• سالام ئەزىمەت ،قانداق ئەھۋالىڭ ؟ ياخشى تۇرۇۋاتامسەن ؟ بەلكىم بۇ خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قالغانسەن ، ئەلۋەتتە ھەيران قېلىشىڭ نورمال ئىش . بىزنىڭ ئالاقلاشمىغىنىمىزغىمۇ يېرىم يىل بولاي دەپ قاپتۇ . شۇنىڭدىن بۇيان كۆرۈشۈش ئەمەس بىرەر قېتىممۇ تېلفۇنلىشىپ قويمىدۇق . بەلكىم مەن تېلىفۇن نومۇرۇمنى ئالماشتۇرۇۋەتكەچكە ، سەن ئامالسىز قالغانسەن . مەندىنمۇ كۆپ رەنجىگەنسەن . مەنمۇ بەزىدە سەندىن ئاغرىنىپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ، لېكىن مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ساڭا بولغان رەنجىشلىرىم قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى . سېنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك تەسەۋۋۇر قىلدىم . مەن سېنى ئويلىمىدىم دېسەم يالغان ئېيتقان بولارمەن . راست ، كۆڭۈلگە ئورناپ كەتكەن نەرسىنى ، بولۇپمۇ مۇھەببەتنى ، تۇنجى مۇھەببەتنى ئۇنتۇش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسكەن . سېنى ئۇنتاي دەيمەن لېكىن كۆڭلۈمنىڭ ئۇنىمايۋاتقانلىقى ، يۈرۈگۈمنىڭ <<ياق>>دەپ خىتاب قىلىشلىرى بىلەن سېنى يەنە كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا ، گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنى كۆڭۈل ئالبۇمىمغا قالدۇرۇپ ، ھېچكىم بىلمەيدىغان ھەم ئىككىمىزدىن باشقا بىرى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۆمۈۋەتكەنىدىم . مانا بۈگۈن شۇ ئەسلىمىلىرىمنى قايتا قېزىپ ئېلىشقا ، كۆڭۈل ئالبۇملىرىمنى قايتا ۋاراقلاشقا ئۈلگۈردۈم . ئەگەر بۈگۈن ساڭا يۈرەك سۆزلىرىمنى دەۋالمىسام ، ئەمدى مەڭگۈ دىيەلمەيدىغاندەك ، ھەممە نەرسە مېنى تاشلاپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلىۋاتىدۇ . ياق ! ئۇلار مېنى ئەمەس بەلكى مەن ئۇلارنى تاشلاپ كېتىدىغاندەك بىلىنىۋاتىدۇ .


  • تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ يادىغا ئاخشام كۆرگەن چۈشى كېلىۋالدى. ئۇ بىردىنلا قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن ئەخلەت-چاۋارلار ئارىسىدا قالدى.ئۇ ئەخلەت-چاۋارلارغا قوشۇلۇپ ھەريان ئۇچۇپ يۈرەتتى...
     ئۇ چۇچۇپ كەتتى.
    ئىشىك جالاققىدە ئېچىلىپ ،خوتۇنى ئۆڭ- سۆلى ئۆچكەن ھالدا كىرىپ كەلدى-دە، ئۇنىڭ ئالدىدا شاپپىدە توختاپ، كۆزلىرىگە  مىختەك قادالدى.خوتۇنىنىڭ كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان سوغوق نۇر ئۇنىڭ يۈرۈكىنى ساراسىمىگە سېلىۋەتتى.‹‹ئاھ خۇدا بۈگۈنمۇ يەنە ئۆيىمىزدە ئىران-ئىراق ئۇرۇشى پارتىلايدىغان بولىدى-دە؟ بۇ خوتۇن بىلەن قانداقمۇ جاھاننىڭ مىرادىغا يىتەرمەن؟...ئۇنىڭ مۇشۇ تۇرىقىنى كۆرسەملا تىنىم شۈركۈنىپ كېتىدۇ...مەن تۇغۇلىشىمدىنلا باشقىلارنىڭ خاپىلىقىدىن قۇتۇلالمايدىغان قىلىپ يارىتىلغان بولغىمىتىم؟!...ئادەم ساراڭ بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ يېقىن ئادەملىرى بىلەن جىدەل-ماجرا چىقىرىپ يۈرەمدىغاندۇ-يا؟...›› ئۇنىڭ تىپتىنىچ كۆڭلى تىپتىنىچ كۆل سۈيىگە تۇيۇقسىز تاش ئاتقاندەك داۋۇلغۇدى.
    ئۇ چۇچۇپ كەتتى...
    ئۇنىڭ خوتۇنى سىرىتتىن پات-پات ئاشۇنداق يامان ئەلپازدا ئۆيگە كىرىپ كېلىپ ،ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوت ئاچاتتى.زەھەردەك گەپلىرى پىلىمۇتتىن ئوق چىققاندەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىپ ئۇنىڭ يۈرىكىگە سانجىلاتتى،يۈرىكىنى زىدە قىلاتتى...
    -ئاخشام نەگە باردىڭ؟

