• سادامغا  شىئېر  ئوقۇپ  بەرگىم  كېلىدۇ  ،
    كېلىنتون  سۇخانىدىن  چىقىدۇ  ھەيۋەت  .
    ئامالسىز  شىرەدىكى بىر  قەۋەت  چاڭنى  ،
    سەن  تۇتقان  قولۇمدا  سۈرتىمەن  رەت  - رەت  .

    مۈشۈكنىڭ  تىرناقلىرى  ئېسىمگە  كېلىپ  ،
    بىر  قۇتا  سىياھنى  تۆكىمەن  يەرگە   .
    ئانىلار  خاتىرجەم  ،  ئاتىلار  رازى  ،
    قىزىنى  بەرسىلا  ئوبدان  بىر  ئەرگە  .

    ئۆيۈمنىڭ  ئىشىكىدىكى  قاپ -قارا  قۇلۇپ  ،
    شاراقلاپ  ئېچىلار  كېچىدەك  گويا  .
    ئوت  ياقسام  ئوچاققا  چاي  قاينىتاي  دەپ  ،
    ئۆمۈرلۈك  پىغانىم  قاينايدۇ  چايدا  .

  • زور بەدەل تۆلەر دىل ئەسلەشكە بىر رەت ،
    ئۇنىڭ شاپ بۇرىتىنى تولغاشلىرىنى .
    ئۇنتۇشچۈن بىر ئۆمۈر قىينىلار ئادەم ،
    ئۇنىڭ كۆك يالقۇنلۇق چوڭقۇر كۆزىنى .
    رەستىنى تىرىتىپ كېلەر ئۇ گۈس گۈس ،

  • ھىدايەتنامە


    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 


    ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى،
    تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،
    تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنە يەنە جانلىق پاساھەتنى،
    دىلىم ئىستەيتتى ئىزھارغا ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى.
    كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.


    سۆزۈمنىڭ باشى بىسىمىللاھ بۇ مۆمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
    سانا يۇ ھەمدلەر ئېيتسام تۈمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ،
    قۇرۇق ،تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ،ئەقىدەمدۇر،
    بۇ دەۋايىمغا بۇرھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر..
    تىلەيمەن رەببىم ئاللادىن قولۇمغا كۈچ ۋە قۇۋۋەتنى ،

  • ئوسمانجان ساۋۇت

     


    بەختىيار ئوغلۇڭمەن پەقەت ساڭا خاس،
    سەن مېنى بىر ئۇيۇل زەررەم دەپ سانا .
    بەرگىڭمەن، قەترەڭمەن ۋەسلىڭگە تۇتاش،
    كۆرسىتەي يۈرۈگۈم قولۇمدا، مانا .
    سەن ئۈچۈن جۇش ئۇرغان قايناق ئەقىدەم،
    زىھنىمنى ئۇچلايدۇ، بولىمەن دانا .
    ياشايمەن سۆيگۈ ۋە پەخىر ئىلكىدە،
    خىسلىتىم، سۆيگۈمگە سەن بولدۇڭ ئانا !
    يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
    ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !

  •  چىنەڭگە ئاھ ئانام زەمزەم قۇيۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق،

    نىتەي ئەجرىڭ ئۈچۈن پاقلان سويۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

     

     تۇتۇپ چىقماقنى ئويلايمەن ئۇچاڭنى تۈن بويى ئەمدى،

    بېشىڭغا قوش تەكى- ياستۇق قويۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق .

     

     بالامنى ئالغۇچە ئەتتەڭ،سېنى ئالسامچۇ بوينۇمغا،

    زۆرۈر بولسا ساڭا پەيتۇن بولۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.


  •    ۋەتەن ئىشقى كۆكرىكىڭدە بولسا ئەگەر ،
       ھەر غېرىچ يەر سىنىڭ ئۈچۈن بىباھا گۈھەر ،
       بەس ، ھەم شۇ يەردە ياش ۋە ئاداققى قان تۆكىلەر ،
       تامچە قاندىن چۆل قۇچاقلاپ چىمەنلەر كۆكلەر ،
       ھەر مىنۇتتا دۆلەت ئەلا ، مىللەت ئەلا !


       جانلىنىش ، كۆرەش ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچى ،
       ۋەتەن پەرۋەرلىك خەلققە نۇرلار چاچقۇچى ،
       بولغىن شۇڭا گاڭ ئىرادىلىك بىر جەڭچى ،
       بولسۇن ساڭا بۈگۈن ھەربىر يېڭىش بىرىنچى ،
       ئالغا چامدا ، دۆلەت ئەلا ، مىللەت ئەلا !

     

  • بىر زامانلاردا مەنمۇ سىزدەك ياش ئىدىم،
    ياشلىقىم غۇرۇرىدىن بەڭباش ئىدىم.
    گاھ يۈگەنسىز شوخ- ئاساۋ بىر تاي كەبى،
    گاھ بۇلۇتلار ئىچىدە ئۈزگەن ئاي كەبى.
    تەلپۈنەتتىم ھەرنەپەس مۇشتاق بولۇپ،
    ئارزۇ دەرياسىغا قانماق بولۇپ.
    بىر زامان تەكلىماكانغا ئىشتىياق،
    قوزغىلىپ، قويدۇم ئاڭا دادىل ئاياغ.
    تەلىيىمگە ھەمراھىممۇ بار ئىدى _
    كى، خوتەن كارۋانلىرى تەييار ئىدى.
    قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز ماڭدۇق ئۇزاق،
    گاھى ئاتلىق، گاھ ئىشەكلىك، گاھ ياياق.
    بىزگە يول باشلار ئىدى ھېچ تېنىمەي،
    كۆپنى كۆرگەن، كۆپنى بىلگەن بىر بوۋاي.
    ئاخشىمى سۆكسۆك قالاپ، گۈلخان يېقىپ،
    سوزۇلۇپ ئارام ئېلىپ چۆلدە يېتىپ،
    گاھ ھېكايەت ئاڭلىشاتتۇق، گاھ راۋاپ،
    ئۇچرىسا چۆلدە كىيىك يەيتتۇق كاۋاپ...

  •  

     

    بۈگۈنكى دۇنيادا،

    مەدەنىي مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭى يىل بايرىمى بار؛

    شەرەپشان ئۇيغۇر مىللىتىمۇ شۇ قاتاردا بار.

    نەۋروز— ئۇيغۇرنىڭ يېڭى يىل بايرىمىدۇر؛

    ئۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەكلەر مۇھەببەت قاينىمىدۇر.

    بۇ نەۋروز ئەمەلىيەتتە، ھېيت – بايراملارنىڭ ئەڭ ياخشىسى؛

    ئۇنىڭ بار بولغاي مۇنداق بىر مەخسۇس ناخشىسى: