• ھاراقكەش ئىشەك - [يانغىن ئىجادىيەتلىرى]

    يالغۇزلۇقتىن ئىچىم پۇشۇپ ، كىتابخانىغا بېرىپ كىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم . ھاۋا شۇنچە ئىسسىق ، قۇياش ئۆتكۈر نۇرلىرىنى يەر يۈزىگە چېچىپ ، جاھاننى بار كۈچى بىلەن ئىسىتماقتا .
        بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقىمىكىن ، بازار تۇلىمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتكەن ، كوچا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى . سودىگەرلەرنىڭ خېرىدار چاقىرىپ ۋارقىراشلىرى ، كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى .
       توساتتىن 25-26ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت كۈزۈمگە چېلىقتى . ئالدىمدىكى بۇ يىگىتكە قاراپ ، ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم . بۇ يىگىتنىڭ چاچلىرى يەلكىسىگە چۈشكەن بۇلۇپ ، چېچىنى قىزىل ، سېرىق ، يېشىل رەڭلەردە بۇيىۋالغان ئىدى . ئۈستىگە تار بىر قىپقىزىل كاستيۇم كىيىۋالغان ، سېرىق -جىگەررەڭ ئالا -بۇلماچ گالاستۈكى تىزىغا يىتىپلا قالغان ئىدى . ئىككى غېرىچ كىلىدىغان ئۇچلۇق ئاياغلىرى ئىسىلزادە خېنىملار يىتىلىۋالىدىغان قاپقارا تۇمشۇقلۇق ئىتلارنى ئەسلىتەتتى .
    - ياخشىمۇسەن ، يازغۇچى ئەپەندى ، دىگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ ،سەل ئېسىمنى يىققاندەك بولدۇم . ئۇ يىگىت ماڭا قاراپ ساپسىرىق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ھىجىيىپ تۇراتتى .ئۆز كۈزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، بۇ باشلانغۇچتىكى ساۋاقدىشىم مۇقارىپ ئىدى .
    - ھەئە ،ياخشى ،-دېدىممەن سوغۇققىنا ئاھاڭدا . ئۇنىڭ بۇ چاكىنا سىياقىغا قاراپ ،ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقاتقانلىقىغا نەپرەتلەنگەن ئىدىم .
    - قانداق ،قوڭالتاق ، ئەھۋالىڭ ياخشى ، خۇتۇن ، بالا -چاقىلىرىڭ سالامەت ، يازغۇچىلىقىڭ ئىقىۋاتامدۇ ؟،-دېدى ئۇ كىنايە تەلەپپۇزدا. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۆرلەپ ، ئۆزەمنى ئارانلا بېسىۋىلىپ ،بېشىمنى لىڭىشتىپ قويدۇم .
    - ھەئە ،ئۆزەڭنىڭ ئەھۋالى قانداق ؟ ئەجەپ <<پۇزۇر >>ياسىنىۋاپسەن . شۇنىڭغا  قارىغاندا ئەھۋالىڭ يامان ئەمەس ئوخشىمامدۇ ،-دېدىم تەنە ئارلاش . بۇ دوستۇم ئۇيۇن -تاماشىنى تولا ئويناپ بېشى ئايلىنىپ قالدىمۇ ، ئەيتاۋۇر گىپىمنى چۈشەنمىگەن ئىدى .
    - ئەلۋەتتە . ماڭا مەستلىكىڭ كىلىۋاتىدۇ ھە ئاداش ، بۇنداق ياسىنىش چەتئەلچە ياسىنىش دىيىلىدۇ . بۇ ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە ئەڭ مودا بۇلىۋاتىدۇ ، خالىساڭ سەنمۇ مەندەك ياسانغىن . قىز -چوكانلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتىسەن . بىزدە كونىلاردىن قالغان <<ئۈلۈمدىن باشقا ھەممىسى تاماشا >>دەيدىغان گەپ بارغۇ ! قاچانغىچە مۇنبەرگە ئەسەر يوللاپلا ئۈتىسەن . يا ساڭا پۇل بەرمىسە ئۇ خەق . مەنمۇ بىر چاغلاردا يېزىپ باقاي دەپ قايسىبىر مۇنبەرگە  <<دوڭغاق سۆگەت تۈۋىگە بارماڭ >>دەپ بىر ئەسەر يازسام ، ماۋۇ ئىنكاسچىلار <<بەك ياخشى يېزىپسىز ، تېخىمۇ تىرىشىڭ >>دىگەن بىرمۇنچە قۇرۇق گەپكە تولدۇرۋىتىپتىكەن . ئاچچىقىم نەدىن كەلدى ، قەلەم -پەلەم دىگەنلەرنى تاشلاپلاۋەتتىم . ماڭا قارا ،ماۋۇ ئۇچامدىكى كاستيۇم -بۇرۇلكا ياۋرۇپادا ئەڭ مودا بۇلىۋاتقان <<يالىڭاچ سەتەڭ ماركىلىق كاستيۇم >> ، تېخى ماۋۇ ئىسپانىيەنىڭ <<تۈمۈر تۇمشۇق >>ماركىلىق شىبلىتى ...
    <<توۋا ! بىزنىڭ ھازىرقى ياشلىرىمىز نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ھە، چەتئەلدىن ئۆگىنىمىز دەپ ئۆزىنى بازارغا سېلىپ ، ئۆزىچە پەخىرلىنىپ يۈرگىنىنى كۆرمەمدىغان ...>> كۆڭلىمدە شۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغىنىمدىن خىجىل بۇلۇپ كەتتىم .
    - خوش ئاغىينە ، بۈگۈن كىتابخانىغا بېرىپ جەمىيەت كۆزىتىپ ، بىرەر ياخشى تېما تاللاش ئۈچۈن چىققان ئىدىم . كىيىن ۋاقىت بولسا كۈرۈشەرمىز ،-دېدىم ئۇنىڭدىن بىزار بۇلۇپ تېزراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن .
    - ئالدىراپ نەگە بارىسەن ؟ بىرەر يەرگە بېرىپ ھال -مۇڭ بۇلۇپ ئولتۇرۇپ كەيىپ سۈرۈپ كەلمەيمىزمۇ ، يازىمەن دىسەڭ مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن . بىر چاغدا ئىلھامىم كىلىپ كىلىپ بىر نەرسە يېزىۋىدىم . ساڭا بېرىپلىۋىتەي ، ئانچە -مۇنچە <<خودۇڭ -پودۇڭ >>قىلىپ ئۆزەڭنىڭ نامىدىلا بىرەر مۇنبەرگە يوللىمامسەن ،-شۇنداق دىگىنىچە ئۇ قوللىرىنى كىشىلەر بار يەردە ئاپارغىلى بولمايدىغان بىر يەرگە سۇنۇپ ، بىر قىزىل لاتا بىلەن ئورالغان بىر نەرسىنى ئېلىپ ماڭا ئۇزاتتى . مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرغىنىمدا ،خۇددى خورازدىن ھۈركۈپ كەتكەن مىكيانلاردەك قاقاقلاپ سەت كۈلۈشكىنىچە بىر نەچچە قىزلار يىتىپ كەلدى . ئۇلارنىڭ ئۈتۈپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرگەن مۇقارىپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتقىنىچە <<خوش ئاداش ، كىيىن كۆرىشەرمىز >>دىگىنىچە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كىتىپ قالدى .
    ئۆزەممۇ بىلمەي جايىمدا تۇرۇپ قاپتىمەن . بايا ئۇ بەرگەن نەرسىنى ئېچىپ ، كۈرۈشكە باشلىدىم .
     


