-
ئانامغا يىزىلغان خەت - [تورداشلار ئەسەرلىرى]
ئانامغا يىزىلغان خەت
ئاپتورى: ئەكبەر جاپپار دەردى
( نەسىر )
قەدىرلىك ئانا ، - جىنىم بالام ئۇنداق قىلمىغىن ، داداڭدەك ياخش ئادەم بولغىن ، سىېنىڭ تومىرىڭدا ئېقىۋاتقىنى داداڭ بىلەن مېنىڭ پاك قېنىمىز ، تارختىن بىرى ئەۋلادىمىز ئىچىدىن سەندەك بۇنداق كەيپى – ساپا قىلىدىغان ئادەم چىققان ئەمەس ، - دەپ نەچچە مىڭ قېتىملاپ كۆز يېشى قىلىپ باشلىرىمنى سىلاپ يىلىنىپ تۇرۇپ ، قىلغان نەسىھەتلىرىنىڭنى ئاڭلىماي ، دادامدىن مىراس قالغان بارچە بىساتلارنى تۈگۈتۈپ ، سېنىڭ كېسەلجان ،قىسقىسى مەندىن ئايرىلساڭ تېكەندەك يالغۇز قالىدىغانلىقىڭنى بىلىپ تۈرۈپ ، تۈرمىنى ماكان قىلىپ ياتقان مەندەك بىر ئەقىلسىز ئوغلۇڭنى كەچۈرەرسەنمۇ ؟
قەدىرلىك ئانا، مەن تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن ئويلانسام ، بىز بىرگە ياشاۋاتقان كۈنلەردە ،سېنىڭدەك بىر ئۇلۇغ ئىنساننىڭ باغرىنى يېرىپ چۈشۈپ ھەمدە ، بۇ دۇنيادا ھىچقانداق نەرسىگە تەڭ قىلغىنى بولمايدىغان ئاق سۈتۈڭنى ئېمىپ چوڭ بولغان ئىنسان بالىسى بولساممۇ ،ھەقىقى ئىنسان بالىسى قىلىدىغان ئىشلاردىن بىرەرنىمۇ قىلىپ باقماپتىمەن . سېنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭگە جاۋاپ قايتۇرۇش تۈگۈل ئەكسىچە ساڭا بىر ئۆمۈر يەتكۈدەك ئازاپ ئاتا قىپتىمەن . « ئاق » تاماكىنىڭ خۇمارى تۈتۈپ كەتكەن چاغلاردا چىكەي دېسەم پۇل يوق ئۆيگە كىرىپ ، ئانا ، پۇل بەر دېسەم بالام مەندە پۇل يوق، دەپ يىلىنساڭمۇ، مەن ، بىر ئاماللارنى قىلىپ خۇمارىڭنى ئاز تولا بىسقىتۇردىغان ئىشنى قىلاي دەپ تالاي قېتىم توختىماي تىترەۋەتقان بەدەنلىرىمنى سىلاپ ياشلىرىمنى سۈرۈتكەن بولساڭمۇ ، - سەن يالغان سۆزلەۋاتىسەن دادامدىن قالغان پۇللار قېنى ؟ شۇ پۇللاررنى بەر دەپ گېلىڭنى بوغۇپ يانچۇقلىرىڭنى ، ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپ، قولۇمغا چىققان نەرسىلەرنى ئېلىپ ، توسقىنىڭغا ئۇنماي سېنى ئىتتىرۋېتىپ چىقىپ كىتىپ ،ئۇ نەرسىلەرنى ، سېتىپ پۇلىغان « ئاق » تاماكا ئېلىپ چىكىپ ،پەس خۇمارىمنى بىردەملىك بىسىقتۇرغىنىمنى ، ھەتتا ھىلىقى كۈنى كېچىدە شۇنچە قارشىلىق قىلساڭمۇ ئۇنماي ،قۇلىقىڭدىكى ھالقىنى يۇلۇپ ئېلىپ ، قۇلىقىڭدىن چىپىلداپ ئېقىۋاتقان قانغىمۇ قارىماي سىرىتقا چىقىپ كەتكىنىمنى ، شۇ سەۋەپتىن ئىككى قۇلىقىڭنىڭ دورا ئېلىشقا پۇل يوق يېرىڭداپ ئالتا ئايدا ئاران ساقايغانلىقىنى ئويلىسام ، ھەي، قانۇن ماڭا ئەسلى ئۆلۈم جازاسى بەرگەن بولسا بولاپتىكەن ، مەن ۋاختىم توشقاندا ئاشۇ ئانامنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ قارارمەن دېگەنلەرنى ئويلاپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كىتىمەن .
