياخشىدۇر. ھازىر تەلىم رەۋشلىرى ( ئۇسۇللىرى، شەكللىرى) نى ئۆزگەرتىپ يىڭلاشقا زامان بىزلەرنى تەقەززار قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇزاق ئۇقۇتۇش مەزمۇننى يىڭلاشنىڭ زۆزۈرلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دىگەن : «رۇس ۋە پەرەڭلەر ( ياۋروپالىقلار) دە بولغان ئاجايىپ ئىختىرالارنىڭ بارچىسى پايىدلىق ئىلملەر تەلىم ئىتىلمەك سەۋەبىدن مەيدانغا كەلگەندۇر. ئۈستمىزدىكى كۆڭلەكلىرىمىز ،  ئاستىمىزدىكى كۆرپىلىرىمىز،  چانايۇ –ھارۋىلىرىمىز ھەتتاكى ساياھۇ- قەغەزلىرىمىز، قىسقىسى،  يالىڭاچ تىنىمىزىدىن باشقا نېمىمزى بار بولسا،  بارچىسى شۇلار قولىدىن ئىشلىنىپ چىققانلىقى،  ئۇلاردا تەربىيە دۇرۇس بۇلۇپ،  بىزلەردە دۇرۇس بولمىغىنى ئۆچۈندۇر. لىكىن بىزلەر قاچانغىچە ئەل- ۋەتەنىڭ رۇناق تىپىشى ئۆچۈن زەرىچە پايدا كەلتۈرمىگەن كىتاپلاردىن ساۋاق بەرمەك بىلەن بالىلارنىڭ زىھنىلرىنى زەھەرلەپ،  ئىستقباللىرىنى بەربات ئىيتۇرىمىز ؟! »


           ئەمما قەشقەر ئۆلىمالىرى ئىسلاھات دىگەن ئاتالغۇغا بۇخارا مەدرسىلرىگە ئوخشاشلا سۇغۇق قارىغاچقا ئابدۇقادىر دامۇللامىنى قاتتىق چەتكە قىقىپ يىتىم قالدۇرغان نەتىجىدە ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەردە تۇرالماي،  1909-يىلى يەنە قۇقان، تاشكەنت،  بۇخارا تەرەپلەرگە يول ئالغان.


    ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىگە بارغاندىن كىيىن بۇ جايلاردىكى يىپيىڭى جاللىنىش مەنزىرسىنى كۆرگەن قىرىملىق مۇتەپەككۇر ئىسمائىل غاسپرالى قۇزغىغان جەدىتلىك ھەركىتى بۇ يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلنۋاتاتتى جەدىتچە مەكتەپلەرنىڭ سانى تېز سۆرئەتكە كۆپىيۋاتاتتى «تەرەققى›،، «خۇرشىد» دىگەن گېزىتلەر نەشىر قىلنۋاتاتتى. مۇنەۋەر قارى ئابدۇ رەشىدخان ،  ئابدۇللا ئەۋلانى،  مەھمۇد خۇجا بەھبۇدى  قاتارلىق جەدىچىلەر سەپىنىڭ ئالدىدا رۇل ئويناۋاتاتتى. ئابدۇرەئوف فتىرەت  باشچىلىقدىكى جەدتچىلەر بۇخارى ئەمىرلىكى تەۋەسىدە بۇخارى ئەمىرىنىڭ تۇسقۇنلىقى ۋە بىسملىرىغا قارىماي ئوقۇتۇش ساھەسىگە ئوخشاش،  سىياسى ساھەلىرىدىمۇ ئىسلاھات ۋە ئۇيغىنىش ۋەزىيىتىنى يارتىشقا تىرشماقتا ئىدى. قازان،  ئورىنىۇرگ،  ئوفا قاتارلىق شەھەرلەردىكى تاتار مەرىپەتچىلىرى  بۇ مەزگىلىدە ئاللىبۇرۇن دەۋىرىنى يىتەكلەيدىغان ئالاھىدە تەسىرىگە ئىگە زىياللار قۇشۇنى بۇلۇو شەكللىنىپ بولغان ئىدى. ئۇلار ئالى مەكتەپلەرنى قۇرۇپ،  گىزىت- ژۇرناللارنى چىقىرىپ،  كىتاپلارنى نەشىر قىلىپ جەدىتىلىك يۇقىرى دۇلقۇنغا كۆتۈرۈپ بولغان ئىدى. ئەھمەد ھادى مەقسۇدى،  رىزائىدىن ئىبىنى فەخردىن،  يۈسۈف ئاقچۇرا،  موسا جارۇللا،  ھەسەن سەبىرى،  قاتارلىقلار داھى سۈپەت جەدىتچىلەرگە ئايلانغان ئىدى. بەختىكە يارىشا،  ئابدۇقادىر دامۇللام بۇخاراغا بارغان مەزگىلىدە بۇخارى ئۆلىماللىرى ئىدىيەدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆزگىرىش ياسىغان بولۇپ،  ئىلگىرى «ئۇسۇلى جەدىت ھارام،  ئۇنى ئۇقۇغۇچى دەھرى» دىگەن پەتىۋا ئورنىغا «ئۇسۇلى جەدىت ۋاجىب،  ئۇنى ئوقۇش زۆزۈر» دېگەن پەتىۋانى مەيدانغا چىقارغان ئىدى. بۇخارا تاجىكلىرى ئارىسىدن چىققان جەدىتچى ئەدىب سەدردىن ئەينىنىڭ يېزىشچە،  ئىسمائىل غاسپىرالى 1908-يىلى بۇخارا ئەمىرلىكىگە زىيارەتكەن كەلگەندە جەدىتچە مەكتەپ ئىچىش مەسلىسنى موزاكىرە قىلش ئۆچۈن ئۆلىمالارنى چاقىرىغان. مۇزاكىرىدە مۇللا نىزامى دىگەن كىشى بۇخارا ئەمرى ئابدۇلئەھەتتىن مەكتەپ ئىچشقا مەخسۇس ئورۇن كۆرسىتىپ بىرشىنى ئىلتىماس قىلغان. مۇزاكىرىگە قاتناشقانلار مەكتەپنىڭ ئىسمىنى «ئىسمائىلىيە» قۇيۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئىسمائىل غاسپىرالى بۇنى مۇۋاپىق كۆرمەي، بۇخارا ئەمىرنىڭ دادسى مۇزەففەرىددىننىڭ ئىسمى بۇيىچە «مۇزەففەرىيە» قۇيۇش تەكلىپىنى بەرگەن مانا بۇنڭدىن جەدىتچە مەكتەپ ئىچىش بۇخارا ئەمىرلىكى تەۋەسىدە ئۆلىمالار ۋە ئەمىزنىڭمۇ ئىدىيەسىدىن ئۆتۈپ، ئومۇمى قىزغىنلققىا ئايلانغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.


        ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ شەھەرلەردە جەدىتلىك ھەرىكتنىڭ بۇنداق تېز جانلىنشىغا 1905-يىلىدىن 1908-يىلغىچە بولغان قىسقىغىنە تۆت يىل ئىچىدە چاررۇسىيە،  ئىران ھىندىستان ۋە ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىدە يۈز بەرگەن ئىنقلابلار سەۋەب بولغان ئىدى.


