-
يىگىت بىلەن بۇۋاي - [ھېكمەتلەر-دۇردانىلەر]
بېشىدىن كۆپ ئىسسىق-سوغۇق ئۆتمىگەن ئاتىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغان بىر تەنتەك يىگىت بار ئىكەن.
بىر كۈنى ئاتا-بالا ئىككەيلەن بىللە باغچىغا بىرېپتۇ ، يىگىت بىر تال گۈلنى تۇتۇۋېلىپ :
ئاتا ،بىز ياشلار مانا شۇ ئېچىلىپ تۇرغان گۈلگە ئوخشاش تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچكە ئىگە . سىلەر قېرىلار قانداقسىگە ئۆزۈڭلارنى ياشلارغا سېلىشتۇرالايسىلەر ؟-دەپتۇ .
ئاتا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ گەپ قىلماپتۇ ، ئەمما بىر كىچىك دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، بىر بولاق ياڭاق ئېلىپ ، ئۇنىڭ بىرىنى ئالقىنىغا قويۇپ تۇرۇپ :
بالام ، ئوخشىتىشىڭ ناھايىتى جايىدا بولدى ، ئەگەر سەن ئېچىلغان گۈل بولساڭ ، مەن مانا بۇ قۇرۇق مېۋىگە ئوخشايمەن . بىراق ، پاكىت ئادەملەرگە شۇنى ئۇختۇرۇدىكى ، ئېچىلغان گۈل ئۆزىنىڭ ھاياتىنى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈل بەرگىلىرىدە نامايەن قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، مېۋە بولسا ، ھاياتىنى شاكال ئىچىگە چوڭقۇر يۇشۇرۇنغان ئۇرۇققا سىڭدۈرۈپ قويۇشقا خۇشتار !-دەپتۇ . يىگىت بۇنىڭغا قايىل بولماي :
گۈل ئېچىلمىسا ، مېۋە نەدىن كەلسۇن ؟- دەپتۇ . ئاتا قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ :
-شۇنداق ، مېۋىنىڭ ھەممىسى ئەسلى گۈل ئىدى ، ۋەھالەنكى ، ئېچىلغان ھەممە گۈلنىڭ مېۋىگە ئايلىنالىشى ناتايىن ! -دەپتۇ .