• سىتۇدىنت يىگىت ۋە گاچا قىز - [تورداشلار ئەسەرلىرى]

    ئالاھىدە ئەسكەرتىش:

    مەزكۇر ئەسەرنى ھەرقاندا تور بېكەت ۋە بىلوگلارغا رۇخسەتسىز خالىغانچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ...

     

     

     

    سىتۇدىنت يىگىت ۋە گاچا قىز

     

    ئاپتورى:ئابدۇرېھىم (سەنسىز)

     

     
    ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى يېقىنلاپ كەلمەكتە، سىنىپتىكى قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇھەببىتى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتلىرى بىر ئاز پەسلەپ، ھەممەيلەن دىگۈدەك ئوقۇشقا بېرىلىپ كەتتى. ئىمتاھان يېقىنلاپ كەلگەنسىرى بەك جىددىلىشىپ كىتىپ باراتتىم. «ئىمتاھاندىن ئۈتەلمىسەم قانداق قىلارمەن؟» دەپ ئەندىشە قىلاتتىم. تۇيۇقسىز كاللامغا دادامنىڭ «ئەگەر ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەيدىغان بولساڭ، ساڭا بىر يوغان كەتمەن بىلەن 10 مو يەر ئېلىپ بىرىمەن، يەر تېرىپ، دىھقانچىلىق قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىسەن، قالغىنى ئۈزۈڭگە باغلىق، ئۈزەڭنىڭ تەقدىرى ئۈزەڭنىڭ قولىدا، پۇرسەتنى قولدىن بەرمە!» دىگىنى ئىسىمگە كەلدى.
     مانا، ئىمتاھان ۋاقتىمۇ يىتىپ كەلدى. بۈگۈن خەنزۇتىلى دەرسىدىن ئىمتاھان ئېلىناتتى. ئۈزۈمگە زور ئىشەنچ بىلەن ئىمتاھان مەيدانىغا كىرىپ كەلدىم. ھەممەيلەن بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئىمتاھان قەغىزى تارقىتىۋاتقان كومىسسىيەگە قاراپ ھاڭ-تاڭ بولۇپلا قالدىم،. ئۆز كۆزۈمگە ئۈزۈم ئىشەنمەيلا قېلىۋاتاتتىم، كۆڭلۈمدە «بۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس» دەپ ئويلايتتىم. چۈنكى ئۇ مىنىڭ 4 يىللىق مۇھەببىتىمنى ئۇيۇن قاتارىدا كۆرگەن، مىنى تۈگىمەس ئازاپتا قويغان رەيھان ئىدى. ئۇ ماڭا مەنىلىك قاراپ، مەغرۇرلارچە كېرىلىپ يېنىمغا كىلىشىپ ئاستا ئىڭىشىپ ،-
    -مۇھەببەتكە ھېچنىمە كەلمەيدۇ! ئادەم دىگەندە تەدبىر بولسىلا ھەر قانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ! ئەسقەر ماڭا ھېچ كۈچىمەيلا بۇ ئۇرۇننى ئېلىپ بەردى. سىز نىمە قىلىپ بىرەلەيتتىڭىز!؟ دىگەن سۆزى جان-جېنىمغا ئۈتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ماڭا قاراپ گىدىيىپ سەت ھىجىيىشىدىن، ئالدىمدا جەڭدە غەلبە قىلغان گېنرالدەك مەغرۇر تۇرىشىغا چىدىيالماي، تېخى ئىككى قۇرمۇ خەت يازمىغان قەغەزنى بىرىپ، ئۈزۈممۇ بىلمەي ئىمتاھان مەيدانىدىن ھەممىدىن بۇرۇن چىقىپ كىتىپتىمەن.. ئۇنىڭ ماڭا مەسخىرىلىك قاراپ دىگەن ھېلىقى سۆزلىرى ھېلىغىچە قەلبىمنى بىر خىل تەسۋىرلىگۈسىز ئازاپقا مۇپتىلا قىلاتتى. شۇ يىلقى ئىمتاھاندىن ئۈتەلمىدىم. ئاپام-داداممۇ مىنىڭ كۆڭلۈمنى ئاۋايلىدى بولغاي ياكى يېغىرىمغا تۇز سەپكۈسى كەلمىدىمۇ باشقا گەپ قىلمىدى.
    قولۇمغا ئالمىغىلى ئۇزۇن بولغان تاماكىنى تىترەۋاتقان لەۋلىرىمگە قىستۇرۇپ، ئۆينىڭ ئالدىدىكى سىمۇنت ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇپ، رەيھان بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى بىر قۇر ئويلاپ چىقتىم.
    رەيھان- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا مەن كۈيۈپ يۈرگەن قىز ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا مەن مەكتىۋىمىدە خېلى يۈزى بار بالىلاردىن ھىساپلىناتتىم. ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەتىۋارلىق بىرلا ئوغلى بولغانلىقىم ئۈچۈن يانچۇقۇمدىن پۇل ئۈزۈلمىگەچكە كەينىمدىن ماڭىدىغان، ئەل-ئاغىنىلىرىممۇ خېلى كۆپ ئىدى. 15 ياشقا كىرە-كىرمەي تاماكا چىكىش، قىمار ئويناش دىگەندەك يامان ئادەتلەرنى ئۈزۈمگە ھەمراھ قىلىپ شۇ ئارقىلىق كۆڭلۈمنى خۇش قىلىپ يۈرەتتىم. كىيىنچە بىر ئاز چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەشلىرى، شوخ، زىل ئاۋازى، بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كەلگەن ئىنچىكە قاشلىرى مىنى بارا-بارا ئۈزىگە رام قىلىۋالغانىدى. ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىغا چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ يۈرۈپ قالدۇق. رەيھان بىلەن بىللە يۈرۈپ بەزىدە مەكتەپنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتۇق. ئىككىمىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىغا قەدەم قويدۇق.  بەختلىك كۈنلىرىمىز ساق 3 يىل داۋاملاشتى. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىغا چىقاي دىگەندە ئۇ ماڭا« مەن سىنى ياخشى كۆرمەيمەن، باشقا بىرسىنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم، ئەمدى مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن» دەپلا مەندىن ئايرىلىپ كەتتى.
    -ئەمسە مىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم نىمىشقا مەن بىلەن 3 يىل يۈرىسەن؟ دىگەن سوئالىمغا «بۇ دىگەن قانچىنچى ئەسىر، بىر قىز بىرلا ئوغۇل بىلەن يۈرۈيدىغان، ھەممىسى شۇ كۈڭۈل خۇشى» دەپ ئاچچىق كۈلۈشلىرىگە چىدىيالماي شۇنچىلىك تەستە قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا بىر تەستەكنى «ھەدىيە» قىلىپ ئايرىلغانىدىم.  كىيىن يەنە شۇ سالغان بىر تەستىكىمنى ھەسسىلەپ قايتۇرىۋالغانىدىم. كونىلارنىڭ «مۇھەببەت- باشتا كۈيۈش، كىيىن ئۈلۈش» دىگىنى بىكار ئەمەسكەن. شۇندىن بۇيان مەن مۇھەببەتكە قىلچە ئىشەنمەيدىغان بولدۇم. دۇنيادا ھەقىقىي مۇھەببەت يوق، بولغان بولسا بىر قىزنىڭ دەردىدە مەندەك 3 يىل سەرسان بولغان كىشى مۇشۇنداق تەنھا قالامتى دەپ ئويلايتتىم. دەرىسلەرنى تىرىشىپ، قېتىرقىنىپ ئۈگەندىم. ئۇ بۈگۈن مىنىڭ ئالدىمدا مەغرۇر تۇرغاندەك مەنمۇ ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ ئالدىدا مەغرۇر تۇرۇشنى كۆڭلۈمگە پۈككەنىدىم. مانا ئەمدىلىكتە ئۇ بىر چوڭ باشلىقنىڭ ئەسقەر ئىسملىك ئوغلى بىلەن توي قىلىپ، ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنىمۇ تۈزۈك بىلمەيدىغان ئادەم قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدىلا بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىرىپ، مىنىڭ بىر يىل ئۈگەنگەنلىرىمنى جاندىن ئۆتىدىغان ئاچچىق كۈلكىسى يۇتۇپ كەتكەنىدى