        1904-يىلى پارتىلغان چاررۇسىيە بىلەن پاپۇنىيە ئوتتۇرسدىكى ئۇرۇشتا رۇسىيە مەغلۇپ بۇلۇپ،  خەلىقئارادا ئىغىر ئاھانەتكە قالغان. شۇ سەۋەبتىن چار پادىشاھىنىڭ مۇستەبىتلكىدىن نارازى بۇلۇپ كىلۋاتقان پىتىربۇرىگە ۋە موسكۋا شەھەرلىرىدىكى زىياللىلار ۋە ئىشچىلار 1905-يىلى ئىنقلاب قۇزغىغان. بۇ قىتمىقى ئىنقىلاب ئارقىلىق چار پاھىشاھ نىكۇلاي (2) شۇ يىلى ئۆكتەبىردە  ‹‹ئۆكتەبىر باياناتى» نى ئېلان قىلىپ دۇما تۈزۈمى،  سۆز ئەركىنلىكى،  مەتبۇئات ئەركىنلىكى،  ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى يولغا قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۈچ يىلچە داۋام قىلغان بۇ خىل دىمۇكىراتىك سىياسى مۇھىت رۇسىيەنىڭ زۇلىمىنى چىكىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلىقلەرنىڭ مىللى ۋە سىياسى ئىڭنىڭ شەكلللىنشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. نەتىجىدە،  ھەرخىل ئىجتىمائى،  سىياسى تەشكىلات بارلىققا كەلگەن. رۇسىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىردە شۇ يىلى پىرىسيە،  يەنى بۈگۈنكى ئىراندا بۇرژۇئا ئىنقىلابى قۇزغالغان. تېھىران خەلىقى كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ساتقىن باش ۋەزىرنى ۋەزىپسدىن قالدۇرۇشىنى، ،ئسلاھات ئىلىپ بىرشىنى تەلەپ قىلغان. خەلىقىنىڭ بىسىمى ئاستىدا پىرىسىيە پادىشاھى 1906-يىلى ئىيۇلدا خەلىقىنىڭ ئىشەنچسىدىن قالغان باش ۋەزىرنى ۋەزىپسىدىن قالدۇرىغان ھەم مىللى پارلامېنىت تەسس قىلشقا قۇشۇلغان. 1906-يىل 7-ئۆكتەبىردە پىرىسيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك بۇرژۇئازىيە قانۇننى ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا پىرسىيە پادىشاھلىق ئاساسى قانۇنلۇق دۆلەت،  پارلامېنىت ئەڭ ئالى ھۇقۇقلۇق ئورگان،  پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش،  مەتبۇئات،  سۆز ئەركىنلىكتىن ۋە مائارىپتىن بەھىرىمان بولۇش ھۇقۇقىغا ئىگە،  خۇسۇسى مۈلۈك دەخلىسىز ؛ ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى، دەپ بەلگىلەنگەن. ئىسلامىيەت دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالغان بۇ ئىسلاھاتتىن بۇرژۇئازىيە سىنىپى شەكللىنىپ بولغان مىللەت ۋە رايۇنلار كۈچلۈك تەسىرىگە  ئۇچرىغان. ئۇزاقتىن بىرى بىرىتانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ دەردىنى تارتىپ كىلۋاتقان ھىندىستاندا گەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە  1905-يىلى مىللەتچى سىياسى تەشكىلات ‹‹ھىندىستان ئاپتۇنۇمىيە ئىتپاقى»قۇرۇلغان . 1906 –يىلى دىنى سىياسى تەشكىلات ‹‹ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتپاقى قۇرۇلغان»،  ئاغاخان رەئىسلىككە سايلانغان،  ھىندىستاندىكى بۇ ئىنقىلابى تەشكىلاتلار تۈرلۈك يول بىلەن بىرىتانىيە مۇستەنلىكچىلىرىگە قارشى ھەىكەتلەرنى قانات يايدۇرغان. بۇ،  تەبىئى ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىجتىمائى ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرىشغا قىزغىن ئىلھام بەرگەن. 1908-يىلى لىڭىشىپ قالغان ئوسمانلى ئىمپىريىسىنىڭ مەركىزى ئىستانبۇلدا «بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيتىنى» قۇزغىغان. ‹‹مۇستەبىت سولتان» دەپ نام ئالغان ئابدۇلھەمىد پارلامېىت تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئىنقىلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى خەلىقلەر ئىچىدىكى ئىلغار كۈچلەرنىڭ قەلبىنى زەرەتلىگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسى،  ئىجتىمائىى غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنشكە كىرشكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدە 1905-يىلدىن 1910-يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىسلاھات ئۆزگىرشلىرىدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالغان.


         ئابدۇقادىر دامۇللام قوقان،  تاشكەنت،  ۋە بۇخارادا بىر مەزگىل تۇرۇپ،  ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلاھاتچىلرىنىڭ جەدىتچلىرىنىڭ ئىسلاھات تەجىربىلرى،  جەدىتلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن يىقىندا تونۇشقاچ ‹‹جاۋاھىرۇل –ئىيقان»،  «مىفتاھۇل- ئەدەب» («ئەدەبىيات ئاچقۇچى») نامىلىق كىتابلرىنى پۈتكۈزگەن،  «مىفتاھۇل – ئەدەب» 1910-يىلى سىراجىدىن مەخدۇمىنىڭ كۆچۈرگەن قوليازمىسىغا ئاساسەن تاشكەنتىكى «غۇلامىيە» مەتبەسىدە بىسىلغان. شۇ جەريانىدا ئابدۇقادىر دامۇللام يەنە تاشكەنتىلىك موراد خوجا پارىسچىدىن تەرجىمە قىلغان «تۈركى گۈلىستان» ناملىق كىتابقا تەكلىپ بىلەن شېئىرىي تەقرىز يازغان. ئابدۇقادىر دامۇللام پىكىرى ئۆتكۈر،  بىلىمى مول،  مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۈستۈن،  ئارزۇسى كۈچلۈك كىشى بولۇش سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جەدىتچىلرى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت شەكىللەندۇرگەن. ئۆزىنىڭ ئىسلاھات نىيىتى،  جەدىتچە  مەكتەپلەرنى ئىچىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۆچۈن «بىدايەتۇس-سەرپ»،  «بىدايەتۇن –نەھۋى»،  «تەسھىلۇل –ھېساب» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ قەشقەرلىك تەرەققىپەرۋەر سودىگەرلەر نوززرادە ھاجى مۇھەممەد ئەلى،  ئابدۇرېمئاخۇن،  مەھمۇد ئاخۇنلارنىڭ ئىقسادى ياردىمى بىلەن قازان شەھىرىدىكى «مىللەت» مەتبەسىگە بېسىپ بىرىش ھەم قەشقەرگە ئەۋەتىپ بېرشىكە تاپشۇرۇپ بىرشىكە تاپشۇرۇپ بەرگەن،  ئۇ تاشكەنىتىكى مەزگىلىدە تۈزگەن «مىفتاھۇل- ئەدەب» نامىلق كىتابىنىڭ مۇقەددىمسىدە سەمىمىيلىك  بىلەن پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدىكى تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئىقتىدارلىق كىشلىرىگە «ئىلگىرى ياخشى ئالىملارنىڭ يولىدا مېڭىپ،  مەنپەئەتلىك ئالىم ۋە ئالى مائارىپىنى قولغا كەلتۇرۇشكە ترىشقايلا» دەپ مۇراجىئەت قىلغان. بۇ پاكىتلاردىن بىز ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ نوپۇزىنىڭ كۈچىيىپ،  ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىرىدىكى ئابرۇيلۇق ئۆلىمالار ۋە جەدىتچىلەردىن بىرى بولۇپ قالغانلىقىدىن ھىس قىلالايمىز. دېمەك ئۇ ئانا ۋەتنىدە تاپالمىغان ئابرۇي ئىناۋەتنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدە تاپقان. ئەمما،  ئۇنىڭ تۈپ غايسى ئانا ۋەتىندىكى جاھالىيەت تۈتۈكلىرى ئىچدە تىمسىقلاپ يۈرگەن مەزلۇم قىرىنداشلىرىنى ئادەمدەك ئاڭ ۋە ئارزۇ بىلەن ياشاش يولىغا باشلاش ئىدى.  ئابرۇي –ئىناۋىتى ئېشىپ،  ئىشەنچىسى كۈچىيىپ،  غايسى پىشىپ يىتىلگەن ئابدۇقادىر دامۇللام تەرەققىيات ۋە يىڭىچە مائارىپىنى يولغا قۇيۇش  جەھەتتە شىنجاڭ بۇيىچە ئالدىدا كىتىۋاتقان شەھەر – غۇلجىغا 1911-يىلى ئالما-ئاتا ئارقىلىق كەلگەن. بۇ يىللاردا غۇلجىدا ئاكا –ئۇكا مۇسابايېفلار ۋە غۇلجا تەۋەسىگە يىڭىدىن كەلگەن تاتار مەرىپەتچىلىرى ئاچقان يىڭچە  مەكتەپلەر دەسلەپكى قەدەمدە شەكللەنگەنىدى.  ئابدۇقادىر دامۇللام غۇلجىغا ئىلغارلىققا داڭلىق ئۆلىما ئابدۇمۇ تائالى خەلىپەم بىلەن سۆھبەتلىشىپ،  ئۇنىڭغا جەدىتچىلىكىنى تەشۋىق قىلغان. «ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈرۈش،  ئوقۇتۇشقا بىرقىسىم دۇنياۋى پەننى كىرگۈزۈش،  ئۇسۇلى جەدىتنى يولغا قويۇش  تەشەببۇسلرىنى ئابدۇمۇ تائالى خەلىپەمىنىڭ ئىشەنچىسنى تىخمۇ ئاشۇرغان. نادانلىق ۋە جاھالەتكە قارشى تۇرۇپ،  خەلىقىنى ئۇيغۇتىش پائالىيەتلرىنى تىخمۇ كۈچەيىتكەن.»


    ئابدۇقادىر دامۇللام بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم شەھەرلەردە ئىلىم زىيارىتىدە بولۇپ،  ئەينى يىللاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاتار مەرىپەتچىلىرى يولغا قويغان يىڭىچە ئوقۇتۇش مېتۇدى -‹‹ئۇسۇلى  جەدىتى» (ئۇسۇلى سەۋتىيە )نىڭ ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى -«ئۇسۇلى قەدىمىي ) دىن كۆپ ئىلغار ھەم ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. بۇ قىتىم ئۇنىڭ جەدىتچىلىك ئىدىيەسى ھەقىقى مەنىدە شەكىللىنىپ،  بۇ خىل يىڭى ئىسلاھاتنى قەشقەردە ئىككىلەنمەسىتىن يولغا قويۇگش ئىرادىسىگە كەلگەن  ھەم 1912-يىلى قەشقەردە ئۆزى باش بولۇپ جەدىتچە مەكتەپ ئاچقان.


    قەشقەر گەرچە تارىختا ئىلىم –مەرىپەت سۈپىتىدە دۇنياغا شۆھرەتلەنگەن مەشھۇر شەھەر بولسىمۇ،  كىيىكى كۈنلەرگە كەلگەندە گويا كۆز تەگكەندە،  جاھالەتتە قالغان شەھەرلەر قاتارىدا سانىلىدىغان بولۇپ قالغان،  تاتار زىيالى نۇشېرۋان يائوشىفنىڭ سۆزى بويىچە ئىيتقاندا، «تارىختا ئىلىم –مەرىپەت نۇرى بىلەن يەر-كۆك ئارىسىنى نۇرغا چۆمۈلدۇرگەن» بۇ شەھەر شۇ يىللاردا «مەدەنىيەت قۇياشىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم ھالەتتە جانسىز ۋە ھەرىكەتسىز» ئۆلۈك شەھەرگە ئايلىنىپ قالغانىدى، قەشقەر مەدرسە مائارىپى خېلىلا ئومۇملاشقان بولسىمۇ،  لېكىن تەلىم –تەربىيە ئۈنۈمى تۆۋەن ئىدى. سەۋەبى،  ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قاتمال،  ئوقۇتۇش مەزمۇنى چولتا ئىدى. بۇنداق مەدرسە مائارىپنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشۋاتقان رىئال ئىجتىمائي كىرىزىسىنى ھەل قىلشقا نۆۋەتتىكى مىللى ئىچتىاجىنى قاندۇرۇشقا ماجالى يەتمەيىتى. ئوقۇتۇشقا سەرىپ قىلدىغان ۋاقىت زىيادە كۆپ ئىدى.  نۇرىدىن ئابدۇراھمان جامىينىڭ ئەرەب تىلى نەۋھىگە ئائىت «كافىيە» نىڭ ئىزاھى بولغان «شەرھى موللا» كىتابىنى ئوقۇش ئۆچۈنلا بەش يىل ۋاقىت كىتەتتى. «مۇقەددىماتى مەنتەقىيە»،  «مەۋھۇمە يۇنانىيە» دەرسىلرى كۈچەپ ئوقۇتۇلاتتى. ‹‹سەرب»،  «مۆئزىي» «زەنجانىي»،  «ئاۋامىل» قاتارلىق گىرامماتىكا  كىتابلرىنى بەش-ئالتە يىللاپ ئوقۇتاتتى. دەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ساپ ئەقىدىگە ياتىدىغان بىلىملەرگە سەل قارىلىپ،  تەسەۋۋۇپ نامايەندىلىرنىڭ كىتابلىرى كۈچەپ ئوقۇتۇلاتتى.


         شۇڭا قەشقەردە «گەپنى ھە دېسىلا  ھاپىز بىلەن مەۋلىۋى جامىينىڭ ئەسەرلىرىدىن باشلايدىغان،  ھەرخىل لەتىپە ۋە ئەبۇ مۇسلىم قاتارلىقلارنىڭ جەڭ قىسىسەلىرىنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مەلۇماتى مول بىلىملىك ئادەم» سانىلاتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا جەدىتچىلىرىگە ئوخشاش ئىشنى ئالدى بىلەن جەدىتچە مەكتەپ ئېچىپ، مەدرسە مائارىپىنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى،  ۋە مەزمۇنى جەھەتتن تەڭ ئىسلاھ قىلشىنى باشلىغان. كەلگۈسىدە ئۆزىگە قول –قانات بولۇشقا يارايدۇ دەپ قارىغان زېھىنى ئوچۇق ياش تالىبلارنى ۋە بىر قىسىم شاگىرتىنى تۈرلۈك ئامال بىلەن چەت ئەللەردىكى  ئىسلاھات ئىدىيەسى بۇيىچە ئوقۇتۇلىدىغان جايلارغا ئوقۇشقا چىقارغان. ئوقۇشقا چىقىرىلغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىراجىتىنى 1911-يىلى ئىستانبۇلدا ئابدۇرەئوف فىتىرەت،  ئوسمان خۇجا،  ئابدۇلئەزىزى غۇلجائىي،  مۇقىمىدىن بەگجانىي ۋە سادىق ئاشۇر ئوغىلى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت تەرىپدىن قۇرۇلغان «بۇخارا مەرىپەت جەمىئىيتى» ئۈستىگە ئالغان.
          ياپونيىلىك تەتقىقاتچى ئويىشى شىنيىچىرو «قەشقەردىكى يىڭلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى» نامىلق ماقالىسىدە «دانا ئىسلاھاتچى،  ئۆلىما ئابدۇقادىر دامۇللام 1912-يىلى قەشقەر شەھىرىدە يىڭچە مەكتەپ ئاچقان،  ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەر قاتارلىق تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ۋادىسى ئەتىراپىدىكى جايلاردا مۇسۇلمانلارنى يېڭىچە مائارىپتا تەربىيلەش ئۆچۈن ئوقۇتقۇچى تەكىلىب قىلش بىلەن بىرگە،  ھەر يىلى ئىستانبۇل،  قازان،  ئوفا،  ئورىنبۇرگ قاتارلىق ئىلغار مۇسۇلمان يۇرتلىرىغا 10-15تىن ئوقۇغۇچى چىقىرىپ تۇرغان» دەپ يازغان.
    ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيەسىنىڭ روشەن ھالدا كۈچىيىپ،  پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىپ،  مۇنەۋەر بىر جەدىتچىگە ئايلىنشىدا قىرىم،  قازان، ئوفا،  ئورىنبۇرگدىكى تاتار زىيالىلارنىڭ جەدىتلىك پائالىيەتلىرى،  ئوتتۇرا ئاسىيا،  بولۇپمۇ تاشكەنت،  سەمەرقەنتكى ئۆزىگە ئوخشاش ئاڭ ۋە ئارزۇدىكى ياش-ئۆلىمالارنىڭ مەرىپەتچلىك ھەرىكەتلىرى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.

