• يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار - [تورداشلار ئەسەرلىرى]

    ئاپتورى:ئۇيغۇر قىزى

    مۇقەددىمە ئورنىدا تۆۋەندىكى يازمىلارنى سىلەرگە تەقدىم قىلاي....

     

    مىللەتنىڭ خاراپلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ، ئاياللار- نىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مىھرىبان بولالماسلىقى سەۋەپ بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ مىھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئىتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىك،جاپا-مۇشەققەت كۈچسىزلىك سەۋەپ بولىدۇ.

    ــــ ئابدۇقادىر جالالىدىن.

    جۈپتى كۆرۈمسىز ئايال بەخىتسىز ئەمەس،ياخشى يىدۈرۈپ،ياخشى كىيدۈرۈدىغان ئەركەككە يولۇقمىغان ئايالمۇ بەختسىز ئەمەس،ئېرى جەڭلەردە قۇربان بولغان ئايالمۇ بەختسىز ئەمەس،ھەتتا پەرزەنتلىك داغىنى تارتىۋاتقان ئايالمۇ بەختسىز ئەمەس،ئەمما ئوغلانىم،شۇ سۆزۈم ئېسىڭدە بولسۇنكى،ئېرى ئىچكۈلۈككە بېرىلىپ كەتكەن ئايال دۇنيادا ئەڭ بەختسىز،ئەڭ غەمكىن،ئەڭ بىچارە ئايالدۇر 

    ــــــ ئاتىلار سۆزىدىن.

    بىر ئايالنىڭ غورۇرى بىر ئەركىشىنى يامان يولدىن توسسا،بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسۇپ قالالايدۇ. 

    ئاياللار ھېيىققۇدەك ئەرلەر قالمىغاچقا ،ئاياللار ھايا پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلىماقتا. 

    ــــ  خاتىرەمدىن.

    بۇرۇن مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئە نادانلىقتىن بولغان بولسا ،بۈگۈنكى كۈندە ھاراقتىن كېلىۋاتىدۇ....  « شىنجاڭ مەدەنىيتى»   ژۇرنىلى

     

     

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار

    كۆزۈمدە ياش قەلبىمدە ئارمان،

    قەلەملىرىم ئامالسىز يازغان،

    ئىمانىڭدىن كەچكىنىڭ يالغان،

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    ئانىلارنىڭ دۇئاسى نەدە؟

    ئاتىلارنىڭ ئارزۇسى نەدە؟

    ئېيتە ئەركەك،ئىمان قەيەردە؟

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    ئاتاڭ دىھقان كەتمەن قولىدا،

    ئاناڭ قالدى كونا چاپاندا،

    ئويلاپ ئوينا مەنزىل قاياندا؟

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    ئۇكىلىرىمىز ئاياغ مايلايدۇ،

    سوغۇقلاردا زار-زار قاقشايدۇ،

    ئەتىسىگە ئەنسىز قارايدۇ،

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    سىڭىللىرىم ئوقۇشسىز قالدى،

    يا ئامالسىز ئوقۇشتىن ياندى،

    گۇناھ،زۇلمەت بىزنى بىر ئالدى،

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار .

     

    گۈل قىزلىرىڭ يولىدىن ئازدى،

    يات قەۋمنىڭ كەينىدىن ماڭدى،

    «ئۈچ خېنىم»دىن نە ئۈمىد قالدى،

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    نىجىس بىلەن ئىتىقاد كەتتى،

    داستىخاننىڭ بەركىتى كەتتى،

    ئۆرپ-ئادەت ھۆرمىتى كەتتى،

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    نوچى دەمسەن جىق كۆتۈرگەننى؟

    ساراڭ ئوخشاش يولدا ياتقاننى،

    ئەل نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەننى،

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

      

    بۇغراخاندىن قالغان يۈز كەتتى،

    كۈچۈڭلارنى ھاراق ئېپ كەتتى،

    ئەۋلاد كۆرەر قانداق قىسمەتنى؟

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار .

     

    ئىتىقاد سۇس بۇلغاندىغۇ قان،

    ئىقتىسادتا بولدۇق ھەم ۋەيران،

    كاردىن چىقتى ھەتتا ئاشقازان،

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    ھارامدىنمۇ ھارامدۇر ساڭا،

    قايسى مەزھەپ يول قويغان ئاڭا،

    ئاخىرەتكە ئىزدەيلى پاناھ،

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    سەجدە قىلدىڭ،قەددىڭنى رۇسلا،

    تاشلىۋەتمەس ياراتقان ئاللاھ،

    ھەم يۆلەيدۇھەق رەسۇلۇللا،

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

     ساھىبى بىز ئېسىل بىر دىننىڭ،

    ئەۋلادى بىز شەۋكەتلىك ئەلنىڭ،

    دۇلدۇلىدىن چۈشمە ئىلىمنىڭ،

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    يىراق ئەمەس كۆرۈنگەن تاغمۇ،

    ئاتا بۇرچى سەندە تاماممۇ؟

    يۈرەك پارەڭ كىيىن ئامانمۇ؟

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    «ئوغۇل دىگەن ئەلگە يارالغان،

    ۋاقتى كەلسە جەڭگە يارالغان.»

    شۇڭا نامىڭ زامان تارالغان.

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    لەيلەپ يۈرسەڭ قانداق چىدايمەن؟

    (بىھۇشلۇقتىن بەك ئەنسىرەيمەن)،

    ئۇيات!ئۇيات! ئەركىكىم،دەيمەن.

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

     

    ئەجدادىڭنىڭ ئىزىنى ياقلا،

    ئۇلار كۈتكەن ئۈمىدنى ئاقلا،

    ھۆرمىتىڭنى،ھەيۋەڭنى ساقلا،

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    ئۇلۇغ بوۋاڭ قولىدا قەلەم،

    قەلەم يالغۇز ئەمەس، بار ئەلەم،

    ئويلا،ئويلا بىزدە تولا كەم،

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    ئايان ساڭا ئەلنىڭ كۈلپىتى،

    ئىزدا قالدى مەھمۇد ھېكمىتى،

    ئىزدە نەدە«ئەرنىڭ ئىپپىتى»؟

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    بۇنداق يۈرسەك تاڭلار ئاتامدۇ؟

    مەرىپەتكە روھىڭ قانامدۇ؟

    ئۇيغۇر دىگەن ئېسىل ياشايدۇ!

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

     ئويلا بۈگۈن ياشاش بولدى تەس،

    بۇ نەدىكى زەيپانە ھەۋەس؟

    ئۆز قەۋمىدىن تانغان ئەر ئەمەس،

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    مەيلى دىسەڭ مېنى ئەدەپسىز،

    چالۋاقاپتۇ دىمىگىن ھەرگىز،

    ھەمشىرەڭمەن مەزلۇمە ئاجىز،

    يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

     

    مىللەت مۇھتاج غورۇرۇلۇق ئەرگە،

    بىز ماڭايلى تىرىشىپ بىرگە،

    ئۈمىدۋارمەن گۈزەل ئەتىگە،

    ئەركەكلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.


    2009-يىل 30-نويابىر    چېڭدۇ





    评论

  • ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپسىز،مۇبارەك دوستۇم.بىلوگىڭىز يەنىمۇ قىززىپ كەتسۇن.