• يۈرەك يېغلايدۇ - [يانغىن ئىجادىيەتلىرى]

    يۈرەك يىغلايدۇ

    ئاپتورى:ئەزىز ئىمىر يانغىن

    بۈگۈن يەكشەنبە ، ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ زىرىكتىم . خۇددى سىز ئۇچراپ قالىدىغاندەك كوچىغا چىقىپ نىشانسىزلا ئايلاندىم . ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بۇ چوڭ شەھەردە ئالدىراش پېتى مىغىلداپ كىتىۋاتقان ئادەملەر ئارىسىدا مەن يەككە -يىگانە . بەزىدە سىزدىن ئايرىلىپ شۇنچە يىراق يەرگە ئوقۇشقا كەلگىنىمگە ئازراق پۇشايمانمۇ قىلىپ قالىمەن . بىراق، يەنە تېزلائۆزۈمگە قايتىمەن ، دائىم ئەقىل بىلەن ھىسىيات ئارىىسدا مانا شۇنداق تېڭىرقايمەن . سىز مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم ، سىز بولسىڭىزلا مەن ھەرقانداق جاپاغا چىدايمەن ، سىز مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ . >>

    <<زاھىرە چىن يۈرىكىدىن چىققان ،سېغىنىشلىق ھىسياتى ئۇرغۇپ تۇرغان خەتنى يېزىپ بۇلۇپ ، ئۆزى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتى . شۇئان ئۇنىڭ مەمنۇنلۇق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان چىرايىدا چىرايلىق زىناق پەيدا بۇلۇپ ، بۇ گۈزەل قىزنى تېخىمۇ ئوماق تۈسكە كىرگۈزۋەتتى .
    زاھىرە تەتىل ئاخىرلىشىپ مەكتەپكە قايتىپ كىلىپ ، ئەكرەمنى ئويلىماسلىققا تىرىشىپ بىر نەچچە ھەپتىنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ، ئاخىرى تاقەت قىلالمىدى . خەتنى چىرايلىق قاتلاپ ، كونۋىرتقا سالغاندىن كىيىن كۈندىلىك ئادىتى بۇيىچە ياستۇقنىڭ ئاستىغا سېلىپ قويغان نەرسىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى . بۇ - ئەكرەمنىڭ بەش سۇڭلۇق رەڭلىك رەسىمى ئىدى . زاھىرە رەسىمگە ئۇزۇندىن -ئۇزۇن قارىدى ، رەسىمدىكى كۆزلەر ئۇنىڭغا مۇھەببەتلىك تىكىلىپ تۇراتتى . بۇنىڭدىن سېغىنىش ئوتى تېخىمۇ كۈچىيىپ كۆزلىرىگە ياش ئەگىدى . بەزىدە گۈزەل ئەسلىمىلەرگە چۈمۈلۈشمۇ ، ئۆزى چىن قەلبىدىن سۆيگەن بىرسىنى سېغىنىشمۇ مۇشۇنداق ئازاب ئىكەن . زاھىرە رەسىمگە سىنچىلاپ تىكىلگىنىچە ، رەسىمنى ئىختىيارسىز لەۋلىرىگە ئەكەلدى . خۇددى....خۇددى ئەكرەمنىڭ تۇنۇش ، شىرىن ھىدلىرى كەلگەندەك بۇلۇپ ... زاھىرەنىڭ لەۋلىرى تىترىدى ، ئەمما رەسىم بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر پارچە مۇز ئويۇپ قالغاندەك ئەندىكىپ توختاپ قالدى ، ۋۇجۇدى مۇزلىغاندەك بولدى . ئاھ مۇھەببەت ،  ئاھ سېغىنىش  نىمىدىگەن ئازابلىق  -ھە ؟!...
    ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى زاھىرەنى ئازابلىق ھەم شىرىن خىياللار قوينىدىن تارتىپ چىقتى . ياتاقدىشى رەنا بىر قۇلىدا تاماق قاچىسى ، يەنە بىر قۇلىدا چايداننى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى .ئۇ زاھىرەگە قاراپ :<<ھەي ،دەردى بار ساراڭ >>دەپ كۈلۈپ قۇيۇپ شىرە يېنىغا باردى . قۇلىدىكى تاماق قاچىسىنى شىرە ئۈستىگە قۇيۇپ ، كۇرۇشكىلارغا قايناق سۇ قويدى .
    -تاماق يىدىڭمۇ ؟-دېدى ئۇ زاھىرەگە قاراپ ،-كەل ، تاماق يىمىگەن بولساڭ بىللە يەيمىز ، بەك ئوخشاپ كىتىپتۇ .
    زاھىرە پەرىشان ھالدا بېشىنى چايقاپ قويدى ، رەنا ئارتۇق تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا تامىقىنى يىيىشكە باشلىدى. زاھىرەمۇ ئۆز خىيالى بىلەن ئولتۇرۋەردى.
    - زاھىرە ،ئۇنداق ئاھ چىكىپ ئولتۇرغاننىڭ پايدىسى يوق ،-دېدى رەنا ،-سېنىڭ <<ئاھ >>لىرىڭنى بەرىبىر ئۇ ئاڭلىمايدۇ . كېلىپ بۇ بىچارە ھالىتىڭنىمۇ كۆرمەيدۇ . <<سېغىنىشتىن يۈرىكىگە تەسىر قىلىدۇ .>>دەپمۇ ئويلىما . بۇنداق قىلساڭ ئۆزۈڭنى قىيناشتىن باشقا نەتىجە چىقمايدۇ . ماڭا باشقىچە قارىما ، شۇنداق جاھان بۇ ، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ئايرىلىش ھامان بۇلۇپ تۇرىدۇ .مەكتەپكە كەلگىنىڭگە ھەپتە بولماي بۇنچە سېغىنىپ كەتسەڭ ،كىيىن قانداق قىلارسەن ؟...
    زاھىرە رەناغا ھەقىقەتەن ھەيران قالدى ، ئەتىدىن -كەچكىچە ئولتۇرۇش دەپ گىرىم قىلىپ يۈرۈيدىغان بۇ قىزنىڭ ئېغىزىدىن ئۇنداق گەپلەرنىڭ چىقىشىنى ھەرگىز كۈتمىگەنىدى، ياق ئويلىمىغانىدى . زاھىرە <<بۈگۈن رەناغا نىمە بولغاندۇ ؟..>>دىگەندەك قىلىپ ھەيرانلىق بىلەن بىر ھازا قارىۋەتكەندىن كىيىن ، ئورنىدىن تۇرۇپ شىرە تۈۋىگە ، رەنانىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى .
    - بەللى ئاداش ،-دېدى رەنا يەۋاتقان تاماق قاچىسىنى زاھىرەنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ ،-بىر ياتاقتا ياتقىنىمىزغىمۇ بىر يىل بۇلاي دەپ قاپتۇ ،قاچانلا قارىسام شۇنداق مەيۈس يۈرۈيسەن ،بۇنداق يۈرۈپ نىمىگىمۇ ئېرىشەلەيتتىڭ ، تېخى تاماق يىيىشنىمۇ ئۇنتۇپسەن ....
    زاھىرە شۇندىلا قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ تازا ئوخشىغان پولونى ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلىدى.
    -ئاداش ،-دېدى زاھىرە تاماقنى يەپ بۇلۇپ ، ئەينەككە قاراپ چاچلىرىنى تاراۋاتقان رەناغا قاراپ .
    -ئوۋ...
    -رەنا ، سەنمۇ مۇھەببەتلەشكەنمۇ ؟
    -قويە ئاداش مۇھەببەتلىشىش دىگەننى ، بىلسەڭ مەن ئىككى قېتىم يۈرۈپ ، كۆپ زەربە يىگەن . يىگىتلەردىن ئاسانلىقچە ۋاپا كەلمەيدۇ . بىرىنچىسى بىلەن ئارلىشىپ بىر يىل بۇلاي دىگەندە ، باشقا بىرىنى تېپىۋىلىپ كۆڭلۈمگە ئازار بەردى ، يەنە بىرسى ، ئۇنى سەنمۇ تۇنۇيسەن . ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدىكى كېرەم . ئارلىشىپ بىر ئاي ئۆتە -ئۆتمەيلا يۇرتدىشى زۆھرە بىلەن يۈرىۋالدى . ۋاي ، نىمە دەي ...سەتلىكىنى ئۇ نىمىنىڭ . شۇ ۋاقىتتا قانداق بۇلۇپ يۈرۈپ قالغان بولغىيتتىم ؟!...
    <<تازا غەلىتە ئىكەنغۇ ، بۇنداق ئادەملەردە ھەقىقىي مۇھەببەت ھىسىياتى نىمە ئىش قىلسۇن ،-دەپ ئويلىدى زاھىرە ، ئۇنىڭ يىگىتلەر ھەققىدىكى گېپىگە رەددىيە بەرمەكچى بولدىيۇ .-شۇنداق ئىكەن ،ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەننىڭ نىمە پايدىسى ...>>
    -ھەي ،-دېدى رەنا ئېغىر خۇرسىنىپ ،-ساڭا ھەيرانمەن ، ئۇ يىگىتنى بەكلا ياخشى كۆرىسەن ، دەردىڭنى ئوبدان بىلىمەن . بەزى كېچىلىرى تېخى <<ئەكرەم >>دەپ جۆيلۈيسەن ...لىكىن ئوبدان ئويلاپ باقە ، ئۇ ساڭا ئارلاپ -ئارلاپ تېلفۇنمۇ قىلىپ قويمايدۇ ، تېخى بۇ چاققىچە بىرەرسىنى تېپىۋالدىمۇ تېخى ....
    بۇ گەپ زاھىرەنىڭ يۈرىكىگە ۋاششىدە تەگدى . ھەي مۇھەببەت ، ھەي مۇھەببەت ، ھەر يۈرەكتە بايرىقىڭ ئۆزگىچە لەپىلدەر ...
    <<يامان ئاغزىڭغا خۇدايىم بالا بىرە ، نىمانداق گەپلەرنى قىلىدۇ بۇ ساراڭ . بۇنداق ئادەملەرگە دەرت تۈكۈپ ئۆزۈممۇ ساراڭ >>زاھىرە كۆڭلىدە شۇلارنى ئويلاپ ، رەناغا ئاچچىقى كىلىپ ئالىيىپ قاراپ قويدى . رەنا پەرۋاسىز ھالدا گىرىم قىلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى .
    زاھىرە ئەكرەمگە يازغان خەتنى تېزراق سېلىۋىتىش ئۈچۈن پوچتىخانىغا قاراپ ماڭدى . ئەكرەم يادىغا كىلىۋىدى ، بايا رەنا دىگەن گەپلەرنى ئويلاپ يۈرىكى ئېچىشتى . <<بولدى ، ئەمدى مۇھەببەت قاينىمىغا چۈكۈپ يۈرمەي ياخشى ئوقۇيمەن .>>دەپ ئويلاپ باشقا نەرسىلەرنى خىيال قىلىشقا تىرىشتى . بىراق ، ئەكرەم ئۇنىڭ خىيالىغا يەنە كىرىۋالدى . دىمىسىمۇ ئۇ خۇددى زاھىرەدىن قۇتۇلغىنىغا خوش بولغاندەك ، بىر ھەپتىدىن بۇيان زاھىرەگە بىر قېتىممۇ تېلفۇن قىلىپ قويمىغانىدى . بۇنىڭدىن زاھىرەنىڭ يىغلىغۇسى كەلدى ، ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم قۇچاقلىشىپ ئايرىلىشقاندىمۇ ، نەملەشمىگەن بۇ كۆزلەرگە لۆممىدە ياش كەلدى ...


