• ئانا تىلىم - [ھىكايە-نەسىرلەر]

    ئانا تىلىم

     

    (نەسىر)

    رۇقىيە ئابلىز

     

     

     

    ئانا تىلىم-ئانامنىڭ تىلى، بىباھا مىراستۇر .ئۇ، ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ، مەھمۇدنىڭ تىلى، ماڭا دۇنيانى تۇنۇتقان، ئادەم بولۇشنى ئۆگەتكەن "قۇتاد بىلىگ"، "تۈركىي تىللار دىۋانى"نىڭ تىلى...

    ئاھ ئانا تىلىم، بۇزرۇكۋار تىلىم، سەن بولغاچقا ئالدىم مەن بىلىم، سېنىڭ بىلەن يۇرۇغان دىلىم. سېنى تەرىپلەشكە سۆز يەتمەس، ئۇلۇغلىقىڭغا، سەلتەنىتىڭگە ئەسلا سۆز كەتمەس...

    مانا، مەن مۇشۇ شاھانە تىل بىلە بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغىغان، سۆزلەر كانىدىن جاۋاھىرلارنى سۈزگەن تەڭرىتاغنىڭ بىر غۇنچىسى، گۈزەل كېلەچەكنىڭ قۇرغۇچىسى، ۋەتەن، ئەلنىڭ ئۈمىدىمەن.

    مەن مۇشۇ تىلىم بىلەن ئىلىم داۋانلىرىدىن ئېشىپ، ئۇلۇغۋار غايەم ئۈچۈن زوق-شوقى قايناپ –تېشىپ، ۋەتەن باھارىنىڭ جەننەت كەبى گۈزەل مەنزىرىسىگە ئوتلۇق قوشاقلارنى تۆكۈۋاتقان تالماس كۈيچى بۇلبۇلىمەن.

    مۇشۇ ۋاقىتتا مېنى خۇددى بۇلبۇلدەك خەندان ئۇرغۇزغان شادلىقىمنى ئىپادىلەشكە يېتۈك بۇ ئېسىل تىلنى مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ قالدۇرغان يۈسۈپ بوۋام بىلەن مەھمۇد قەشقەرى بوۋاملارغا ئوخشاش ئەجدادلارنى چەكسىز ھۆرمەت بىلەن ياد ئەتمەي تۇرالايتىممۇ ؟

    جاھاندا ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئوي-خىياللىرىنى ئۆز تىلى بىلەن باشقىلارغا يەتكۈزۈپ بېرەلىشىدىنمۇ بۈيۈك ئپتىخار بولامدۇ؟

    ئاھ ئوغۇز سۈتتەك تېتىملىق تىلىم، ئانا دېسەم ،ئانا تىل دېسەم، باھار مەۋسۈمىدە يايرايدۇ دىلىم!...