• بىلەمسەن؟ سېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان مېھرىبان ئاناڭ، ھاياتتا  ئۆزى مۇستەقىل مېڭىشنى ئۆگەنسۇن، دەپ، تە – تە قىلىپ، تۇنجى قېتىم  قولۇڭنى تۇتىدۇ.

     سەن مەكتەپكە كىرگەن چاغدا ئۇستازىڭ ساڭا قەلەم تۇتۇشنى ئۆگەنسۇن دەپ، كۆيۈنۈپ قولۇڭنى تۇتىدۇ.

    ھىجران دەشتلىرىدە چاڭقىغان يۈرەكلىرىڭ ۋىسال بوستانىدا  شىۋىرلىشىش پۇرسىتىگە نائىل بولغاندا، نىگارىڭ مۇھەببەت بىلەن قولۇڭنى تۇتىدۇ.

     خەيرلىك سەپەرگە ئاتلىنىپ مۇساپەڭدىكى ھەر بىر داۋاندىن مۇۋەپپەقىيەتلىك  ئاشقىنىڭدا ھاياتتىكى ئېغىر سىناقلاردا سىنىلىپ ئالبۇمىڭنىڭ ئۆڭمەس بەتلىرىدىن ئورۇن ئالغان دوستۇڭ غەلبەڭنى تەبرىكلەپ قولۇڭنى تۇتىدۇ.

    سەن ھاياتتا ئېغىر  سىناققا دۇچ كېلىپ، نېمە قىلىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغىنىڭدا قەلبى ئىنسانپەرۋەرلىك بۇلىقىنىڭ مېھىر – شەپقەت سۈيىدە سۇغۇرۇلغان كىمدۇر بىرى سەمىمىيلىك بىلەن  قولۇڭنى تۇتىدۇ.

    سەن ئاغرىق ئازابىدا  قالغىنىڭدا كېسىلىڭنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاۋاتقان شەپقەت ھەمشىرىسى سېنى ھايات گۈلزارىغا قايتا باشلاپ كېلىش ئۈچۈن قولۇڭنى تۇتىدۇ...


  • بىر زىيالىدىن:

    ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟ دەپ سورىدىم.
    كىتابخانىدا دىدى زىيالىي.


    بىر تېۋىپتىن سورىدىم:

    ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟
    تەن ساقلىقتا دىدى تېۋىپ.

  • باشقىلار ئۆزىنىڭ ھەركەت ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرسا ھەمدە بۇنىڭدىن خوشاللىق تاپسا، سىز ئۇنى چۇقۇم "جاھىل"دەپ قارايسىز؛ بىراق ئۆزىڭىز شۇنداق قىلغان چاغدا، بۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە "مۇستەھكەم ئىرادە" گە ئايلىنىدۇ.

    ·باشقىلار سىزنىڭ دوستىڭىزنى ياخشى كۆرمىگەن چاغدا، سىز ئۇنى "ئادەم تۇنۇمايدىكەن "دەپ قارايسىز؛ ئەمما سىز باشقىلارنىڭ دوستلىرىنى ياخشى كۆرمىگەن چېغىڭىزدا، بۇنى "ئادەمنى توغرا تۇنۇش" ئىقتىدارىڭىزنىڭ پاكىتى قىلۋالىسىز.

    ·باشقىلار ئىشنى ئاستا قىلسا، ئۇنى مىس-مىس تاشپاقىغا ئوخشىتىسىز؛ ئەمما بۇ ئىش سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلسە، ئۇنداقتا ئۇنى "يەتتە ئۆلچەپ بىركەس" نىڭ نەتىجىسى دەۋالىسىز.

    ·باشقىلار زامانغا ماس يېڭى نەرسىلەرنى سېتىۋالسا، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئۇلار شۆھرەتپەرەسلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئەمما ئۇنى سىز سېتىۋالسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئېھتىياجنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ.

    ·باشقىلار سىز ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى تىلغا ئالغاندا ، قارشى تەرەپ نەزىرىڭىزدە كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئەگەر سىز شۇنداق قىلسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ "سەمىمىي بولۇش "نىڭ ئىپادىسىگە ئايلىنىدۇ.