    ئۆستەڭ بۇيىدا ساقلىدىم سىنى ،
    يۈزۈڭنى كۆرمەي سېغىندىم سىنى .
    قارا قاشلىق گۈزەل يايرىم ،
    ئىشقىڭدا ئىزىلسە مەيلىتى دىلىم .

    تاڭمۇ ئاتىدۇ كەچمۇ بۇلىدۇ ،
    مۇھەببەتلەشمەك شۇنچە تەسمىدۇ .
    ئايغا قاراپ ناخشا ئېيتسام ،
    كۈيلىرىمدە يۈرەكلىرىم كۈيىۋاتىدۇ ...


    مەزمۇنى نىمىدىگەن چوڭقۇر ، مۇڭى نىمىدىگەن ئېغىر ناخشا بۇ ؟ تېلفۇنىدىن چىقىۋاتقان بۇ ناخشا زاھىرەگە قاتتىق تەسىر قىلدى . <<تاڭمۇ ئاتىدۇ ، كەچمۇ بۇلىدۇ . مۇھەببەتلەشمەك شۇنچە تەسمىدۇ...>> دىگەن مىسرالارنى پىچىرلاپ باغرى ئىزىلىپ كەتتى . يۈزىنى ياستۇققا چىڭ بېسىپ ۋۇجۇدىدا دەۋرەپ تۇرغان سېغىنىشنى بېسىشقا تىرىشتى . ..ئاندىن يەنە قۇلىنى ئېھتىيات بىلەن ياستۇقنىڭ ئاستىغا تىقىپ ئەكرەمنىڭ رەسىمىنى سىلىدى . ئەمما چىقىرىپ كۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى .سېغىنىش نىمىدىگەن ئازاب - ھە ! ئەنە ناخشىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ بالىلىق مەزگىللىرى ، گۈزەل مۇھەببەتلىك ھاياتى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا گەۋدىلەنمەكتە ....


    زاھىرە ،مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى قاچانلاردا بىلدى ، شۇندىن باشلاپ ئەكرەمنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى ئاستا -ئاستا ھېس قىلىشقا باشلىدى . ئىككىسى تۇلۇقسىز دىن تارتىپ بىر سىنىپتا ئوقۇشقا باشلىغان ، قىزىقارلىقى تۇلۇق ئوتتۇرىدىمۇ بىر سىنىپ ، بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ قالغانلىقى ... زاھىرە ئەكرەمنى كۆرسىلا قىزىرىپ گەپ قىلالماي قالاتتى ، تېخى دەرس ۋاقتىدا سىرلىق رەۋىشتە ئۇنىڭغا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قارايتتى، قاپقارا قاش ، ئوتلۇق ،يوغان كۆزلەر ...
    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا ئۇلار تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىغا قەدەم باستى ، بىىر قېتىملىق ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشىدىن كىيىن ئەكرەم زاھىرەگە سۆيگۈ ئىزھار قىلىپ خەت يازدى . بۇنى كۈرۈپ زاھىرەنىڭ خۇشاللىقىدىن يۈرەكلىرى يېرىلىپ كىتەيلا دىگەن ئىدى ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار يۈرۈپ قالدى ، كۈندە بىللە دەرس تەكرار قىلاتتى ، كەلگۈسى توغۇرلۇق تاتلىق -تاتلىق پىكىرلەرنى قىلىشاتتى ....
    لىكىن رىئاللىق ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىدى ، ئەكرەم ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمىگەن ، زاھىرە داڭلىق ئۇنۋىرستقا قۇبۇل قىلىنغان ئىدى . سۆيگەن يىگىتىدىن ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى ئاشۇ زاھىرەگە ئوخشاش ئايرىلىش ھىجرانىنى تېتىغانلارلا تۇللۇق چۈشىنەر بەلكىم . ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغىدىن خۇشال بۇلۇپ ،ئالەمچە بەختلەرگە چۈمۈلىۋاتقان ئەشۇ مىنۇتلاردا زاھىرە بىلەن ئەكرەم دائىم بىللە بارىدىغان باغچىدا بىر -بىرىگە قېنىشماي ، بۇنداق ئايرىلىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغاچقا ، تەقدىرنىڭ ئۇلارغا قىلغان بۇ ئازابىدىن زارلىنىپ تۇراتتى ....زاھىرەگە قاراپ ئەكرەمنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ بۇزۇلدى .
    -بولدى يىغلىما جېنىم ...سەن يىغلىساڭ مىنىڭ يۈرىكىم ئاغرىيدىكەن .
    -بىلەمسىز ئەكرەم ...مىنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىم سىزدىن ئايرىلىپ قېلىش ئىدى ، سىزدىن ئايرىلىپ قانداق ئوقۇيمەن ، مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن....-زاھىرە تېخىمۇ بۇغۇلۇپ كەتتى . ئەكرەممۇ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۈتەلمىگەنلىكىگە ئۆكۈنۈپ كۆز يېشى قىلدى .
    - ياق .. ھېچكىم بىزنى ئايرىۋىتەلمەيدۇ ، مەن سىنى سۆيىمەن ...ئاخىرقى تىنىقىم قالغۇچە سۈيىمەن . ماڭا ئىشەن گۈلۈم ، مەن سىنى ساقلايمەن !،-ئەكرەم شۇنداق دەپلا
    ۋەدىمىز ۋەدە ، قالمايدۇ يەردە ، ۋەدىمىز يەردە قالسا ئەگەردە ، ئېيتىڭچۇ قىزچاق ،ۋىجدان قەيەردە ؟!-دەپ قوشاق تۇقۇپ زاھىرەنى كۈلدۈرۋەتتى ..
    -ئەمىسە ۋەدىمىز ۋەدە ..مىنى ساقلاڭ ، مەن چۇقۇم ياخشى ئۇقۇپ ، گۈزەل كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تىرىشىمەن !
    -چۇقۇم شۇنداق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز ... مەنمۇ ئىش تېپىپ ئىشلەپ ساڭا پۇل ئەۋەتىمەن . سەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كىينلا تۇيىمىزنى قىلىۋالىمىز ...
    -ئەمىسە سىزگە ئىشىنىمەن ئەكرەم .
    مۇھەببەتلىك لەۋلەر بىر -بىرىگە چىڭ جىسىپلاشتى ، ئاي ئۇلارنى كۈرۈپ خىجىل بۇلۇپ ئۇماق جىلمايدى .
    شۇنداق قىلىپ زاھىرە بۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى تاشلاپ ، يىراق شەھەرگە ئوقۇشقا ماڭدى ، كۆز ياشلىرىنى يۇم -يۇم تۈكۈپ ئەكرەمدىن ئايرىلدى ، ئەكرەممۇ ئۇنىڭغا ئەڭ ساپ ، پاك بولغان ۋەدىلەرنى ، بەخىتلەرنى تىلەپ قالدى .
    زاھىرە شۇلارنى ئويلاۋىتىپ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى ، ئەكرەمنى كۆرگۈسى كىلىپ رەسىمنى ئاخىرى چىداپ تۇرۇپ ياستۇق ئاستىدىن ئالدى ،ھەم رەسىملەرگە لەۋلىرىنى يېقىپ ئاللاھدىن تىلىدى :
    -ئۇلۇغ ئاللاھ ، مۇرات -مەقسىتىمىزگە يەتكۈزگەيسەن !!!

    كۈنلەر بىر -بىرنى قوغلاپ ئۈتۈشكە باشلىدى . ئەكرەم زاھىرەگە تېلفۇن قىلاتتى ، لىكىن دائىم ئەمەس ، ھەپتە -ھەپتە ئۈتۈپ تېلفۇن قىلاتتى . ئۆزىنىڭ قانداقتۇر قىزىقارلىق ئىشلىرىنى ، مۇۋاپىقىيەتلىرىنى ، زاھىرەنى سېغىنغانلىقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيتتى . زاھىرەمۇ كۆز ياشلىرىنى يامغۇردەك تۈكۈپ ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشلىق ھىسىياتىنى ئىپادىلەيتتى . بىر -بىرىگە تاتلىق -تاتلىق ۋەدىلەرنى بىرىشەتتى ....
    نىھايەت ، زاھىرە ئۈچۈن تۇلىمۇ مۇدھىش بىلىنگەن بۇ بىر مەۋسۇم ئاخىرلىشىپ ، تەتىل قۇيۇپ بىرىشى بىلەنلا يۇرتىغا قاراپ يول ئالدى . توي ئىستىكى يۈرىكىنى غىدىقلاپ تۇرغان مەزگىلدىكى قىزلارغا ئوخشاش زاھىرەمۇ يۇرتىغا كەلگۈچە خۇددى تويى بۇلىدىغاندەك ئاللىقانداق تاتلىق ھېسلىرىغا چۈمۈلدى . ئۆيىگە قايتىپ بېرىپلا ،ئۆيدىكىلىرى بىلەن بىر قۇر كۈرۈشكەندىن كىيىن ئەكرەمنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى . مۇھەببەت ئالدىدا ئۇ ھېرىپ چارچاشنىمۇ ، ئاتا-ئانا ، قېرىنداشلىق مىھرىنىمۇ ئۇنتىغانىدى . ئەكرەمنىڭ ئۆيىگە يېقىنلاشقاندا بولسا يۈرىكى ئالدىغا ، پۇتى كەينىگە تارتىپ بۇلالماي قالدى . زاھىرە تاتلىق خىياللار بىلەن دەرۋاز ئالدىغا كەلگەندە بولسا يۈرىكى باشقا بىرى تەرىپىدىن سۇغۇرلىنىۋىلىنغاندەك بۇلۇپ كەتتى . ئۆيگە يوغان ، چوڭ قۇلۇپتىن بىرسى سېلىنغان ئىدى ، دەسلەپ ئۇ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى ،كىيىن گاڭگىرىدى ... دەل شۇ ۋاقىتتا ئەكرەمنىڭ قوشنىسى ئۇنى كۈرۈپ قالدى ،
    -ئەسىسىلامۇ ئەلەيكۇم سىڭلىم .
    -ۋەئەلەيكۇم ھەدە .
    زاھىرە ئۇ ئايالنى تۇنۇيتتى ، ھەم خېلى يېقىن ئىدى . بۇرۇن نۇرغۇن قېتىم شۇ ئايال ئۇلارغا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلغان ....
    -قاچان كەلدىڭىز سىڭلىم ، ئەكرەمجاننى ئىزدەپ كەلگەنمىدىڭىز ؟
    -تېخى بۈگۈنلا كەلدىم ھەدە ...ئۆزىڭىز ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟...
    -مەنمۇ ياخشى سىڭلىم . مۇھەببەت بەك قۇدرەتلىك ھە ...سىلەرگە قارىسام مىنىڭمۇ ياشلىق مەزگىللىرىم ئىسىمگە كىلىدۇ . لىكىن بىز سىلەردەك بەخىتلىك ئەمەستۇق ... ھەي بىچارە سىڭلىم ...بەخىتسىز بۇلۇپ قالىدىغان بولدىڭىز دە !
    زاھىرە تېڭىرقىدى ، ئۇ ئايالنىڭ بۇ  سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چۈشنىكسىز بىر ھسىيات ئىچىدە ئىچى ئاچچىق تولغىنىپ كەتتى .
    -سىڭلىم ،سىزگە دىسەم پات يېقىندا ئەكرەمجاننىڭ تۇيى بولماقچى ...ئۇلار بەلكىم شەھەرگە تويلۇق ئالغىلى چىقىپ كەتكەنمىكىن ....
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى ، پۇت -قۇلىدا جان قالمىدى . ئۇ ئايال يەنە گەپ قىلىشقا باشلىغاندا بولسا ،ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلىغىنىچە كوچا بېشىغا قاراپ يۈگۈردى . بايىقى گەپنى ئويلىسىلا ئۇنى تىترەك باساتتى ، بىر قۇرقۇنچ يۈرىكىنى ئىزەتتى . <<ياق ، ياق ، دەپ نالە قىلدى ئۇ ، -مۇمكىن ئەمەس ، ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ، ئەكرەم مىنى ئالدىمايدۇ ،مىنى ئاخىرغىچە ساقلايدۇ ...>>زاھىرە تېخىمۇ بەك يىغلاپ كەتتى . ئۇ بۈگۈن ئۆيدىكىلىرى بىلەنمۇ تۈزۈك كۈرۈشمەي قانچىلىغان گۈزەل ئارزۇ -ئارمانلارنى قىلىپ كەلگەن ....ئاھ ، تەقدىر نىمانداق رەھمىسز ...نىمىشقا مۇشۇنداق پاك سۆيگۈ ئىگىلىرىنى يىغلىتىدىغاندۇ ؟...
    زاھىرە ئەنە شۇ دىل ئازارلىقىدىن پەيدا بولغان غەزىپى تۈپەيلىدىن قەبرىستانلىقتىن قانداقلارچە ئۈتۈپ كەتكىنى تۇيماي قالدى ، ئۇ كوچىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۆزىنى بىر ئاز بېسىۋالدى . ۋە كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ ئۆيگە كىرمەكچى بولدى . لىكىن ، ئۆزىنى تۇتىۋالغاندىن كىيىن ئۆيگە كىرگۈسى كەلمەي  ، دائىم ئەكرەم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىدىغان شىرىلداپ سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىق بۇيىغا كىلىپ ئولتۇردى . << ئەكرەم ، بۇ راستمۇ؟ سەن مىنى مۇشۇنداقلا تاشلىۋەتمەكچىمۇ ؟...مىنى ئاخىرغىچە ساقلىماقچى بولغىنىڭچۇ ؟...ئاھ ...>> ئۇ تېخىمۇ بەكرەك ئىسەدەپ يىغلىۋەتتى ....


    ئەكرەم قوشنىسىدىن زاھىرەنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ئورنىدا ئولتۇرۇپ قالدى ، شۇ تاپتا نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئۇيقۇ يوق ، زاھىرە ئالدىدا ۋىجدانسىز ئاتىلىپ قالغانلىقىغا ، ئاشۇ كېچىدىكى قاباھەتلىك ئىشنى ئويلاپ ۋىجدانى ئازابلىنىپ ، ئۆزىنى ئەيىبلەپ كەتتى . زاھىرەنىڭ ئېچىنىشلىق يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بۇلۇپ ، يۈرىكى سانجىپ ئاغرىدى . ئۇ بۇنچىلىك بۇلۇپ كىتەرىنى پەقەت ئويلىمىغانىدى . شۇ دەقىقىدە قاتتىق پۇشايمانلىق ھېسلىرىغا چۈمۈپ ، ئۆز -ئۆزىنى ئەيىبلەپ ئادەم بۇلۇپ تۇغۇلۇپ قالغىنىغا نالەتلەر ئوقۇپ كەتتى ...
    ئەكرەم ئىدارە باشلىقى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ .خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىن ، بىر تەرەپتىن ئائىلىدىكىلىرىنىڭ تەنە گەپلىرىگە ، يەنە بىر تەرەپتىن زاھىرەنى سېغىنغان ئوتلۇق مۇھەببىتى تەرىپىدىن ھاراققا بىرىلىپ كەتكەنىدى . ئىچىدىغان كۈنىمۇ ، ئىچىدىغان مىقدارىمۇ كۆپەيگەنىدى ، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى ، ھاراق بېشىغا چىقتى . ئەكرەم ئىسپىرت پۇراقلىرىنىڭ مەستخۇشلىقىدىن بېشىنى سىلكىگەندە بولسا ئاللىقاچان كىچىككەنىدى .
    بىر كۈنى ئەكرەم ئۆيىگە ئەمدى قايتىپ تېلىۋىزور كۈرۈپ ئولتۇراتتى ، تېلفۇن ئەنسىز جىرىڭداپ ئاغىينىسى مۇرادىل ئۇنى بىر ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى . ئىچى پۇشۇپ ئولتۇرغاندا بۇ گەپ ئەكرەمگە مايدەك خوشياقتى . مۇرادىلنىڭ دەپ بەرگىنى بۇيىچە ئۇ ئارامگاھقا يىتىپ كەلگەندە سۇرۇن ئاللىقاچان باشلانغانىدى . بۈگۈن ئۇلار رەڭلىك ئولتۇرغان بۇلۇپ ، ئەكرەم بىلەن قۇشۇلۇپ ،تۆت قىز ، تۆت يىگىت جۈپ -جۈپ بۇلۇپ ئولتۇرۇشقانىدى . سورۇن كەيپىياتى بارغانسىرى كۈچىيىپ ، ئىچىشىۋازلىق تېخىمۇ ئەۋىجىگە چىقتى . ئارقا -ئارقىدىن كەلگەن ھاراقلارنى بۇلىشىغىچە ئىچكەن ئەكرەم بىر قارا سايىنىڭ ئۆزىگە قەدەم تاشلاپ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى .
    بىر چاغدا ئۇ ھۇشىغا كىلىپ ، كۆزىنى ئاچقاندا بولسا ناتۇنۇش ئۆيدە ياتاتتى ، قېشىغا شۇنداق قارىۋىدى ، قورقۇنچلۇق نەرسىنى كۆرگەندەك ئەندىكىپ كەتتى ، ئۇنىڭ يېنىدا ئانىدىن تۇغما ھالەتتە بىر قىز ياتاتتى ، ئۆزىنىڭ كىيملىرىمۇ پۈتۈنلەي سېلىنغان بۇلۇپ ، ئۇمۇ قىپيالىڭاچ تۇراتتى ،ئۇ بىردىنلا چۆچىدى ، زاھىرەگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشنى قىلىپ قويغانلىقى ئىسىگە كەلگەندە بولسا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالدى .
    ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى ، ھېلىقى قىز ئەكرەمگە ئېسىلۋالدى . بۇ ئارىدا ئۆيدە نۇرغۇن جىدەل -ماجرا ، ئۇرۇشۇشلار تۈگىمىدى ... ئاخىرى ئەكرەم ئامالسىز شۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا قۇشۇلدى ...يۈرىكىگە سانجىلغان بۇ ئازابتىن ئاچچىق تولغاندى ،يۈرىكى ئەلەم ۋە غەززەپ -نەپرەتتىن پۇچىلاندى . لىكىن ئەمدى كىچىككەن ، پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ -دە !
    پاك مۇھەببەت ۋىسالنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ . ئەمما ، نىمىشقا ئايرىلىشنىڭ شۇنچە كۆپ سەۋەبلىرى بۇلىدىغاندۇ ؟ يەنە كىلىپ بەزى سەۋەبلەر شۇنچە رەزىل ۋە رەھىمسىزلەرچە . ئەي ئىنسانلار سىلەر ئالدى -كەينىڭلارغىمۇ ئەمەس ، ئىككى يېنىڭلارغىمۇ قاراپ قۇيۇڭلار .
    ئەكرەم ، زاھىرە يادىغا ئېلىشى بىلەنلا پۇشايمانلىق ، ۋىجدان تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى : <<زاھىرە ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر ۋاپاسىز بىر يىگىتنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىغا پۇشايمان قىلارمۇ ؟ شۇ تاپتا نىمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ ؟ ئەمدى ئاشۇ ۋەھىمىلىك كىچە سەۋەبى بىلەنلا ئۇنىڭ ئاشۇ مىھىرلىك كۈيۈنۈشلىرىدىن ، ماڭا ئاراملىق بېغىشلايدىغان ئىللىق سۆزلىرىدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ ؟ لىكىن ...لىكىن ...بىر قىز ئۈچۈن سۆيگەن يىگىتىنىڭ، كۆز ئالدىدىلا توي قىلىۋېلىشى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازاب ئەمەسمۇ ؟ زاھىرە ، جېنىم زاھىرە ..مىنى كەچۈر ! مىنى كەچۈر ! مىنىڭ ئەھۋالىمنى چۈشەنگىن ، ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتمە ، ھەرگىز ئازاب قاينىمىغا ئۆزۈڭنى تاشلىما ..مەن ھېلىمۇ ئاشۇ ئوتلۇق مېھرىم بىلەن سىنى سۆيىمەن ...سىنى سۆيىمەن ...سىنى سۆيىمەن ..بىراق ...بىراق ... ئاھ ...>>
    ئەكرەم يەنە ھاراق ئىچتى ، ھاراق ،ھاراق ، ئەي ھاراق ، سەن ئەسلى مۇشۇنداق ۋاقىتتىكى سېھرى كۈچۈڭ بىلەن ئىنسانلارغا يېقىنلاپ قاپتىكەنسەن -دە . نىمىشقا ئاشۇ جانسىز ، ئاچچىق سۇيۇقلۇق ئادەمنىڭ ئەڭ قەدىرلىك تۇيغۇلىرى بولغان خۇشاللىقى بىلەن قايغۇلىرىغا ئەڭ يېقىن ھەمراھتۇر ؟
     

