• تېھران ئامېرىكىنىڭ يادرو جىنايىتىنى سۆكتى - [جاھاندىكى ئىشلار]

    تېھران ئامېرىكىنىڭ يادرو جىنايىتىنى سۆكتى


    شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى خەۋىرى:

    ئىران ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە تېھراندا "خەلقئارا يادرو قورالىنى قىسقارتىش ۋە يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك توغۇرسىدا" يىغىن ئاچتى، رۇسىيە، فرانسىيە، جۇڭگو، پاكىستان، تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 56 دۆلەت ھۆكۈمىتى، خەلقئارا ئورگان ۋە غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ئەۋەتكەن ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا قاتناشتى. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى "يادرو ئېنېرگىيىسىدىن كۆپچىلىك پايدىلىنىش، يادرو قورالىنى چەكلەش"، بولدى. ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ قارىشىچە، ئىراننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى مۇشۇ يىغىندىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن يادرو قورالىغا قارشى تۇرىدىغان ئېڭىنى تەكىتلىمەكچى ئىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە تورى پونكىتىدا، "بۇ ئامېرىكىنىڭ يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىغا قارشى تۇرىدىغان يىغىن"، دېيىلدى. ئامېرىكا  "نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى" دە بولسا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىسنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، "ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئاچكۆزلۈكىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش تەدبىرى يېتەرسىز"، دېيىلدى.

    خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ يەر ئاستى 1- قەۋىتىدىكى يىغىن زالىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. 400 نەچچە كۋادرات مېترلىق زالنىڭ تۆت ئەتىراپىغا يادرو قورالى ئېلىپ كەلگەن ئاپەتنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان كۆرگەزمە تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كۆرگەزمە تاختىسىدا ئاتوم بومبىسىنىڭ ياپونىيىنىڭ خروشما ۋە ناَگاساكى ئارىلىغا ئېلىپ كەلگەن ئاپىتى كۆرسىتىلگەن. يىغىن تەشكىلىي كومىتېتى يەنە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئىراننىڭ ئىران- ئىراق ئۇرۇشىدا خىمىيىلىك قورالنىڭ غايەت زور ئازابىنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكى توغۇرسىدىكى نۇر دېسكا ۋە يازما ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن. زالنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىگە بولغان يادرو قورالىنىڭ سانى ۋە سۈپەت سىخېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا قويۇلغان. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە بولغان، ئىراننىڭ دۆلەت شېرى ۋە "قۇرئان" نىڭ تىنچلىقنى كۈيلەيدىغان قىسمى ئوقۇلغاندىن سىرت، يەنە ياپونىيىنىڭ خروشما ۋە ناَگاساكى ئارىلىدا ئاتوم بومبىسى پارتلىغان 5 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغان.

    يادرو يىغىنى باشلانغاندىن كېيىن، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى خامىنىيىنىڭ "يىغىنغا  ئەۋەتكەن سۆزى" نىڭ روھى ئالدى بىلەن يەتكۈزۈلدى. خامىنىيى خەت يېزىپ، ئامېرىكا مۇراجەت قىلىۋاتقان "يارو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك" پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق، چۈنكى "پەقەت ئامېرىكىلا ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەن، دۇنيادىكى بۇ بىردىن بىر يادرو جىنايەتچىسى ئالدامچىلىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇ يەنە يادرو قورالى بار ئىسرائىلىيە بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشنى رەت قىلدى. ئەگەر ئامېرىكا يادرو قورالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى ھەقىقەتەن توسماقچى بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئىسرائىلىيە بېسىۋالغان پەلەستىن زېمىنىنى يادرو قورالى ساقلايدىغان جايىغا ئايلاندۇرۋالمىغان بولاتتى"، دېدى.

    ئىران زۇڭتۇڭى نىجاد تىغ ئۇچىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە قارىتىپ، ھازىر خەۋىپسىزلىك كېڭىشى بىر قىسىم ئۇرۇشخۇمار ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان قورالىغا ئايلىنىپ قالدى، دېدى. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئەزالىق ئورنىنى كۆپەيتىشىنى مۇراجەت قىلىپ، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ ۋاشىنىگتوننىڭ ئەزالىق ئورۇنىنى بىكار قىلىشىنى ھەمدە يادرو قورالىغا ئىگە ياكى يادرو قورالى ئىشلىتىش تەھدىتى سالغان دۆلەتلەرنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىدىن قوغلاپ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

    جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىزچىل تۈردە يىغىننىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىر ياردەمچىسى چېڭ گوپىڭنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنى يادرو قورالىنى قىسقارتىش يىغىنىدا قىلغان سۆزى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. چېڭ گوپىڭ، جۇڭگو ئەزەلدىن يادرو قورالىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش ۋە تەل تۆكۈس يوقۇتۇش تەرەپدارى، باشتىن ئاخىر ھەر قانداق ۋاقىت ۋە ھەرقانداق ئەھۋالدا يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، يادرو قورالى بولمىغان دۆلەت ۋە رايونغا شەرتسىز يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك ياكى يادرو قورالى ئىشلىتىش تەھدىتى سالماسلىققا ۋەدە بېرىدۇ. جۇڭگو ھەر قانداق شەكىلدىكى يادرو قورالى ھازىرلىقى مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدۇ، ئۆزىنىڭ يادرو كۈچىنى باشتىن ئاخىر ھەمدە داۋاملىق دۆلەت بىخەتەرلىكى ئېھتىياجلىق بولغان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدە ساقلايدۇ"، دېدى. كورىيىنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مۇخبىرغا، جۇڭگونىڭ ئىرانغا بولغان مۇھىملىق دەرىجىسى رۇسىيىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ، شۇڭا جۇڭگو ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە تېخىمۇ مۇھىم رول ئويناپ، ئىراننى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىشكە قايىل قىلالىشى مۈمكىن. چۈنكى ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولغان جۇڭگو- ياپونىيە- كورىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ ھېچقايسىسى تېخىمۇ مۇرەككەپ ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىنى خالمايدۇ، دېدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولسا، باشقىلار كولىغان ئورىغا چۈشۈپ، جۇڭگو- ئىران مۇناسىۋىتىگە پايدىسىز تەسىر يەتكۈزمەسلىكىمىز كېرەك، دىدى.

    ئىراننىڭ يادرو يىغىنىنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى "ئوباما رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىغا قارشى ئېچىلغان يىغىن"، دىدى.  بىراق ئىراننىڭ 1- مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد ئاخۇنزاد مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، "تېھران يىغىنى ۋاشىنگتون باشلىقلار يىغىنىنى دورىغانلىق ياكى كىلونلىغانلىق ئەمەس، ئىران بۇ قېتىملىق يىغىننى يادرو قورالىنى قىسقارتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى قىلىپ، ئاندىن دۇنيادا يادرو قورالى قىسقارتىشنىڭ بىر خىل مېخانىزىمىنى شەكىللەندۈرمەكچى"، دىدى. رۇسىيىنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي، تېھران تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇنىڭ يادرو ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ پايدىلىنىشىغا بولغان چۈشۈنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك، دېدى. ئامېرىكىدىكى ئەقىل ئامبىرى دۇنيا بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جۇناسېن، ۋاشىنگتوندىكى يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنى بولسۇن ياكى تېراندىكى يادرو قورالى قىسقارتىش يىغىنى بولسۇن، دۇنيا يادرو بىخەتەرلىكىگە پايدىلىقلا بولسا ھەممىسىنى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك، دېدى.

    بىراق ئامېرىكا  "نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىسنىڭ ئاق ساراينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئاچكۆزلۈكىكە تاقابىل تۇرىدىغان ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش تەدبىر يېتەرسىز، دېگەنلىكى ئېيتىلغان. خەۋەردە، گايتىسنىڭ بۇ يىل 1- ئايدا زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسىگە يازغان بىر پارچە مەخپىي ئەسلەتمىسىدە، تەپسىلىي مىساللار بىلەن "ئىران يادرو قورالى ياساپلا قالسا، ئامېرىكا پىلاندىكى يېتەرسىزلىككە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك"، دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان. خەۋەردە يەنە نۇرغۇن ئانالىزچىلارنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئىراننىڭ يادرو قورالىنى ياسىشىنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت يادرو قورالىنىڭ بارلىق ئاساسلىق زاپچاسلىرىنى قوراشتۇرۇپ چىقسىلا بولىدۇ، دىيىلدى. "نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى" يەنە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، گايتىسنىڭ ئەسلەتمىسىدە يەنە ئىران قوللايدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ يادرو يېقىلغۇسى ياكى يادرو قورالىنى قولغا كەلتۈرۈش مۈمكىنچىلىكى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دېيىلدى.

    يۈزلەنمىسە بولمايدىغان خەلقئارا جازاغا قارىتا، تېھراندىكى كۆپ سانلىق پۇقرالار، ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا جازادىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى 30 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇنىڭغا كۆنۈپ قالغانلىقىنى، يېڭى جازانىڭ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا بەك چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىراننىڭ نېفىت مىنىستىرى، "ئىراننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا جازا بارغانسېرى تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ"، دېدى.  





    评论

  • ئامرىكلىنىمۇ قورىقماي خەلقئارادا سۆكەلەيدىغان دۆلەتلەر باركەن دىسە.