• بەخىت ۋە ھىجران - [تورداشلار ئەسەرلىرى]

    بەخىت ۋە ھىجران


     ئاپتورى:ئابدۇۋارىس غوپۇر(ئۆرۈكجان)


    ئامرىقىم،سەن ماڭا ھىجران ھەققىدە شىكايەت قىلما. ساڭا زارىققان غۇبارسىز يۈرۈكۈمنىڭ ، پەقەت ساڭىلا كۆڭۈل بەرگەن چىن-ۋاپادارلىقىمنىڭ ھىجران دەشتىدە قانسىراپ ساق يېرى قالمدى...
    ئىلگىرى ،سۆيگۈ گۈلخانلىرىنى لاۋۇلدېتىپ مېنى مۇھەببەت قوينىغا سۆرەپ كىرگەن تۇنجى پەرۋىشكارلىقىڭنىڭ ،ئەمدىلىكتە ۋاپادارلىقمنىڭ قاتىلىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن.
    ساڭا كۆنگەن ،پەقەت سەن ئۈچۈنلا سوققان ئاجىز يۈرۈكۈمنىڭ ئەمدىلىكتە سەن قالدۇرۇپ كەتكەن ھىجران جاراھىتىدە، مېيى تۈگىگەن سائەتتەك چىپپىدە توختاپ قالدىغىنىنى پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن...
    شېرىن چۈشلىرىمنىڭ ئايىقى چىقماستىنلا سۈبھىدىن خەۋەر كەلگىنىگە ئوخشاش ،سۆيگۈ ياپراقلىرىڭمۇ ئۇشتۇمتۇتلا رەھىمسىز جۇدۇندا پۈتۈنلەي دەپسەندە بولۇشىنى ھەم ھېچ خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىكەنمەن...
    گۈل ئىشقىدا پەرۋانە بولۇپ ئەگىپ كېتەلمىگەن كۈيچى بۇلبۇلدەك ئەقىدىلىرىم ئالدىدا، ئۆلۈم ئالدىدىكى مەھبۇستەك ئاچچىق سۈكۈناتقا قالغىنىمغىمۇ ھېچ ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ...
    بىز ئەسرالاشقان ئەشۇ مىنۇتلار گۇۋاھ بولسۇنكى، شېرىن ۋەسلى ئۈچۈن دەشىت -چۆللەردە سەرسان بولغان پەرھات كەبى سەن ئۈچۈنمۇ ئەنە ئاشۇنداق تەغدىر قىسمەتلەر ئالدىدىمۇ تىز پۈكمەسلىككە ئىنتىلەتتىم.
    سېنىڭ ھەر بىر كۈلكەڭنى جاھاندىكى ئەڭ يېقىملىق سىمفونىيەگىمۇ تېگىشمەيتتىم.
    قارچۇقلىرىڭنى مەدىيھلەپ تىزىپ ئۆتكەن مىسرالىرىمنى سەندىن بۆلەك ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئوقۇۋېلىشىغا قىزغىناتتىم.
    غۇنچە بويۇڭغا مەستانە تۇيغۇم قەھرىتاندىمۇ نەۋ باھارنىڭ گۈل-ھۆسنىنى ئەسلىتەتتى.
    مانا بۈگۈن، سەن قالدۇرۇپ كەتكەن ناھايتى گۈزەل ئەمما بەخىتسىز ئەسلىمىلەرنى ئەسلەپ ئۆزۈمنىڭ شور تەغدىرىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقتىمەن.
    ئەركىلەپ كەلگەن نەۋ باھارنىڭ گۈزەل رۇخسارىدىن زوقلىنىپ باغلار ئارا  شۇنچە ئەگىپ يۈرسەممۇ، سەن قالدۇرۇپ كەتكەن ھىجران ئازابى ئاچچىق-ئاچچىق ھېسلار بىلەن يالغۇزلۇقىمنى ئاشكارە قىلماقتا...
    <سېنى سۆيىمەن!> دېگەن مەڭگۈلۈك بەخىتنى ئىشتىرا قىلغان تاتلىق سۆزلىرىڭ يامغۇردىن كىيىنكى ھەسەن-ھۈسەندەك ئاللىبۇرۇن غايىپ بولغان ۋە بىر كۆرۈنۈپلا ئۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ ...سەن سېھىرلەپ قويغان يۈرۈكۈمدىن پەقەتلا چىقمايۋاتىدۇ...
    ئامرىقىم، سەن ھازىر قەيەرلەردە يۈردىغانسەن -ھە؟!
    ئۆز بەختىڭ ئۈچۈن ماڭا قىلغاندەك ، باشقىلارنىڭ بەختىگە قارا ساناۋاتامدىغانسەن ياكى پاكلىق ،غورۇر، ۋاپادارلىقنى تونۇپ يەتكەن پاك مېھرىڭ بىلەن بەخىت تەكتىگە ئۇل ھازىرلاۋاتامدىغانسەن؟
    ئاھ ئامرىقىم، سەندىن ئۆتۈنەي...
    بارلىق ئازاپ،ھىجران ياشلىرى پەقەت مەن بىلەنلا قالسۇن! بەخت ئۈچۈن ئويناتقان رەزىل چاقچاقلىرىڭنى ...ھېچ كىشى تاپالمايدىغان يىراقلارغا چۆرىۋەت!
    سەندىن ئايرىلىپ قالساممۇ ،يەنىلا ساڭا بەخىت تىلەشكە مەجبۇرمەن، ساڭا بەخت تىلەيمەن!
    سېنى قەدىرلەيدىغان، چىن دىلىدىن سۆيىدىغان بىر ۋاپادار يىگىتنىڭ ساڭا مەڭگۈلۈك بەختنى ئاپرىدە قىلىشىغا تىلەكداشمەن!
    سېنى ئەنە ئاشۇ گۈزەل تىلەكلىرىم بىلەن ،تاغ ئارىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقان،زىمىن بىلەن خوشلىشۋاتقان قۇياشتەك ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ كېتەي ...

    2010-يىلى ئاپرېل. كورلا شەھىرى.