• تۆمۈر پالىۋاننىڭ قاردا قالغان سۇس ئىزلىرىنى نىشان قىلىپ ماڭغان بەش -ئالتىدەك ياش ئوۋچى ئاقساقالنىڭ باشچىلىقىدا جىدى يول يۈرۈپ تۆمۈر پالىۋاننى تاپقاندا تۆمۈر پالىۋان يوغان بىر تاغىل يولۋاس بىلەن قۇچاقلاشقىنىچە قىتىپ قالغان ئىدى.  ئىگىز دۆڭنىڭ يان باغرىدىكى كەڭرى بىر يەر جىددى ئىلىشىش جەريانىدا، تىلغىنىپ،بۇلغىىپ كەتكەن ئىدى. يولۋاسىڭ قىنى بىلەن ئادەمنىڭ قىنى ئارلىشىپ كەتكەن، تۆكۈلگەن قانلار مەرۋايىتتەك پاقىراپ كۆز چاقاتتى.  تۆمۈر مەرگەننىڭ جىنىنى ئالغان، تۆمۈر مەرگەننىڭ قولىدا جان بەرگەن بۇ يولۋاسنىڭ بۇنىڭدىن بەش يىل ئاۋال كىچىككىنە ئارسىلان ۋاختىدا تۆمۈر مەرگەن ئىچ ئاغرىتىپ قويۇپ بەرگەن يولۋاس كۈچىكى ئىكەنلىكىنى ھىچ كىم خىيالىغا كەلتۈمىدى.  شۇ چاغدا تۆمۈر مەرگەن ئانا يولۋاسنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرغان يۈسۈپ ئوۋچىنىڭ يقنىغا كەپقالدى.  قەدىناس دوستىنىڭ شىجائىتىدىن سۆيۈنۈپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۇنى تەبرىكلىدى. ئۇلار تۆمۈر مەرگەن ئوۋلاپ كەلگەن قىرغاۋۇل گۆشىدە كاۋاپ قىلىپ مەززە قىلىشىۋاتغاندابىر نىمىلەرنىڭ غىڭشىشلىرىنى ئاڭلاپ ئوۋچىلارغا خاس سەزگۈسى بىلەن يىقىنلا يەردە يولۋاسنىڭ ئۇۋىسىنىڭ بارلىقىنى پەملەپ ئىزدەپ بىقىۋىدى، دىگەندەك بۈككىدە بۇلغۇنلار بىلەن قاپلانغان بىر دۆڭنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۈچ يولۋاس كۈچىكىنى كۆرۈپ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.  جانلىقلار ئالىمىدىكى سۈر ھەيۋە، كۈچ قۇدرەت، قورقۇمسىزلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن يولۋاسنىڭ كۈچۈكلىرى تۆمۈر مەرگەن بىلەن يۈسۈپ ئوۋچىغا سۈر ھەيۋە بىلەن قارىشىپ تۇراتتى، كىچىككىنە چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ خىرىس قىلاتتى.  يۈسۈپ ئوۋچى ئۇزۇن خەنجىرىنى سۇغىرىۋىلىپ ئۇۋىغا يىقىنلاشتى.