         ئىسىمنى بىلسەم ئۆيىمىزدە بىر قارا تەخەي بولغان ئىكەن . دادامدىن ئاڭلىسام ئانىسى بۇ تەخەي  تۇغۇلۇپلا ئۈلۈپ كەتكەن ، شۇڭا ئۆيدىكىلەر بۇ تەخەيگە بەك ئامراق ئىدۇق . لىكىن نىمىشقىكىن قارا تەخەي مىنى كۆرسىلا ئارقامدىن قوغلاپ مىنى<< ئۈسۈپ>> -تىپىپ كىتەتتى .ئۆيدىكىلەر يوق بولدىمۇ ، تازا ئۇرۇپ ئاچچىقىمنى چىقىرۋالاتتىم . كىيىن بولسا مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋىلىپ چۇرقۇراشلىرى ، پات -پات ساغرىسىغا ئۇرۇشلىرى قىزىق تۇيۇلدىمۇ ، بارا -بارا مىنى كۆرسە ئويناقشىپ ئالدىمدا يۈگرەيدىغان بولدى .
    بىر كۈنى مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن قارا تەخەينى يىتىلەپ ،ئۆستەڭ بۇيىغا سۇغا چۈمۈلگىلى باردۇق . تەخەينى بىر مايماق سۆگەتكە باغلاپ قۇيۇپ ئۇيۇننى باشلىۋەتتۇق . بىر چاغلاردا ئۇيۇن تازا ئەۋجىگە چىققاندا بالىلار چۇرقۇرشقىلى تۇردى. نىمە بولدىكىن دەپ شۇنداق قارىمامدىم ، ھەيران بولغىنىمدىن قاتتىق ۋارقىرىۋەتتىم . تەخەي قانداق بوشانغانكىن ، بىز باياتىن بېرى سۇغا سەكرەپ چۈشىۋاتقان كۆۋرۈك بېشىغا بېرىپ ، بىزگە ئوخشاش سەكرەشكە تەمشىلىۋاتقان ئىكەن .
    - ياق ...ياق...سەكرىمە !
    شۇنداق دەپ تۇرىشىم بىلەن تەڭ قارا تەخەي كۆۋرۈكتىن سەكرەپ چۈشمەمدۇ ، قورقۇنچلۇقىمدا كۆزۈمنى يۇمىۋالدىم .
    - ماۋۇ كارامەتنى كۈرۈڭ . بىزنىڭ تەخەي ئالاھىدە سۇ ئۈزۈش ماھىرى ئىكەن ئەمەسمۇ ! ئۇنىڭ سۇ ئۈستىدە پۇتلىرىنى كىرىپ ، <<غۇلاچلاپ >> ،ھەرخىل ماھارەتلەرنى كۆرسىتىپ سۇ ئۈزۈشلىرى ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى .
    شۇنىڭدىن كىين بىز ئۇنى قارا تەخەي دەپ چاقىرماستىن <<دىڭىز ئىشىگى >>دەپ چاقىردىغان بۇلۇشتۇق . شۇ يىلى ياز چىققىچە قارا تەخەي بىلەن سۇغا چۈمۈلدۇق .ئۇ تېخى بىر نەچچىمىزگە سۇ ئۈزۈشنىمۇ ئۈگىتىپ قويدى .
      

