• *پاررى توماس. پاررى توماس ئاپتوموبىل ماھىرى ۋە ئىنژىنېرى بولۇپ، چۈشىدىمۇ مالكولم كامبېلنىڭ ياراتقان مۇسابىقە رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇ، ئۆز ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن، بىر ئۆزگىچە مۇسابىقە ئاپتومۇبىلىنى ياساپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا بابۇس دەپ ئىسىم قويىدۇ. ئۇ بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، چاق بىلەن ماتورىنى تۇتاشتۇرىدىغان زەنجىرنى ئاپتوموبىلنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 1926- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى مۇسابىقىدە پاررى توماس ئاخىرى يېڭى رېكورت يارىتىدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى سائىتىگە 170 كىلومېتر ماڭىدىغان قىلىپ تەڭشەيدۇ. ئەمما، ئۇ ياراتقان يېڭى رېكورتنى ئىككىنچى يىلى مالكولم كامبېل يەنە بۇزۇپ تاشلايدۇ. پاررى توماس سۈرئەتنى يەنە تېزلىتىپ، بۇ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىماقچى بولغاندا، ئاپتوموبىلنىڭ زەنجىرى توساتتىن ئۈزۈلۈپ ئۆزىگە تېگىپ كېتىپ نەق مەيداندىلا ئۆلىدۇ.

  • ·1914- يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان چاغدا، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئەينى ۋاقىتتىكى قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىقىتسادىدىن ئېشىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ياۋرۇپا ئەللىرى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن تېخى تولۇق قۇتۇلۇپ بولالمىغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئامېرىكا شەھەرلىرى دەل گۈللىنىش دەۋرىگە كىرىپ بولغانىدى. گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ئەجەللىك زەربىگە ئۇچراپ ھالاكەت گىردابىغا كېلىپ قالغان، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق سانائەت دۆلەتلىرى ئۇرۇش خارابىسىگە ئايلانغان ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئۇرۇشنىڭ مەپەئەتدارى سۈپىتىدە دۇنيا بويىچە قۇدرەتلىك ئىقتىسادىي دۆلەتكە ئايلاندى. 1945- يىلى ئامېرىكىنىڭ مىللىي دارامىتى پۈتۈن كاپىتالىزىم دۇنياسى مىللىي داراتىمىنىڭ 60 پىرسەنتىگە، ئامېرىكىدىكى ئالتۇن زاپىسى 20 مىليارد 800مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، كاپىتالىم دۇنياسىدىكى ئالتۇن زاپىسىنىڭ تۆتتىن ئۈچ ئۆلۈشىنى ئىگىلىدى.

  • بىر دۆلەت خەلقئارا جازاغا قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ ئىران بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. 1979- يىلى ئىران ئىسلام ئىنقىلابى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دەرھال ئىرانغا جازا قوللىنىشنى باشلىدى، ھازىرغىچە تۈرلۈك جازانىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئىرانغا قارىتىلغان 4- قېتىملىق خەلقئارالىق جازانى يۈرگۈزمىسە بولمايدىغان دەرىجىگە باردى، دەپ قارىدى. ئۇنداقتا ئىراندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان جازاغا قانداق قارايدۇ؟ 30 نەچچە يىللىق جازا ئىرانغا زادى قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن، مۇخبىر تېھران، قۇم، ئىسفاھان قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولدى.

  • ئىران ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە تېھراندا "خەلقئارا يادرو قورالىنى قىسقارتىش ۋە يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك توغۇرسىدا" يىغىن ئاچتى، رۇسىيە، فرانسىيە، جۇڭگو، پاكىستان، تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 56 دۆلەت ھۆكۈمىتى، خەلقئارا ئورگان ۋە غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ئەۋەتكەن ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا قاتناشتى. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى "يادرو ئېنېرگىيىسىدىن كۆپچىلىك پايدىلىنىش، يادرو قورالىنى چەكلەش"، بولدى. ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ قارىشىچە، ئىراننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى مۇشۇ يىغىندىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن يادرو قورالىغا قارشى تۇرىدىغان ئېڭىنى تەكىتلىمەكچى ئىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە تورى پونكىتىدا، "بۇ ئامېرىكىنىڭ يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىغا قارشى تۇرىدىغان يىغىن"، دېيىلدى. ئامېرىكا  "نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى" دە بولسا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىسنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، "ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئاچكۆزلۈكىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش تەدبىرى يېتەرسىز"، دېيىلدى.

  • ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى چىەكسىڭىز،ئاندىن تىما تۇلۇق چىقىدۇ.

     

    سىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقان بۇ نۇسخا دەل ئاشۇ دۇنيادا بىردىنبىر ساقلىنىپ قالغان نۇسخا بولۇپ، بۇنى ئوسمان ئېمپىرىيىسىنىڭ ۋەزىرلىرىنىڭ بىرى بولغان نازىپ بېينىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن بىرى بولغان بىر ئايال ساقلاپ كەلگەن ۋە ئاخىرىدا تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن 1914- يىلى كىتاپپۇرۇش ئارقىلىق دىيار بەكىرلىك ئەلى ئەمىرگە  20 ئالتۇن تىللاغا ساتقان، ئەلى ئەمىرمۇ ناھايىتى مەرىپەتپەرۋەر بىلىملىك بىر كىشى بولغاچقا بۇ كىتاپنى كۆرۈپلا بۇنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك كىتاپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ۋە شۇ مەزگىلدىكى مەتبىئاتچى ھەم تەتقىقاتچى كېلىسلى رىفئەت بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ دۇنياۋى بۈيۈك ئەسەر " تۈركى تىللار دىۋانى " ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان. ۋە ھىجرى 1333- 1335- يىللار ئارىلىقىدا كېلىسلى رىفئەت بۇ كىتاپنى مىخ مەتبەدە تىزدۇرۇپ باستۇرغان.

    دۇنيادىكى تۇنجى يەر شارى خەرىتىسى