• ئىران خەلقئارا جازاغا 30 يىل بەرداشلىق بەردى - [جاھاندىكى ئىشلار]

    ئىران خەلقئارا جازاغا 30 يىل بەرداشلىق بەردى


    بىر دۆلەت خەلقئارا جازاغا قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ ئىران بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. 1979- يىلى ئىران ئىسلام ئىنقىلابى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دەرھال ئىرانغا جازا قوللىنىشنى باشلىدى، ھازىرغىچە تۈرلۈك جازانىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئىرانغا قارىتىلغان 4- قېتىملىق خەلقئارالىق جازانى يۈرگۈزمىسە بولمايدىغان دەرىجىگە باردى، دەپ قارىدى. ئۇنداقتا ئىراندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان جازاغا قانداق قارايدۇ؟ 30 نەچچە يىللىق جازا ئىرانغا زادى قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن، مۇخبىر تېھران، قۇم، ئىسفاھان قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولدى.

    تېھراندىكى لارى مېھمانسارىيىنىڭ خوجايىنى مەيۈسلەنگەن ھالدا: "بۇ يىل يازدا تىجارىتىمىز يەنە تەسىرگە ئۇچىرايدىغان ئوخشايدۇ. ئامېرىكا كونتروللىقىدىكى ئىرانغا قارىتا يۈرگۈزۈلىدىغان جازا ماقۇللانسا، ئىراندىكى تىجارەت قىلىدىغان چەتئەللىكلەر كېتىدۇ، 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلار ھەممىدىن بۇرۇن زەربىگە ئۇچىرايدۇ"، دېدى.

    بىراق، لارى مېھمانسارىيىنىڭ خوجايىنىغا ئوخشاش ئەنسىرەشلەرنى مۇخبىر ئىراندا بەك كۆپ ئاڭلىمىدى. مۇخبىر ئىرانغا ئۇچقان دەقىقىدىن باشلاپلا، ئىراننىڭ جازاغا ئۇچىرىغان ئىزىنى ئىزدەشكە باشلىدى، بىراق ئاڭلىغان، كۆرگەنلىرى مۇخبىرنى ھەيران قالدۇردى. مۇخبىر ئولتۇرغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئىرانغا ئۇچقان EK971 -نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا بىرمۇ ئورۇن بوش ئەمەس بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق يولۇچىنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقى چەتئەللىك ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە فرانسىيە، ئەنگىلىيە، مالايسىيا ۋە ياپونىيىدىن كەلگەنلەر بار بولۇپ، ئىراندا ساياھەت قىلىشتىن باشقا كۆپۈنچىسى سودا قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدىغانلار ئىدى. بىر يولۇچى مۇخبىرغا: "ھازىر ھەر كۈنى تېھرانغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار يولۇچىلار بىلەن لىق تولغان  بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەدىن باشقا، بارلىق دۆلەتنىڭ ساياھەتچىلىرى ياكى تىجارەتچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىراندا كۆرەلەيسىز"، دېدى.

    ھۈمەينى خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ ئاۋاتلىقى ۋە زامانىۋىلىشىش دەرىجىسى مۇخبىرنى ھەيران قالدۇردى. ئايرودرومدىن تېھران شەھىرىگە 30 نەچچە كىلومېتر كېلىدىغان بولۇپ، قوش يۆنۈلۈشلۈك 4 ئاپتوموبىل يۈرىدىغان ئايرودروم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا، ئاپتوموبىللار ئىنتاين كۆپ، ئىراندا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللاردىن سىرت تويوتا، بېنتز قاتارلىق چەتئەلنىڭ داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللىرىمۇ بار، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ كونا فورت ماركىلىق ئاپتوموبىللىرىمۇ بار. مۇخبىر تېھرانغا يېتىپ بارغان كۈنى دەل شەنبە بولغاچقا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چىملىقتا ئاپتوموبىل بىلەن دالا تامىقى يېيىشكە كەلگەن ئىرانلىقلارنى، گۈل ساتىدىغان كىچىك بوتكىلارنى كۆرگىلى بولاتتى، قارىماققا ئىراندىكى ئاددىي پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى قوساقنىڭ غېمىنى قىلىشتەك ھالەتكە چۈشۈپ قالمىغان ئىدى.