  • بىلەمسەن دوستۇم، ئوقۇتقۇچى قانچە كۈيلەنسە، تەرىپلەنسە، قەدىرلەنسە شۇنچە ئەرزىيدىغان ئۇلۇغ ئىنسان. بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ. چۈنكى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەجىر – مېھنىتىدىن ئادەممۇ، ئالەممۇ كۆكلەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ يۈكى، مەجبۇرىيىتى تولىمۇ ئېغىر. جەمئىيەتنىڭ، دەۋرنىڭ ئۇنىڭدىن  كۈتكەن ئۈمىدى تولىمۇ زور. ئۇنىڭدا تىنىمسىز ئىزدىنىش، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بولمىسا، بۈگۈنكى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداقمۇ چىقالىسۇن!؟ شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتىدىغان ئادەم. بۇ كەسىپنىڭ قىممىتىگە يەتكەن مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى تۇنجى سائەتلىك دەرستىن باشلاپ ئۆزى ھەققىدە ئويلاشقا خاتىمە بېرىپ، پۈتۈن زېھنىي – قۇۋۋىتىنى مىللەتنىڭ كېلەچىكى  بالىلارغا سەرپ قىلىدۇ، ۋۇجۇدىدىكى بارلىق مېھىر – مۇھەببەت ۋە ئىلىم – ھېكمەتنى ئالدىدىكى سەبىي نوتىلارغا بېغىشلايدۇ. ئولتۇرسا – قوپسا، ماڭسا – تۇرسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ غېمىنى يەيدۇ، ھەتتا چۈشىدىمۇ دەرس تەييارلايدۇ. بۇ نەقەدەر ئالىيجاناب روھ – ھە!؟...

  • مەن دادامنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئۇ ئۆيدە بولمىسا:«نەگە كەتكەندۇ؟» دەپ ھەمىشە ئاچىلىرىمدىن سورايمەن.
       مانا بۈگۈن قوربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى ئەتىگەندىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىسام، دادام يوق تۇرىدۇ. ئاچىلىرىمدىن سورىسام، ئاچىلىرىم:
    - دادىمىز ھېيت نامىزىغا چىقىپ كەتتى،- دېدى. كىيىملىرىمنى كىيىپ، يۈزلىرىمنى يۇيۇپ، ئىشىكە يېنىش - يېنىشلاپ تەلمۈردۈم. بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ، دادام خوشال كىرىپ كەلدى. مەن ئاچىلىرىم بىلەن بىللە دادامنىڭ ئالدىغا يۈگۈردۈم. دادام:
       - بالىلىرىم، ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! - دەپ ئاچىلىرىمغا 10 كويدىن ھېيتىلىق بەردى. مەنمۇ ئاچىلىرىمنىڭ قاتارىدا دادامغا قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
       - ئوغلۇم، ساڭا پۇل ئەمەس، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر نەرسىنى ھېيتلىق بېرىمەن، -دېدى.

  • يەكشەنبە كۈنى بازار ئايلىنىپ كەلمەكچى بولۇپ كوچىغا چىقىۋېدىم، كىمدۇر بىرى ئارقامدىن دولامغا شاپىلاقلىدى، بۇرۇلۇپ ئېسىل كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، قارا كۆزەينەك تاقىغان بىر كىشىنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قول ئۇزىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
    ـــــ ياخشىمۇ سىز؟ سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن.
    ـــــ رەھمەت! ـــــــ دەپ قولىنى سىقتىم.
    ـــــ رەھمىتڭىزگە ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن يەنە بىرقېتىم تەشەككۈرىمنى ئېيتىشقا رۇخسەت قىلغايسىز!
    «بۇ كىم بولغىيدى؟» دەپ ھەيرانلا قالدىم، كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىۋېدى، ئېسىمگە كەلدى.
    ــــــ ھە، سىز ھېلىقى ھېكايىنىڭ ...
    ــــــ شۇنداق، شۇنداق. تونۇۋالدىڭىز، زېھىنىڭىزگە ئاپىرىن. سىزگە «ساراڭ» دېگەن ھېكايىنى ئاپىرىپ بەرگەن كىشى مەن بولىمەن.
    ــــــ كېيىم-كېچىكىڭىز، گەپ-سۆزلىرىڭىز ئۆزگىرىپ كېتىپتىغۇ، تونۇماي قالغىلى تاسلا قاپتىمەن.

  • ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى چىەكسىڭىز،ئاندىن تىما تۇلۇق چىقىدۇ.

     

     

    ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪە ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﻮۋﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﺪۇق. ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺪى. ﻗﻮرﺳﺎﻗﻤﯘ ﺗﻮﻳﺪى. ﭘﯘت - ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺟﺎن ﻛﯩﺮدى. ﺋﯘ دۆﯕﺪﯨﻦ، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮاق ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ، ﻳﯩﺮاﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺑﯩﺮدﯨﻦ - ﺋﯩﻜﻜﯩﺪﯨﻦﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﻛﺎﻟﺘﺎ ﺑﺎزارﻏﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺪى. ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﺎۋاپ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﮔﯜﻟﺨﺎن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻏلاﺷﺘﻰ. ﺋﻮۋﭼﯩلار ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﻮۋ ﭘﺎراﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗﺑﻪردى. ﺋﯚزﺋﺎرا ﭼﺎﻗﭽﺎﻗلاﺷﺘﯘق. ﺋﯚزۈم ﺋﯘلار ﺑﯩﻠﻪن ﭼﺎﻗﭽﺎﻗلاﺷﺴﺎﻣﻤﯘ، ﻛﯚزۈم ﻟﻪﻣﭙﻪﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﺪاﻗﻘﺎ ﻗﻮﻧﺪۇرۇﻟﯘپ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮى ﺗﺎﺳﻤﯩﺪا ﭼﺎﺗﻘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻏلاﻧﻐﺎن، ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﻮﯕﻐﯘراق ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎن ﻗﺎرﭼﯩﻐﯩﺪا ﺋﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪن ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﻧﻨﻰ ﺷﯜرﻛﻪﻧﺪۈرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻗﻮرﻗﯘﻧﭽﻠﯘق ﻧﯘر ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪى. ﺑﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺮەڭ ﻗﻮﯕﻐﯘراﻗﺘﻪك ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺗﻘﯘﭼلاردا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﯜرﻟﯜك ﭼﻪﻛﭽﯩﻴﯩﺶ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯘزاق ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎراپ ﭼﯩﺪاپ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى ﻳﺎﻛﻰﻛﯚزﯨﻨﻰ ﺋﻪﭘﻘﺎﭼﻘﺎﻧﺪا ﻳﺎﻛﻰ ﭼﯩﻤﯩﻠﺪاﺗﻘﺎﻧﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘزاق «ﻛﯚزۋازﻟﯩﻖ» ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن.

  • ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى چـەكسىڭىز،ئاندىن تىما تۇلۇق چىقىدۇ.

     

     

    ﻗﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮﻏﯘق ﮬﻪم ﺳﺎپ ﮬﺎۋا ﻳﯜزﮔﻪ ﺋﯘرۇﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦﺋﺎﻟﻐﺎن ﻧﻪﭘﻪس، ﺷﻪﮬﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘزۇﻟﻐﺎن ﮬﺎۋاﺳﯩﺪﯨﻦ زەﺋﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪن ﺋﯚﭘﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻘﯩﺪﯨﻦﺋﻮﻳﻐﺎﺗﻘﺎﻧﺪەك ﺑﻮﻟﺪى؛ روﮬلار ﻛﯚﺗﯜرۈﻟﯜپ ﻗﯘﺷﺘﻪك ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ، ﺳﻪﮔﻪك ﺑﯩﺮ راﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯧﻘﯩﻢ  ﺗﻮﻣﯘرلاردا ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﻗﺎﻧلارﻧﻰ ﺋﯘرﻏﯘﺗﺘﻰ. ﺳﯜﺑﮭﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﺷﺎﻳﺎر ﺑﺎزﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ، ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﻪﺗﯩﻦ ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇپ ﺋﻮﭼﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮت ﻗﺎلاﺷﻘﺎﺗﯘﺗﯘﻧﻐﺎن ﺋﺎﺷﭙﻪز ﻛﯚزﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﭘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘۋﯨلاپ ﺋﻪﺳﻨﯩﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﻗﺎراپ ﻗﺎﻟﺪى. ﻳﻮﻟﺪا ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻜﻪﺋﺎﻟﺪﯨﺮاپ ﻣﺎﯕﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﺮ - ﺋﯩﻜﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪى. ﻗﻮﻳﯘق ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ دالا، ﺳﻮك - ﺳﻮك، ﻳﯘﻟﻐﯘﻧلار ۋە ﺋﯘﻳﻪر - ﺑﯘﻳﻪردە ﻣﻮﻣﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎق ﻟﯧﭽﯩﻜﯩﺪەك ﭘﺎرﭼﻪﻗﺎرلار ﻛﯚرۈﻧﺪى. ﻛﯧﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎراﯕﻐﯘ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻪك زەﯕﮕﻪر ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺳﻤﺎن ﺳﻪﺑﯩﻴﻨﯩﯔﻛﯚﯕﻠﯩﺪەك ﺳﯜزۈك ﺋﯩﺪى. ﺋﯚﭼﯜش ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺮەﻟﻪﺷﻜﻪن ﻳﯘﻟﺘﯘزلار ﻳﯩﺮاﻗلاپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻗﯩﺰﻏﺎﻛﯚزى ﻗﯩﻴﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻟﻤﯜرﮔﻪﻧﺪەك، ﻛﯚز ﻗﯩﺴﻘﺎﻧﺪەك ﻛﯚرۈﻧﺪى. ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰدا ﻗﺎرا ﻛﯚرۈﻧﮕﻪن ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﺪا - ﺳﺎﻧﺪا ۋاخ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺧﻮرازﻧﯩﯔ ﭼﯩﻠﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﯕلاﻧﺪى. ﻗﻮﻳﯘق ﻳﯘﻟﻐﯘن ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻠﯩﺮى ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮل ﺑﺎلا ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰدا ﺳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﮔﺰﯨﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗﺳﺎﻣﺎﻧﻐﺎ ﺳﻪﻛﺮەپ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎن ﭼﯧﻐﯩﻤﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮدە ﺋﯧﮕﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﭘﭽﯩﻘﯩﭗ، ﺑﯩﺮدە ﻳﻪرﮔﻪ ﺗﺎﺷلاپ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﺪى. ﺗﺎڭ ﺳﯜزۈﻟﺪى. ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ دالا ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﺟﯘۋاﻧﺪەك ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻘلاﺷﺘﻰ......

  • ئۈستىدىكى تىما ماۋزۇسىنى چىەكسىڭىز،ئاندىن تىما تۇلۇق چىقىدۇ.

     

     

     

    ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪﻛﯧﺴﻪل ﻳﻮﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭘﺎراڭ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪۇق. ﺳﯧﺮﯨﻖﭼﺎﭼﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺧﺴﯩﺪﯨﻦ ﻟﻪﯕﻤﻪن ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﯟﯦﺪى، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ «ﺋﺎﺷﻘﺎزﯨﻨﯩﻢﺋﺎﻏﺮﯨﭗ، ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﮔﯧﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﯟاﺗﯩﺪۇ» دەپ، ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﯧﮕﯩﭙﻤﯘﻗﻮﻳﻤﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪۇم. ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧلارﻧﯩﯔﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻣﺪۇ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ، ﺋﯘ ﻳﺎﻟﻐﺎن ﺳﯚزﻟﻪۋاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕلاﺷﻘﺎ ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎﻳﻪر ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎراپ ﻗﻮﻳﺪۇم. دەل ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﻣﻪن ﻳﻪۋاﺗﻘﺎن ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻦﺑﯩﺮ ﺗﺎل ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎچ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى! ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن «ﺗﯧﺨﻰ ﮬﯧﻠﯩلا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﯩﻨﻪ ﭼﯚﭼﯜرە ﺋﯩﭽﯩﯟاﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن» دەپ ﮔﻪپ ﻳﺎﺳﺎپ، ﺗﺎﻣﺎق ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎچ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﯩلا، ﻛﯚﯕﻠﯜم ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪەك ﺑﻮلاﺗﺘﻰ …
    ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﺷﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕلاپ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻮرۇﻧﺴﯩﺰ رەﻧﺠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰﺑﯩﻠﺪﯨﻢ.