-
دۆلەت ئەلا ، مىللەت ئەلا - [شىئېرىيەت گۈلزارى]
لوتپۇللا مۇتەللىپ
قارا بۇلۇتلار ئۇچۇرشىپ ، چاقماقلار چاقسۇن ،
مۆلدۈر يېغىپ ، دەريالار سەل بۇلۇپ ئاقسۇن ،
چىش ھىڭگايتىپ ئەجەللەر ئالىيىپ باقسۇن ،
مەنزىل توسۇپ جاڭگاللار كۆكسىنى ياقسۇن ،
شۇ چاغدىمۇ دۆلەت ئەلا ، مىللەت ئەلا !
دېڭىز ئۇپقۇن ياساپ قىرغاقتىن تاشسۇن ،
جاھان قاپساپ جۇت بورانلار ھەددىدىن ئاشسۇن ،
تاغلار ئۆرۈلۈپ ئۆتكەل ، يوللارنى باسسۇن ،
يولدا پۇتلاش ئەجدىھا ، لۆجىلەر ياتسۇن ،
يەنە بەرىبىر دۆلەت ئەلا ، مىللەت ئەلا !
مىليون ئېغىر قورال_توپلار بىردىن ئېتىلسۇن ،
زەھەر گازلار ، ئىس_تۈتەكلەر ھەريان چېچىلسۇن ،
ئاندا چەكسىز جەڭۇ جېدەل مەيدانى ئېچىلسۇن ،
سىناشتا تەقدىرنىڭ تۈگۈنلىرى يېشىلسۇن ،
مەيلى ئوخشاش دۆلەت ئەلا ، مىللەت ئەلا !
يەرلەر تىترەپ ، تاغلار بىر_بىرىگە ئۇرۇلسۇن ،
سوقۇش (ئەۋلىيالىرى) نىڭ قارا كۈلى سورۇلسۇن ،
تاڭ نۇرىدا قارا زۇلمەت قوينى يورۇلسۇن ،
بىز كۈتكەن يېڭى گۈلباغ پارقىراپ قۇرۇلسۇن ،
شۇندىمۇ بىزگە دۆلەت ئەلا ، مىللەت ئەلا !
لۆجى ياپۇن مىجىقلىنىپ زىرى_زوبون بولسۇن،
گىتلېردىنمۇ دۇنيادا نامۇ ئەسەر قالمىسۇن ،
زۇلمەت ، غەۋغا تائەبەتكە كەتسۇن_يوقالسۇن ،
ئۇجۇقسۇن زومىگەرلەر ھېچ قوپالمىسۇن ،
ھەر سىناشتا دۆلەت ئەلا ، مىللەت ئەلا !
ۋەتەن ئىشقى كۆكرىكىڭدە بولسا ئەگەر ،
ھەر غېرىچ يەر سىنىڭ ئۈچۈن بىباھا گۈھەر ،
بەس ، ھەم شۇ يەردە ياش ۋە ئاداققى قان تۆكىلەر ،
تامچە قاندىن چۆل قۇچاقلاپ چىمەنلەر كۆكلەر ،
ھەر مىنۇتتا دۆلەت ئەلا ، مىللەت ئەلا !
جانلىنىش ، كۆرەش ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچى ،
ۋەتەن پەرۋەرلىك خەلققە نۇرلار چاچقۇچى ،
بولغىن شۇڭا گاڭ ئىرادىلىك بىر جەڭچى ،
بولسۇن ساڭا بۈگۈن ھەربىر يېڭىش بىرىنچى ،
ئالغا چامدا ، دۆلەت ئەلا ، مىللەت ئەلا !
ل . مۇتەلىپ ناملىق كىتابتىن ئېلىندى