-
ئۇلار بىزگە لەنەت ئوقىمىسۇن - [تورداشلار ئەسەرلىرى]
ئۇلار بىزگە لەنەت ئوقىمىسۇن
ئەكبەر جاپپار دەردىبۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان ھەر قانداق ئىنسان ھاياتلىقىدا ، كۆڭلىدىكى بىر ئادەم بىلەن نىكاھلىنىپ ، بۇ دۇنيادا ئىزىنى باسىدىغان بىرەر ئەۋلات قالدۇرۇپ قويۇشنى ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ياخشى تۈرمۈش كەچۈرۈشنى ئويلايدۇ ۋە شۇ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۇرمۇشقا جەڭ ئىلان قىلىپ مادارىنىڭ يىتىشىچە تېرىشىدۇ . ئىنسان بۇ دۇنيادا مەيلى قانداق ياشىمىسۇن تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئاخىرى بىر كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۇلۈك ۋىدالىشىدۇ .
نىكاھ ، قۇرامىغا يەتكەن ھەر بىر ئىنسان ھايات مۇساپىسىدا بىسىپ ئۆتىدىغان بىر ئۆتكەل بولۇپ ، ئۇنى ھاياتلىقىدىكى ئەڭ موھىم ئۆتكەل دەپ بىلىپ ، بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۇشتىن بۇرۇن نىشاننى توغرا تاللىغانلار كۆزلىگەن نىشانلىرىغا يەتسە ، ئەكسىچە نىشاننى خاتا تاللىغان ، ئۇنى ھايتلىقىدا تەبىي بولىدىغان ئىش دەپلا بىلگەن ئىنسانلار ، ئۆزلىرى تەسەۋۇر قىلىپ باقمىغان ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچچار بولىدۇ .
جەمئىيىتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق ، ئىنسان بۇ دۇنيادا زادى قانداق ياشىشى كېرەك ؟ دېگەن سۇئالنى ھەر دائىم ئىسىدىن چىقارمىغان كۆپ ساندىكى نىكاھلىنىش يېشىغا توشقان ياشلىرىمىز ، مەيلى ئۇ جەمئىيەتنىڭ قايسى قاتلىمىدا ياشاۋاتقان ، ئۆز لايىغىنى قايسى ئۇسۇل بىلەن تاللىغان بولمىسۇن نىكاھى ئوقۇلۇپ بىر ياستۇققا باش قويغاندىن كېيىن ، كەلگۈسىگە ئۈمۈت بىلەن قاراپ ، بىر – بىرىنى قەدىرلەپ ، ئۆز ئارا يول قويوشۇپ ، ھەر بىر قەدەملىرىنى توغرا نىشانلاپ بېسىشىپ ، پەرزەنىتلىك بولغاندىن كېيىن بولسا زىممىسىدىكى يۇكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ ، ئەر – ئايال بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەر خىل يوللار بىلەن قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ پۈتۈن زېھنىنى ، ئۈگىنىش ، خىزمەت ، تۈرمۇش ، پەرزەنت تەربىيىلەش ... قاتارلىق ئىشلارغا سەرەپ قىلىپ ، كۈنلىرىنى خۇشال – خۇرام ، خاتىرجەم ئۆتكۈزىۋاتقان بولسىمۇ ، ئاز ساندىكى ھاياتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان ، ياشاشنى پەقەت قورساق تويغۇزۇش ، ئويۇن تاماششا قىلىش دەپلا بىلىدىغان ، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلام كۆرىدىغان ياشلىرىمىز ، نىكاھغا ئاددى كۆز بىلەن قاراپ ، ھەر خىل يوللار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ بىر ياستۇققا باش قويۇشقان بولسىمۇ ، ئۈزۈنغا بارماي ھەتتا بىر نەچچە پەرزەنتلىك بولغاندىمۇ تۇتامغا چىقمايدىغان ئىشلار بىلەن ، ئەر – خوتۇن ئوتتۇرسىدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىپ ، ئۆز پۈشتىلىرىدىن بولغان نارىسىدىلەرنى ئويلاپمۇ قويماي ، ئۇلارنى تەربىيىلەش كىملەرنىڭ مەجبۇرىيىتى دېگەنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرۇشمەي نىكاھدىن ئاجرىشىپ ، پەرزەنىتلىرىنى تېرىك يېتىم قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىمۇ ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچچار بولىشىۋاتىدۇ . ئۆز كۆڭلىدىكى نىكاھدىن ئاجرىشىشتىن ئىبارەت بۇ ھەممە ئادەم قىلمايدىغان نوچىلىقىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشمايۋاتىدۇ . توختا ، مەنغۇ ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشسام باشقا بىرسى بىلەن تۇرمۇش قۇرارمەن ، پەرزەنتىلىرىمىز قانداق قىلار ؟ ئۇلار زادى قايسى گۇناھى ئۈچۈن يېتىمچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ئېغىر ئازاپلارنى تارتىدۇ ؟ مەن خىيلىمغا كەلتۇرمەي يېتىم قىلىپ تاشلىۋەتكەن بالامنى ، مېنى قايتا نىكاھىغا ئالغان ئەر ياكى مەن ئالغان ئايال باقارمۇ ؟ باقسىمۇ زادى قانداق باقار ؟ يېتىمچىلىك دەردىدە قىقىندى – سوقۇندى بولۇپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ كەلگۇسى ئىستىقبالى زادى قانداق بولار ؟ بىر قوللۇق تەربىيىلەنمەي چوڭ بولغان پۈشتۈم كەلگۇسى ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچچار بولۇپ قالسا بىزدەك ئۆزلىرىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ قويۇپ ، بىر قىسىم ھايۋانغا ئوخشاش ئۆزى بىلەنلا بولۇپ كىتىدىغان ئاتا – ئانىلىرىىغا لەنەت ئوقىماسمۇ ؟ ... دېگەنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرۇشمەيۋاتىدۇ .
يېگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى تۈرمە ، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ، مەجبۇرى ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرىدا جىنايەتچى ، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەنگۈچى ، زەھەر تاشلىغۇچىلارنى باشقۇرۇپ – تەربىيىلەش خىزمىتى بىلەن شۇشۇللىنىش جەريانىدىكى تەربىيىلىگەن ياشلارنىڭ بۇرۇنقى تارىخىغا نەزەر سېلىپ ، %60 كە يېقىن ئازغۇنلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى نىكاھدىن ئاجرىشىپ كىتىپ مۇنتىزىم ئائىلە – مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ناچار ئىللەتلەرنى كېچىك تۇرۇپ ئۆزىلىرگە سىڭدۇرىۋالغان ، ئۆگەي ئانا – ئۆگەي دادىلارنىڭ ئالدىدا قىقىندى – سوقۇندى بولۇپ چوڭ بولغان ، كېچىك تۇرۇپ تۇرمۇشنىڭ ھەر خىل قىيىنچىلىقلىرى بېشىدىن كەچۈرگەن ياشلار ئىكەنلگىنى ئويلىسام ، ئۇلارنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ مۇشۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچچار بولۇپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولۇشقان ئاشۇ ئەقلى دۇمبىسىگە چىقىپ قالغان ئاتا – ئانىلارغا لەنەت ئوقىغىم كىلىدۇ .
ئەر – ئاياللار كىلىشەلمىسە نىكاھدىن ئاجرىشىپ كىتىش ئەلمىساقتىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ، بىرەر ئادەم ئاڭلىسىمۇ تەبىي شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك ئىشتەك كىشىلەرنىڭ ئانچى دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىمايدىغان ، شۇنداقلا قانۇنغىمۇ خىلاپ ئىش بولمىغان بىلەن ، يېگىرمە نەچچە يىللىق كۈزىتىشىمگە ئاساسلانغاندا پەرزەنىتلىك بولغاندا نىكاھدىن ئاجرىشىپ كىتىش ئاشۇ پەرزەنىتنىڭ كەلگۇسى قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن دېسەم ئارتۇقچە كاپشىغان بولماس دەپ ئويلايمەن .
مەن بۇ يازمام ئارقىلىق نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن ئوبىكتىنى توغرا تاللىماي ، ۋە توغرا تاللىغان بولسىمۇ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن نىكاھدىن ئاجرىشىپ پەرزەنىتلىرىنى يېتىمچىلىك كوچىسىغا تاشلاپ قويوپ ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچچار بولۇپ قىلىشىغا ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبچى بولۇپ قىلىۋاتقان ، ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ، بۇ دۇنيادا – پەرزەنىتلىك بولۇش سالاھىتى بولمىسىمۇ ئىزىپ – تىزىپ پەرزەنىتلىك بولۇپ قالغان ئاتا – ئانىلارغا شۇنداق دېگۈم كىلىۋاتىدۇ ؛ ئىسىڭلاردا بولسۇن ئۆز خۇشاللىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بەختىنى قۇربان قىلىش بىز ئىنسانلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس ، شۇڭا نىكاھ ئىشىغا كەلگەندە ئۆزۈڭلارنىلام ئويلىماي ، سىللەر نىكاھدىن ئاجراشقاندا ئالدىڭلاردا ھىچقانداق ئىشتىن خەۋىرى يوق كوزلىرىنى مولدۇرلىتىپ تۇرغان ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن ياخشى تەربىيلەنسە ۋەتەن ، مىللەت ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرىدىغان ئاشۇ پۈشتۈڭلارنىڭ كەلگۈسىنىمۇ ئويلاپ قويۇڭلار . يۇقىردا قەيىت قىلغىنىمىزدەك ئۆز پۈشتىدىن تامغان پەرزەنىتنى ھەر خىل باھانالار بىلەن ئۆز قولى بىلەن تەربىيلىمەي تاشلىۋىېىتش بىز ئىنسانلارغا ئەسلا ياراشمايدۇ .ئاپتور قەشقەر ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدا
评论