• نەۋروز ناخشىسى - [شىئېرىيەت گۈلزارى]

    نەۋروز ناخشىسى

     

     

    ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي

     

     

    بۈگۈنكى دۇنيادا،

    مەدەنىي مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭى يىل بايرىمى بار؛

    شەرەپشان ئۇيغۇر مىللىتىمۇ شۇ قاتاردا بار.

    نەۋروز— ئۇيغۇرنىڭ يېڭى يىل بايرىمىدۇر؛

    ئۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەكلەر مۇھەببەت قاينىمىدۇر.

    بۇ نەۋروز ئەمەلىيەتتە، ھېيت – بايراملارنىڭ ئەڭ ياخشىسى؛

    ئۇنىڭ بار بولغاي مۇنداق بىر مەخسۇس ناخشىسى:

     

    يىلنىڭ باش بېتى نەۋروز.

    زېمىن زىننىتى نەۋروز،

    نەۋ ھايات بېشى قۇتلۇق،

    ئاللاھ نېمىتى نەۋروز.

     

    ئېسەر ئىللىق شوخ شامال،

    ئىغاڭلار شاد چوكانتال.

    ئېتىزدا ئۈنەر مايسا-

    دېھقان ھىممىتى نەۋروز.

     

    قايتۇرۇق: يىل گۈل-غۇنچىسى نەۋروز،

    دىل دۇر-ئۈنچىسى نەۋروز.

    ئېرىقلاردا ئوينار سۇ،

    باغلاردا چېچەك خۇشبۇي؛

    جىمى جانلىق ئويغانغان،

    تەبىئەت ھېكمىتى نەۋروز.

     

    ھەر كىم بەيگىگە ھازىر.

    پۇقرا سەن، مەيلى نازىر.

    دىللاردا يېڭى ئارزۇ،

    ئاتلان سائىتى نەۋروز.

    قايتۇرۇق: يىلنىڭ بەرىكىتى نەۋروز،

    ئەلنىڭ ئەمگىكى نەۋروز.

     

    مەردانلار چېلىش بىلەن،

    ھايات پەيزى يېڭىش بىلەن.

    نۇسرەت كۆكىدە جەۋلان،

    ئىشچان قىممىتى نەۋروز.

     

    ئوغۇزدىن مىراس قالغان،

    ئۇيغۇر ئالەمگە يايغان.

    قەلبلەر تۆرىدە مەڭگۈ-

    مېھمان ئىززىتى نەۋروز.

     

    ئامانەت بۇ ئەجدادتىن،

    داۋام ئەتمەك ئەۋلادتىن؛

    بولغاي باغ تەكلىماكان،

    ئانا يۇرت ھۆرمىتى نەۋروز!

    قايتۇرۇق: يىلنىڭ باش گۈلى نەۋروز،

    يۈرەكنىڭ بۇلبۇلى نەۋروز.

     

     

      (2010-يىل 15-مارت يېزىلغان)

    بۇ ئەسەر مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 2010-يىللىق نەۋرۇز پائالىيىتىدە ئوقۇلغان