  •  

    ·دوستلىرىدىن پەخىرلەنگەن كىشى بىربولسا ئۆزىگە قاتتىق ئىشەنگەن، بىر بولسا ئۆز تەقدىر ئارغامچىسىنى دوستلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغان كىشىدۇر.

    ·ھىسسىيات كۆزەينەككە، ئەقىل لوپا ئەينەككە ئوخشايدۇ، كۆزەينەك ساڭا پەقەت شەيئىلەرنى شەكلەن كۆرسىتىدۇ، لوپا ئەينەك بولسا ساڭا شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

    ·پەرزەنت ياخشى تەربىيلەنسە پەرىزاتقا ئايلىنىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا پارازىتقا ئايلىنىدۇ.

    ·بالىڭىزنىڭ ئورۇنسىز تەلىپىگە بېقىپ ئالىمەنكى دېگەن نەرسىسىنى ئېلىپ بەرمەڭ، بولمىسا كەلگۈسىدە پۇشايمان قىلىپمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز.

    ·ھەمىشە باشقىلاردىن ئاغرىنىش ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

    ·ئايال كىشىنىڭ كوچىدىكى سۆلىتىگە قارىماي، تۇتقان ئۆيىگە قارا.

  • ﺋﻮﻏﻠﯘم!

      ﺳﻪن ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯘزاق ﺋﻮﻳلاﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﺎﯕﺎ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ رﯦﺘﺴﯧﭙﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق دورا - ﺋﻮﻛﯘﻟﻐﺎ ﻣﻮﮬﺘﺎج ﺋﻪﻣﻪس. ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﺶ - ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﯔ، ﻛﯚﯕﯜل - ﻛﯚﻛﺴﯜﯕﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ.

      ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎلاﻗﯩﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪە ﻣﯘﻧﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩلارﻏﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻞ:

      ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪ؛

      ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎراﯕلاﺷﻘﺎﻧﺪا ﭼﯧﮭﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم ﭘﺎرلاپ ﺗﯘرﺳﯘن، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﯚزﯨﻨﻰ زەن ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕلاﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟال؛

      ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﻣﻪ، ﺗﺎﺳﺎدﯨﭙﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺗﻪﻗﺪﯨﺮدە، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻛﻪت ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﯖﺪە ﺳﺎﻗلا؛ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﻰ ﺧﯘددى ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻟﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ، ﺋﯘﻧﻰ ﭘﯘراپ ﻗﻮﻳﺴﺎﯕلا ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ، ﻣﯘﺑﺎدا ﭘﯘرﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﺘﺨﯘش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺴﻪڭ، ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪدەم ﺑﺎﺳﯩﺴﻪن؛

  • توختى بۇ سەپەردىكى،يىنىدا ئولتۇرغان ھەمراھىنى<قارىم> دەپ ئاتايتتى.
    <قارىم>ئۆزگىچە ئادەم ئىدى،گەپلىرى بەكمۇ چوڭقۇر مەنىلىك ئىدى،توختى بۇ ئادەم بىلەن پاراڭلىشىشنى خالاپ قالدى.
    _قارىم سىلى قانچىلىك ئوقۇغان؟
    _مەن ئوقۇمىغان،دېدى قارىم كۈلۈمسىرەپ،توختى بۇ گەپتىن ھەيران قالدى،
    _ھەيران قېلىۋاتىلا ھە.....،بىلىم دىگەن مەكتەپتىن باشقا يەردىمۇ بار،ئوبدانراق كۆزىتىپ باقساق ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانىڭ ھەممىسى بىلىم،بىلىشنى ئىرادە قىلساق ئاللاھ تائالا بىزگە بىلدۈرىدۇ.
    ئۇلار ھاياتلىق ھەققىدە پاراڭلاشتى،توختى قارىمغا ئىدارىسىدىكى ئىشلارنى،جەمىيەتنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە پاراڭ سېلىپ بەردى.
    ئۇكام،دېدى قارىم بىر چاغدا توختىنىڭ گىپىنى بۆلۈپ،_دۇنيادا سەۋەپسىز ھېچنەرسە يوق،جاھانمۇ ئەمدىلا بۇزۇلغىنى يوق،بۇزۇلغىلى خېلى بولغان،بىز نەتىجىسىنى كۆرگۈچىلەر خالاس.
    _تۈزىگىلى بۇلارمۇ؟
    _تۇلۇق بۇزۇلۇپ بولسا ئاندىن تۈزىگىلى بولىدۇ،چالا بۇزۇق نەرسىنى تۈزىمەك تەس،توپان بالاسى ھەممىنى تۈزەيدۇ،بىلگۈچى ئاللاھ..


