• كېسەل يوقلاش!(ئەزىز ئىمىر يانغىن) - [يانغىن ئىجادىيەتلىرى]

    كېسەل يوقلاش
    ئەزىز ئىمىر يانغىن

    ئانام دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغىلى ھەپتىدىن ئېشىپ قالغانىدى . ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇللا ئانام ياتقان دوختۇرخانىغا قاراپ يول ئالدىم . بالنىستقا كىرىپ كەلگىنىمدە ئانام ئۇخلاپ قالغان ، ئايالىم ئانامغا قاراۋاتاتتى .
     __ تۈنۈگۈندىن بېرى ئانىلىرىغا قاراپ كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقتىم ، بالدۇرراق كىلىدىغان كۈنلىرىمۇ بارمۇ سىلىنىڭ ؟ _ كىرىپ تۇرىشىمغا ئايالىم پەس ئاۋازدا سۆزلەپلا كەتتى .
     __ قانداق قىلىمىز خۇتۇن ، ھايات ۋاقتىدا مۇشۇنداق ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ ،قارىۋالمىساق ، كىيىن ۋاي ئىست دىگىنىمىز بىلەن بىكار ئەمەسمۇ . سەنغۇ ئانامغا بەك ياخشى قاراۋاتىسەن ،__ دېدىم گەپنى باشقا ياققا بۇراپ ،__ ھە راست ،بۈگۈن ئاكامنىڭ ئايالى كىلىپ ئانامغا قارىماقچى ئىدىغۇ ؟
     __ ئاكىلىرىنىڭ ئايالى كىلەمىش ، __ نىمىشقىدۇر ئايالىم شۈكلەپ كەتتى ،__ سىلىنىڭ ئۇ ئاكىلىرى يېزىلىق ھۈكۈمەتكە شاڭجاڭ بولغاندىن بېرى ،يەڭگىلىرىگىمۇ ھال پەيدا بولۇپ قالدى ، ئانىلىرى ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندىن بۇيان ئاكىلىرى ئاران بىر قېتىم كىلىپ قويدى . ئاڭلىسام بۈگۈن قايسىدۇر بىر باشلىق ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىنى ئۆتكۈزۈپتىكەن ، ئاكىلىرىنىڭ ئايالى شۇ يەردە چېپىپ يۈرگىدەك .
     << خوتۇن كىشى دىگەنغۇ شۇنداق گۇمانخور بۇلىدىغان >> دېدىم ئىچىمدە . بىراق ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قاراپ سەل ئىچىم ئاغرىپ قالدى . راست ، ئويلىسام ئانام ئاكام ئىككىمىزنى قاتارغا قۇشۇپ ،ئۆيلۈك -ئوچاقلىق قىلغىچە ئاز جاپا چەكمىدى . ئەزەلدىن بىزگە رەھمەتلىك دادامنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرمەي كەلگەنىدى . بۇرۇنغۇ ئانام ساق ۋاقتىسى ئۆيگە ئاي -ئايلاپ كەلمەيدىغان ئاكام ،ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندىمۇ كىلىپ قويمىغىنى نىمىسى دەيمەن . ئۆزى كىلەلمىسە ئايالىنى ئەۋەتسىمۇ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ ؟!
       كونىلارنىڭ <<كۈيىمى يوق تۇققاندىن يات ياخشى >> دىگەنلىرى راستمۇ نىمە ؟ بىچارە ئايالىم ئانامنىڭ ھەممە ھاجەتلىرىدىن چىقىپ يېنىدا پەرۋانىدەك چۆگىلەپ يۈرگىنى - يۈرگەن .
       بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئاكامنىڭ ئايالى ئانامنى يوقلاپ كەلدى . ئۇ ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بۇلۇشىغا قارىماي ، ھازىرلا ئۇن زاۋۇتىدىن چىققاندەك پەردازلىنىپ ، كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئالتۇن زىبۇ -زىننەتلەرنى ئېسىۋالغان ئىدى .
    __ نەچچە كۈندىن بېرى مىجەزىم يوق ،كىلەلمىدىم ،__ دېدى ئۇ ياسىمىلىق بىلەن ھىجىيىپ .
    __ ئاكىلىرىمۇ خىزمەت بىلەن ئالدىراش ، تۈنۈگۈن ۋىلايەتكە بىر ھەپتىلىك يىغىنغا قاتنىش ئۈچۈن كەتكەنىدى ، بۈگۈن كىلەلمەي قالدى .
     شۇ كۈنى ئانام ياتقان ياتاققا يەنە بىر كىسەلنى ئېلىپ كىلىشتى . دوختۇر ،سېستىرالارنىڭمۇ پايپىتەك بۇلۇشۇپ ئۆزى مېڭىپ كىرگەن بۇ <<كىسەل >> نى ئاسما ئۇكۇلغا ئالغانلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى . شۇ كۈنى بۇ ياتاقتىن كىسەل يوقلىغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى .
     __ ئەسىسىلامۇ ئەلەيكۇم .
    كىسەلخانىغا قۇلىدا سومكا كۆتۈرۈپ كەلگەن كىشىنى كۆرۈپ ئۆز كۈزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم . تېخى بايىلا يەڭگەم ئۇنى تۈنۈگۈن بىر ھەپتىلىك يىغىنغا كەتتى ،دەۋاتاتتىغۇ !
     ئاكام باشلىق بولغاندىن بېرى كۆزى سەل ئاجىزلاپ قالدىمۇ نىمە ، بىزنىمۇ كۆرمەستىن ئۇدۇل ھېلىقى كىسەل ياتقان كارۋاتقا بېرىپ بىر پەس مۇڭداشقاندىن كىيىن سومكىدىن بىر مۇنچە نەرسىلەرنى ئېلىپ كىسەل كارۋىتىنىڭ يېنىدىكى تومپوچكا ئۈستىگە قويدى .
      ئايالىم ئىككىمىز ئاكامدىن كۆزىمىزنى ئۈزمەي ئۈن -تىنسىز قاراپ ئولتۇراتتۇق .
     __ خەير ، ئوبدانراق داۋالانسىلا ئاشەنجاڭ ، مەن يەنە سىلىنى يوقلاپ كىلىمەن ،__ دېدى ئاكام باشلىق بىلەن خەيرىلىشىپ .  ئاكام ئەمدىلا ئىشىك تەرەپكە مېڭىشىغا قېرىشقاندەك، مېنى يۆتەل قىستاپ  يۆتىلىپ كەتتىم . ئاكام مەن تەرەپكە قارىۋىدى ، ئىككىمىزنىڭ كۆزى ئىختىيارسىز  ئۇچرىشىپ قالدى . ئۇ يا ئىشىك تەرەپكە مېڭىشىنى يا مەن تەرەپكە ،ئانامنىڭ قېشىغا كىلىشنى بىلمەي ،قۇلىدىكى بوشاپ قالغان سومكىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە تۇرۇپ قالدى . 
                                                       
     2010.02.08  __كۈنى ئاۋاتتا يېزىلدى