• ئىپپەتئاي - [ھىكايە-نەسىرلەر]

    ئىپپەتئاي

    ئاپتورى:سۈزۈك ئاي

    (چۆچەك)


    "ئىپپەتئاي"ناملىق ئىسىمدىن كەلگەن ئىلھام...

     

     

    ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرۇنۋالغان ئاياللارلا ئەڭ گۈزەلدۇر.
    - ھېكمەت خاتىرلىرىدىن.

    بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر ئاۋات شەھەر بار ئىكەن.بۇ شەھەردە ئىپپەتخان ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ،يولدىشى سودىگەر بولغاچقا داۋاملىق ئۆيدە تۇرالمايدىكەن.شۇڭا،ئۇ قىزى ئىپپەتئاي بىلەن دائىم يالغۇز قالىدىكەن.ئىپپەتخاننىڭ ئىپپەتلىكىدىن ،نۇمۇسچانلىقىدىن پۈتكۈل مەھەللىدىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭغا قايىل ئىكەن.ئۇنى ئىسىمى-جىسمىغا لايىق "ئىپپەتخان"دەپ تەرىپلىشىدىكەن.ئۇنىڭ قىزى ئىپپەتئايمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاقكۆڭۈل،نۇمۇسچان ،چىرايلىق قىز ئىكەن.
    كۈنلەر،ئايلار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ ،ئىپپەتئاي شۇنداق گۈزەل قىز بولۇپ چوڭ بوپتۇكى،ئۇنىڭ گۈزەللىكى پۈتكۈل يۇرتقا داڭق كېتىپتۇ.شۇڭا ئىپپەتخان قىزىدىن ئەنسىرەپ قاپتۇ.قىزىغا ئۆزىنى قانداق قوغداش ،يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن قانداق قۇتۇلۇش ھەققىدە سۆزلەپ بەرمەكچى بوپتۇ.
    بىر كۈنى ئىپپەتخان قىزى ئىپپەتئاينى يېنىغا چاقىرىپتۇ.ئىپپەتخان بىر ساندۇقنى كۆتۈرۈپ ئەپچىقىپ ئىپپەتئاينىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ.ئىپپەتئاي ئالدىراپ ئانىسىدىن سوراپتۇ:
    -ئانا ،بۇ ساندۇقتا نېمە بار؟ قۇلۇپ بىلەن چىڭ تاقالغانغا قارىغاندا ،ئىچىدە ئېسىل ئۈنچە مەرۋايىت بار ئوخشىمامدۇ؟-دەپتۇ.ئىپپەتخان ساندۇقنى ئاچماق ئۈچۈن تەرەددۇتلىنىپ:
    -قىزىم،بۇ مەن ئۈچۈن ئۈنچە-مەرۋايىتىنمۇ قىمەتلىك گۆھەر .مۇشۇ گۆھەر بىلەن مەن باشقىلار ئالدىدا ئىززەتلىك،ھۆرمەتلىك ئايال بولالىغان.بۇ ئاتاڭنىڭ ئىززىتى،مېنىڭ ھۆرمۈتۈم،-دەپتۇ ۋە ساندۇقنى ئېچىپتۇ.ئىپپەتئاي ساندۇق ئىچىدىكى گۆھەرنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ.ساندۇق ئىچىدىن ئاپئاق بىر پارچە رەخت بىلەن غىلاپلانغان بىر دانە خەنجەر چىقىپتۇ.قىز ھەيرانلىقتىن گاراڭ ،سەبىي كۆزلىرىنى ئانىسىغا تىكىپ سوراپتۇ:
    -ئانا ،بۇ ئاق رەخت ،خەنجەرنىڭ نېمە خاسىيىتى بار؟
    ئىپپەتخان گۆدەك قىزىغا ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ.
    -قىزىم،قارا بۇ رەختكە،-دەپلا رەختنى ئېچىپتۇ.رەختنى ئېچىشىغىلا قىپقىزىل بىر نۇر غۇۋا ئۆي ئىچىنى نۇرغا چۈمكەپتۇ،-بۇ قىزىل نۇرنى كۆردىڭمۇ؟مانا بۇ مېنىڭ قىممەتلىك گۆھىرىم.
    -ئانا،نېمىدىگەن چىرايلىق نۇر -بۇ؟!
    -شۇنداق قىزىم.بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ،گۈزەل نۇر.بۇ ئاللاھنىڭ دۇنيادىكى بارلىق قىزلارغا ئاتا قىلغان قىممەتلىك نۇرى.بۇ نۇر پەقەت ئىككى تەننىڭ بىر بولمىقى بىلەنلا ئۆز خاسىيىتىنى تاپىدۇ.بۇ نۇر ئاللاھنىڭ قىزلاغا بەرگەن ئامانىتى.پەقەت ھالال ئەرلەرلا بۇ مۇقەددەس نىسىۋىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.بۇ مۇقەددەس توي كېچىسىدىكى مۇقەددەس نۇر،قىزىم.قىز ئۆزىنى پاڭ تۇتۇپ ھالال ئەرلىرىگىلا بۇ نۇرنى سالامەت تاپشۇرغاندىلا ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ.پەقەت ھالال ئەرلەرلا بۇ قىممەتلىك ،مۇقەددەس نۇرنىڭ ھەقىقي ئىگىسى.ئاڭلا قىزىم،ھارام يوللار بىلەن ئېرىشىكەن پاكلىقنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ.ئالدىڭدىكى بۇ رەختتىكى نۇر مېنىڭ پاكلىقىم ،مېنىڭ ئىززىتىم.شۇڭا ئۇنى تا بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەلدىم.ئېسىڭدە بولسۇن،ھەر قاچان بۇ پاكلىق نۇرۇڭنى ھاياتىڭدىنمۇ ئەزىز بىلىپ ساقلىغايسەن. شەيتاننىڭ ئەقلىڭگە تىزگىن سېلىۋېلىشىدىن ساقلان.نۇرۇڭ سېنىڭ قىزلىق غۇرۇرۇڭ،سېنىڭ قىممىتىڭ.ئۇنى ھالال ئىگىسىگە يەتكۈچە پاك ساقلىغىن."ئىپپەتئەي"غا خاس ئىپپەتلىك قىز بولغىن.بۇ خەنجەرنى ئانام ماڭا بەرگەن .ئەمدى ساڭا بېرەي.ئۇنى يېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىما.ناۋادا،ناپاكلار ساڭا قارا قۇلىنى ئۇزاتماقچى بولغىنىدا ئۆزۈڭنى قوغدىغىن،-دەپتۇ.ئانىسىنىڭ ھەر بىر سۆزىنى چۈشەنگەن ئەقىللىق قىزنىڭ يۈرەكلىرى قايتا ئويغانغاندەك بولۇپ ،ھەربىر سۆز ئۇنىڭ يۈرىكىگە نەقىش كەبى ئۇيۇلۇپتۇ.ئىپپەتئاي شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئىپپەتلىك ،ھايالىق،نۇمۇسچان قىز بولۇپ ئۆسۈپتۇ.
       

    ئىپپەتئاينىڭ گۈزەللىكى ،ئىپپەتلىكلىكى يۇرت-يۇتلارغا تاراپ كېتىپتۇ.بۇ شەھەردىن خېلىلا يىراق بىر تاغ بولۇپ ،تاغدا بىر توپ قاراقچى ياشايدىكەن.قاراقچىلارنىڭ "سەمەر"ئاتلىق بىر ئاتامانى بولۇپ ،ئۇ ئىپپەتئاينىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئاشىق-بىقارار بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىپپەتئاينىڭ پېيىگە چۈشۈپتۇ.
    بىر كۈنى ئىپپەتئاي بازارغا سودىلىققا چىققاندا،قاراقچى سەمەرنىڭ ئادەملىرى ئىپپەتئاينى بۇلاپ قېچىپتۇ.ئىپپەتخان بىلەن يولدىشى قىزىدىن ئايرىلىپ قالغىنىدىن ھەسرەت چىكىپ ،تولا يىغلاپ ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ،لېكىن ئامال قىلالماپتۇ. ئىپپەتئاي قانچە قىلسىمۇ قاراقچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالماپتۇ.سەمەر ئىپپاتئايغا زورلۇق قىلماقچى بولۇپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ. بۇ چاغدا ئىپپەتئاي يېنىدىكى خەنجەرنى شارتتىدە چىقىرىپ ،مەردانە ھالدا سەمەرگە دەپتۇ:
    -سەندىن ئۆتىنەي.جېنىمنى ئالساڭ ئال !بىراق،مېنى بۇلغىما...بۇ جايغا پاك كەلدىم،ئۆلسەم مەيلىكىن،ناپاك ھالدا كېتىشكە رازى ئەمەسمەن.ئۆلسەم كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ.ماڭا زورلۇق قىلىپ ئىپپىتىمنى بۇلغۇساڭ ،ئالدىڭدىلا ئۆلۈپ بېرىمەن.ئىپپەتئاينىڭ مەردانە سۆزلىرىدىن سەمەر سەل پەس كويغا چۈشۈپتۇ.سەمەر قاراقچى بولغان خېلى كۆپنى كۆرگەن كىشى بولغاچقا ئىپپەتئايغا سەل ھۆرمىتى قوزغىلىپتۇ.سەمەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ:
    -ئەي قىز ،بۇنداق مەردانە سۆزلىرىڭگە ،جۈرئەتلىكىڭگە نېمە سەۋەب بولدى؟-دەپ سوراپتۇ.ئىپپەتئاي ئانىسى ئىپپەتخاننىڭ سۆزلىرىنى ۋە كۆرگەنلىرىنى بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بېرىپتۇ.سەمەر ئىپپەتخانغا قايىل بوپتۇ ۋە ئىپپەتئايغا:
    -ھەي مەزلۇمە،ئاناڭنىڭ ئىپپەتلىكىدىن تەڭرى ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!غەيرىتڭگە ئاپىرىن!قاراقچى بولۇپ يۈرگىنىمگە تالاي يىللار بوپتۇ.مۇشۇ كەمگىچە ھېچقانداق بىر ئايال زاتى ئالدىمدا بۇنداق دېگەن ئەمەس...مەنمۇ ئەسلى بىر ياخشى يىگىت ئىدىم،بىراق ئاتا -ئانامدىن كىچىك قېلىپ باي -غوجىلارنىڭ زۇلۇمىغا چىدىماي تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە مۇشۇ يولغا كىرىپ خەلق قاغىشىغا كەتكەنمەن.بىرمۇ ئۇرۇق-تۇغقىنىم يوق.سەن ھەقىقەتەنمۇ ئىسىمى-جىسمىغا لايىق"ئىپپەتئاي"ئىكەنسەن.مەن ئۆمرۈمدە ياخشى ئىش قىلغىنىمنى بىلمەيمەن.سېنى قۇيۋېتەي .بىراق بىر شەرتىم بار .مېنى ئۆزۈڭگە لايىق كۆرسەڭ ،مېنى ھالال جۈپتىم بولۇشقا قۇشۇلساڭ...،-دەپتۇ .ئىپپەتئاي سەمەرنىڭ كۆزلىرىدىن سەمىمىيلىك،مەردلىك قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ:
    -مېنىڭمۇ بىر شەرتىم بار.سىز قاراقچى دېگەن يامان ئاتاقتىن قۇتۇلۇپ ھالال كەسىپ ،توغرا يولدا مېڭىپ ،گۇۈاھلىرىڭىزغا تۆۋە قىلىپ ،ئاۋامنى رازى قىلىڭ.شۇنداق قىلسىڭىز مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمەن.مۇبادا،قۇشۇلمىسىڭىز بۇ گەپلەرنى دېمىگەن بولاي،-دەپتۇ.ئىپپەتئاينىڭ سۆزلىرى سەمەرگە قاتتىق تەسىر قىپتۇ.ئۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن سەمەر:
    -بولىدۇ.سىزگە رەھمەت.ئاۋۋال ئاتا-ئانىڭىزنى رازى قىلاي.ئاندىن ئەلنى رازى قىلىپ ئۆمرىمنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ ھالال ،پاك ياشاي،-دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن سەمەر ئىپپەتئاينىڭ ئاتا -ئانىسىنى رازى قىلىپ ،ئۇنى ئەمرىگە ئاپتۇ.ئىپپەتئاينى قەدىرلەپ ،بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.قاراقچىلىقتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈپ،ئىپپەتئاينىڭ ئاتىسى بىلەن بىرگە سودا قىلىپ ،ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى ھالال ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ.ئۇنىڭ ئىشلىرى تېزلا يۈرۈشۇپ ،خېلى ئابرويلۇق ،باي سودىگەرگە ئايلىنىپتۇ.ھېلىقى قاراقچى ئاستا -ئاستا خەلق يۈرىكىدىن ئۆچۈپتۇ.ئىپپەتئاينىڭ ئىپپەتلىكىدىن قاراقچىنىڭ ياخشى ئادەمگە ئايلانغانلىقىدەك ھېكايىلەر ئېغىزدىن-ئېغىزغا داستان بولۇپ تاراپتۇ.
    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،نۇزۇگۇم،ئىپارخان قاتارلىق ئىسىل،پاك  قىزلىرىمىز ئەنە شۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن. 
     
     
     


    قۇشۇمچە:

    قىزئىپپىتى -زىمىن ئىپپىتى

     
    مودىلىشىش،غەرىپلىشىشنىڭ كۈندىن -كۈنگە ئەۋج ئېلىشى،بالدۇر مۇھەببەت باغلاشنىڭ كۆپىيىشى،ئەخلاق،شەرمى-ھايا ،نۇمۇسنىڭ كۈندىن-كۈنگە سۇسلىشىپ كېتىشى ،يىگىت-قىزلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىدە ئاتالمىش "مەدەنىيەت" نىڭ بەلگىسى بولۇپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،بىزنىڭ ئىپپەتئايغا ئوخشاش غۇرۇرلۇق،ئېسىل قىزلىرىمىز ئاز ئەمەس.قىزلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە گاڭگىراپ يۈرگەن يىگىتلىرىمىز پەقەت ئېغىزىدىلا ياكى قارا سىياھ بىلەنلا "پاك ياشا ئۇيغۇر قىزلىرى"دەپ شۇئار توۋلاپ ،ئەشۇ ئاجىز قىزلارنى ۇھەببەتتە ئالداپ ئۇلارنىڭ قىزلىق غۇرۇرىنى قوغدىماي،ھەدىسلا ئۇلاردىن ئاغىرنىپ يۈرىيدىغان يىگىتلىرىمىز گە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ.ھەي يىگىت،سىز ھەقىقىي ئەركەك بولسىڭىز شېرىن مۇھەببەت دەملىرىنى ھالالىقتىن ئىزدەڭ! ھەرگىز ناپاكلىق قاپلىغان چۆل كەبى بوستانلاردىن مىۋە ئىزدەش كويىدا بولماڭ.سىزدە ھەقىقي ئەركەككە خاس جاسارەت ،شىجائەت بولسۇن.مۇھەببەت ھەرگىز ھەۋەس ياكى شەھۋەت ئەمەس...ئۇ ئەڭ پاك تۇيغۇ.سىز مىللەتنىڭ تۈۋرىكى بولغاچقا كەلگۈسىنىڭ ئۈمىد-يۇلتۇزلىرىنى قوغداش ۋە ئاسراش مەجبۇرىيىتىڭىز بار.جەمئىيەت ئالدىدىكى بۇ مۇقەددەس بۇرچىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ!
    ھەي سۈيۈملۈك قىز.ئۇيغۇرغا خاس لاتاپەت بىلەن ياشاڭ.پاكلىق سىزدىكى بىردىبىر قىممەتلىك بايلىق.ھايا ۋە نۇمۇس روھىڭىزدا ،جىسمىڭىزدا تۇلۇق ئەكىس ئەتسۇن.ئۆزىڭىزنى بوياق بىلەن بوياشتىن بۇرۇن روھىڭىزنى پاكلىق بىلەن بېزەڭ.قىممەتلىك بەرگىللىرىڭىز ھەرگىز ناپاك جايلاردا ئىز سالمىسۇن...نۇمۇسچانلىقىڭىزدىن ئايمۇ سىزدىن خىجىل بولسۇن .مانا بۇ سىزنىڭ ھەقىقي گۈزەللىكىڭىز،زىبالىقىڭىز...ساختپەزلىك بىلەن بىراۋنى ئالدىماڭ.بىراۋنى ئالدىغىنىڭىز بىلەن تەڭرىنى مەڭگۈ ئالدىيالمايسىز...زىمىن ئىپپىتى-قىز ئىپپىتى...مىللەت كەلگۈسىدۇر!
    ھەي ئاتا -ئانا بولغۇچى،پەرزەنتىڭىزگە ئىپپپەت تەربىيىسى بەردىڭىزمۇ؟ پەدىشەپ ھېس قىلامسىز؟ قاچانغىچە پەدىشەپ ھېس قىلىسىز....؟؟؟ ئىپپەت توغرىسىدىكى تەربىيە ھەرگىز پەدىشەپ ئەمەس...مۇبادا پەرزەنتىڭىز يامان ئىش قىلىپ بولغاندا پۇشايمان قىلسىڭىز بۇنى كىمدىن كۆرەتتىڭىز؟بىپەرۋالىق قىلىپ يۈرمەڭ ...راستىنلا بۇنىڭغا سەل قاراپ پەرزەنتتىڭىزگە  بۇ تەربىيىنى كەم قىلسىڭىز بۇ سىزنىڭ مەڭگۈلۈك جىنايىتىڭىز...

     

     
    ھەي ئۇيغۇر قىزى ھايا ۋە ئىپپەتنى قەبلىگاھ قىلغىن...ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدلىك كۆزلىرىمىز سەندە،گۈلۈم.
    2010-يىلى (ئۈرۈمچى)

     

     

    分享到:

    评论

  • ھەقىقەتەن ئېسىل يازمىكەن،نۇرغۇن ھىسلارغائېرىشتىم...
  • تولىمۇ ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن .. ھەممە قىز ئاياللار ئۆزىنى ئاشۇنداق قەدىرلىسە نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى ،-ھە!!!!
  • ھەقىقەتەن ئىسىل يازمىكەن.رەھمەت!