    زاھىرە ئەكرەم بىلەن ئۆتكۈزگەن گۈزەل مىنۇتلارنى كۆزىدىن ياش تۆككەن ھالدا ئەسلەپ چىقتى . ئۇنىڭ ئەشۇ خۇشال كۈنلىرى ئىچىدە ئۇنى ھەم ئازابلىغۇچى ،ھەم ھۇزۇرلاندۇرغۇچى بىر سۇئال ئۇنى قاتتىق ئويغا سالاتتى . <<نىمىشقا ئەكرەم شۇنداق قىلىدۇ ، ئۇ مىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قالغان بولغىيتتىمۇ ؟ زادى نىمىشقا ...
    لىكىن مەن شۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۇقۇم بىلمەي قويمايمەن ، ئەگەر بۇنداقلا ئايرىلىپ كەتسەك ، ماڭا ھاياتنىڭ كىرىكى يوق ...>> ھازىر ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ خىيال قىلدىغىنى ئەكرەمنىڭ تۇرۇپلا توي قىلماقچى بۇلۇپ قالغانلىقى ، مۇھەببىتىنىڭ مۇشۇنداقلا ۋەيران بۇلىشى ئىدى . ئۆيگە كەلگەندىن بۇيان تۈزۈكرەك ئۇخلاپ باقمىدى ، خىيالىدا ، چۈشلىرىدە ئەكرەم ئۇنى ئارامسىز قىينايتتى ... شۇنداق بولغاچقا ئۇ بىر ھەپتىدىن بېرى خامۇش يۈردى ، قۇلىمۇ تۈزۈك ئىشقا بارمىدى ، كۆزلىرىدىن ياشلار قۇرىمىدى. ئۆيدىكىلىرىمۇ ئۇنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ ، ئارتۇقچە گەپمۇ سورىمىدى .
    كەچ بۇلىشىغا ئەگىشىپ زاھىرە قىزلىق غۇرۇرىنى قايرىپ قۇيۇپ <<نىمىلا بولمىسۇن ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئۇنىڭدىن ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئاڭلاي ...>>دەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . ئۆز كۆڭلىدە بىر يامانلىقنى سىزىپ تۇرسىمۇ ، ئەمما ئەكرەمنىڭ قانداق ھالدا ئىكەنلىكىنى ، نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئالدىراپ ، دەممۇ -دەم نەپسى قىسىلىپ تىت -تىت بۇلاتتى . ئۇ ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ ، قوشنىسىنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزۈشىگە ئەكرەم تەييار بۇلۇپ تۇرغاندەك بالا بىلەن تەڭلا چىقتى . زاھىرەمۇ ، ئەكرەممۇ بىر-بىرىنى كۈرۈپ تەمتىرەپ كىتىشتى . ئارىنى مۇدھىش جىمجىتلىق قاپلىغانىدى .
    - ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ -سورىدى زاھىرە ئاۋال ئېغىز ئېچىپ .
    - ھە ئە ،-دېدى ئەكرەم ئۆزىنى بېسىۋىلىپ ،-ئۆزىڭىزچۇ ؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟
    -ياق ....ياخشى تۇرمىدىم ،-دېدى زاھىرە  ۋەزىنىلىك قىلىپ ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ . بۇ ھالدىن ئەكرەم ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ كەتتى ، بۇرۇنقى ۋاقىتلار بولغان بولسا ، ئۇ يېقىنچىلىق قىلىپ <<ۋاي نىمىشقا جېنىم >>دەپ سورىغان بۇلاتتى . بىراق ، ھازىر شۇ گەپنى دەي دەپمۇ دىيەلمەيدۇ ، تىلى ھەركەتكە كەلمەيدۇ ... ئۇ پۇشايمانلىق ھېسلىرى بىلەن قۇلىنى قانداق ھالەتتە سېلىپ تۇرسىمۇ ئەپلەشمەيۋاتقاندەك بىلىنىپ يەنە ھۇدۇقتى . نىمىدەپ ئېغىز ئېچىشنى بىلمىدى . يەنە كىلىپ شۇ تاپتا ئېغىز ئېچىشقا تىگىشلىك ئىش ھېلىقى نۇمۇسلۇق ئىش ....زاھىرەمۇ ئېغىز ئاچىدىغاندەك ئەمەس ،پۇتىنىڭ ئۇچىغا قاراپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ، ئارىنى تۇلىمۇ ئېغىر سۈكۈت قاپلىغانىدى .. ئەڭ ياخشىسى بۇ ھەقتە ئەكرەم سۆز ئاچسا توغرا بۇلاتتى ، لىكىن ...لىكىن ...ئۇ ئاشۇ نۇمۇسلۇق ئىشنى قانداقمۇ ئۆز ئېغىزىدىن چىقىرالىسۇن ....
    ئاردىكى بۇ جىمجىتلىققا زاھىرە پەقەتلا چىدىيالمىدى ، ئۇ شۇتاپتا نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆزىنى ئازابلاۋاتقان جاۋابى نا ئېنىق تېپىشماققا ئالدىراپ چارچىغان نېرۋىلىرى زىڭىلداپ كەتتى ، قۇرۇقدىلىنىپ كىتىۋاتقان روھىي دۇنياسى ئەزەلدىن بىر نەرسىنى ئويلاپ باقمىغاندەك ھالەتكە كىلىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكە تاقەتسىزلىنىپ كەتتى .
    -ئەكرەم ، ماڭا ئېنىق چۈشەندۈرۈڭ ....نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى كۆزۈمگە قاراپ ئېيتتىڭ ...-ئۇ شۇنداق دەپلا پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى .
    -زاھىرە ،يىغلىماڭ ،مەن گۇناھكار ئالدىڭىزدا ،-ئەكرەم شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى ،-سىزگە بىرىدىغان بىر نەرسە بار . شۇنى ئالغاندىن كىيىن ھەممىنى چۈشىنىپ قالىسىز ...
    ئۇ شۇنداق دەپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى ، زاھىرە چۈشنىكسىز ھىسىيات ئىلكىدە ئولتۇرۇپ قالدى ، بىر ئازدىن كىيىن غۇۋا ئاي يۇرۇقىدا بىر گەۋدە ئۇ تەرەپكە كىلىشكە باشلىدى . ئەمما ...ئەمما ....ئۇ ئەكرەم ئەمەس ئىدى . ئۇ نەچچە كۈندىن بۇيان زاھىرەگە يۈز كىلەلمەيدىغانلىقىنى ، شۇ گەپلەرنى ئېغىزىدىن چىقىرىشقا ئامالىسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ، ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى توغرا كۆرگەنىدى .
    -سىز زاھىرە ھەدەممۇ ؟-سورىدى قىز.
    -ھەئە ،-دېدى زاھىرە ھەيران بۇلۇپ .
    -ئەكرەم ئاكام بۇ خەتنى بېرىپ قوي دىگەن .
    -ئەكرەم ،ئەكرەم ئۆزى قېنى ؟-زاھىرە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . قىز جاۋاب بەرمەستىنلا كىتىپ قالدى . ئۇ خەتنى تۇتقىنىچە تۇرۇپلا قالدى ، ھەم خەتنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە قوشنا ئۆيدىن چىقىۋاتقان دېرىزىدىكى يۇرۇقلۇققا خەتنى تۇتتى .


    <<زاھىرە ، مەن نەچچە كۈندىن بۇيان قاتتىق ئويلىنىپ بۇ خەتنى يېزىش قارارىغا كەلدىم . شۇ تاپتا سىزگە يۈز كىلەلمەيدىغانلىقىمنى ئويلاپ ئۆز -ئۆزەمدىن نۇمۇس قىلىۋاتىمەن .
    سىزگە ئايان ، مەن سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرگەن ، بىراق ...مەن ھازىر كەسكىن قارارغا كىلىپ بولدۇم . سىزگە دىسەممۇ مىنى كەچۈرمەيسىز ...ھەم سىز مىنى كەچۈرگەن تەقدىردىمۇ ئۆزەمنى كەچۈرەلمەيمەن ..
    سىزگە ئۇ ئىشلارنى قايسى يۈزۈم بىلەن دىيىشنى بىلمەيمەن ،شۇ دەقىقىدە قەلەم تۇتقان قوللىرىم تىترەپ كىتىۋاتىدۇ ، يۈزلىرىم ، يۈرەكلىرىم ، پۇشايمانلىق ، خىجىللىق ئوتلىرىدا كۈيىۋاتىدۇ . مەن ھاراقنى جىق ئىچىۋەتكەچكە بىر قىز بىلەن ئاشۇ ئېغىزغا ئېلىشتىن ئەيمىنىدىغان ئىشنى قىلىپ قويدۇم . مەن شۇ قىزغا ئىگە بۇلىشىم ، شۇ قىزنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىكە ئولتۇرماسلىقىم كىرەك .. بەلكىم مەنچۇ ؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن ... مەن سىزگە قەرزدار ، سىزگە بىر ئۆمۈر يۈز كىلەلمەيمەن . ھەم ئۆزەمنى كەچۈرەلمەيمەن ....
    مىنى كەچۈرۈڭ دەپمۇ ئۆتۈنمەيمەن ...چۈنكى مەن بىر گۇناھكار بەندە !
    خەير ، زاھىرە ، سالامەت بولساق ، ئاللاھ پاناھىدا ساقلىسا يەنە ئاتمىش -يەتمىش يىل ياشارمىز . بۇ ئۇزۇن داۋانلاردىن مەغرۇرانە ئۆتۈشىڭىزنى ، ئوقۇشىڭىزنى ئاخىرغىچە داۋام قىلىشىڭىزنى تىلەيمەن .
    مۇشۇ قۇرلار بىلەن خەتنى ئاخىرلاشتۇرماقچىدىم ، لىكىن ، راستىمنى ئېيتسام سىزگە پەقەت چىدىمايۋاتىمەن . شۇڭا ، شۇڭا ...ئاخىرقى ئۆتۈنۈشۈم ، مەڭگۈ بەخىتلىك بۇلۇڭ ..مەندەك ھايۋان كەبى ئىنساننى ، ۋىجدانسىزنى ئۇنتۇپ كىتىڭ .
    گۇناھكار : ئەكرەم
    زاھىرە خەتنى پۇكلىدى ، كەينىگە بۇرۇلدى . قاراڭغۇلۇق قوينىغا غىل -پال كۈرۈنۈپ تۇرغان مەھەللىگە تىكىلدى . سوغۇق قاراڭغۇلۇق ، سوغۇق يول ، سوغۇق مەھەللە ....
    كىشىلەر تۇرمۇشقا ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىپ مۇرەككەپ ھىسابلايدۇ . ئەمىلىيەتتە ، تۇرمۇشقا -شەيئىلەرگە ھىسىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىنغاچقا تۇرمۇش قىزىق ۋە مۇرەككەپ : قاراڭغۇلۇق ئاشىق -مەشۇقلارنىڭ گۈزەل ئارزۇسى ۋە ۋىسالى .ھالبۇكى ، قاراڭغۇلۇق ئادەتتە ، كىشىلەرگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ . ۋىسال تاپقان چاغدا ،كىشىلەر ئايرىم -ئايرىم ياشىسىمۇ ، گويا بىر -بىرىنىڭ باغرىدا تۇرغاندەك سىزىشىدۇ . <<ئايرىلدۇق >>دىگەن بىر گەپ بىلەن ، ئوخشاشلا ئايرىم -ئايرىم تۇرغان بولسىمۇ مەھرۇملۇق تۇيغۇسىغا چۈمۈلىدۇ ، راستنلا ئايرىم -ئايرىم ھېس قىلىدۇ . ئەمىلىيەتتە ، ئوخشاش ئادەم ، ئوخشاشلا ئايرىم تۇرمۇش ...ۋەھالەنكى ، ھىسىيات بولسا ئوخشاشمايدۇ .
    زاھىرەنىڭ ياشلىرى يامغۇردەك تۈكۈلمەكتە ئىدى ، ئۇ شۇ يىغلىغىنىچە قەبرىستانلىق ئالدىغا كىلىپ تۇردى . بۇ قەبرىلەرنىڭ ئىچىگە نۇرغۇنلىغان جەسەتلەر كۈمۈلگەن ، ئۇلار ئادەملەرنىڭ قەلبىدە ھەرخىل رەۋىشتە ياشايدۇ ، گەرچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى چىرىپ پۈتۈنلەي توپىغا قۇشۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ م ھامان قەلبلەردە بىجىرىم ياشاپ قالىدۇ . مۇھەببەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشمۇ ؟ مۇھەببەت -بىر ئادەمنى نىشان قىلغان مۇھەببەت بىر قەلبتە گۇمران بولغان بىلەن ، ئۇ مۇھەببەت يەنە بىر قەلبتە سەلتەنەت سۈرىدۇ . زاھىرە قەبرىستانلىققا قاراپ چىداپ تۇرالمىدى ، بۇ قەبرىستانلىق بەئەينى ئۆزىنىڭ سۆيگۈ قەبرىستانلىقى بۇلۇپ قالىدىغاندەك يۈرىكى تارتىشىپ بۇ يەردىن تېز كىتىپ قالدى . كاللىسىدا دەھشەتلىك خىياللار ھۈكۈم سۈرەتتى ...
    زاھىرەنىڭ قارىسى يىتكەندىن كىيىن ئەكرەم كەينىگە بۇرۇلدى ، لىكىن قەدىمى ئېغىر ئىدى . قەدىمىلا ئەمەس يۈرىكىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەندەك بولدى . <<مىنى كەچۈر زاھىرە !>>ئۇ ئۆز گۈشىنى ئۆزى يىگۈدەك بۇلۇپ كەتتى ، كۆزى نەملەندى، قەدىمى زاھىرە كەتكەن تەرەپكە ئەگىدىيۇ ، ئۆزىنى تۇتىۋالدى ....ئۇ لەۋلىرىنى چىڭ چىشلىگىنىچە قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى ....


    ئىككى كۈندىن كىيىن ئەكرەمنىڭ تۇيى بولدى . لىكىن بۇ ئەكرەم ئۈچۈن قايغۇلۇق ، ماتەم كۈن ئىدى ... توي داۋاملىشىۋاتاتتى ، ئەكرەمنىڭ چىرايىدا كۈلكە دىگەندىن ئەسەر يوق ، پۈتۈن ۋۇجۇدى مۇزلاپ كەتكەن ، كۆزلىرىدە ياش ئەگىگەن ....
    بىر چاغدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا باشقىلارنىڭ ئاستا ئاۋازدا كۇسۇرلىشىپ ئېيتقان سۆزلىرى كىرىپ قالدى <<ئاياق مەھەللىدىكى قۇربان دوختۇرنىڭ قىزى زاھىرە دورا يەپ ئۆلىۋاپتۇ . تۈنۈگۈن ئەتىگەن نامىزىنى چۈشۈرۈپ بۇلۇپتۇ ....>> شۇئان ئەكرەمنىڭ كاللىسدا چاقماق چاققاندەك بۇلۇپ ، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى .... تۇيۇقسىزلا ساراڭ ئادەمدەك توپنى يېرىپ چىقتى -دە ، باشقىلارنىڭ توۋلاشلىرىغۇ قۇلاق سالماي ،ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .....

    <<مىنى كەچۈر زاھىرە ، سەن بۇنداق قۇربانلىق بەرمەسلىكىڭ كىرەك ئىدى ، سەن نىمىشقا مۇشۇ يولنى تاللىغانسەن ، شۇ يولنى تاللاش ئالدىدا ئۆزۈڭنىڭ كەلگۈسىڭنىڭ پارلاقلىقىنى ، ئاتا -ئاناڭنىڭ سىنىڭ دەردىدە نىمە قىلارىنى بىلمەي ، مۇڭغا چۈكۈپ كۆز ياشلىرىنى دەريادەك تۈكۈپ تۇرغان ھالىتىنى بولسمۇ ئويلاپ قويمىدىڭمۇ ؟ مەندەك ئەرزىمەس كىشى ئۈچۈن بۇ يولنى تاللاش ئالىدا ئۆزۈڭنىڭ ئالىي مائارىپ تەربىيسىنى ئالغان ئىسىتىقباللىق ياش ئىكەنلىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقاردىڭمۇ ؟ ...ئاھ ، شورلۇق قىسمەت !  مەن سىنىڭ ئالدىڭدا گۇناھكار زاھىرە ، مىنىڭ شۇ تاپتا ۋىجدانىم يول قويمايۋاتىدۇ ، ساڭا بىر ئۆمۈر سادىق بۇلىمەن ،دىگەن ئىكەنمەن ، بۇ ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن . مىنى ساقلاپ تۇر ، قېشىڭغا بارىمەن ، بۇ دۇنيادا ۋاپا قىلالمىغان ئاشىقىڭ ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ ....ئاھ ....>>

    <<مىنى كەچۈر زىلالە ، سىنى بەختسىز قىلىپ قۇيىدىغان بولدۇم . ئاشۇ كۈنى ھاراق دىگەن نىجىزنى ئىچمىگەن ، ئاشۇ قاباھەتلىك ۋەھىمىلىك ئىش يۈز بەرمىگەن بولسا بەلكىم بەخت گۈللىرىڭ پورەكلەپ ئېچىلغان بۇلاتتى . ۋاقىتسىز تۇزىغان خۇشپۇراق گۈلۈڭنىڭ گۇناھكارى بولغان ، مەندەك ئازغۇن بەندىنى كەچۈر ....ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ساڭا بەخت ، ئىشەنچ تىلەيمەن !...>>

    شۇ تاپتا ئەكرەم شۇلارنى ئويلاپ ، ئۆز -ئۆزىدىن يىرگىنىپ كىتىۋاتاتتى . ئۇ دۇنيادا زاھىرە بىلەن بىللە بۇلۇشنى ،  ھەم بۇدۇنيادا بەختسىز بۇلۇپ قالغان بولغۇسى ئايالى زىلالىدىن چوڭقۇر كەچۈرۈم سوراپ ، ئۇنىڭغا قەيسەر ئىشەنچ ، بەختلەرنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلىدى .

    * * * * * * * * * *
    ئەتىسى ، دەريا بۇيىدىن ئەكرەمنىڭ جەسىتى سۈزىۋىلىندى ...
    ئىككى قەبرە بىر يەرگە قۇيۇلدى . ياش كەتكەن بۇ ئاشىق -مەشۇقلار ئۈچۈن كىشلەر دۇئا قىلماقتا ئىدى .
    - ياتقان يېرىڭلا جەننەتتە بولغاي !!!ئامىن !!!

    پۈتۈن بارلىقىنى ئاشۇ بالىلارغا بېغىشلاپ ، ھاياتنىڭ خوۋلىقىنى كۆرمىگەن ئاتا -ئانىلارنىڭ ئاھۇ -پەريادى پەلەككە يەتتى .

    ئەمدىلا تۇيى بۇلۇپ ، شىرىن بەختنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىشنى ئويلىغان زىلالىگە بۇ ئىشلار چۈشتەك بىلىنىپ ، بىر كۈلسە -بىر يىغلايتى ...كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەيرانلىق كۆزلىرىنى تىكىشىپ ، توۋا دەپ ياقسىنى چىشلەيتتى ...
    قاياقتىندۇر مۇڭلۇق مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلاندى ، پۈتۈن ئەتراپ ، پۈتۈن دۇنيا مۇڭغا چۆككەن ئىدى ...

     


    يۇمۇلغاندا بىر جۈپ كۆزى پەرزەنىتنىڭ،
    بىر كېچىدە قېرىپ كەتتى ئانىسى.
    قارا چاچقا ئاق ياماشتى،پۈرلەشتى،
    زۇلمەت بىلەن قاپلاندى دىل خانىسى.


    يۇمۇلغاندا بىر جۈپ كۆزى پەرزەنىتنىڭ،
    تام ئولتۇرۇپ ئۆي مۈكچەيدى ھەمساتتا.
    ياقا يىرتىپ قالدى ئاتا بىر چەتتە،
    ۋىچىرلاشتى چاشقان ئويناپ كارۋاتتا.


    يۇمۇلغاندا بىر جۈپ كۆزى پەرزەنىتنىڭ،
    شەپە بەردى ئۆي تۈۋرۈكى قاراسلاپ.
    قارا بۇلۇت قاپلاپ ئاسمان يۈزىنى،
    چاقماق چاقتى ھەر تەرەپتىن چاراسلاپ.


    يۇمۇلغاندا بىر جۈپ كۆزى پەرزەنتنىڭ،
    كۆرمىدىم دەپ ئۆتتى يامغۇر ئۆگىزدىن.
    مۇنكىر-نەكىر ئېلىپ ماڭدى ئۇلارنى،
    دوزاخقىلا يانماي قىلغان لەۋزىدىن.


    يۇمۇلغاندا بىر جۈپ كۆزى پەرزەنتنىڭ،
    ياش تۆكۈشتى ماتەم تۇتتى كۆپ ئادەم.
    ئەقىلسىزلىق قۇربانىغا ئايلاندى،
    قارا پەردە تارىتتى شۇئان كەڭ ئالەم.