-
ئۆچمىگەن ئوت - [تورداشلار ئەسەرلىرى]
ئۆچمىگەن ئوت
ئەكبەر جاپپار دەردى
(نەسىر )
ئۇ- ياشلىق باھارىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىدا ، نۇرغۇن ئارزۇ ئۈمۈدلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆستۈرگەن سۆيگۈ گۈللىرىمىزنى نابۇت قىلىپ ، يۈرەك سۆزلىرىمگە پەرۋامۇ قىلماي،‹‹سىز بىلەن توي قىلىشىمغا ئۆيدىكىلەر قوشۇلمىدى ، مېنى كەچۈرۈڭ ، ھەر ئىككىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى ››، - دەپلا ئارقىسىغىمۇ قارىماي كىتىپ قالدى . ئۇ بەلكىم ،مېنى سىناۋاتقان بولىشى مۇنكۈن دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ، خىلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇنى قەلىب ئىكرانىمدىن چىقىرۋەتمەي، خىيالىمدىكى سىناقنىڭ بالدۇرراق تۈگىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم . ئويلىمىغان يەردىن بىر كۈنى ئۇنىڭ باشقا بىرسى بىلەن تويى بولىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ،‹‹ ياق ئۇ ھەرگىز ئۈنداق قىلمايدۇ ، بىز دېگەن مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا ۋەدە قىلىشقان››دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بەرگەن بولساممۇ ، يۈرىگىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىن ، ‹‹ئەي نادان ، ھازىر جاھان نېمە بولۇپ كەتتى، سەن ئاشۇ قۇرۇق قەسەمگە ئىشىنىپ يۈردىڭمۇ ؟ ، سەن ئىشقىدا كۆيۈپ يۈرگەن ئاشىغىڭنىڭ راستىنلا بىر پۇلدار بىلەن تويى بولىۋاتىدۇ ››دېگەن سادا كەلگەندەك بولدى . ئۇنىڭ مەھەللىسىگە بارسام راستىنلا تويى بولىۋېتىپتۇ . ئىنسان دېگەن ئاجىز ئىكەنمىز ،بولدى تەقدىرگە تەن بىرەي ، ئۇنىڭ تۇرمىشىغا ئارلىشىپ بەختىنى نابۇت قىلماي ، ئۇنىڭ بەختى ئوخشاشلا مېنىڭ بەختىم دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئۇنى كۆڭۈل ئىكرانىمدىن چىقىرۋتىش ئۈچۈن نەچچە يىل تىرىشقان بولساممۇ نېمىشقىكى زادىلا چىقىرۋېتەلمىدىم . ئاردىن بىر يىل ئۆتۈپ ئۇنىڭ بىر بالىلىق بولغانلىقىنى ھەم يولدىشى بىلەن ناھايىتى بەخىتلىك ئۆتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئاخىرى تەقدىرگە تەن بىرىپ باشقا بىرسى بىلەن توي قىلدىم . ھالال جۇپتۇم تۇرۇپ باشقىلارنى ئويلاشنى ئۆز ۋىجدانىمغا مۇخالىپ ئىش دەپ ئويلىغان بولساممۇ ئۇنى زادىلا ئۇنتىيالمىدىم . بۇ دۇنيا شۇنداق تار بولسا كېرەك ، ئارىدىن خىلى يىللار ئۆتۈپ بىر كۈنى ئوغلۇمنى ئەگەشتۈرۈپ بازار ئايلىنىپ كىتىۋېتىپ تاسادىبىي ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرشۈپ قىلىپ ، يۈرۈگۈم كۆكرەك قەپىزىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك سوقۇپ خۇدۇمنى يوقۇتۇپ ، نېمە قىلالاىرمنى بىلەلمەي تۈرۈپلا قالدىم .كۆزلىرىمىز – بىر بىرىگە تىكىلگىنىچە قانچىلىك تۇرغانلىقىمىزنى بىلمەيمەن ، بارا – بارا ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ياش پەيدا بولۇشقا باشلىدى . ئۇ ياشلارنى كۆرۈپ مەن خۇدۇمنى تىخىمۇ يوقاتتىم .
ــــ دادا نېمە بولدۇڭ ، ئۆيگە ماڭمامدۇق ، بۇ ئاۋاز بىلەن ئىسىمنى يىغىپ يىنىمغا قارسام ،10 ياشلىق ئوغلۇم ماڭا قاراپلا تۇرۇپتۇ . شۇندىلام ئۆزۈمنىڭ سالاھىيىتىمنى ئەسلەپ ئۇنىڭغا خوش دېگەن مەنادا بىشىمنى ئاستا لىڭشىتىپ قويۇپ ،ئوغلۇمنى يىتىلىگىنىمچە ئۆي تەرەپكە ماڭدىم . كاللام خۇددى ئۇچىنى تاپقىنى بولمايدىغان بىر كاللاك يىپتەك چىگىلىشىپ كەتتى . ئۆيگە قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كىلىپ ئىختىيارسىز ئارقىمغا قارىسام ئۇ ھىلىقى جايىدا مەن تەرەپكە قاراپ تۇرۇپتۇ . بەلكىم ئۇ شۇ تۇرقىدا مېنى ياق، ئەينى يىللاردا پاك سۆيگۈمنى خورلىغان گۇناھى ئۈچۈن ئۆز - ئۆزىنى تىللاۋاتقاندۇ .