  • راست سۆزلىگەن ئادەمنىڭ خاتالىقى ئاز ، ئارتۇقچىلىقى كۆپ بولىدۇ .


    ئارزۇ - ئارمانلىرىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي كىرىم سەۋىيەڭگە تۇشلۇق بولسۇن ، ئىقتىسادىي سەۋىيەڭ ئۆسكەندە ئاندىن ئۇنى ئۆستۈرمىسەڭ كۈلكىگە قالىسەن .


    ئاددى - ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ماھىر بولمىغان ئادەم مەڭگۈ قۇل بولۇپ ئۆتىدۇ .


    گۈزەل نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نەرسىلەردۇر ، بىراق ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى گۈزەللىك بولىۋەرمەيدۇ .


  • ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى چىكىڭ،شۇندىلا تىمىنى تۇلۇق مەزمۇنىنى كۆرەلەيسىز

     

     

     

    بېشىدىن كۆپ ئىسسىق-سوغۇق ئۆتمىگەن ئاتىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغان بىر تەنتەك يىگىت بار ئىكەن.
    بىر كۈنى ئاتا-بالا ئىككەيلەن بىللە باغچىغا بىرېپتۇ ، يىگىت بىر تال گۈلنى تۇتۇۋېلىپ :
              ئاتا ،بىز ياشلار مانا شۇ ئېچىلىپ تۇرغان گۈلگە ئوخشاش تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچكە ئىگە . سىلەر قېرىلار قانداقسىگە ئۆزۈڭلارنى ياشلارغا سېلىشتۇرالايسىلەر ؟-دەپتۇ .
              ئاتا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ گەپ قىلماپتۇ ، ئەمما بىر كىچىك دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، بىر بولاق ياڭاق ئېلىپ ، ئۇنىڭ بىرىنى ئالقىنىغا قويۇپ تۇرۇپ :
              بالام ، ئوخشىتىشىڭ ناھايىتى جايىدا بولدى ، ئەگەر سەن ئېچىلغان گۈل بولساڭ ، مەن مانا بۇ قۇرۇق مېۋىگە ئوخشايمەن . بىراق ، پاكىت ئادەملەرگە شۇنى ئۇختۇرۇدىكى ، ئېچىلغان گۈل ئۆزىنىڭ ھاياتىنى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈل بەرگىلىرىدە نامايەن قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، مېۋە بولسا ، ھاياتىنى شاكال ئىچىگە چوڭقۇر يۇشۇرۇنغان ئۇرۇققا سىڭدۈرۈپ قويۇشقا خۇشتار !-دەپتۇ . يىگىت بۇنىڭغا قايىل بولماي :
              گۈل ئېچىلمىسا ، مېۋە نەدىن كەلسۇن ؟- دەپتۇ . ئاتا قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ :
        -شۇنداق ، مېۋىنىڭ ھەممىسى ئەسلى گۈل ئىدى ، ۋەھالەنكى ، ئېچىلغان ھەممە گۈلنىڭ مېۋىگە ئايلىنالىشى
    ناتايىن ! -دەپتۇ .

  • ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى باسسىڭىز،ئاندىن تىما مەزمۇنى تۇلۇق چىقىدۇ.

     

    1. ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورانغىنىدۇر. ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز ، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن، گۈزەل بولسىمۇ شەرم-ھايالىق بولمىسا، ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ. ئىپپەتلىك قىز دېگەندە، كۆز ئالدىمىزغا تەبئىي مۇلايىم، ئەقىل-پاراسەتلىك، ھايالىق، نومۇسچان، ئاتا-ئانىغا مېھرىبان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتىبارلىق قىز نامايەن بولىدۇ ۋە بۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقىملىق كۆرىنىدۇ. ھايا كىشىلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋە ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا، شۇنىڭ ئۇيتى بولمايدۇ ۋە بارچە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ...