• يىگىرمىنچى قەۋەتتىن پەسكىچە - [ھىكايە-نەسىرلەر]

    يىگىرمىنچى قەۋەتتىن پەسكىچە


    (ھېكايە)

    ئاپتورى:ئەركىن سابىر

     


    چۈشۈمدە يىگىرمە قەۋەتلىك بىنادىن چۈشۈپ كېتىپتىمەن، بۇ چاغدا ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز ئىدىم، ئايالىم خوتۇنلار بىلەن چاي ئوينىغىلى كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا بىرەر ۋەسىيەت قالدۇرۇشۇم كېرەك ئىدى، بىراق شۇ تاپتا ئۇ قانىتى بولسىمۇ يېنىمغا ئۈلگۈرۈپ كېلىپ بولالمايتتى.
    مەن جىددىي ئويلاندىم ۋە بىردىنلا ئون توققۇزىنچى قەۋەتتىكى قوشنىلارنىڭ دېرىزىسىنى چېكىپ، ماڭا قەغەز – قەلەم تاشلاپ بېرىشنى ئېيتماقچى بولدۇم.

    -ساۋۇتكا، ھاي ساۋۇتكا! – دەپ توۋلىدىم مەن. ساۋۇتكام دېرىزە تەرەپكە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرغانىكەن، دېرىزىسىنى شۇنچە ئۇرۇپ توۋلىغىنىمنى ئاڭلىمىدىمۇ ياكى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىۋالدىمۇ، مەن تەرەپكە قاراپمۇ قويمىدى. ‹‹مەندىن تېخىچىلا رەنجىپ يۈرگەنمىدۇ؟›› دەپ ئويلىدىم مەن. ئۆتكەندە ئىدارىدىكىلەر ئۆيىڭىزنى مۇبارەكلەيمىز، دەپ كېلىپ بىر كېچە ئولتۇرۇش قىلغانىدى، مەن ‹‹رېستورانغا بارايلى››، دېسەم، ئۇلار ‹‹ئۆيىڭىزنى كۆرمىسەك زادى بولمايدۇ، ئۆيىڭىزدە ئولتۇرىمىز››، دەپ تۇرۇۋېلىشتى. نېمە ئامال، ئولتۇرۇش بولغاندىكىن قىقاس – چۇقان، گۈلدۈر – تاراق بولىدىغان گەپكەن، سائەت ئون ئىككىلەر بولغاندا ساۋۇتكام چىقىپ:
    ئادەمنى ئارام ئالغىلى قويامسىلەر – يوق؟، يېرىم كېچە بولاي دېدى، قوشنىلارنىمۇ ئويلاپ قويۇڭلار...، دەپ خاپا بولدى. مەن باشتا چىرايلىق گەپ قىلدىم، كېيىن ئاچچىقىم كېلىپ:
    ئىشىڭنى قىلە، بۇ ئۆينى قانداق ئولتۇرغىمىز كەلسە شۇنداق ئولتۇرغىلى سېتىۋالغان، سېنىڭ باشقۇرۇش سالاھىيىتىڭ يوق، دەپ سىلكىشلەپ چىقىرىۋەتتىم. مانا شۇنىڭدىن بۇيان تەتۈر قارىشىپ كېلىۋاتاتتۇق. لېكىن ھازىر ئۇ خاپىلىقلارنى سۈرۈشتە قىلىدىغانغا ۋاقىت يوق ئىدى.

    -ھەي ساۋۇتكا، خاپا بولماڭ، مەن ھازىر بالكوندىن پەسكە يىقىلىپ چۈشۈپ كېتىۋاتىمەن! – دەپ توۋلىدىم مەن، – ماڭا قەغەز – قەلەم تاشلاپ بېرەلەمسىز...

    -ياخشى بوپتۇ! – دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى ئۆي ئىچىدىن. بىراق بۇ ساۋۇتكامنىڭ ئاۋازى ئەمەس ئىدى، مەن ئۇنىڭ تېلېۋىزوردىن چىقىۋاتقان ئاۋاز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بىراق شۇنداق ئۇدۇل كېلىپ قالغىنىغا ھەيران قالدىم. ئاڭغىچە ئون توققۇزىنچى قەۋەتتىن پەسكە ئۆتۈپ كەتتىم. ئون سەككىزىنچى قەۋەتتە ياش ئەر – خوتۇنلار ئولتۇراتتى، ھېچكىم بىلەن كىرىش – چىقىش قىلمايدىغان، ھەتتا ئۇدۇل كېلىپ قالساقمۇ سالام – سائەت قىلىشمايدىغان بۇ ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئىسمى نېمە بولغىيتتى؟ دەپ ئويلاپ قالدىم مەن.

    بىر بىنادا ئولتۇرۇپمۇ تونۇشمايدىغان خەقنىڭ دېرىزىسىنى چەككۈم كەلمەي قالدى. مەن باشقىچە ئامال تاپماقچى بولدۇم، يانچۇقىمدىن قەلەمتىراچنى ئېلىپ، بارمىقىمدىن قان چىقىرىپ، كۆڭلىكىمگە بولسىمۇ يازاي دەپ، قولۇمنى يانچۇقىمغا سالدىم. دەل مۇشۇ چاغدا قولۇمغا يان تېلېفونىم ئۇرۇلدى، بەزىدە مۇشۇنداق ئوڭ كېلىشلەرمۇ بولۇپ قالىدىكەن. مەن خۇشاللىقىمدا يان تېلېفونىمنى ئېچىپ ئىتتىكلا ئايالىمغا تېلېفون بەردىم.

    -نېمە بولدى؟ – دېدى ئۇ تېلېفوننى ئېلىپلا، – نېمانچە جىددىيلىشىپ كەتتىڭىز؟

    -مەن بالكوندىن پەسكە ئۇچۇپ كەتتىم، – دېدىم مەن، – توغرا، خۇددى بىرسى ئىتتىرىۋەتكەندەكلا ئىش بولدى.

    -بالكوندا نېمە قىلىۋاتقانتىڭىز؟ – دەپ سورىدى ئۇ.

    -ھېچنېمە، شۇ تاماكا چېكىپ تۇرغان.

    -يالغان! – ئايالىم بىردىنلا ۋارقىرىدى، – ھەقىچان ئۇدۇل بىنادىكى ھېلىقى سەتەڭ بىلەن كۆز بېقىشىۋاتقان بولغىيتتىڭىز؟! قانداق، سىزگە يەنە نازكەرەشمە قىلدىمۇ، چوقۇم شۇنداق، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ ئالدىڭىزغا قاراپ ماڭغان گەپ!

    -ھازىر ئۇ گەپلەرنى قوي، دېدىم مەن، – ساڭا جىددىي قالدۇرىدىغان بىر ۋەسىيەت بار ئىدى.

    -نېمە ۋەسىيەت؟ بالىلارغا ئوبدان قارا دەرسىز شۇ!

    -ئۇنىڭدىن باشقا...

    مەن شۇنداق دەپ بولۇپ، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي قالدىم. بۇ كۈنى يامغۇر يېغىپ ھاۋا ئوبدانلا سالقىنداپ قالغان بولسىمۇ، نېمىشقىكىن ئىسسىپ كېتىۋاتاتتىم، گېلىممۇ قۇرۇپ كېتىۋاتاتتى، بەلكىم جىددىيلەشكىنىمدىن شۇنداق ھېس قىلىۋاتقاندىمەن. شۇ تاپتا بىرەر يۇتۇم چاي ئوتلىۋالغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى – ھە؟ دەپ ئويلايتتىم، ئاۋازىممۇ خىرقىراپ چىقىپ جېنىمغا تەگكىلى تۇرغانىدى. مەن كۆڭلىكىمنىڭ تۈگمىلىرىنى يېشىىۋەتتىم.

    -گېپىمگە قۇلاق سال، – دېدىم ئاندىن، – ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە بىرسى ساڭا 20 مىڭ سوم پۇل ئەكىلىپ بېرىدۇ.

    -ئۇ كىم؟ – سورىدى ئايالىم.

    -بىر قويمىچى.

    -توۋا دەڭ، قويمىچى پۇل ئەكىلىپ بېرەمدا؟

    -ئەكىلىپ بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ روھىمنى رازى قىلمىسا گۇناھ بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

    -خوش، شۇنداقمۇ دەيلى، بىراق ئۇ نېمە پۇل؟

    -ئۇ... ئۇ... مەن ئۇنىڭغا بەرگەن.

    -نەدىن ئېلىپ؟ مېنىڭ كارتامدىكى پۇل ئەمەستۇ؟

    -ياق، ئۆزۈمنىڭ تارتمامدىكى، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئىشخانامدىكى تارتمام...

    -ھە، بايۋەتچىم، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىدارىڭىزدىن تارقىتىدىغان پۇللار نېمىشقا ئازلاپ كېتىدىكىن دېسەم، تارتمىڭىز پۇل يىغىدىغان بولۇپ قاپتىكەن – دە؟!

    -ئۇ... ئۇنداق دېمە...

    مەن يەنە دۇدۇقلىدىم. ئايالىمنىڭ پەرىزى توغرا ئىدى، دېمىسىمۇ مۇشۇ كۈنلەردە كىمنىڭ ئايرىم غەزىنىسى يوق، بۇنى ئايالىممۇ بىلىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىۋاتقىنى شۇنچە كۆپ پۇلنى ئۇنىڭغا تىنمىغىنىم ئىدى.

    -دەڭا قېنى، سىز ئۇ پۇلنى كىمنى دەپ يىغقان؟ ھېلىقى سەتىڭىڭىز ئۈچۈنما؟

    -ۋاي – ۋۇي، قويساڭچۇ ئۇ گەپنى، نەدىكى سەتەڭكەن ئۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرىم پۇل يىغقان ئادەمنىڭ ھەممىسىلا شۇنداق ئىش قىلامدۇ؟

    -ئەمىسە نېمىگە يىغقان؟

    -يېزىدىكى ئاكامغا تراكتور ئېلىپ بېرەي دەپ. ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، ئۇ بەك نامرات.

    -ۋىي – يەي، قاچاندىن باشلاپ شۇنداق ئالىيجاناب بولۇپ كەتتىڭىز؟

    -قايسى يىلى يۇرتقا بېرىپ كەلگەندىن بۇيان...

    -مېنى ئالدايمەن دېمەڭ. قورسىقىڭىزدىكىنى بىلمەمدىم، بىزگە ئون ئىككىنچى قەۋەتتىن ئۆي تەگكەندە، يىگىرمىنچى قەۋەتتە ئولتۇرايلى، يىگىرمىنچە قەۋەت ياخشى دېگەن چېغىڭىزدىلا بىلگەنمەن، ئەسلىدە ھېلىقى سەتەڭمۇ ئۇدۇل بىنانىڭ يىگىرمىنچى قەۋىتىدە ئولتۇراتتىكەن.

    -ئۇنداق ئىش يوق، ئورۇنسىز گۇمانلانما! يوق، گۇمانمىش، بىر نەچچە قېتىم تۇتۇۋالمىغان بولسامكەن كاشكى!

    -نېمىنى تۇتۇۋالدىڭ، گەپ قىلمىسام نېمانداق چالۋاقاۋېرىسەن!

    -مەن بىردىنلا ئاچچىقلىدىم.

    -ئاچچىقلىماڭ، – دېدى ئايالىم، – تېتاڭ تومۇرىڭىزغا تېگىپ كەتتىمۇ؟

    -ھەي ئالجىغان خوتۇن، مەن ھازىر بىنادىن چۈشۈپ كېتىۋاتىمەن!

    -نېمە كارىم، مەن سىز بىلەن ئاجرىشىمەن.

    -نېمە ئاساستا؟

    -پۇل يىغىپ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىڭىز ئۈچۈن.

    -ئۇنداق سەتلەشمە، خەق ئاڭلىسا يۈزىمىزگە سەت.

    -سىز سەت بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ سىزگە دەپ قوياي، مېنىڭ كۆڭلۈم سىزدىن ئاللىبۇرۇنلا سوۋۇپ كەتكەن، ھازىرقى ئەمىلىڭىزگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىدارە باشلىقىڭىزنىڭ تاپىنىنى يالاپ يۈرگىنىڭىزدىنلا مەن سىزدىن سەسكەنگەن. ئىدارە باشلىقىڭىزغا قانچىلىك سەتەڭنى تونۇشتۇرغىنىڭىزنى دېمەي تۇراي، ئۇ ئادەمگە پارا بەرگەن ئىشلىرىڭىزمۇ ئاز ئەمەس. نەچچە ۋاقىتتىن بۇ گەپلەرنى تىنالماي يۈرگەنتىم، مانا ئەمدى دەيدىغان ۋاقتى كەلدى. ئىدارە باشلىقىڭىز ئىستىل مەسىلىسى ۋە پارىخورلۇق بىلەن موللاق ئاتتى، سىزچۇ، تېخىچە ئۆزىڭىزنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپ يۈرۈۋاتىسىز. كېچە – كېچىلەپ نە – نەلەردە يۇندى يالايدىغان ئادىتىڭىزنى تاشلىمىدىڭىز... ئادەمنى شۇنچە بوزەك قىلغان، شۇنچە كۆزگە ئىلمىغان بارمۇ؟

    ئايالىمنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا كەتتى.

    -بولدى قىل! – ۋارقىرىدىم ئۇنىڭغا.

    بۇ چاغدا مەن ئون تۆتىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ بولغانىدىم.

    -نېمىگە بولدى قىلىدۇ!؟ – دېرىزىدىن بىر ئەر كىشى بېشىنى چىقىرىپ ماڭا ۋارقىرىدى، خوتۇنۇم تاپتىن چىققان تۇرسا يەنە بولدى قىلامدىم؟!

    -مەن... مەن... – دېدىم دۇدۇقلاپ ئۇنىڭغا. ئەسلىدە مەن خوتۇنۇمغا گەپ قىلىۋاتقان دېمەكچىدىم. لېكىن گەپنى چۈشەندۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمەي پەسكە ئۆتۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ قالدىم.

    -تىلىڭ تۇتۇلدىغۇ!؟ – دېدى ھېلىقى ئەر جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ.

    مەن ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالماقچى بولدۇم، بىراق پەسكە چۈشكەنچە سوزۇلۇپ كەتسەم كېرەك، بىر – ئىككى سىلكىنىشىم بىلەن شىمىم سىيرىلىپ تىزىمغا چۈشۈپ قالدى. ئون ئىككىنچى قەۋەتتە بىر ياش ئايال دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ كوچا مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىۋاتقانىكەن. ئۇ:

    -ۋايجان، قانداق بەتقىلىق ئادەم ماۋۇ، ئىشتىنىنى سېلىۋېتىپ نەدىن قېچىپ چىقىۋاتقاندۇ؟! – دەپ ۋارقىرىدى.

    ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك زىل بولۇپ، بوشلۇقتا بۆلەكچىلا جاراڭلاپ كەتتى.

    -نېمە ئاۋازلار ئۇ؟ – دېدى ئايالىم يان تېلېفوندا ياش ئايالنىڭ ئاۋازى بېسىقماي تۇرۇپلا، – ئۈستۈڭلارغا ئېرى كىرىپ قالدىمۇ؟

    -كىمنىڭ ئېرى؟

    مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئېغىر – بېسىق بولۇش ئۈچۈن ئامال بار ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشتىم. شۇ چاغدا نەدىندۇر كەلگەن شامالدا كۆڭلىكىم تۈرۈلۈپ بېشىمغا كىيىلىپ قالدى. مەن تىنالمايلا قالدىم، بۇنداق بولسا يەرگە چۈشكىچە جېنىم چىقىپ بولاتتى. ئايالىمغا دەيدىغان يەنە بىر مۇنچە گەپلىرىم بار ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ھېلىقى قويمىچى پۇلنى ئەكىلىپ بەرسە، ئۇ پۇلنى يېزىدىكى ئاكامغا ئەۋەتىپ بېرىشنى ئېيتماقچىدىم. ھېلىقى قويمىچى ھەممە چاتمىلىرى تولۇق بىر تراكتور سېتىۋېلىشقا جىق پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە دېھقانچىلىق ماشىنا سايمانلىرى شىركىتىدىكى بىرەيلەن ئۇنىڭ يېزنىسى بولىدىكەن، ئۇ شۇ ئارقىلىق ئەرزان باھادا بىر تراكتور ئېلىپ بەرمەكچى بولغانىدى، لېكىن پۇلنى ئالغاندىن كېيىن ئۇ ئېلىپ بېرىدىغان تراكتور ئاقتىمۇ – كۆكتىمۇ يوق بولدى. پۇلۇمنى خەجلىۋېلىپ، تاپقاندا بېرەي دەپ مۈرىسىنى چىقىرىپ تۇرۇۋالدى. خەقتىن ئاڭلىسام ئۇ پۇل تاپمايمۇ تۇرمايدىكەن. مەن شۇلارنى ئايالىمغا چۈشەندۈرەي دەۋاتسام، توققۇزىنچى قەۋەتتىكى رىشات مېنى كۆرۈپ:

    -ھوي – ھوي ئارۇپ، خوتۇنۇڭ ئىشىكىڭنى تېشىدىن تاقاپ قويغانما، بۇ تەرەپ بىلەن مېڭىپسەنغۇ؟ – دەپ چاقچاق قىلدى.

    -مۇشۇنداق چاغدىمۇ چاقچاق قىلامسەن! – دېدىم ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ.

    -ئەلۋەتتە، ئوڭ كەلگەندە بىر كەلتۈرۈۋالمىسام، باشقا چاغدا ئادەمگە گەپ بەرمەيسەن، – دېدى ئۇ يەنە، – ھە، كىم تېلېفون قىپتىكەن، ئىشتان – كۆڭلىكىڭنى سېلىپلا يۈگۈرۈپسەنغۇ؟

    -بولدى قىل! – دەپ ۋارقىرىدىم ئۇنىڭغا، بىراق ئاۋازىم چىقمىدى. ئاڭغىچە سەككىزىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ بولغانىدىم. سەككىزىنچى قەۋەتتىكى مىرادىلكام ئىتتىكلا دېرىزىسىنى ئېچىپ:

    -نېمە ۋاراڭ – چۇرۇڭ بۇ؟ – دەپ سورىدى.

    -مىرادىلكا، چېيىڭىز بولسا بىر پىيالە سۇنۇۋېتىڭا، – دېدىم مەن ئۇ ئادەمگە.

    -ئۆيدە چاي يوقتى، ئۇكا، – دېدى ئۇ ئادەم. سوغۇق سۇ بولسىمۇ مەيلى. سۇمۇ يوق. نېمىشقىكىن، سەككىزىنچى قەۋەتكە سۇ چىقماس بولۇۋالدى...

    -توۋا دەڭە، يىگىرمىنچى قەۋەتكە چىققان سۇ سەككىزىنچى قەۋەتكە چىقماي قالامتى؟

    -ئۇنى ئۇقمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەدىڭىز چىنە – قاچىلارنى تىقىۋېتىپ كېتىپتىكەن، قوشنىلارنىڭ ئۆيىدىن سۇ ئەپچىقىپ ئىچەي دېسەممۇ چىنە تاپالمىدىم.

    -يائاللا، سىزنى مىرادىل پىخسىق دەپ بىكار ئېيتمىغان – دە، – دېدىم ئاچچىقلاپ، – قۇرۇپ كېتىڭ ئىلاھىم.

    ئۇنىڭ پەستىكىسى ئابدۇكېرىمكاملارنىڭ ئۆيى ئىدى. مەن ئۇ ئادەم بىلەن ئانچە – مۇنچە پاراڭلىشىپ تۇراتتىم، ‹‹يائاللا، دۇتار – تەمبۇر بىلەن ئولتۇردۇق دەپ، تاڭنىڭ ئاتقىنىنى تۇيماي قاپتۇق، داستىخان مول، يېگىلى ئېغىز بولسا كاشكى›› دەپ ماختىناتتى ئۇ ئادەم. ئابدۇكېرىمكامنىڭ ئۆيىنىڭ ئاستىدىكىسى بولسا ئۇنى كۆرەلمەيتتى. ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمى موللەك بولۇپ، موللەك قان بېسىم دېسە ئۇنى تونۇمايدىغان ئادەم يوق ئىدى. ئۇ ئادەم جەمئىيەتتىن، قولۇم – قوشنىلاردىن، ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىدىن، ھەتتا خوتۇن – بالىلىرىدىنمۇ رازى ئەمەس ئىدى، قاچانلا بولسا ئاغرىنىپ كوتۇلداپلا يۈرەتتى. شۇڭا مەن ئۇ ئادەمنىڭ ئۆيىدىنمۇ گەپ قىلماي ئۆتۈپ كەتتىم. بەشىنچى قەۋەتكە چۈشكەندە، چوڭقۇر تىنىۋېلىپ ئايالىمغا ئاخىرقى گەپلەرنى دېيىشنى باشلىدىم.

    -ھەي، سىز راستىنلا بىنادىن ئۇچۇپ چۈشتىڭىزما؟ – دېدى ئۇ مېنىڭ يىغلامسىراپ‹‹ئەلۋىدا›› دېگەن گېپىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن.

    -مەن ساڭا يالغان ئېيتىۋاتامدىم، – دېدىم مەن، – شۇ تاپتا يەرگە چۈشۈپ پارە – پارە بولىدىغانغا نەچچە قەۋەتلا قالدى.

    -توختاپ تۇرۇڭ، مەن ھازىرلا بارىمەن.

    ئايالىم شۇنداق دېدى – دە، تېلېفونىنى بېسىۋەتتى. پەرىزىمچە ئۇ شۇ تاپتا چىر – چار قىلىپ چىرقىرىغىنىچە كوچىغا چىقتى ۋە ئالدىراپ تاكسى توستى، تاكسى ئۇنى قايسى كوچا بىلەن ئېلىپ كېلىۋاتىدىكىن؟ نادىركاملارنىڭ كوچىسى بىلەن كېلىۋاتقان بولسا، ئۇ ئادەمگە خەۋەر بېرىپ قويسا بوپتىكەن. ئاڭلىسا ۋاقتىدا دېمەپسىلەر، دەپ خاپا بولۇپلا كېتىدۇ. ئاندىن ئاۋۇ مەسۇمخانمۇ بار. ئۇ ئايالنى ياش چاغلىرىدا بەك سەتەڭتى دېيىشىدۇ خەقلەر، ھازىرمۇ ياسىنىپ تويلارغا بارسا خېلى – خېلى خەقنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدۇ. شۇغىنىسى، بىرەر ئەيىپى بارمىكىن، ئېرىدىن ياش تۇرۇپلا ئاجراشقىنىچە ھازىرغىچە تۇل ئولتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. قىزى ئايجامالمۇ شۇ، ئاي دېسە ئاغزى، كۈن دېسە كۆزى بار كاساپەتنىڭ. ئاۋازىنىڭ سازلىقى، ناز – خۇلقى جاننى ئالىدۇ. ئارۇپجان دەيدىغان بولسا، ئىسمىم ئاغزىغا بىر كېلىدۇ...

    ئايجامال يادىمغا كېلىش بىلەن بىردىنلا روھلىنىپ كەتتىم، خۇددى شۇنىڭ ئۆيىگە ماڭغاندەك ھاياجانلانغىنىمدىن ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپلا قالدى. ھېلىمۇ ياخشى بۇ ئىشىمنى ئايالىم ئۇقمايتتى، بولمىسا ئۇ ‹‹توختاپ تۇرۇڭ، مەن ھازىرلا بارىمەن›› دەمتى؟ ئايالىمنىڭ توختاپ تۇرۇڭ دېگىنىگە توختاپ تۇرغىلى بولمىدى، يەرگە گۈپپىدە چۈشىدىغانغا بىر قەۋەت قالغاندا قورۇ ئالدىدا ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى پەيدا بولۇپ قالدى، ئارقىدىن يەنە بىر قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كەلدى. ئاڭغىچە بىنا تۈۋىگە ئولاشقانلار بىر – بىرىدىن گەپ سوراشقىلى تۇرغانىدى. كىمدۇر بىرى:

    -جىق ئىچىۋاپتۇ، قارىمامسىلەر، ئىشتان – كۆڭلەكلىرىنىڭ سېلىنىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيمايدىكەن، دەۋاتاتتى. مېنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى.

    -ھاي، – دەپ ۋارقىرىدىم ئۇنىڭغا، – سەنمۇ يىگىرمىنچى قەۋەتتىن ئۇچۇپ چۈشۈپ باقە، نېمە بولىسەنكىن!؟
    -ھا – ھا – ھا! – دەپ كۈلدى ھېلىقى ئاداش، – ئۇ مەستچىلىكتە ئۆزىنى بىنادىن ئۇچۇپ چۈشۈۋاتىمەن دەپ قاپتۇ!

    -ھۇ خۇمسى!

    مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭغا ئېتىلدىم، لېكىن بېرىپ گېلىنى سىققىچە ئۆزۈم يىقىلىپ گۈپپىدە يەرگە چۈشتۈم.


    -ھەي، ئارۇپ، نېمە بولدىڭىز؟ – دەپ توۋلىدى ئايالىم، – نېمە، جۆيلىگەندەك كارىۋاتتىن – كارىۋاتقا سەكرەپ يۈرۈيسىز!؟

     


    ئەسەر مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى