-
ئەڭ ئېسىل بايلىق نەدە؟ - [ھېكمەتلەر-دۇردانىلەر]
ئەڭ ئېسىل بايلىق نەدە؟
ئابدۇغەنى توختى توغرۇل
بىر زىيالىدىن:ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟ دەپ سورىدىم.
كىتابخانىدا دىدى زىيالىي.
بىر تېۋىپتىن سورىدىم:ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟
تەن ساقلىقتا دىدى تېۋىپ.
بىر ئارخېولوگدىن سورىدىم:ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟
يەر شارىدا، بولۇپمۇ ئىنسانىيەت ئاياغ باسمىغان تاغ– ئېدىر. چۆل–جەزىرىلەردە – دېدى ئارخېولوگ.
بىر جاھانكەزدىدىن سورىدىم:ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟
پادىشانىڭ خەزىنىسى بىلەن باي – غوجاملارنىڭ ئامبارلىرىدا – دېدى جاھانكەزدى.
بىر ئوقۇغۇچىدىن سورىدىم:ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟
ۋەتەن– مىللەتنى سۆيىدىغان قابىل ئوقۇتقۇچىلاردا – دېدى ئوقۇغۇچى.
بىر ئۆلىمادىن سورىدىم:ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟
تىلىمىزدا، دىلىمىزدا، ئېتىقادىمىزدا، دېدى ئۆلىما.
دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تىل– يېزىقتىن قانچىنى بىلىدىغان، ھەمىشە ئانا تىل يېزىقتىكى كىتاب – ژورناللاردىن سىرت باشقا تىل يېزىقتىكى كىتاب – ژورناللارنىمۇ قويماي كۆرىدىغان بىر دوكتۇر ساۋاغدىشىمدىن:ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟ دەپ سورىدىم.
خەلىقچىل مۇھەررىرلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ قان – تەر بەدىلىگە روياپقا چىققان ۋە چىقىۋاتقان كىتاب– ژورناللاردۇر– دېدى دوكتۇر ساۋاغدىشىم.
ئاخىرىدا، خەلقنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە مۇيەتسەر بولغان خەلقپەرۋەر بىر مۇھەررىردىن:ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە؟ دەپ سورىدىم.
ئەقلىمىزدە – دېدى مۇھەررىر كېسىپلا.
مەن بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ بۇ سوئال ھەققىدە ئەمدى يەنە باشقىلار بىلەن مۇنازىرلىشىشنىڭ قىلچە ئورنى قالمىغانلىقىنى تولۇق چۈشەنگەندەك بولدۇم.ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى