• قولۇڭنى تۇتىدۇ - [ھېكمەتلەر-دۇردانىلەر]

     
    قولۇڭنى تۇتىدۇ

     
     بىلەمسەن؟ سېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان مېھرىبان ئاناڭ، ھاياتتا  ئۆزى مۇستەقىل مېڭىشنى ئۆگەنسۇن، دەپ، تە – تە قىلىپ، تۇنجى قېتىم  قولۇڭنى تۇتىدۇ.

     سەن مەكتەپكە كىرگەن چاغدا ئۇستازىڭ ساڭا قەلەم تۇتۇشنى ئۆگەنسۇن دەپ، كۆيۈنۈپ قولۇڭنى تۇتىدۇ.

    ھىجران دەشتلىرىدە چاڭقىغان يۈرەكلىرىڭ ۋىسال بوستانىدا  شىۋىرلىشىش پۇرسىتىگە نائىل بولغاندا، نىگارىڭ مۇھەببەت بىلەن قولۇڭنى تۇتىدۇ.

     خەيرلىك سەپەرگە ئاتلىنىپ مۇساپەڭدىكى ھەر بىر داۋاندىن مۇۋەپپەقىيەتلىك  ئاشقىنىڭدا ھاياتتىكى ئېغىر سىناقلاردا سىنىلىپ ئالبۇمىڭنىڭ ئۆڭمەس بەتلىرىدىن ئورۇن ئالغان دوستۇڭ غەلبەڭنى تەبرىكلەپ قولۇڭنى تۇتىدۇ.

    سەن ھاياتتا ئېغىر  سىناققا دۇچ كېلىپ، نېمە قىلىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغىنىڭدا قەلبى ئىنسانپەرۋەرلىك بۇلىقىنىڭ مېھىر – شەپقەت سۈيىدە سۇغۇرۇلغان كىمدۇر بىرى سەمىمىيلىك بىلەن  قولۇڭنى تۇتىدۇ.

    سەن ئاغرىق ئازابىدا  قالغىنىڭدا كېسىلىڭنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاۋاتقان شەپقەت ھەمشىرىسى سېنى ھايات گۈلزارىغا قايتا باشلاپ كېلىش ئۈچۈن قولۇڭنى تۇتىدۇ...
     
     مەنبە:  شىنجاڭ گېزىتى