• تۈركى تىللار دىۋانى - [جاھاندىكى ئىشلار]

     ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقەرى  ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى " تۈركى تىللار دىۋانى" نى ھىجىرىيە 464- 466 - يىللىرى (مىلادىيە 1072- 1074- يىللىرى) يېزىپ، ھىجىرىيە 467- يىلى قايتا تولۇقلاپ چىققان ۋە ئۇنى ئابباسىيە خەلىپىلىكىنىڭ 27- خەلىپىسى بولغان ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىللاغا تەقدىم قىلغان (دىۋان 1- توم 17 - 18 - بەتلەر) . " تۈركى تىللار دىۋانى " بىر مەزگىل خەلىپە ئوردىسىدىكى خاس كۇتۇپخانىدا ساقلانغاندىن كېيىن قولدىن قولغا ئۆتۈپ كۆچۈرۈپ تارقىتىلىپ خېلى كەڭ تارقالغان بولسىمۇ لېكىن 16- ئەسىردىن كېيىنكى دەۋرلەردىن باشلاپ بۇ ئەسەرنىڭ ئىز - دېرىكى بولمىغان. ھازىر بۇ ئالەمشۇمۇل ئەسەرنىڭ دۇنيادىكى بىردىنبىر نۇسخىسى بولغان قوليازما تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان بولۇپ، ئەسلى ئىراننىڭ ساۋە دىگەن جايىدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ كېيىن دەمەشقتە ياشىغان ئىبنى ئابابەكرى ئىبنى ئەبۇل فەتھى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىدۇر، بۇ كاتىپنىڭ كىتاپ ئاخىرىدا قەيت قىلىشىچە بۇ قوليازمىنى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىپ چىققان نۇسخىسىدىن كۆچۈرگەن بولۇپ، كۆچۈرگۈچى مۇنداق يازغان: " بۇ كىتاپنى ئەسلى نۇسخىدىن يۆتكەپ بولغان كۈن 644- يىلى شەۋۋالنىڭ 27- كۈنى يەكشەنبە ئىدى " دەپ يازغان دىمەك بۇ نۇسخا " تۈركى تىللار دىۋانى " يېزىلىپ 190 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى مىلادىيە 1266- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى كۆچۈرۈلۈپ بولۇنغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپ نۇسخا كۆچۈرۈلگەنلىكى ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ئالىملار ئۆز ئەسەرلىرىدە كۆپلەپ نەقىل ئېلىپ پايدىلانغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ لېكىن باشقا نۇسخىلىرى ھازىرغىچە بايقالمىغان.
    سىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقان بۇ نۇسخا دەل ئاشۇ دۇنيادا بىردىنبىر ساقلىنىپ قالغان نۇسخا بولۇپ، بۇنى ئوسمان ئېمپىرىيىسىنىڭ ۋەزىرلىرىنىڭ بىرى بولغان نازىپ بېينىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن بىرى بولغان بىر ئايال ساقلاپ كەلگەن ۋە ئاخىرىدا تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن 1914- يىلى كىتاپپۇرۇش ئارقىلىق دىيار بەكىرلىك ئەلى ئەمىرگە  20 ئالتۇن تىللاغا ساتقان، ئەلى ئەمىرمۇ ناھايىتى مەرىپەتپەرۋەر بىلىملىك بىر كىشى بولغاچقا بۇ كىتاپنى كۆرۈپلا بۇنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك كىتاپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ۋە شۇ مەزگىلدىكى مەتبىئاتچى ھەم تەتقىقاتچى كېلىسلى رىفئەت بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ دۇنياۋى بۈيۈك ئەسەر " تۈركى تىللار دىۋانى " ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان. ۋە ھىجرى 1333- 1335- يىللار ئارىلىقىدا كېلىسلى رىفئەت بۇ كىتاپنى مىخ مەتبەدە تىزدۇرۇپ باستۇرغان. گەرچە تۈركىيەدە بۇ نۇسخىنى كېلىسلى رىفئەت، تەۋپىق بېي ۋە خوجا ئاتىفلار شۇ دەۋردىكى تۈركىيە تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىپ چىققان بولسىمۇ بۇلار نەشر قىلىنمىغان ۋە ئاخىرىدا تۈركىيىلىك تەتقىقاتچى بېسىم ئاتالاي ناھايىتى زور تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەر نەتىجىسىدە 1939- يىلىدىن 1941- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنى 3 توم ۋە يەنە بىر توم ئېندىكىسى بىلەن قوشۇپ نەشر قىلدۇرغاندىن باشقا بۇ كىتاپنىڭ بىر توملۇق فاكسىمىلىنى (فوتو نۇسخىسى)نى نەشر قىلدۇرغان.
    ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بۇ ئەسەردىن باشقا يەنە " تۈركى تىللار نەھۋىسىنىڭ  جەۋھەرلىرى " دىگەن بىر كىتاپنى يازغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ لېكىن بۇ كىتاپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن ياكى ھازىرغىچە بايقالمىغان، يېقىندا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئالاھىدە پەرمان چىقىرىپ بۇ كىتاپنى تاپقۇچى ياكى بايقىغۇچىلارغا 100 ئالتۇن تىللا ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
    قېنى ئەمدى بۇ دۇنيادا بىردىنبىر ساقلىنىپ قالغان " تۈركى تىللار دىۋانى " نىڭ نۇسخىسىنىڭ پارچىلىرىدىن
    ھوزۇرلىنىڭ.

     

    كىتاپنىڭ مۇقاۋىسى ۋە باش بېتى

     

    كىتاپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتى

     

    دۇنيادىكى تۇنجى يەر شارى خەرىتىسى


    كىتاپ بەتلىرىدىن كۆرگەزمە

    مەنبە:داڭلىق مۇنبىرى(allama يوللانمىسى)