     

          ئىسمائىل غاسپرالىنىڭ «تىلىدا،  دىلىدا،  ئىشتا بىرىلىك» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شۇئارى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللى ئۇيغۇنىش ھەرىكەتلرىنىڭ بارلىققا كىلشى،  جەدىتچە مەكتەپلەرنىڭ تەسس قىلنشغا تۈرتكە بولغان،  ھەرقايسى تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئويغانغان زىياليلىرى ئۆزىنىڭ مىللى غايلرىنى تۇرغۇزۇپ،  زامانۋىلىشش،  ئىلغارلىق،  تەرەققىيات،  گۈللىنش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنشكە كىرشكەن. موتەئەسىپىلىك بىلەن ئىلغارلىق خراپاتچىلىك بىلەن مەرىپەتچىلىك،  تەركىدۇنياچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتچىلىك ئوتتۇرسىدىكى بۇ كۈرەش ناھايىتى كەسكىن ھەم مۈشكۈل بولغان. بۇ جەرياندا مىللى غايىلرى پىشىپ يىتىلگەن تاتار مەرىپەتچىلىرى ناھايتى مۇھىم رول ئويىنغان.


          تارىخ نۇقتىدىن ئىيتقاندا،  تاتار مەرىپەتچىلىرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئويغىنش ھەرىكىتى چاررۇسىيەنىڭ ئوچ ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە تاتارلانىڭ زىمىنلىرىنى بىر-بىرلەپ ئىگىلەپ،  ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈنلكى ۋە ماددا مەنپەئەتىگە قوشلاپ زەربە بىرىشى،  ئېتىقاد ۋە مەدەنىيتىگە غالجىرلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش نەتىجىسىدە شەكللىنىشكە باشلىغان. بۇنداق زور مىللى خەۋىپ ئاستىدا تاتار مەرىپەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قىلش ئۆچۈن ئەنئەنىۋى مەدەنىيتدىكى قالاقلىقلارنى ئىسلاھ قىلىپ،  ئىسلامىيەتنىڭ قىممەت قارشى بىلەن غەربىنىڭ پەن-مەدەنىيتىنى ماسلاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان. بۇ تارىخ ئويغۇنشىنى ئۇلارنىڭ يېڭىچە ئاڭدىكى بايراقدار موتەپەككۇرلىرى بىلەن پائالىيەتچان مىللى بۇرژۇئازىيلىرى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئۇلارنىڭ ئويغۇنش ھەرىكىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئىدىيۋى ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. باغچا ساراي، قازان،  ئورىنبۇرگە،  ئوفا، تىرويسكى،  ئاستراخان قاتارلىق تاتار شەھەرلىرى بۇ خىل ئېدىيۋى ئېقىمىنىڭ مەركەزلىرى بولۇپ جەدىتچە مەكتەب ۋە نەشىر بويۇملىرىنىڭ تەسىرى يىرا- يىقندىكى قېرىنداش خەلىقلەر ئارىسىدا زىلزىلگە قوزغىغان. ئابدۇقادىر دامۇللام «ئەدەبى بىر مۇساھىبە» دېگەن ماقالىسىنىڭ ئا

    分享到:

    评论

  • بۇ تىمىلىرىڭىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلىۋالدىم رەھمەت بىز تەرەپكىمۇ ئۆتۇپ قويارسىز
  • بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نەۋرۇزىغا مۇبارەك!
  • ۇيغۇرشا بولسادا كورىپ قويدىم ، جاقسى ەكەن ...