-
پىچاق ئاسقان ئەر! - [شىئېرىيەت گۈلزارى]
پىچاق ئاسقان ئەر!
غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت
زور بەدەل تۆلەر دىل ئەسلەشكە بىر رەت ،
ئۇنىڭ شاپ بۇرىتىنى تولغاشلىرىنى .
ئۇنتۇشچۈن بىر ئۆمۈر قىينىلار ئادەم ،
ئۇنىڭ كۆك يالقۇنلۇق چوڭقۇر كۆزىنى .
رەستىنى تىرىتىپ كېلەر ئۇ گۈس گۈس ،
ئۆلگىلى ماڭغاندەك ئۆلتۈرگىلى ھەم .
كۆڭلىكى ۋەرت - ۋەرت يىرتىلىپ تۇرار ،
چىڭقالغان بەستىگە چىدالماي ھەردەم .
سەن كىم دەپ سوراشقا بولمايدۇ ئەسلا ،
ئۇنىڭچۈن ئانا يەر بېرىدۇ جاۋاپ :
ئۇ يۈز يىل بۇرۇنقى پىچاق ئاسقان ئەر،
ۋە يۈز يىل كىيىنكى ئەسلەنگەن ئازاپ .
" قۇمۇل ئەدەبىياتى" ژورنىلىنىڭ 2001- يىللىق 3- سانىدىن ئېلىنغان