-
بارسا كەلمەس يول - [شىئېرىيەت گۈلزارى]
بارسا كەلمەس يول
چىمەنگۈل ئاۋۇت
كىشنەيدۇ تەبىئەتكە قوشۇلۇپ ئىللىق ،
ئەسلىمە كۆركىدە قان بولغان يۈرەك .
يالغۇز بىر ئايالدەك يىقىلدى يەرگە ،
ھە ئەنە يېنىمدىلا كېسىلگەن تېرەك .مېھرىمگە سېنى دەپ ياغماقتا توپا ،
ئاجايىپ گۈزەل ھەم ئاجايىپ دەھشەت .
بىلەمسەن مەندىكى ئازاپ ھوزۇرى ،
مۇشۇ دەم تېرەك بوپ كۆكلىدى رەت -رەت .شۇندىمۇ چۇل - چۇل بولۇپ كەتمىدىم يەنە ،
سۈكۈتنى مەن سەندىن ئۆگەنگەن جېنىم .
باغلىرىم پايخان بولسۇن ، تاغلىرىم قامال ،
ياش بولۇپ ئاقمىدىم ھەرگىز بىر تېمىم .شۇ كېچە ئاسماندا سېنىڭ يۇلتۇزۇڭ ،
كۆزۈمدىن زۇلمەتنى تارتقان ئاۋايلاپ .
ئىسسىق بىر تۇيغۇدا جۇغۇلدايمەن ئاھ !
سەن يەنە ئۇ يولدا تۇرغاندەك شۇ تاپ .قەغەزدەك نېپىز ھەم قۇرۇقتۇر ۋاقىت ،
ئىشخانا ئەزمەكتە خىياللىرىمنى .
شىۋىرلاپ باقىمەن ئۆزۈمگە تەكرار ،
ۋاز كېچىش ئىرادە ، دىگەنلىرىڭنى .سادامغا شىئېر ئوقۇپ بەرگىم كېلىدۇ ،
كېلىنتون سۇخانىدىن چىقىدۇ ھەيۋەت .
ئامالسىز شىرەدىكى بىر قەۋەت چاڭنى ،
سەن تۇتقان قولۇمدا سۈرتىمەن رەت - رەت .مۈشۈكنىڭ تىرناقلىرى ئېسىمگە كېلىپ ،
بىر قۇتا سىياھنى تۆكىمەن يەرگە .
ئانىلار خاتىرجەم ، ئاتىلار رازى ،
قىزىنى بەرسىلا ئوبدان بىر ئەرگە .ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىدىكى قاپ -قارا قۇلۇپ ،
شاراقلاپ ئېچىلار كېچىدەك گويا .
ئوت ياقسام ئوچاققا چاي قاينىتاي دەپ ،
ئۆمۈرلۈك پىغانىم قاينايدۇ چايدا .چېچىمنى چۇۋۇماي ، يالاڭ ئاياغ پېتىم ،
چېقىلغان ئەينەككە قارايمەن ئىللىق .
دېرىزە تۈۋىدە چېچەكلەر تىمتاس ،
جان بالام ئات ئېتىپ ئوينىغان چىۋىق .ھەيرانمەن ھېسلىرىمغا تۆكىدۇ ئارمان ،
ئۇ بىلىپ قالغاندەك كۆڭلۈمدىكىنى .
باغرىمدا بېلىقتەك پىلتىڭلاپ تۇرۇپ ،
ئوقۇيدۇ سادىرنىڭ قوشاقلىرىنى .پاختىنىڭ ئىچىدە بىر تال چوغ ساقلاپ ،
كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈش ئاسانمۇ ئەمەس .
قۇشلارنىڭ دەردىنى سۆزلىيەلمەيدۇ ،
قۇرۇغان گۈل بىلەن لىق تولغان قەپەس .ماشىنا چاقىدا چەكسىز رىياللىق ،
چانالغان يىلاندەك تولغاندى يوللار .
كېچىنىڭ تېنىقىنى يالمايدۇ يۇلتۇز ،
ئاھ ، يەنە مۇلايىم كىرىشتى قوللار .بۇ يولدا تېرەك يوق ، چىملار كۆرۈنمەس ،
يىراقتا ۋىلىلدار كوچا چىرىقى .
ئۈچ ئېشەك ھارۋىسى ئۇزىدى لەرزان ،
كېلىدۇ ئۇنىڭدىن سامان پۇرىقى .
评论
http://aqkepter.blogbus.com
http://filer.blogbus.com/6240355/resource_6240355_1299741156c.gif
http://filer.blogbus.com/4680873/4680873_1283487740y.jpg
بىلوگ مەنزىلى:http://xjue.blogbus.com
http://xjue.blogbus.com/files/12292264650.jpg