قەدىرلىك ئانا ، سەن ئۆتكەندە مېنى تۈرمىگە يوقلاپ كەپتىەنسەن ، ساقچىلاردىن بۈ خەۋەرنى ئاڭلاپ باغرىڭغا ئۆزەمنى ئىتىپ ، تاپانلىرىنڭنى سۆيۈم ، جىنىم ئانا ، مېنى كەچۈرگىن، دەي دېگەنلەرنى ئويلىغان بولساممۇ ، نىمىشقىكى سېنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم يۈرىگىملا ئەمەس ، پۈتۈن بەدەنلرىم ، ماڭا ،- ھەي ، ئازغۇن ئىنسان سەن ئەمدى ، ئاشۇ دەردىڭدە يۈرىگى زەرداپ بولۇپ كەتكەن ئاناڭغا قايسى يۈزۈڭ بىلەن قارايسەن دېگەدەك قىلىپ ، ساقچىلارغا سەن بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ،ياتاققا كىرىپ بېشىمنى يوتقانغا پۈركەپ نەچچە سائەت يىغلىدىم . ئاڭلىسام سەن مېنى نېمىشقا كۆرۈشمەيدىكەن ، مەن بالامنىڭ بۇرۇنقى قىلغان ئىشلىرىنى يۈزىگە سالمايمەن ، ئۇ بۇندىن كېيىن ياخشى ئادەم بولسىلا مەن رازى ، ئۇنى ئېلىپ چىققان بولساڭلا نىرىدىن بولسىمۇ چىرايىنى بىر كۆرۋالاي، دەپ سىرىتتا يىغىۋاتقان قارغا قارىماي قاراڭغۇ چۈشكىچە تۈرمە دەرۋازىسى ئالدىدا يىغلاپ تۈرۈپسەم . بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ نەچچە كۈنگىچە سېنىڭ مىسكىن چىرايىڭ كۆز ئالدىمغا كىلىۋىلىپ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش ئېقىپلا تۈردى .ياق ، ئۇ ياشلار كۆزۈمدىن ئەمەس يۈرىگىمدىن ئاقتى، ئاققاندىمۇ ھەقىقى پۈشايمان يېشى ئاقتى .
قەدىرلىك ئانا ، مەن ئەمدى بىلىۋتىمەن ، بۇ دۇنيادا تۈرقى ئىنسان بولسىمۇ قىلغان ئىشلىرىنى ھايۋانمۇ قىلمايدىغان بىر قىسىم ئىنسانلار بولىدىكەن . قىسقىسى مەنمۇ بۇرۇن شۇ ئىنسانلار قاتارىدا ياشاپ كەپتىكەنمەن . ئەمدىلىكتە ئۆزەمنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ھايات مۇساپەمنى ئىسىمگە ئالسام ، « ئاق » تاماكىغا پۇل تىپىش ئۈچۈن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىمنى ئويلىسام ،ئۆزەمگە يۈز كىلەلمەيمەن . ئۆزەمگىلا ئەمەس ساڭا ، رەھمەتلىك ئاتامنىڭ روھىغا ، مەن باغرىغا دەسسەپ چوڭ بولغان پاك تۈپراققا يۈز كىلەلمەيمەن .
قەدىرلىك ئانا ، مەن بۇ يەردە ھەر دائىم تەڭرىدىن تىنىڭنىڭ سالامەت بولىشىنى ، مېنىڭ يېڭى ئادەم بولۇپ چىققىنىمنى كۆز كۆزۇڭ بىلەن كۆرىشىنىڭنى تىلاۋاتىمەن . سەن ماڭا ئىشەم ، مەن بۇ سەككىز يىل جەريانىدا ئۆشنەمگە ئارتىۋالغان جىنايەت كۈلاسىنى سېلىۋېتىپ يېڭنىڭغا يېڭىچى ئادەم بولۇپ بارىمەن ، بۇ مېنىڭ يۈرەك سۆزۇم .
评论