• ھايات ،ئۇنىڭغا بىر كۈلۈپ باققىنە! - [تورداشلار ئەسەرلىرى]

    ھايات ،ئۇنىڭغا بىر كۈلۈپ باققىنە! 
    (نەسىر)

    ئاپتورى:ساباھ

     

     

    ھايات،ئەي ھايات !مەن سىنى ئىزچىل ئادىل دەپ ئويلاپ كەلگەنىدىم.سىنىڭ ھەققانىيلىقىڭغا پۈتۈن جىسمىم ھۇجۇدۇم بىلەن ئىشەنچ قىلىپ كەلگەن ئىدىم.شۇئىشەنچىمدىن مەمنۇن ئىدىم.پەخىرلىنەتتىم.بىراق.........
             بىراق،مەن خاتالىشىپتىمەن.راست!بەكلاخاتالىشىپتىمەن.چۈنكى مەن بۈگۈن شۇنى ھېسقىلىپ يەتتىمكى،مەن ساڭا ئالدىنىپتىمەن،سىنىڭ دامىڭغا چۈشۈپتىمەن.
             مەن سىنىڭ ھەققانىيىتىڭنىلا كۆرۈپ،ئادالەتسىزلىكىڭنى كۆرمەپتىمەن!سىنىڭ كۈلكەڭنىلا كۈرۈپ،خىرىسلىرىڭنى كۆرمەپتىمەن! 
    مەن بۈگۈن كېچىكىپ ناھايىتى كېچىكىپ بولسىمۇ سېنى ھەقىقى كۆردۈم،سېنىڭ ئاشۇ بىچارىگە،بىغۇبار قەلىب،بىغۇبار يۈرەككە قىلغان دەھشەت ھۇجۇمىڭدىن سېنى ھەقىقى كۆردۈم،ياق! كۆردۈملائەمەس سىنى تۇنۇپ يەتتىم.
    ھايات!سەن بەك رەھىمسىزلىك قىلدىڭ،.ادالەتسىزلىك قىلدىڭ.تۇيۇقسىزلا شۇبىغۇبار قەلىب ئىگىسىنىڭ روھىي تۈۋرىكى،جخسمانىي مەدىتى بولغان دادىسىنى ۋاقىتسىز ئېلىپ كەتتىڭ.ئۇنىڭ جىمى خۇشاللىقى،شادلىقىنى رەھىمسىزلەرچە تارتىۋالدىڭ!ئۇنىڭغا،ئۇنىڭغا قىلچە ئىچ ئاغرىتمىدىڭ،ھېسداشلىق قىلمىدىڭ.
             ئېيتقىنە!ئەي ھايات ئېيتقىنا زادى نېمىشقا شۇنداق قىلىسەن،نېمىشقا؟ !
             ئۇ بىر مەسۇمە ئىدىغۇ!دائىم ساڭا كۈلۈپ باققان،سېنى سۆيۈپ كەلگەن بىر مەسۇمە ئىدىغۇ؟!ئۇسەندىن ئۇنىڭغا قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈشنى تەلەپ قىلمايتتى،پەقەت سەن ئۇنىڭغا قاراپ چىشىڭنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ قويساڭلا ئۇئالەمچە شادلىققا چۆمەتتىغۇ؟بىراق سەن.........
             ھايات!بىلمىدىم،نېمىشقا بۇنچە رەھىمسىزلىشىپ كەتتىڭ.
    تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرىلا ئۇنى دادىسىدىن ئايرىغان ئىدىڭ،مانا ئەمدى ئۇنى ئانىسىدىنمۇ ئايرىدىڭ.ياق!ئانىسىدىنلا ئەمەس،ئۇنى ئەشۇ ئاجىزسوقۇپ تۇرغان يۈرىكىدىن باشقا ھەممە نىمىسىدىن ئايرىدىڭ.
             ھە!رەھىمسىزھايات!سەن ھازىر«غەلبەڭ»دىن كېرىلىپ كۈلۈۋاتامسەن؟بوپتۇ.قېنى قىلغۇلۇقىڭنىڭ ھەممىنى قىلە.ئۇنىڭغا يەنە زەھەرلىك قوللىرىڭنى سۇنە!مەن بىركۆرۈپ باقاي،جاھان ئەھلى بىركۆرۈپ باقسۇن!سەن ئەمدى ئۇبىچارىنىڭ يەنە نېمىسىنى ئېلىپ  كېتەرسەنكىن؟ئۇنىڭ ئەشۇ ئاجىز سوقۇپ تۇرغان يۈرىكىنىمۇ؟!......
             ھايات،ئەي رەھىمسىز ھايات!مەن ئەزەلدىن سەندىن بىرەر نەرسە تەلەپ قىلىپ باققان ئەمەسمەن.بىراق،بۈگۈن مەن سەندىن ئۆتۈنەي!ساڭا يالۋۇراي!ئۇمەسۇمەگە ئەمدى قارا قۇلۇڭنى سوزمىغىن!
             ھايات سۆيۈملۈك ھايات،قەھىرلىك ھايات!ئۆتۈنەي،قەھرىڭنى ئازغىنە بولسىمۇ توختاتقىن!ئۇبىچارە مەسۇمەگە قاراپ بىر كۈلگنىە،مەيلى يالغاندىن بولسىمۇ ئۇنىڭغا كۈلۈپ بىرباققىنە!
            ھايات،مەن سەندىن ئۆتۈنەي،سەندىن ئۆيۈنەي!ئۇنىڭغا بىركۈلۈپ باققىنە.ئۇمۇ كۈلسۇن،توختاي-توختاي دەپ كاالغان يۈرىكى ئازغىنە بولسىمۇ مەدەتكە ئېرىشسۇن!