    2

    مەن بالىلىق دەۋرىدىن ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويدۇم . يېشىممۇ چوڭىيىپ 18ياشلارغا بېرىپ قالدىم . قارا تەخەيمۇ چوپچوڭلا ئىشەك بۇلۇپ قالدى . ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ، تۇرۇپ -تۇرۇپ قاتتىق ئاۋازدا ھاڭراشلىرى ئادەمنىڭ بىزارلىقىنى كەلتۈرەتتى . لىكىن ئۇ ھازىرمۇ مەن قەيەرگە بارساملا ،ئارقامدىن ئەگىشۋالاتتى . ئاغىينىلىرىم زاڭلىق قىلىپ :
    - قارا ..قارا ئاداش ، <<خۇتۇنۇڭ >> ساڭا نىمانچە ئامراق . سەن نەگە بارساڭ شۇ يەرگە ئەگىشلاۋالىدىكەن . ئوبدان كۈيۈنۈپ ھاجىتىدىن چىققىن جۇمۇ ،-دېيىشەتتى .  بىر كۈنى ئاغىينەم يەنە شۇنداق دىمەمدۇ ، جان -جېنىمدىن ئۈتۈپ كەتتى . شۇ ئاچچىقىمدا ئىشەكنى ئۆيگە سولىۋىلىپ تازا ساپتىمەن . بىر ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سىرغىپ چۈشكەن ياشلارنى كۈرۈپ ،سەل ئىچىممۇ ئاغرىپ قالدى . شۇنداق بولسىمۇ بىز ئۇزۇن يىللىق قەدىناسلاردىن -دە! شۇنىڭدىن كىيىن بىر يەرگە چىقسام ئۇنى سولاپ قۇيۇپ چىقىدىغان بولدۇم .
    بىر كۈنى بىرنەچچە ئاغىينىلەر بىلەن تازا ئىچىشىپ ،مەست بۇلۇپ يولدا يېتىپ قاپتىمەن . ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرسام ئىشەك ئىغىلىدا ياتىمەن . ماۋۇ ماز ئىشەك تىللىرىدا  يۈزلىرىمنى يالاۋاتقان ... باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئىشەك مىنىڭ قايتىپ كەلمىگىنىمنى كۈرۈپ ، بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بۇلۇپتۇ -دە ،مىنى ئىزدەپ چىقىپ كىتىپتۇ . بىر چاغدا ئەسكى -تۈسكى لاي -پاتقاقنىڭ ئارىسىدىن مىنى تېپىپ ،ئۆيگە سۆرىگىنىچە ئېلىپ كەپتۇ .
      ئۇ ئىش ئۈتۈپ بىر مەزگىلدىن كىيىن قوشنىمىز زورەم نايناق بىر ئىشەكنى يىتىلىگىنىچە ھويلىمىزغا كىرىپ كەلدى .
    - مۇقارىپ ، بۇ ئىشەكنى تۈنۈگۈن سېتىۋالغان ئىدىم ، سىلەرنىڭ ئۆيدىكى قارا ئىشەك بىلەن چېتىشتۇرايلىمىكىن دىگەن ...
    بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، ماۋۇ زورەم نايناقنىڭ ئەركەك ئىشەكنى ئەكىرىپ بىزنىڭ ئىىشەك بىلەن چېتىشتۇرايلى دىگىنىگە ھەيران بۇلۇپ ، چىرايلىقچە رەت قىلاي دەپ ئەمدى ئېغىز ئېچىشىمغا ، قارا ئىشەك ھاڭرىغىنىچە بىردەمدىلا ھېلىقى قوتۇر رەزگى ئىشەك بىلەن ئاپئاق -چاپپاق بۇلۇپ ، بىر -بىرىگە ئېسىلىپلا قاپتۇ . ئۇلارنى تەسلىكتە ئاجرىتىپ ، قارا ئىشەكنىڭ كۆتىگە بىر نەچچىنى تېپىۋەتتىم . قارا ئىشەك ھاڭرىغىنىچە ئەتراپىمدا چۆرگىلەشكە باشلىدى .
    ئەتىسى ،سەھەردە ئورنىمدىن تۇرۇپ ، قارا ئىشەكنىڭ قېشىغا كىرىپلا ،قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم . ماۋۇ سەتچىلىكنى ئەمدى نىمە دەي ، ھېلىقى قۇتۇر ئىشەك بىلەن قارا ئىشەك ئۇزۇندىن بېرى كۆرىشەلمىگەن ئاشىق -مەشۇقلاردەك بىر -بىرىگە ئېسىلىپ ،سۈركىلىشىپ يېتىپ كىتىپتۇ .
    شۇ ئىشتىن كىيىن قارا ئىشەكنىڭ ئۇ ئىشەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قاتتىق توستۇم . بىر كەچلىكى ئولتۇرۇشتىن قايتىپ كەلسەم ، قارا ئىشەك ئۆيدە يوق . كاللامدىن تۈتۈن چىقىپ ، ئىزدىمىگەن جاي قالمىدى . ئۇنى ھېچيەردىن تاپالماي ، جىلە بۇلۇپ ھارغانلىقىمدىن يېتىپ ئەمدىلا ئۇخلاي دەپ ،كۈزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنىشى بىلەن ئۆگزىدىن <<دۈپۈر -دۈپۈر >>قىلغان ئاۋازلار ئاڭلاندى . <<ئوغرى >>دىدىممەن كۆڭلىمدە . كالتەكتىن بىرنى كۆتۈرۈپ ، ئاۋايلىغىنىمچە ئىشىك ئارقىسىغا ئۈتىۋىلىپ ،دېرىزىدىن ماراپ تۇردۇم . بىر چاغدا بىر قاپقارا كۆلەڭگە <<گۈپ >>قىلىپ ئۆگزىدىن سەكرىدى -دە ، ئېغىلغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدى . ئىشىكتىن چىقىپ شۇنداق قارىمامدىم .
    - قارا ئىشەك !
    شۇ چاغدا بىلدىمكى ، قارا ئىشەك ھېلىقى قۇتۇر ئىشەك بىلەن ئۆگزىگە چىقىۋىلىپ ...
    بۇ ئىش ئۇزۇنغا ئۆتمەي مەھەللە ئارىسىدا پۇر كەتتى . شۇ سەتچىلىكتىن كىيىن ، مەھەللىدە يۈزىمنى كۆتۈرەلمەي يۈردۈم .


    3

    ئەل -ئاغىينىلەر بىلەن پات -پات يىغىلىپ ئولتۇرۇش قىلاتتۇق . بىر كۈنى ،بىرنەچچە ئاغىينىلەر مەھەللىمىزنىڭ يۇقىرسىدىكى ھاشىم كىگىزنىڭ قاۋاقخانىسدا ئولتۇرۇپ قالدۇق . سورۇن تازا ئەۋجىگە چىققاندا قارا ئىشەك ھاڭرىغىنىچە يېنىمىزدا پەيدا بولدى .
    - قاراڭلار ، ئاۋۇ قارا ئىشەكنى ... مۇقارىپقا بەكمۇ سادىق جۇمۇ . مانا مۇشۇ يەرگىچە ئىزدەپ كەپتۇ.
    - خوش بولساڭ بۇلىدۇ ئاغىينە . بۇ ئىشەك نەچچە يىلدىن بۇيان ساڭا سادىقلىق بىلەن <<خۇتۇن >>بۇلۇپ كەلدى .
    - ھا...ھا...ھا...
    ئۇلارنىڭ ماز گەپلىرى يەنە باشلاندى . بىر چاغلاردا ئىچىشۋازلىق تازا قىزىغاندا ،ھاشىم كىگىزنىڭ كاللىسىغا مۇنۇ قارا ئىشەككىمۇ بىر -ئىككى رومكا ئىچۈرۈپ باقمامدۇق ،دىگەن خىيال كىلىپ قالسا بۇلىدۇ . ئەل -ئاغىينىلەر بۇنى ئاڭلاپ دۈپۈرلىشىپ كەلگىنىچە قارا ئىشەكنى تۇتىۋىلىشتى . ھېچ گەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ رايىنى ياندۇرالمىدىم ، ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي ، كۈلكە -چاقچاق ، ھە -ھۇ بىلەن قارا ئىشەككىمۇ بىر نەچچە رومكا <<دولان روھى >> ئىچكۈزۋىتىشتى . قارا ئىشەك ئازراق ئىچىۋىلىپ قىزىپ قالغان چېغى <<يەنە ئىچىمەن >>دىگەندك ھاڭراشقا باشلىدى . ئۈنئالغۇدا چەتئەلنىڭ دىسكۇ مۇزىكىسى قۇيىلىۋاتاتتى . قارا ئىشەك نايناقلاپ ئوتتۇرغا چۈشۈۋىلىپ ، دۇنياغا داڭلىق تولغىما ئۇسسۇل چولپىنى مايكىل جىكسۇننى دوراپ ساغرىلىرىنى تولغاپ ئويناشقا باشلىدى ... سورۇن ئاخىرلىشىپ ئۆيلىرىمىزگە قايتتۇق ، شۇ كىچە قارا ئىشەك توختىماي ھاڭراپ ،ئۇسسۇل ئويناپ چىقسا بۇلىدۇ .
      ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرسام ، قارا ئىشەك ئىشىك ئالدىغا ئازراق قەي قىلىپ شۇ يەردىلا ئۇخلاپ قاپتۇ .
    شۇ كۈندىن كىيىن قارا ئىشەك تۇيۇقسىز يوقاپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالدى . ھەرقېتىم ئۇنى ھېلىقى ھاشىم كىگىزنىڭ قاۋاقخانىسىدىن تاپاتتىم .ھاشىم كىگىزمۇ قىزىق ئادەم ، ئۇنى ھايدىۋەتمەي ھاراق بىرىپ يۈرسە بۇلىدۇ . ئۇنى سۆرەپ ئېلىپ ماڭغىنىمدا <<بىردەم ئىچىۋالايچۇ ! >>دىگەندەك كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ ، تىپىرلاپ يەردە يېتىۋالاتتى .
    بىر كىچىسى قارا ئىشەك ئادىتى بۇيىچە ئۆيدىن قېچىپ ھاشىم كىگىزنىڭ قاۋاقخانىسىغا بېرىپ ، ئۇيەرنى ئوڭتەي -توڭتەي قىلىپ ، ھاراقلارنى بۇلىشىغىچە ئىچىپ ئۇخلاپ قاپتۇ .
    شۇ ئىش سەۋەبىدىن 2ئايلىق كىسىلىپ كەتتىم .


    4

    ساقچىخانىدىن چىقىپ ،تارتقان ئازابلىرىم ئۈچۈن ،قارا ئىشەكنىڭ تازا ئەدىبىنى بەرمەكچى بۇلۇپ ، دەرغەززەپ ھالدا ئۆيگە كەلدىم .  قارا ئىشەك ئېغىلدا ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىتقۇدەك دەرىجىدە ھاڭرىغىنىچە پۇشۇلداپ ياتاتتى .
    - ئۆلسەڭ ئۆل ! خوپ بولدى ،-دېدىممەن ئۇنىڭغا قاراپ . ئۇ مىنى كۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋىدى ، يەنە يىقىلىپ چۈشتى . قارا ئىشەكنىڭ قورسىقى خېلىلا يوغىناپ قالغان ئىدى . بۇنى كۈرۈپ باياتىنقى ئاچچىقلىرىممۇ نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى .
    - بەلكىم ھېلىقى قوتۇر ئىشەكنىڭ ئىشى بولسا كىرەك ،-دەپ ئويلىدىم كۆڭلىمدە .
    ئىشەكنىڭ بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ ھاڭراشلىرى ئىچىمنى ئىزىۋەتتى ، دەرھال قوشنىلاردىن بىر ھارۋا سوراپ ،قارا ئىشەكنى ھارۋىغا بېسىپ <<چارۋا -ماللار دوختۇرخانىسى>>غا قاراپ يولغا چىقتىم .
    - مۇنداق دەڭ ، ئىشىكىڭىزنى دەرھال ئوپراتسىيە قىلمىىساق بولمايدۇ ،-دېدى يوغان قوساق دوختۇر ئىشەكنى تەكشۈرۈپلا .
    -بۇ ..بۇ ...قانداق بولغىنى . ھايۋاننىمۇ ئوپراتسىيە قىلغان بارمۇ ؟ ،-دېدىم ھەيران بۇلۇپ .
    - قانداق تومپاي ئادەمسىز . ھازىر دىگەن قايسى زامان . ئوپراتسىيە قىلامسىز -قىلمامسىز ؟،-سورىدى دوختۇر ماڭا ئالىيىپ .
    - بوپتۇ ..مەيلىلا .
    شۇنداق دەپ ئىشەكنى ئوپراتسىيە بۈلۈمىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى .
    بىر كەمدە دوختۇر ئىشەكنىڭ ئۈلۈگىنى ئېلىپ چىقمامدۇ ...ئۈزەمنى تۇتىۋالالماي ئىشەككە ئېسىلىپ يىغلاپ كىتىپتىمەن . شۇنداق قىلىپ مىنىڭ جان-جىگەر ھايۋىنىم ، ھاراقكەش ئىشكىمىدىن شۇنداقلا ئايرىلىپ قالدىم .

    *****

    ئۇنىڭ يازغانلىرىنى ئۇقۇپ ھېچنىمى چۈشەنمەي تۇرۇپ قالدىم . مىنىڭ كاللام بەك ئاددىيمۇ ياكى ...
    قېنى سىلەر بىر نىمە دەپ بېقىڭلارچۇ !!


    تۈگىدى .
    2005-يىل 15-دېكابىر ئاۋات .





    评论

  • قانداق ،قوڭالتاق ، ئەھۋالىڭ ياخشى ، خۇتۇن ، بالا -چاقىلىرىڭ سالامەت ، يازغۇچىلىقىڭ ئىقىۋاتامدۇ

    ئا زابوينىڭ ما گىپىنى توۋا،يازغۇچىلىقنى ئەرزىمەس بىر ئىشتەكلا چىقىرىپ قويۇپتۇ بۇ قۇڭالتاق.
  • ئېشەكتىن بىرلىرىنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم......