
-
يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا - [شىئېرىيەت گۈلزارى]
يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا
ئوسمانجان ساۋۇت
بەختىيار ئوغلۇڭمەن پەقەت ساڭا خاس،
سەن مېنى بىر ئۇيۇل زەررەم دەپ سانا .
بەرگىڭمەن، قەترەڭمەن ۋەسلىڭگە تۇتاش،
كۆرسىتەي يۈرۈگۈم قولۇمدا، مانا .
سەن ئۈچۈن جۇش ئۇرغان قايناق ئەقىدەم،
زىھنىمنى ئۇچلايدۇ، بولىمەن دانا .
ياشايمەن سۆيگۈ ۋە پەخىر ئىلكىدە،
خىسلىتىم، سۆيگۈمگە سەن بولدۇڭ ئانا !
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !سايىدەك خىياللار قوزغىغان ھەۋەس،
بىر قىيا قاراتسا گەر مېنى ياتقا .
بىقارار جاپالار سەۋرىمنى يىڭىپ،
قىستىسا ئوكۇنۇش ، نالە - پەرياتقا ؛
گۇزەردە قارىسام تەئەجقۇپ ئىچرە،
زەر لىباس ئەجنەبى ياكى سەيياھقا .
قۇيۇلغاي كۆزلىرىم بولۇپ گۇناكار،
ئىنسانلىق سۈپىتىم چىقسۇن بەرباتقا!
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !چىگرىسىز ئۆيۈمنىڭ چېگرىسى پولات،
غەيرىي ئۆي ئۇرۇلسا بولۇر ئۇ تالقان .
ئېزىتقۇ جىلۋىلەر ئۈزگەن ئوقلارغا،
سەن بەرگەن مۇھەببەت بولىدۇ قالقان .
بەلگىسىز يۇتكۈچى ئۆمرۈمگە بەلگە،
سىنىڭدە ئاققان تەر،قاپار غان ئالىقان .
سەندىكى ھەر تاڭغا پۈتۈلگەن بەختىم،
ھاياتى نۇرلارنى ۋەسلىگە تاڭغان !
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !تاج - تىللا گۈل قىلىپ ئىگەلمەس مېنى،
ئۆمرۈمنىڭ ۋەزنى ھەم جىلاسى سەندە .
قۇللۇقنى سۆكسەممۇ قاغاپ، قارىلاپ،
قۇلۇڭمەن ئەبەدىي، بىرساڭا بەندە .
تەبەسسۇم تارىتاي يۈلتۇزلارغا مەن،
يالاڭ گۈل كەبىمەن قىلىمەن خەندە .
نەپىسىم ئايرىلماس ئىپار ھاۋاڭدىن،
دىمەككى تاغدەك زور قۇدرەت بار مەندە .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !بەختىچۈن مىزان بار ھەركىمدە تەھقىق،
بۇچىگىش، مىڭ پۇتاق، تالاي خىل بىراق .
ئىشرەتتە ئۆلچەيدۇ بەزىلەر ئۇنى،
بەختتىن قىقىلىپ ئاسمانچە يىراق .
بەزىلەر دەيدۇكى، بەخت دېگەن شۇ،
ئاينىمۇ لەت قىلغان ئاي تەن، ئاي سىياق .
ئالەمنىڭ ھىكمىتى ئالەمنى ئېمىش،
ئۆزگىسى تاڭلايغا تاشلايدۇ قىياق .
مەن دەيمەن بەخت دەپ سىنىڭ ۋەسلىڭنى ،
ئىشقىمنى تاۋلايدۇ سەن سالغان پىراق .
بەختتۇر كىچىلەر باسقاندا سىنى،
جىسمىمنى پىلىك قىپ ياندۇرسام چىراغ .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !مەڭگۈلۈك رىزقى بار سەندە ئەۋلادنىڭ،
ھاۋا، سۇ باغرىڭدا ياتقان، پاك پەۋەس .
مېشىمدە كۆمۈر ئەمەس يانار يۈرىكىم،
ھەتتاكى ئاۋايلاپ ئالىمەن نەپەس .
بىھۇدە تۆككەنلەر تامچە سۈيۈئۇڭنى،
بىلىمەن، ۋاپادار پەرزەنتىڭ ئەمەس .
كۆرەلمەس سەندىكى چىن گۈزەللىكنى،
نەپسىنىڭ كويىدا يۈرگەن مەست - ئەلەس .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !ئېھتىياج تۇغۇلسا، ئامانلىغىڭچۈن
بەرمىنى قازاغا، بەرگىن خەيرىگە .
ئوغلۈڭمەن تۇغۇلغان بەختىڭچۈن جەڭگە،
خېرىدار ئەمەسمەن بەزمە، سەيلىگە .
ئاق يوللۇق قەسەمبۇ ئاق نىيەت تۇغقان،
ئوخشايدۇ قاردىكى ئاپپاق لەيلىگە .
ئازارلار يىسەممۇ پەي مىجەزلەردىن،
پۈكمەسمەن قەددىمنى باقماي مەيلىگە .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !ئېرىمەس قەھرىمنى ئالار پەقەتلا
يات ئىقلىم ئىشقىدا ئۆرتەنگەن ساياق .
ئۆلگىنى ھەركىمنىڭ ياقا يەرلەرگە
سىنىڭدىن قول ئۈزۈپ تاشلىسا ئاياق .
كەلگىندى ئاتىلىپ كەلگىندىلىكتە،
تاپقان زەر، جەزمەنكى، باشقا دەرد - تاياق .
مىڭ ئەلا توزىدىن خەقنىڭ، سەندىكى
قۇشقاچلار شاخلارغا تاشلىغان ماياق .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !شۇ مىنىڭ ئەقىدەم، ئۆتەر ئىلكىدە،
ئۆمرۈمنىڭ ھەر بەرگى - دەقىقەم ، سوتكام .
مىڭ جەننەت راھىتىدىن بېرىدۇ ماڭا،
لاي سۇۋاق ئۆيۈم ۋە قىيشايغان بوتكام .
بايلىقىم - دىلدىكى ساڭا مۇھەببەت،
ۋە سادىق ھەمرايىم قەلەم، چىش چوتكام .
خەقلەرنىڭ مىننەتلىك ئېشىدىن ئەلا،
ئۆزۈمنىڭ قازىنى بەرگەن ئاش، بوتقام .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا