• تەپەككۇر مېۋىلىرى - [ھېكمەتلەر-دۇردانىلەر]

    تەپەككۇر مېۋىلىرى


    مۇتەللىپ ياقۇپ

     

     

    ·دوستلىرىدىن پەخىرلەنگەن كىشى بىربولسا ئۆزىگە قاتتىق ئىشەنگەن، بىر بولسا ئۆز تەقدىر ئارغامچىسىنى دوستلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغان كىشىدۇر.

    ·ھىسسىيات كۆزەينەككە، ئەقىل لوپا ئەينەككە ئوخشايدۇ، كۆزەينەك ساڭا پەقەت شەيئىلەرنى شەكلەن كۆرسىتىدۇ، لوپا ئەينەك بولسا ساڭا شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

    ·پەرزەنت ياخشى تەربىيلەنسە پەرىزاتقا ئايلىنىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا پارازىتقا ئايلىنىدۇ.

    ·بالىڭىزنىڭ ئورۇنسىز تەلىپىگە بېقىپ ئالىمەنكى دېگەن نەرسىسىنى ئېلىپ بەرمەڭ، بولمىسا كەلگۈسىدە پۇشايمان قىلىپمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز.

    ·ھەمىشە باشقىلاردىن ئاغرىنىش ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

    ·ئايال كىشىنىڭ كوچىدىكى سۆلىتىگە قارىماي، تۇتقان ئۆيىگە قارا.