    تېھران شەھىرىدىكى يېڭى ئىمارەتلەرنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق مۇخبىرغا مۇنداق ئۈچ جەھەتتە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى: بىرىنچىسى، شەھەر رايونىدىكى كوچا يوللىرى يېڭى ۋە پاكىزە بولۇپ، يولنىڭ ئىككى يېنىدىكى چوڭ دەرەخلەر بىلەن ھەممە يەردە كۆزگە چېلىقىدىغان گۈللەر بىر بىرىگە ئىنتايىن ماسلاشقان؛ شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكى تېھراندا ھەمىشە قاتناش قىستاڭچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ ئۈچۈنچىسى، ھەممىلا يەردە گۈل بوتكىسى ۋە كىتاب بوتكىسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. غەرىب ئاخبارات ۋاستىلىرى ھەمىشە ئىراندىكى ساقچىلارنىڭ ئاياللارنىڭ كىيىنىشىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى كۆپ قىلىدۇ، بىراق مۇخبىرنىڭ قارىشىچە، ئىران ئاياللارنىڭ كىيىنىشى پەلەستىن، يەمەنلىك ئاياللارنىڭكىدىن خېلى مودا ئىكەن. پادىچىلار ئىشتىنى ئىرانلىق ئاياللارنىڭ دائىملىق كىيىمى بولۇپ، خىلمۇ- خىل مودا كۆزئەينەكلەرنى تاقىۋالىدىكەن، ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان ئاياللارمۇ كۆپكەن. كوچىلاردا ۋە باغچىلاردا، قول تۇتۇشۇپ يۈرىدىغان ئىرانلىق ياش يىگىت، قىزلارنىمۇ ئۇچىراتقىلى بولىدىكەن.

    ئىران خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدىن جازاغا ئۇچىرىغانلىقنىڭ ئالامەتلىرىنى ھەرگىز تاپقىلى بولمايدىكەن، ئۇنداقتا ئىراننىڭ زادى قانچىلىك دەسمايىسى بار؟ مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا مەيلى ئىرانلىق ئەمەلدار ياكى پۇقرادىن بولسۇن، ئىران جازاغا ئۇچىرىسا قانداق قىلىسىلەر؟دەپ سورىغاندا، ئۇلار، ئىراننىڭ بايلىقى مول، ئۆزىمىز باقالايمىز، دەپ جاۋاب بەردى. ئىراننىڭ سودا مىنىستىرى جازانفارى، ئىران تارىختىن بۇيان يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى. تېرىلغۇ كۆلۈمى 37 مىليون گېكتار كېلىدۇ، بۇ يىللىق بۇغداي مەھسۇلات مىقدارىلا 10 مىليون توننىغا يېتىدۇ. كېيىنكى ئايدا، بىز يەنە ئومان، مىسىر ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە 2 مىليون توننا بۇغداي ئېكىسپورت قىلىمىز، دېدى. مۇخبىرنىڭ ھېس قىلىشىچە، ئىراندا ئادەتتىكىدەك تاماق يىمەكچى بولسا، بىر كۈنلۈك تاماق ھەققىگە 2 ئامېرىكا دوللىرى يېتىدىكەن. 

    مۇخبىرغا ھەمراھ بولغان ئىران ئاخبارات مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى ئەلى، ئىراننىڭ "ئومۇمىي خەلق پاراۋانلىقى" تۈزۈمى كۆپ سانلىق خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ جازانىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماسلىقىنى كاپالەتلەندۈردى. ئىراندىكى ھەر 115 ئائىلىنىڭ ئىچىدىكى 100 ئائىلىنىڭ شەخسىي تۇرالغۇسى بار، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ھەقسىز داۋالىنىشتىن بەھرىمان بولىدۇ. تۇرالغۇ ئۆي ۋە داۋالىنىش جەھەتتە غېمى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، خەلقئارالىق جازا ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا ئۇنچىلىك چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئىراندىكى نۇرغۇن تىجارەتچىلەرگە ئازراق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، دېدى.

    بىراق بىر قىسىم ئىرانلىق ئالىملارنىڭ قارىشىچە، جازانىڭ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق ئىرانىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بولۇپمۇ ئىراندا نۇرغۇن مۇھىم سانائەت تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. جازا سەۋەبىدىن، ئىراننىڭ ئاۋىئاتسىيە كەسپى رۇسىيىنىڭ كونىراپ كەتكەن تۇپۇلوف 154 تىپلىق ئايروپىلانىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان، شۇڭا يېقىنقى يىللاردا ئارقا- ئارقىدىن ئاۋىئاتسىيە ئاۋارىيىسى كېلىپ چىققان. ئىراننىڭ چەتئەلدىن بېنزىن ئىمپورت قىلىشقا قاتتىق تايىنىۋېلىشىمۇ بىر ئاجىزلىق، دەپ قارالغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىرانلىق ئەمەلدار، فرانسىيىنىڭ توتال شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر ئىرانغا سالىدىغان يېڭى مەبلەغ تۈرىنى توختىتىپ قويۇشى مۈمكىن، رۇسىيىنىڭ لوكوئىل نېفىت شىركىتى، ھىندىستاننىڭ رالىيەنكې شىركىتىمۇ ئىراننى بېنزىن بىلەن تەمىنلىمەسلىكى مۈمكىن. شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرانغا يەنىمۇ ئىلگىرىلەن ھالدا جازا يۈرگۈزۈشنى ماقۇللاپلا قالسا، ئىران ئېغىر زەربىگە ئۇچىرايدۇ، دېدى.

    مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان جازا تەدبىرىنى تىلغا ئالسىلا، ئىران خەلقى ئىنتايىن غەزەپلەندى. تېھران كوچىلىرىدا دائىم "ئامېرىكىنى يوقىتايلى"، دېگەن شوئارنى توۋلاپ نامايىش قىلىۋاتقان ئاممىنى ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. بىراق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، تېھران كوچىلىرىدا يەنە توفېل، ئامېرىكا ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى دېگەندەك ئېنگىلىسچە تەربىيىلەش كۇرسلىرىنىڭ ئېلانلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن. ئىراندىكى كومپيۇتېر دۇكانلىرى ۋە بازارلىرىدا، ئامېرىكىنىڭ ئالما ماركىلىق خاتېرە كومپيۇتېر، ئىپون ماركىلىق يان تېلېفون قاتارلىق تۈرلۈك ئىلغار مەھسۇلاتلارنىمۇ ئۇچىراتقىلى بولىدىكەن.

    تېھراندىكى سەيىف باغچىسىدا، ئاتا- ئانىسى بىلەن سەيلە قىلىۋاتقان 17 ياشلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۇختاپ ئۆزلىكىدىن مۇخبىر بىلەن ئېنگىلىزچە سالاملاشتى ھەمدە يول باشلىغۇچى ۋە تەرجىمان بولۇشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇختاپ مۇنداق دېدى: "چەتئەللىكلەر بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەلگۈسىدە ياخشىراق خىزمەت تېپىش ئۈچۈن ئېنگىلىسچە ئۆگەندىم. مەن تېھران ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇماقچى، ئالىي مەكتەپنى پوتتۈرگەندىن كېيىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بار، دېدى. مۇختاپ يەنە، دادام تاكسى شوپۇر، ئايلىق كىرىمى تەخمىنەن 900 ئامېرىكا دوللىرى، ئاپام ئوقۇتقۇچى ئايلىق كىرىمى 400 ئامېرىكا دوللىرى، تۇرۇۋاتقان ئۆيىمىز ئۆزىمىزنىڭ، شۇڭا تۇرمۇشىمىزنى قەدىرئەھۋال دېيىشكە بولىدۇ، دېدى. بىراق ئۇنىڭ دادىسى پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمىدا تېھراننىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىدىكى يېڭى رايوندىكى ئۆيلەرنىڭ ھەر كۋادرات مېترىنىڭ باھاسى مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى، دەپ ئاغرىندى. ئۇ، ئېلىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان پرايد ماركىلىق پىكاپتىن بىرنى سېتىۋېلىش-- مېنىڭ ئەڭ زور ئارزۇيۇم، يېڭىنىڭ باھاسى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، بىزنىڭ ئائىلە ئۈچۈن يەنىلا ئىنتايىن قىممەت دېدى.

    غەرىبنىڭ جازاسى بىلەن قارشىلىشىشتا، نېفىت ئىزچىل ئىراننىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى بولۇپ كەلدى. ئىراننىڭ نېفىت زاپىسى دۇنيا نېفىت زاپىسىنىڭ %12 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، 2- ئورۇندا تۇرىدۇ؛ ئىران يەنە دۇنيادىكى 4- چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 2- چوڭ ئېكىسپورت دۆلىتى. نۆۋەتتە ئىران كۈندە ئېكىسپورت قىلىدىغان نېفىت مىقدارى 2 مىليون 300 مىڭ باكقا يېتىدۇ، ئاساسلىق ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سېتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىران كۈندە ياپونىيىگە 480 مىڭ باك، جۇڭگوغا 250 مىڭ باك، ئىتالىيىگە 160 مىڭ باك، فرانسىيىگە 100 مىڭ باك نېفىت ئېكىسپورت قىلىدۇ. بۇنداق غايەت زور نېفىت ئېكىسپورت ئىقتىدارى بى خىل ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتكە ئايلانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىران ئىلگىرىكى "يەككە- يىگانە دىپلوماتيە" سىياسىتىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتكەنلىكتىن، خەلقئارادا ئىراننى قوللايدىغان ئاۋازلارمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشكە باشلىدى. مۇخبىرنىڭ تېھرانغا يېتىپ كەلگەن كۈنى، مالايسىيا زۇڭلىسى "غەرىبنىڭ پىتنە- پاسساتى" غا رەددىيە بەرگەن كۈنىگە توغرا كەلدى. غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنىڭدى ئاۋۋال، مالايسىيا ئىراندىن ئىمپورت قىلىنىدىغان نېفىت مىقدارىنى كېمەيتىش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ جازاغا ماسلاشماقچى، دېگەن ئىدى، بىراق مالايسىيا زۇڭلىسى دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇنى ئىنكار قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقىدىشى بولغان ياپونىيىمۇ ئىران مەسىلىسىدە ئۇنچىلىك قاتتىق ئەمەس. تېھراندا دائىم تۇرۇشلۇق ياپونىيە مۇخبىرى، پېرىسىيە قولتۇقى ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان جان تومۇر، ياپونىيىنىڭ ھاياتلىق قولتۇقى. ھالبۇكى ھاياتلىق قولتۇقىنىڭ ئاچقۇچى ئىرانلىقلارنىڭ قولىدا، دەپ ئوچۇق ئېيتتى.    


    مەنبە:شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى
    http://uygur.chinabroadcast.cn/7280/2010/04/29/1349@412914.htm