    -دولامغا تەگكەن شاپىلاقتىن چۆچۈپ كەتتىم.
    -بۇ يەردە نىمە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىسەن؟ يۈرە ئاۋۇ ياققا بېرىپ سۇغا چۈمۈلىمىز!
    -يېقىن دوستۇم ئەكبەرنىڭ قولۇمنى تارتىشىدىن خىياللىرىم مۇشۇ يەردە ئۈزۈلۈپ قالدى....
     بىر كۈنى ئۆيدە ئولتۇرسام دادام كىرىپ مۈرەمنى يىنىك ئۇرۇپ« يىگىت دىگەن ھەر قاندا مۈشكۈلاتقا باش ئەگمەسلىكى، ھەر قانچە دەرت-ئەلەملەر كەلسىمۇ مەڭگۈ ياش تۆكمەسلىكى، تىرىشىشى، ئىزدىنىشى كىرەك. يىگىت دىگەن ئۈزىگە ئىشىنىشى، چۇقۇم بىر نىشانى بولۇشى كىرەك. سەن شۇ نىشانىڭغا يىتىش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىشىڭ كىرەك. لىكىن شۇنىسى ئىسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم، نىشانغا يىتىمەن دەپ ۋىجدان، غۇرۇرنى يۇقىتىپ قۇيۇشقا قەتئى بولمايدۇ.» دىدى. دادامنىڭ بۇ سۆزلىرى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. ھېلىمۇ ئىسىمدە دادام كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مىنى دائىم «مىنىڭ يىگىتىم» دەپ چاقىراتتى. مەنمۇ دادامنىڭ مىنى شۇنداق چاقىرىشىنى ياخشى كۈرەتتىم. ئەمدىلىكتە دادامنىڭ ماڭا قىلغان بۇ نەسىھەتلىرى قەلبىمگە مۆھۈر بېسىۋەتكەندەك ئويۇلۇپ كەتتى. ئويلاپ باقسام دادام بىلەن مۇڭداشمىغىلى خېلى ئۇزۇن بوپتۇ. دادام بىلەن خۇددى يېقىن ئاغىنىلەردەك قانغۇچە مۇڭداشتىم.
     بۇ يىل قايتا ئوقۇش قارارىغا كەلدىم. شۇ يىلقى دەرىسلەرنى بارلىق زىھنىم بىلەن شۇنچىلىك قېتىرقىنىپ، تىرىشىپ ئۈگەندىم. كاللامدا باشقا خىيال پەقەتلا يوق ئىدى. ھەم ئۇنداق خىياللارنى قىلىدىغان ۋاقىتمۇ يوق. ئەمدى بۇ يىل ئىمتاھاندىن ئۈتەلمىسەم ئۆيگە قانداق كىرىمەن. ئاتا-ئانامنىڭ، دوستلىرىمنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن، ئىمتاھاندىن چۇقۇم ئۈتىشىم كىرەك، دەپ ئويلايتتىم. شۇ يىلقى ئىمتاھاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن بىلەن ئۆتتۈم. ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرىۋالغاندا بولسا ھاياجىنىمدىن يىغلاپ تاشلىغانىدىم. ئاپاممۇ مىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتكەنىدى. دادامغا قارىسام، دادام كۆز چاناقلىرىغا كەلگەن ياشنى ماڭا بىلىندۈرمەي ئاستا سۈرتىۋەتتى.....
    ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ بىر ھەپتە بولا-بولمايلا كۈيۈمچان ئاپامنى، مىھرىبان دادامنى كۆرگۈم كىلىپ كەتتى. مەكتەپكە ماڭىدىغان ۋاقىتتا ئاپام-داداملارنىڭ ئاپتۇبۇسنىڭ كەينىدىن قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇرغىنى ھېلىغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەي تۇرىۋاتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ بۇرۇنقىدىنمۇ بەك تىرىشىشىم، بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئىزدىنىشىم كىرەك دەپ ئويلايتتىم.
    ياتاقتىكى بالىلار بىلەن تىزلا چىقىشىپ يېقىن دوسلاردىن بولۇپ كەتتۇق. دەسلىپىدە بىر قانچە ھەپتە شۇنداق تىنىچ، خۇشال-خۇرام ئۆتتى. كىيىنكى ھەپتە ھەممەيلەن ئۈزىنىڭ خۇي-پەيلىنى چىقارغىلى تۇردى. كەچلىك مۇزاكىرىدىن كىيىن ياتاققا كىرسەم كىتاپنى قۇيىدىغان ئۈستەلنىڭ ئورنىغا تاماكا قالدۇقلىرى، ھاراق بوتولكىلىرى بىر ئالغان، شۇنداق قالايمىقان، رەتسىز ئىدى. ئۇلارغا بىر قانچە قېتىم نەسىھەت قىلدىميۇ ئۇلارنىڭ« ئاداش، سىنىڭ بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، بېرىپ كىتاۋىڭنى ئوقىۋىرە» دەپ ماڭا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۈشلىرىدىن ئاچچىقىم شۇنداق كىلەتتى. ئۇلارغا ھەر قانچە سۆزلىسەممۇ بىكارلىقىنى بىلىپ تاشپاقىدەك بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ 3 يىلنى تىزلا ئۆتكۈزىۋەتتىم.
    دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مەكتەپنىڭ ياپيېشىل چىملىقىدا پۇتبول ئويناش، كۈتۈپخانىغا بېرىش، دوسلىرىم بىلەن سىردىشىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلاتتىم. ئۈزۈم كىتاپخۇمار، چاقچاقچى بولغانلىقىم ئۈچۈن سىنىپتىكى ھەممە بالىلار بىلەن چىقىشىپ ئۈتەتتىم. كىيىنچە ياتاقتىكى بالىلارمۇ ئۈزىنىڭ خاتا قىلغىنىنى بىلدىمۇ ياكى مىنىڭ تولا كوتۇلداشلىرىم تەسىر قىلدىمۇ، ياتاقتا ھاراق-تاماكا دىگەن نەرسىلەرنى كۆرمەيدىغان بولدۇم. ھەر كۈنى كەچتە مۇزاكىرىدىن چىقىپ ھەممە بالىلار مۇھەببەتلىرى بىلەن كۈرۈشۈپ، مەكتەپ ئىچىدىن خالىي جاي ئىزدىشىپ ياندىشىپ كىتىپ قالاتتى. كىيىنچە ئۇلارغا قاراپ ئۈزۈمنى شۇنداق يالغۇز، يىگانە ھىساپلايدىغان، غېرىپسىنىپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم. تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا شۇ بەڭۋاشلىقىمغا قارىماي ياندىكى سىنىپتىكى بىر قىز مىنى ياخشى كۈرۈپ قېلىپ سالام خەت يازسا، بىر قانچە ئاغىنىلەر بىلەن دەرىس ۋاقتىدا سىنىپىغا ئۈسۈپ كىرىپ ئۇ قىزنى تىللاپ كەتكىنىم ھېلىمۇ ئىسىمدە.... شۇ ۋاقىتلاردا نىمىدىگەن ئەخمەق بولغۇيتتىم. شۇ ۋاقىتتا ئۇ قىزنىڭمۇ مەندەك بىر جەمئىيەت داشقىلىنى ياخشى كۈرۈپ قالغىنى قىززىق..... مانا ئەمدى شۇ قىلغانلىرىم خۇدادىن يانغان چېغى... شۇنداق بولسىمۇ بىرەرسى ماڭا كۈيۈپ قالسىكەن دىگەن ئەخمىقانە خىياللارنى قىلىپ ئۈتىۋەردىم. ياتاقتىكى بالىلار بولسا مىنىڭ مۇشۇنداق قىز دوست تۇتماي تەنھا يۈرگىنىمگە قاراپ ماڭا «ماشىنا ئادەم» دىگەن لەقەمنى قۇيۇپ قۇيۇشتى.
    بىر كۈنى ئۆيدىكىلەرگە تېلفۇن قىلىش ئۈچۈن بىر دوستۇم بىلەن بىللە سىرتقا چىقتىم. تېلفۇن قىلىپ بولۇپ قايتىدىغان ۋاقىتتا ھېلىقى دوستۇم «جۈرە ئاداش، سىرتتىن تاماق يەپ كىرەيلى، مەكتەپنىڭ تامىقىدىنمۇ زىرىكتۇق» دەپ زورلاپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئاشپۇزۇلغا  كىردۇق. بۇ ئاشپۇزۇل مەخسۇس، راڭپىزا، نىيۇرۇمىيەن، مانتا، گۆشنان، سۈت دىگەندەك ئەتتىگەنلىك ناشتىلىق تاماقلارنى تەييارلايتتى. بۇ ئاشپۇزۇلنىڭ ئورنى مەكتىۋىمىزدىن ئانچە يىراق بولمىغاچقا مەكىۋىمىزدىن كىرىپ-چىقىپ تۇرىدىغان قىز-ئوغۇللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ئىككىمىز بىر ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن ئۇرۇق، ئوتتۇرا بوي، كۆزلىرى چوڭ، يۈزى يۇمىلاق چىرايلىق كەلگەن مۇلازىم  قىز بىزگە چاي قۇيغاچ «نىمە تاماق يەيسىلە» دىگەندەك بىزگە قاراپ تۇراتتى.
    -بۇ يەرنىڭ مانتىسىنىڭ داڭقى بار، مانتا يەمدۇق-دىدى- دوستۇم ماڭا سوئال نەزىرى بىلەن قاراپ،
    -بولىدۇ، مانتا يەيلى، دىدىم مەن مۇلازىم قىزغا قاراپ-
    مۇلازىم قىز ماڭا قاراپ باش لىڭشىتىپ كۈلۈپ قۇيۇپ خاتىرلىۋېلىپ كىتىپ قالدى. كۈزۈمنى ئۇ قىزدىن ئۈزەلمەي قالغانتىم. ئۇ ئۇ قىز ھەقىقەتەن چىرايلىق، چاققان ئىدى. مىھمانلارغا چاي قۇيۇپ، تاماق يەتكۈزۈپ،ئۈستەللەرنى يىغىشتۇرۇپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولاتتى.  ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدۇق. كاللامدا ئۇ قىزنىڭ سىمايى ئەگىپ يۈرەتتى. ئۇ قىزنىڭ ماڭا قاراپ كۈلگەندىكى ۋاقتىكى ئەسلەيتتىم، بىر كىچە شىرىن خىياللارنى سۈرۈپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىسى ئەتتىگەن نىمىشقىكىن ئۇ قىزنى يەنە بىر كۈرۈۋېلىش ئۈچۈن ئاشپۇزۇلغا تاماققا چىقتىم.
    ئەتتىگەن ۋاقتى بولغاچقا ئاشپۇزۇلدا ئادەم شالاڭ ئىدى. ھېلىقى قىز ئالدىمغا كىلىپ يەنە «نىمە تاماق يەيسىز» دىگەندەك ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئۇ قىز بىلەن بىر-ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىشنى ئويلاپ بىلسەممۇ قەستەنگە سورۇدۇم،
    -قانداق تاماق بار؟.
    ئۇ قىز ئالدىمدىكى تاماق تىزىملىكىنى ماڭا ئىتتىرىپ قويۇپ گەپ قىلماي كۈلۈپ قويدى.
    -ئۇنداق بولسا سۈتتىن بىر ئىستاكان، مانتىدىن بىر تەخسە كەلتۈرۈڭ.
    -ئۇ قىز باش لىڭشىتىپ كۈلۈپ قۇيۇپ خاتىرلىۋېلىپ كىتىپ قالدى. شۇتاپتا بايىقى سورىغان سوئالىمدىن ئۈزۈممۇ بىر ئاز خىجىل بولۇپ قالغانىدىم. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئالدىمغا بىر ئىستاكان سۈت، مانتىنىڭ ئورنىغا بىر تەخسە راڭپىزا كەلتۈرۈلدى.
    -مەن راڭپىزا دىمىدىم، مانتا دىگەنتىمغۇ؟- دىدىم مەن مۇلازىم قىزغا قاراپ كۈلۈپ قۇيۇپ،
    -ئۇ قىز، كەچۈرۈڭ، دىگەندەك بېشىنى ئىگىپ، خىجىل بولغان ھالدا ئالدىمدىكى بىر تەخسە راڭپىزىنى ئېلىپ ئورنىغا مانتا كەلتۈردى.
    تاماق يەۋېتىپ ئۈزۈمچە كۈلۈپ قويدۇم. ئۇنىڭ بىلەن تۇنىشىۋېلىش پۇرسىتى كەلدى، دەپ ئويلايتتىم.  لىكىن ئۇنىڭ ماڭا ۋە باشقىلارغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغىنىدىن ھەيران بولاتتىم. كۆڭلۈمدە، بەلكىم كەم سۆز، تارتىنچاق بولسا كىرەك، دىگەننىلا ئويلۇدۇم. ئەتىسى ئورنۇمدىن ئەتتىگەن تۇرۇپ ناشتىلىق ئۈچۈن يەنە شۇ ئاشپۇزۇلغا چىقتىم. ئاشپۇزۇلدا بىر قانچە ئادەمدىن باشقا ئادەم يوق ئىدى. قارىسام ھېلىقى مۇلازىم قىزمۇ بىر ئايال بىلەن بىللە ناشتا قىلىۋېتىپتۇ.
    بىر ئۇرۇندا ئولتۇرغاندىن كىيىن ھېلىقى قىز بۇرۇنقىغا ئوخشاش يەنە ئالدىمغا كەلدى.
    -يەنە مانتا يەي، دىدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ،- مانتا دىدىم جۇمۇ، تۈنۈگۈنكىدەك راڭپىزا ئەكەلمەڭ يەنە... كۈلۈپ تۇرۇپ چاقچاق ئۈچۈن شۇنداق دىدىم-،
    ئۇ قىز مىنى تونىدى-دە، كۈلۈپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى. بايا قىز بىلەن ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقان ھېلىقى ئايال بېشىنى كۈتۈرۈپ-،
    -ئۇ گەپ قىلالمايدۇ، گەپ قىلالمىغاچقا ئاڭلاش ئىقتىدارىغىمۇ تەسىر قىلىدىغان چېغى، ئۇكام- دىدى.
    قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. ئالدىمدىكى شۇنچە چىرايلىق بىر قىزنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىغا پەقەتلا ئىشىنەلمەيۋاتاتتىم. شۇنداق قارىسام ئۇ قىزنىڭ يەنە بىر مۇلازىم قىز بىلەن يەڭگىل بارماق تىلىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئامالسىز ئىشىنىشكە مەجبۇر بولدۇم.
    ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك ئىزىلىپ، بىر خىل روھسىز مېڭىپ مەكتەپنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. بۈگۈنكى دەرىسلەرنى ھەر ھالدا ياخشى ئۈگەنگەن بولساممۇ، ئەتتىگەنكى ئىشلار كاللامغا تولا كىرىۋېلىپ مىنى بىئارام قىلاتتى. ئۇ قىزنىڭ قانداق بولۇپ سۆزلىيەلمەس بولۇپ قالغانلىقى ماڭا نامەلۇم بولسىمۇ، ئىچىمدە ئۇنىڭغا شۇنداق ئىچىم ئاغرىيتتى. سۆزلىيەلمەس تۇرۇپ شۇنچە قەيسەرلىك بىلەن ياشىغىنىغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم...

    ئەمدىلىكتە ھەر كۈنى ئەتتىگەن ئۇ ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تاماق يەيدىغان بولدۇم. شۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇۋالدىم. ئۇنىڭ ئىسمى ئۈزىدەكلا چىرايلىق رەنا ئىدى.
    باشتا ئۇنىڭ بارماق تىلىنى چۈشۈنەلمەي بىر ئاز گاڭگىراپ قالاتتىم. بەزىدە چۈشۈنەلمىسەممۇ «چۈشەندىم» دەپ باش لىڭشىتىپ قۇياتتىم. ماڭا سۆزىنى ئۇقتىرالمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ئازار يىيىشىنى خالىمايتتىم. كىيىنچە مەن بىر بارماق تىلى بىلىدىغان بىرسىدىن بارماق تىلىنى ئۈگەندىم. ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بارمىق تىلى ئارقىلىق ئازادە پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان، سىردىشالايدىغان بولغانىدىم. ئۇ سۆزلىيەلمىگىنى بىلەن مەن ئۇنىڭ قەلب سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايتتىم. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ھەر بىر ئىشارىتىمۇ قۇلۇقۇمغا يېقىملىق پىچىرلاۋاتقاندەك ئاڭلىناتتى. ئۇنى بىر كۈن كۆرمىسەم خۇددى ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان يىتىم بالىدەك بولۇپ قالاتتىم. بىركۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە باغچىغا باردۇق. بىر ھازا ئايلانغاندىن كىيىن باغچىنىڭ خىلۋەت يىرىدىكى بىر ئۇرۇنغا كىلىپ ئولتۇرغاندا، مەن ئۇنىڭغا ئۈزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئۆتمۈشلىرىمنى، رەيھان بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردىم. بۇ ۋاقىتقىچە ھېچكىمگە بۇ ئۆتمۈشلىرىمنى، دەرتلىرىمنى سۆزلەپ باقماپتىكەنمەن. ئۇ قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغاندىن كىيىن ماڭا يىنىك بارماق تىلىدا« ئۇ قىز نىمىدىگەن ۋاپاسىز، سىزدەك بىر ياخشى يىگىتكىمۇ ۋاپاسىزلىق قىلسا، مىنىڭچە كىيىن ئۇمۇ ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ. لىكىن سىز بۇنىڭلىق بىلەن ئۈزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، غەيرەتلىك بولۇڭ، مىنىڭمۇ ئاتا-ئانام، ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇققانلىرىم يوق تۇرۇپمۇ بىر ئوبدان ياشاپ كىلىۋاتمايمەنمۇ مانا، دەپ كۈلۈپ قويدى.
    -،رەنا دىدىم مەن ئۇنىڭ بىر جۈپ قاپقارا قوي كۆزىگە قاراپ،- سەندىن بىر ئىشنى سورىسام بولامدۇ؟
    -،بولىدۇ، سوراۋىرە!
    -خاپا بولمايدىغانسەن؟ دىدىم مەن قايتىلاپ
    -ياقەي، ئىچىمنى سىقماي ھەر قانداق گەپ بولسا سوراۋەرمەمسە- دىدى ئۇ كۈلۈپ
    -سەن قانداق بولۇپ سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالغان؟ دىدىم مەن ئاۋازىمنى بوشراق چىقىرىپ،-
    -دادام بىلەن ئاپام توي قىلغاندىن كىيىن شۇنداق ياخشى ئۆتكەنىكەن، دىدى ئۇ ئېغىر ئۇھسىنىپ ھىكايىسىنى باشلاپ، مەن تۇغۇلغاندىن كىيىن ئۆيدە جىدەل قۇرۇمايدىغان، دادام ئاپامدىن قەستەن قۇسۇر ئىزدەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئەسلىدە دادام مىنىڭ قىز بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغىنىمدىن ئاغرىنىدىكەن. ئاپام بولسا مىنىڭ يىتىم بولۇپ قېلىشىمنى خالىماي چىشىنى چىشىغا چىشلاپ ئۈتىۋىرىپتۇ. مەن سەل چوڭ بولغاندا دادام تالاغا قاراپ ئاشنا تېپىۋالدى. تېخى ئاپام بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۆزىچىلا ئاشنىسىنى ئۆيگە ئېلىپ كىلىۋىرىدىغان بولدى. ھېلىمۇ ئىسىمدە 9، 10 ياش ۋاقىتلىرىم بولسا كىرەك، بىر كۈنى دادام ئاپامنى شۇنداق قاتتىق ئۇرۇپ كەتتى، ئاپام دادامنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئۆمىلەپ ئۈتۈنسىمۇ بىراق دادام تېخىمۇ غالجىرلىشىپ ئاپامنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يىرىگە تىپەتتى، ئۇراتتى. مەن شۇ چاغدا يۈگرەپ كىلىپ ئاپامنىڭ ئۈستىگە ئۈزۈمنى تاشلىشىمغا، دادام قولىدىكى سۈپۈرگە دەستىسى بىلەن بېشىمغا بىرنى سالغىنى ئىسىمدە، ئەتىسىدىن باشلاپ سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەيلا ئۆيىمىزگە بىر قانچە كىشى كىلىپ بىزنى ئۆيدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىدى، ئەسلىدە دادام ئۆينى باشقىلارغا سېتىۋېتىپ ئاشنىسى بىلەن بىللە باشقا يەرگە كەتكەنىكەن. بىز ئامالسىز ئاشپۇزۇلدىكى ھېلىقى ئادالەت ھەدەمنىڭكىدە تۇردۇق. ئاپامغا بۇ ئىشلار ئېغىر كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتتى. شۇندىن بۇيان مەن ئاشپۇزۇلنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۈزۈمنىڭ ھالىدىن ئۈزۈم خەۋەر ئېلىپ كىلىۋاتىمەن،- دىدى ئۇ ھىكايىسىنى تۈگۈتۈپ،-
    -شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىغا تولغان لىققىدە ياش، يۇمران يۈزىنى بويلاپ بىلىنەر-بىلىنمەس تىترەۋاتقان لەۋلىرىگە ئېقىپ چۈشتى.
    -ئۇنداقتا سەن خەت ئۇقۇشنى، يېزىشنى قانداق ئۈگەندىڭ؟- دىدىم مەن ھەيرانلىق نەزىرىم بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ،-
    -شۇنىمۇ سوراش كىتەمدۇ، باشقىلار ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈپ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغۇ... مەنمۇ ئۆزلۈگۈمدىن ئۈگەنگەن،- دىدى ئۇ يېشىنى سۈرتىۋېتىپ ماڭا قاراپ مەغرۇرلارچە كۈلۈپ..
    -ئەسلى بۇ سوئالنى سورىمىسام بوپتىكەن،كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلىپ قويدۇم، كەچۈرگىن، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ كەت، غەيرەتلىك ياشا، دىدىم مەن ئۇنىڭغا ھىساشلىق نەزىرىم بىلەن قاراپ...
    -بۇرۇن يالغۇزلۇق ھىس قىلغان بولسام ئەمدى يېنىمدا سىزدەك كۆڭلۈمنى چۈشۈنىدىغان ياخشى دوستۇم بار! ئەمدى زىرىكىشلىك، يالغۇزلۇق ھىس قىلمايمەن، لىكىن سەن يەنە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتۇڭغا كىتىپ قالىسەندە،-دىدى ئۇ يىنىك تىنىپ قۇيۇپ،
    -بۇنىڭدىن قورققان ئادەم مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندە مەن بىلەن بىللە كەتسەڭ بولىدىغۇ-، دىدىم مەن چاقچاق قىلىپ-،
    -كەتسەم كىتەي، نىمە قورققۇلۇق،-دىدى ئۇ گېلىنى قىرىپ كۈلۈپ قۇيۇپ-،
    -بۇ چوڭ شەھەردە ياشاپ كۈنۈپ قالغان شەھەرلىك قىز، بىز تەرەپلەرنى ياقتۇرامدىكىن تاڭ بىلمەيمەن جۇمۇ- دىدىم مەن قەستەن چىرايىمنى پۈرۈشتۈرۈپ ئاسمانغا يانتۇ قاراپ،-
    -سىزلا بولسىڭىز ھەر قانداق يەرگە بېرىشقا رازى، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگە دىسىڭىزمۇ بارىمەن جۇمۇ،- دىدى ئۇ كەسكىنرەك قىلىپ،...
    -ئۇنىڭ بۇ جاۋابىدىن ھەر ئىككىلىمىز كۈلۈپ كىتىشتۇق. كۆڭلۈم باشقىچىلا كۈتۈرۈلۈپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يەپ خوشلاشتۇق. ياتاقتا ئولتۇرۇپ، بۈگۈنكى ئىشلارنى بىر قۇر ئويلاپ ئۈزۈمچە كۈلۈپ قويدۇم.
    -ئەمدىلىكتە رەنانى ھەقىقەتەن ياخشى كۈرۈپ قالغانىدىم. ئۇنى بىر كۈن كۆرمىسەم خۇددى ئەڭ ئەتىۋارلىق نەرسىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغان ئادەمدەك بولۇپ قالاتتىم. رەناغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلايمۇ-قىلمايمۇ؟ دىگەن خىياللار بىلەن يەنە بىر ئايدەك ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى. ئاخىرى بۇ تۈگىمەس ھىجرانغا خاتىمە بىرىش قارارىغا كىلىپ رەنانى بىللە ئايلىنىپ كىلىشكە تەكلىپ قىلدىم. 11-ئاينىڭ سوغۇق شامىلى ئادەمنىڭ يۈزىگە نەشتەردەك ئۇرۇلاتتى. ھاۋا خېلىلا سۇغۇق، قار ئارلاش يامغۇر يېغىۋاتاتتى. ئىككىمىز يېقىن ياندىشىپ كوچا ئايلىنىۋاتىمىز. رەنا خۇددى مىنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتىۋاتقاندەك يەرگە قاراپ جىملا ماڭاتتى. بىللە ئايلىنىپ خەلق مەيدانىنىڭ خىلۋەت يىرىگە كىلىپ بىر ئورۇندا ئولتۇردۇق.
    -توڭلىدىڭمۇ؟-، دىدىم ئۇنىڭغا...
    -ياق!، دىدى ئۇ بېشىنى چايقاپ،-
    -ياق دىگىنىنى قارىغىنە يۈزلىرىڭنىڭ ئالمىدەك قىزىرىپ كەتكىنىنى،- شۇنداق دەپلا چاپىنىمنى سېلىپ ئۇنىڭغا كەيگۈزۈپ قويدۇم.
    -ئەكىلە قولۇڭنى ئىسسىتىپ قۇياي،- شۇنداق دىگىنىمچە ئۇنىڭ يۇمشاققىنە قولىدىن تۇتۇپ ئاستا قوينۇمغا سالدىم. يۈرۈگۈمنى تەسۋىرلىگۈسىز شىرىن خىياللار چىرمىۋالغانىدى.
    -رەنا، سىنى ياخشى كۈرىمەن. ماڭا ئىشەن، سىنى چۇقۇم بەختلىك قىلىمەن- دىدىم مەن ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاستا شىۋىرلاپ،-
    -ئۇ گەپ قىلماي جىملا تۇرۇپ، تۇرۇپلا ئاستا قولىنى تارتىۋالدى. ياش يۇقى كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ قۇيۇپ كىپىنەكتەك يىنىك دەسسىگىنىچە كىتىپ قالدى. ئورنۇمدا تۇرۇپلا قالغانىدىم. ئەجەبا ئۇ مىنى ياخشى كۆرمەيدىغانمىدۇ؟ بايا قىلغانلىرىمدىن خاپا بولۇپ قالدىمۇ يا؟ ئۇنىڭ كەينىدىن بېرىپ سەۋەبىنى سورىغۇم كەلدىيۇ، تىزلا بۇ خىيالىمدىن ياندىم. گاراڭ ئادەملەردەك ئوڭ-تەتۈر دەسسەپ مېڭىپ مەكتەپكە يېنىپ كەلدىم. ئەتىسى ئەتتىگەندە ياتاقدىشىم ئەسقەر مىنى نۇقۇپ ئويغاتتى،-
    -مەۋلان! تۇرە ئاداش ئورنۇڭدىن، چۈش بولۇپ كەتتى. بىرسىدىن ساڭا خەت كەپتۇ. تىز تۇرە!
    - «خەت كەپتۇ» دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم.
    -كىمدىن كەپتۇ،- دىدىم مەن ئالدىرىپ سوراپ،-
    -ئەتتىگەندىلا چىرايلىق بىر قىز بۇ خەتنى ساڭا بىرىپ قۇيۇشۇمنى تاپىلاپ چىقىپ كەتتى.
    -كۈزۈمنى ئۇۋلاپ خەتنى ئاۋايلاپ ئاچتىم. خەت قىسقىلا يېزىلغان ئىدى.
    -قەدىرلىك مەۋلان، سىزنىڭ مىنى ياخشى كۈرۈپ قالغىنىڭىزدىن چەكسىز خۇشال بولدۇم. بىراق سىز دىگەن بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرەي دىگەن سىتۇدىنت، مەن سۆزلىيەلمەيدىغان گاچا قىز. ئوتتۇرىمىزدا ئاسمان-زىمىن پەرىق بار. مەن قۇشۇلغان تەقدىردىمۇ ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا ئاتا-ئانىڭىز قۇشۇلمايدۇ. ئۇلار ھەرگىز يالغۇز ئوغلىنىڭ بىر گەپ قىلالمايدىغان گاچا قىز بىلەن توي قىلىشىنى خالىمايدۇ. سىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ياخشى كۆرسەممۇ سىزنىڭ سۆيگۈڭىزنى قۇبۇل قىلالمايمەن. چۈنكى دەرتنى ئىككى ئادەم تارتقاندىن بىر ئادەم تارتقان ياخشىراق، سىزنى ياخشى كۆرگەچكىلا مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن. شۇڭا دوستۇمدىن بۇ خەتنى سىزگە ئەۋەتتىم. مىنى ئىزدىمەڭ. ئامان بولۇڭ. سىزگە مەڭگۈ بەخىت تىلەپ:
     رەنا
    -داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم.قىسقىغىنا خەتنى شۇنچىلىك تەستە ئوقۇپ تۈگەتتىم. كۈزۈمگە ھەممە ياق چۆرگىلەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بىردەمدىن كىيىن ئىسىمگە كىلىپ ئۇچقاندەك رەيھان ئىشلىگەن ئاشپۇزۇلغا قاراپ چاپتىم. ئاشپۇزۇلدا رەيھان يوق،ئاشپۇزۇلدىكى ھېلىقى سىمىزراق كەلگەن مۇلازىم قىزدىن سورىسام بىلمەيمەن، دىدى. سالپايغان ھالدا ئاشپۇزۇلدىن چىقتىم. كۆزلىرىمدىن تارام-تارام ياش قۇيۇلىۋاتاتتى. كوچىدىكى كىشىلەر ماڭا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قارىشىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئۇ قىزدىن رەنا تۇرىدىغان ئۆينى سورىمىغىنىم ئىسىمگە كىلىپ ئاشپۇزۇلغا كىردىم......
    -ھېلىقى قىز ئېيتىپ بەرگەن ئادرىست بۇيىچە رەنانىڭ ئۆيىنى ئىزلەپ تاپتىم. ئىشىك قۇلۇپلاقلىق ئىدى. قانداق قىلىشىمنى بىلمەي تۇرغان ۋاقىتتا ياندىكى ئۆيدىن بىر ئايال چىقتى.
    -رەنانىڭ بىر يەرگە ماڭغىنىنى كۆردىلىمۇ ھەدە!؟- دىدىم مەن ھېلىقى ئايالدىن،
    -ھە، ھېلىقى گەپ قىلالمايدىغان قىزنى دەمسىز،10مىنۇتنىڭ ئالدىدا نەرسە-كىرەكلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن دىدى مۇلايىملىق بىلەن...
    -ھېلىقى ئايالغا رەھمەت دىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئۇچقاندەك بىكەتكە قاراپ يۈگۈردۈم. بىكەتكە كەلسەم رەنا كۈرۈنمەيتتى. بىكەتنى بىر ئايلىنىپ چىققاندىن كىيىن ئۈمۈدۈمنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ كەينىمگە شۇنداق بۇرۇلۇپ كۈزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، رەنا ئالدىمدا ماڭا قاراپ تۇراتتى...........
    -ئەگەر مىنى بۇ دۇنيادا ياشىمىسۇن دىسەڭ بولدى كىتىۋەر،- دىدىم يىغا ئارلاش ئاۋازىمنى ئۈنلۈك چىقىرىپ،-
    -رەنا يۈگرەپ كىلىپ قوللىرىمنى چىڭ تۇتتى، ياشلىرىمنى سۈرتتى. ئىككىمىز بىللە رەنانىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدۇق.
    -مىنى تاشلاپ قايەرگە بارماقچىتتىڭ؟ دىدىم مەن ئۇنىڭ چېچىنى سىلاپ،- ئىشقىلىپ سىز تاپالمايدىغان يەرگە،- دىدى ئۇ ماڭا ئەركىلەپ..
    -جاھاننىڭ ئۇ چېتىگە كەتسەڭمۇ سىنى ئىزلەپ تېپىۋالىمەن. ناۋادا سەن كەتسەڭ مەن قانداق ياشايمەن. خاتىرجەم بول، سىنى چۇقۇم بەخىتلىك قىلىمەن رەنا،- دىدىم ئۇنىڭ چېچىنى سىلاپ،-
    -بىراق مەن گەپ قىلالمايدىغان تۇرسام،- دىدى ئۇ كۈزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ مەيۈسلىنىپ،-
    -مەن سىنى داۋالاپ ساقايتىمەن. سەن چۇقۇم گەپ قىلالايدىغان بولىسەن. جەمئىيەتتە گەپ قىلالايدىغان نۇرغۇن قىزلارنىڭ سەنچىلىك غۇرۇرى، جاسارىتى يوق، جەمئىيەتتىكى بەزى يامان يوللارغا ماڭىدىغان قىزلارغا قارىغاندا سەن ئۇلاردىن مىڭ ھەسسە ئۈستۈن تۇرىسەن. ئۇلار سىنىڭ قولۇڭغا سۇمۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدۇ. چۈنكى قىز بالا دىگەن، ئىپپىتى ئەخلاقى، غۇرۇرى، ساداقىتى بىلەن ئاندىن گۈزەل بولىدۇ،- دىدىم ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ
    -ئۇ كۆزلىرىدىكى ياش يۇقىنى سۈرتىۋېتىپ مىنى ئاستا قۇچاقلىدى. شۇ تاپتا مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ، نەقەدەر قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتمەكتە ئىدىم. مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا ۋەدە قەسەملەرنى بىرىشتۇق، رەنا بىلەن كۈندە بىللە تاماق يەپ، بىللە سەيلە قىلىپ، بىللە كىتاپ كۈرۈپ شۇنچىلىك خۇشال، بەخىتلىك ئۈتىۋاتىمىز،بىراق كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا يېرىم. ئوقۇش پۈتتۈرىشىمگە يەنە يېرىم مەۋسۇمدەك ۋاقىت قالدى. تۇيۇقسىزلا ئۆيگە بىر قىزنى باشلاپ كەلسەم ئاتا-ئانام قانداق ئويلاپ قالا. ئۇلارغۇ خېلى ئوڭلۇق كىشىلەر، شۇنداق بولسىمۇ بۇنداق ئىشنى دەرھاللا قۇبۇل قىلىشى تەستە. ناۋادا ئۇنىڭ سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلسە ئىش تېخىمۇ چاتاق. يا ئۇلاردىن بىر ئۆمۈر يۇشۇرۇپ ئۆتكىلى بولمىسا، قانداق قىلىش كىرەك؟ بېشىم ئەجەپ قاتتى،شۇ تەرىقىدە قىشلىق تەتىل مەزگىلى كىلىپ قالدى. مەن ئۆيگە قايتىپ ئاتا-ئانامنى يوقلاپ كەلمەكچى بولدۇم. رەنا مىنى ئۇزۇتۇپ بىكەتكە بىللە كەلگەنىدى. ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا چىدىمىساممۇ بىراق بۇ ھىجراننىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۈزۈمگە تەسەللى بەردىم. ئۇ مىنىڭ يولدا زىرىكىپ قالماسلىقىم ئۈچۈن ماڭا بىر قانچە كىتاپ سوۋغا قىلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى مەندىن ئايرىلىشقا چىدىمىغاندەك ماڭا يېنىپ-يېنىپ قارايتتى. ئۇ ماڭا تاماقنى ۋاقتىدا يىيىشنى، قېلىن كىيىنىشنى، ئاتا-ئانام بىلەن قانغۇچە كۈرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىنى تاپىلايتتى. ئەمدى ئۇنى مەڭگۈ كۈرەلمەيدىغاندەك، ئۇنىڭ قول پۇلاڭلىتىپ قار ئىچىگە كىرىپ كىچىكلەپ كىتىۋاتقان سىماسىغا قاراپ خېلى ئۇزاق تۇرۇپ قاپتىمەن. ئۇ سوۋغا قىلغان كىتاپلارنى كۈرۈپ بەكمۇ زىرىكىشلىك ھىس قىلماي مەنزىلگىمۇ كىلىپ قالدىم. ئۆيدىكىلەرگە خەۋەر قىلمايلا كەلگەچكە ھەممەيلەن مىنىڭ كەلگىنىمدىن ھەم ھەيران قالدى، ھەم خۇشال بولۇشتى. دادام-ئاپاملار بىلەن قانغۇچە كۈرۈشۈپ، خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىماي مۇڭدىشىپتىمىز.

    -ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن كۈرۈشۈپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئون كۈندەك ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى. بىراق رەنانى سېغىنىشىپ چېكىگە چىقىپ بۇ ئون كۈن ماڭا خۇددى بىر يىلدەك بىلىنىپ كەتكەنىدى. ھەر ئاخشام ئۇنىڭ بىلەن بىللە باغچىلارغا، كىتاپخانىلارغا بارغان ۋاقىتلارنى، بىللە تاماق يىگەن چاغلارنى ئەسلىيتتىم. ئۇ سوۋغا قىلغان كىتاپلارغا تويماي قارايتتىم. ئۇنىڭ تاتلىق كۈلۈشلىرىنى، قەلبىمگە سىڭىپ كەتكەن يېقىملىق پىچىرلاشلىرىنى ئاڭلىغۇم كىلەتتى. بۇ كۈنلەرمۇ خۇددى مەن بىلەن ئەتەي قېرىشىۋاتقاندەك شۇنداق ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى.
    -بىر كۈنى ئۆيدە ئولتۇرسام ئاپام كىرىپ« بالام! ئاڭلىسام سىنى بىرسى بىلەن يۈرۈۋېتىپتۇ دەيدىغۇ، بۇ راستمۇ؟ ئۇ قانداقراق قىز؟»
    -سەن...سەن قانداق بىلدىڭ ئاپا،- دىدىم مەن ھەيران بولۇپ،-
    -داداڭنىڭ بىر دوستى سىنىڭ بىر قىز بىلەن بىللە تاماق يەۋاتقىنىڭنى كۈرۈپ قاپتۇ، شۇنىڭدىن ئاڭلىدىم،- دىدى ئاپام كۈلۈپ،-
    -ياق ئاپا، ئۇنداق ئىش يوق،- دىدىم مەن بىر ئاز تەشۋىشلىنىپ،-
    -مەندىن يۇشۇرما بالام،- دىگىنە ئۇ قانداقراق قىز،- ئۈزى نىمە ئىش قىلىدۇ،- دىدى ئاپام مىنىڭ جاۋاپ بىرىشىمنى كۈتۈپ،-
    -ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك. دەيمۇ-دىمەيمۇ، ھازىر دىمىسەم كىيىن قانداق ۋاقىتتا دىيىشكە پۇرسەت چىقار. ئەڭ ياخشىسى ھازىر ئاپام سورىغاندا ھەممىنى دىگىنىم تۈزۈكتەك قىلىدۇ. شۇ نىيەتكە كىلىپ ئاپامغا رەنا بىلەن بولغان ئىشلارنى يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بەردىم. ئاپام باشتا كۈڭۈل قۇيۇپ ئاڭلىغان بولسا ئەمدىلىكتە، بېشىنى سېلىپ گەپ قىلماي تۇراتتى.
    -ئەمدى قانداق قىلاي دەۋاتىسەن،- دىدى ئاپام ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ،-
    -ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن،- دىدىم مەن قەتئى نىيەتكە كىلىپ،-
    -بولمايدۇ، قوشۇلمايمەن! سەن بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىتۇدىنت تۇرۇپ بىر گاچا قىز بىلەن توي قىلساڭ بولمايدۇ! ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن بىرلا ئوغۇل، ساڭا تۇققانلارنىڭ چىرايلىق قىزىدىن بىرنى ئېلىپ بىرىمەن!-دىدى ئاپام نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ،-
    -ئۇ گەپ قىلالمىغىنى بىلەن كۆڭلى ياخشى، ئىشتا چاققان، ئۈزى چىرايلىق، شۇنداق ئاقكۈڭۈل، مەن ئۇنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۈرىمەن. ئۇ پەقەت گەپ قىلالمايدۇ شۇ، باشقا جەھەتتە ھەر قانداق بىر قىزنى بېسىپ چۈشىدۇ. دىگىنە ئاپا! گەپ قىلالايدىغان قىزلارمۇ ئادەمگە قانچىلىك ۋاپا قىلاتتى!، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىسام باشقا ھېچكىم بىلەن توي قىلمايمەن، مىنىڭمۇ تاللاش ھۇقۇقۇم بولىشى كىرەك !،-دىدىم ئاۋازىمنى يۇقىرىلاپ،
    -ئاپام گەپ قىلمىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيتتىم. مانا ئەمدى مەن قىلچە ئىشەنمەيدىغان مۇھەببەت مىنى ئۆز ئاپامغىمۇ مۇشۇ تەلەپپۇزدا سۆزلەشكە مەجبۇرلاۋاتاتتى. بايا ئۈزۈمنىڭ خاتا قىلغىنىمنى بىلسەممۇ، نىمىشقىكىن ئاپامنىڭ ئالدىغا بېرىپ كەچۈرۈم سورۇمۇدۇم. ئىچىمنى خۇددى بىر نەرسە تاتىلىغاندەك ئېچىشىپ، ئازاپلىنىپ  كىتىپ باراتتىم.
    -مەكتەپكە قايتىدىغان ۋاقىتقىمۇ بىر ھەپتە قالاي دىگەنىدى، قايسى كۈندىكى ئىشتىن كىيىن ئاپام ماڭا چىراي ئاچمايدىغان، كۆپ گەپ قىلمايدىغان بولغانىدى. دادام ئۇنداق ئەمەس، ماڭا بۇرۇنقىدەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ تۇراتتى. بۇنداق بولغانسىرى بارغانسىرى كۆڭلۈم غەش بولۇپ، بىر قىسمىلا بولۇپ كىتىپ باراتتىم. بىر كۈنى ئۆيدە ئولتۇرسام دادام ،- بالام ئاڭلىسام بىر گەپ قىلالمايدىغان قىز بىلەن يۈرىۋېتىپسەن شۇنداقمۇ؟،- دىدى يېنىمدا ئولتۇرغاچ،-
    -ھەئە،- دىدىم مەن بېشىمنىمۇ كۈتۈرمەي،-
    -ئاپاڭدىن ھەممىنى ئاڭلىدىم،- دىدى دادام،- مەن كىچىك ۋاقتىمدىلا ئاتا-ئانامدىن ئايرىلىپ قارا يىتىم بولۇپ قالغان، شۇ ۋاقىتلاردا بىردە ئاچ، بىردە توق يۈرۈپ شۇنچىلىك جاپادا تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئاپاڭ ئىككىمىز توي قىلغان ۋاقىتتا ئۆيدە پۇلغا يارىغۇدەك بىرەر نەرسە يوق ئىدى. ئاپاڭ شۇنداق ئىشچان، پاكىزە، ئاقكۆڭۈل ئايال، ئىككىمىز مىڭ جاپادا ئىشلەپ ئاخىرى بۈگۈنكىدەك كۈنگە ئىرىشكەن. سىنىڭ يېشىڭ خېلى بىر يەرگە بارغان بولسىمۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە سەن تېخى بالا، ئۇ قىزنىڭ جاپالارنى يىڭىپ توغرا يولدا ياشاپ كەلگىنىدىنمۇ ھەقىقەتەن ياخشى قىز ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. سەنمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالدىڭ، مەن سىنىڭ تاللىشىڭغا ھۆرمەت قىلىمەن، خاتىرجەم بول!، بىراق قايسى كۈندىكى ئىشتىن ئاپاڭنىڭ كۆڭلى يېرىم، ئۇنىڭ ئىددىيىسىدىن ئۆتمىگەندەك قىلىدۇ. ئاپاڭنىڭ كۆڭلى ياخشى، مىھرىبان بولغىنى بىلەن بىر ئىشلارنى بەك تولا ئويلاپ كىتىدۇ. بۇنى سەنمۇ بىلىسەن. ئاپاڭمۇ ساڭا ياخشى بولسۇن دەيدۇ، كىرىپ ئاپاڭدىن كەچۈرۈم سورا،  مىنىڭچە ئاپاڭمۇ ئاز كۈنگە قالماي قايىل بولىدۇ.
    -دادامنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كۆڭلۈم ۋاللىدە يۇرۇپ كەتكەندەك بولدى. ئاپامنىڭ تاماق تەييارلاۋاتقان يىرىگە كىلىپ ئەركىلەپ كەينىدىن قۇچاقلاپ كەچۈرۈم سورۇدۇم.
    -بولدى قىلە! چوپچوڭ يىگىت تۇرۇپ كىچىك بالىدەك ئەركىلەۋاتقىنىنى قارا،- دىدى ئاپام كۈلگەچ يۈزۈمنى چىمدىپ،-
    -خاتىرجەم بول ئاپا، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەردە باشقا بىرسى تاماق تاييارلايدۇ. سىنى دەم ئېلىشقا چىقىرۋىتىمەن.  ئۇ تاماققا بەك ئۇستا، ئۇنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىنى سەن چۇقۇم ياقتۇرۇپ قالىسەن.
    -مەن تېخى ماقۇل دىمىدىم جۇمۇ،- ھەر قانچە خۇشامەت قىلغىنىڭ بىلەنمۇ بىكار، مىنى ئۇنچە تىز ئەل قىلىمەن دىمە، ئىشقىلىپ مەن قوشۇلمايمەن.
    -ئاپامنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولغان بولسىمۇ، بىراق بايا دادامنىڭ ئاپام توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرى ئىسىمگە كىلىپ ئاپامغا يەنە ئەركىلىپ، 6،7 ياشلىق كىچىك بالىغىلا ئوخشاپ قالغانىدىم............
    -شۇنچىلىك ئۇزۇن، زىرىكىشلىك تەتىلمۇ توشتى. مەكتەپكە مېڭىشقا تەييارلانغاندا ئاپام-دادام مىنى ئۇزۇتۇپ بىكەتكىچە بىللە چىققانىدى.
    -ئاپام بىر خالتىنى ماڭا ئۇزۇتۇپ،
    بۇنى ئالە بالام، بۇنىڭغا قۇرۇق ئۈزۈم، ياڭاق، بادام دىگەندەك قۇۋۋەت بولىدىغان نەرسىلەرنى سېلىپ قويدۇم. مەكتەپتە زىرىككەن ۋاقتىڭدا يىگىن، پات-پات تېلفۇن قىلىشنى ئۇنتۇپ قالما. ھاۋا سوغۇق، قېلىنراق كىيىنىپ يۈرگىن....
    -ئەمسە خوش!! خۇداغا ئامانەت!! ئامان بولۇڭلار!
    -ئاپام-داداملار بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتىم. ماشىنا بۇ گۈزەل دىياردىن ئايرىلىشقا قېيىمىغاندەك سىلكىنىپ-سىلكىنىپ ماڭاتتى. دەل-دەرەخلەر مىنى ئۇزۇتۇپ قويغاندەك ماڭا قول پۇلاڭلىتاتتى. شۇ تاپتا مەنزىلگە يىتىپ بېرىپ گۈزەل نىگارىمنى كۈرۈش مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئارمان بولۇپ قېلىۋاتاتتى. ماشىنىنىڭ ئۇچقاندەك سۈرئەتتە مېڭىشىمۇ مەن ئۈچۈن شۇنداق ئاستا بىلىنەتتى.
    -قاراڭغۇ چۈشەي دىگەندە ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ ئۇدۇل ئاشپۇزۇلغا كەلدىم. قارىسام رەنا يوق، ھېلىقى ئادالەت ئىسىملىك ئايال خوجايىندىن سورىسام،-بىر نەچچە كۈن بولدى ئاغرىپ قېلىپ ئىشقا كەلمىدى،- دىدى. ئۇچقاندەك رەنا ئولتۇرۋاتقان ئۆيگە كىردىم. قارىسام رەنا كارۋاتتا ئۈلۈكتەك ھالسىز ياتاتتى. پىشانىسىنى تۇتۇپ چۆچۈپ كەتتىم، خېلىلا قىززىق. بۇرۇنقىدىن خېلىلا جۈدەپ كەتكەنىدى. ئۇنى يالغۇز تاشلاپ كەتكىنىمگە قاتتىق پۇشايمان قىلدىم. رەنانى يۈدۈپ ھاسىراپ-ھۆمىدەپ يېقىن جايدىكى بىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردىم. دوختۇر تەكشۈرۈپ كۈرۈپ،- ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كىتىپتۇ، ئاشقازان بۇزۇلۇپتۇ، بىر قانچە كۈن ياخشى ئارام ئالسۇن دىدى. كۆڭلۈم بىر ئاز جايىغا چۈشتى، دوختۇرخانا رەسمىيەتلىرىنى ئۈتىۋەتكەندىن كىيىن رەنانىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى تۈزەپ، يۈزلىرىنى سۈرتۈپ بولغاندىن كىيىن، كارۋاتنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ بىر كىچىنى ئۆتكۈزدۈم. تاڭ ئاتقاندا رەنا ھۇشىغا كەلدى.
    -ئۇ مىنى كۈرۈپ ھەيران قالدى، ھەم شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتى. ئورنىدىن تۇرماقچى بولىۋىدى، دەرھال بېرىپ ئۇنى يۆلۈدۈم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مەن ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغان بىر خىل ئىللىق سىزىمنى، كۈچلۈك مۇھەببەتنى سەزگەنىدىم. . شۇ چاغدا يېنىمىزدىكى كارۋاتتا ياتقان ساقاللىق، تەمبەل كەلگەن بوۋاي،-
    ئەرلىرى بەك ياخشى ئادەمكەن بالام، بىر كىچە سىلىگە قاراپ كىرپىك قاقماي تاڭ ئاتقۇزدى،- دىدى بوغۇق ئاۋازدا...
    -بوۋاينىڭ بۇ سۆزىدىن رەنا خىجىللىق ھىس قىلىپ ۋىللىدە قىزىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قاپقارا بىر جۈپ كۆزىدىن خۇشاللىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى......بىر ھەپتىدىن كىيىن رەنا پۈتۈنلەي ئەسلىگە كىلىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئەمدىلىكتە مىنىڭ بۇ ئوماق پەرىشتەم ماڭا بۇرۇنقىدىنمۇ چىرايلىق كۈرۈنۈپ كىتىپ باراتتى. ئەمدى رەنانى ئاشپۇزۇلدا ئىشلىمەسلىككە كۆندۈردۈم. بىللە كىنو كۈرۈپ كىلىش ئۈچۈن كىنوخانىغا كىرىپ، بىر-بىرىمىزگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ كىنو كۆردۇق. بۇ يەردە بىزدەك جۈپ بولۇپ ئولتۇرغان ئاشىق-مەشۇقلارمۇ خېلى كۆپ ئىدى.
    -پۇلدىن بەك قىسىلىپ كەتمىسەممۇ ئاتا-ئانامغا ئېغىرىمنى سېلىۋەرمەسلىك ئۈچۈن، ھەم ئۈزۈمنىڭمۇ چېنىقىپ بېقىش ئارزۇيۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىمەكچى بولدۇم. رەنا باشتا مەندىكى پۇلنى ئىشلىتەيلى دەپ چىڭ تۇرۇپ قۇشۇلمىدى، كىيىن مىنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرۈشۈم بىلەن ماقۇل بولدى.
    - قىز بالىنىڭ پۇلىنى خەجلىسەم قانداق بولىدۇ. ھەقىقىي ئوغۇل بالا دىگەن ئۈزىنىڭ پۇلىنى قىز دوستىغا خەجلەپ بەرمەمدۇ،- دىسەم رەنا،- بوغۇز ئايالىنىڭ پۇلىنى خەجلىسىمۇ بولمامدۇ،- دەپ ماڭا ئەركىلەپ كىتەتتى. ئۇنىڭ قەلبىمگە سىڭىپ كەتكەن تاتلىق پىچىرلاشلىرىدىن، يېقىملىق كۈلۈمسىرەشلىرىدىن ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم قاتارىدىن سانايتتىم.
    -ئوقۇش پۈتتۈرىدىغىنىمىزغىمۇ ئاز قالدى. ئۆيدىكىلەرگە تېلفۇن قىلىش ئۈچۈن رەنا بىلەن بىللە سىرتقا چىقتىم. تېلفۇننى دادام ئالدى، بىر قۇر ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن دادامدىن ئاپامنىڭ پوزىتسىيىسىنى سورىسام، دادام،
    -ئاپاڭ ھازىر ئۆيدە يوق، قوشنىلارنىڭكىگە چىقىپ كەتتى. ئاپاڭ باشتا قۇشۇلمىدى، بىر نەچچە كۈنگىچە مەندىنمۇ خاپا بولۇپ قاپاق ئاچماي يۈردى. ئەمدى قارىسام ئاپاڭمۇ خېلى يۇمشاپ قالدى، تېخى قايسى كۈنى مەندىن بوغۇز كىلىنىم بىلەن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. ئىشقىلىپ ئاپاڭمۇ قايىل بولدى بالام، سەن خاتىرجەم بول، ھە راست! قاچان قايتىپ كىلىسىلەر! بوغۇز كىلىنىمنىمۇ بىللە ئېلىپ كىلەرسەن؟
    -ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەندە دادا، يەنە بىر ئايدەك ۋاقىت قالدى .شۇ چاغدا سىلەرگە خەۋەر قىلىۋىتەي. ئەمسە ئامان بول دادا، ساڭا باشقا كۈنى تېلفۇن قىلاي، ئاپامغا سالام ئېيتىپ قوي!
    - شۇنداق دەپ تېلفۇننى قۇيىۋەتتىم. رەنا بولسا  دادامنىڭ "بوغۇز كىلىنىم" دىگەن سۆزدىنى ئاڭلاپ بۆلەكچىلا خۇشال بولۇپ كەتكەنىدى......
    -ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى تۈگىدى، 5 يىل بىللە ئۈگۈنۈش قىلغان، بىللە تاماق يىگەن خۇددى قان-قېرىنداشتەك بولۇپ كەتكەن 30 ساۋاقداش بىر-بىرىمىزگە بەخت تىلىشىپ، قېيالمىغان ھالدا خوشلاشتۇق.......
    -رەنا بىلەن بىللە ئۆيگە كىلەيمۇ دەپ قالدۇق. رەنا بىر ئاز جىددىيلىشىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا كۆڭلىدە تەييارلىق قىلىشنى ئەسكەرتىپ قويدۇم. ئۆيگە كىلىپ ئاپام-داداملار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۈرۈشتۈم، رەنا دادام بىلەن قىزغىن كۈرۈشتى. ئاپامغا قارىسام كۆڭلىدە قايىل بولغىنى بىلەن، قەستەن چىرايىغا چىقارمايۋاتاتتى. بەلكىم كۆڭلىدە قايىل بولسىمۇ دەرھال ماقۇل بولغۇسى كەلمىدىمۇ ياكى ئۈزىنىڭ بۇنچە تىز «تەسلىم» بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولدىمۇ، رەنا ئىككىمىزگە ئانچە قاپاق ئېچىپ كەتمىدى. ئۆيگە كىلىپ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن رەنا ئەتتىگەندە ئۆيدىكىلەرگە تاماق تەييارلاپتۇ. بۇنىڭدىن مەنمۇ، دادام-ئاپاملارمۇ ھەيرانلىق ھىس قىلىشتۇق. تاماق يەۋېتىپ ئاپامنىڭ چىرايىغا قارىسام، بىر خىل مەمنۇنلۇق، رازىمەنلىك چىقىپ تۇراتتى............
     
     خاتىمە

    -رەنا بىلەن توي قىلغىنىمىزغىمۇ 4يىل بولاي دىدى. ئوقۇش نەتىجەم ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆيىمىزگە ئانچە يىراق بولمىغان بىر مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنىپ،  تۇرمۇشىمىز يامان ئەمەس، كۈنلىرىمىز ئىنتايىن خۇشال ئۆتىۋاتاتتى.بۇرۇنقى ۋەدەم بۇيىچە  بىلەن رەنانى چوڭ دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرۈپ كۈرۈپ گەپ قىلالىشىدا ئۈمۈت بارلىقىنى بىلىپ ئۇنى داۋالاپ ساقايتتۇق. ئۆيدىكىلەرمۇ ئىككىمىزنىڭ بەخىتلىك، ئىناق ئۈتۈۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانىدى. ئاپام رەنانى خۇددى ئۆز قىزىدەك كۈرەتتى. رەنامۇ كۆڭلىدە نىمە ئويلىغان بولسا شۇنى ئاپامغا ئۇدۇللا ئېيتىۋىرەتتى.  رەيھان توغرۇلۇق باشقىلاردىن ئاڭلىسام، بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، ھادىسىدە يۈز تىرىسى ئېغىر زەخمىلەنگەچكە يولدىشى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىپتۇ. بۇ ئىش ئۇنىڭغا ئېغىر كىلىپ بۇ شەھەردىن ئىز-دىرەكسىز كىتىپ قاپتۇ. ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىشىمنى ياكى ئىچ ئاغرىتىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. كونىلار «زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس» دىگەندەك، رەيھاننىڭ ماڭا قانداق ياشاشنى ئۈگىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يەنىلا رەھمەت ئېيتسام بولغىدەك.

     

    2009-يىلى 8-دىكابىر