-
دانالار ھىكمەتلىرى - [ھېكمەتلەر-دۇردانىلەر]
كىشىلەرنى ئۆزئارا ئىتپاقلاشتۇرىدىغىنى سەمىمىيلىك بىلەن گۈزەللىكتۇر ، كىشىلەرنى ئۆزئارا يىراقلاشتۇرىدىغىنى بولسا ھەسەتخورلۇق بىلەن رەزىللىكتۇر .
ئاتا - ئانىنىڭ ۋەسىيىتى --- ھاياتقا يول باشلىغۇچى ماياكتۇر .
گۈزەل رەسىم ، نەپىس ھەيكەل ، يېقىملىق مۇزىكا ، ياڭراق شېئىر تەبىئىي گۈزەللىكنىڭ نەتىجىسى . ھاياجانلىق ھىسسىياتلار بولمىغاندا ھاياتلىق لەززىتى يېرىمىدىن دىگۈدەك ئايرىلىپ قالغان بولاتتى .
دۇنيادىكى بارچە گۈزەللىك قۇياشقا ، بارچە ياخشىلىق ئىنسانغا تالىق .
ئەدەپ - ئەخلاق ھاياتلىقنىڭ زىبۇ -زىننىتى بولۇپ ، ئۇ تۇرمۇش بىناسىغا ئاجايىپ سەلتەنەت ئاتا قىلىدۇ .
مال - دۇنيا كىشى ئۈچۈن دوست - دۈشمەننىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان نەرسە .
ئۆزگىلەرنىڭ ساۋىقىدىن ئىبرەت ئېلىش ھايات تاۋىقىدىن نۇسرەت ئېلىشنىڭ مۇقەددىمىسى .
راست سۆزلىگەن ئادەمنىڭ خاتالىقى ئاز ، ئارتۇقچىلىقى كۆپ بولىدۇ .
ئارزۇ - ئارمانلىرىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي كىرىم سەۋىيەڭگە تۇشلۇق بولسۇن ، ئىقتىسادىي سەۋىيەڭ ئۆسكەندە ئاندىن ئۇنى ئۆستۈرمىسەڭ كۈلكىگە قالىسەن .
ئاددى - ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ماھىر بولمىغان ئادەم مەڭگۈ قۇل بولۇپ ئۆتىدۇ .
گۈزەل نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نەرسىلەردۇر ، بىراق ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى گۈزەللىك بولىۋەرمەيدۇ .مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى