• ئارماندا قالغان مۇھەببەت - [ھىكايە-نەسىرلەر]

    ئارماندا قالغان مۇھەببەت

     

    گۈلنىگار


    (ھېكايە)

     


    سالام ئەزىمەت ،قانداق ئەھۋالىڭ ؟ ياخشى تۇرۇۋاتامسەن ؟ بەلكىم بۇ خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قالغانسەن ، ئەلۋەتتە ھەيران قېلىشىڭ نورمال ئىش . بىزنىڭ ئالاقلاشمىغىنىمىزغىمۇ يېرىم يىل بولاي دەپ قاپتۇ . شۇنىڭدىن بۇيان كۆرۈشۈش ئەمەس بىرەر قېتىممۇ تېلفۇنلىشىپ قويمىدۇق . بەلكىم مەن تېلىفۇن نومۇرۇمنى ئالماشتۇرۇۋەتكەچكە ، سەن ئامالسىز قالغانسەن . مەندىنمۇ كۆپ رەنجىگەنسەن . مەنمۇ بەزىدە سەندىن ئاغرىنىپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ، لېكىن مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ساڭا بولغان رەنجىشلىرىم قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى . سېنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك تەسەۋۋۇر قىلدىم . مەن سېنى ئويلىمىدىم دېسەم يالغان ئېيتقان بولارمەن . راست ، كۆڭۈلگە ئورناپ كەتكەن نەرسىنى ، بولۇپمۇ مۇھەببەتنى ، تۇنجى مۇھەببەتنى ئۇنتۇش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسكەن . سېنى ئۇنتاي دەيمەن لېكىن كۆڭلۈمنىڭ ئۇنىمايۋاتقانلىقى ، يۈرۈگۈمنىڭ <<ياق>>دەپ خىتاب قىلىشلىرى بىلەن سېنى يەنە كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا ، گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنى كۆڭۈل ئالبۇمىمغا قالدۇرۇپ ، ھېچكىم بىلمەيدىغان ھەم ئىككىمىزدىن باشقا بىرى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۆمۈۋەتكەنىدىم . مانا بۈگۈن شۇ ئەسلىمىلىرىمنى قايتا قېزىپ ئېلىشقا ، كۆڭۈل ئالبۇملىرىمنى قايتا ۋاراقلاشقا ئۈلگۈردۈم . ئەگەر بۈگۈن ساڭا يۈرەك سۆزلىرىمنى دەۋالمىسام ، ئەمدى مەڭگۈ دىيەلمەيدىغاندەك ، ھەممە نەرسە مېنى تاشلاپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلىۋاتىدۇ . ياق ! ئۇلار مېنى ئەمەس بەلكى مەن ئۇلارنى تاشلاپ كېتىدىغاندەك بىلىنىۋاتىدۇ .
    سېنى تۇنجى كۆرگەن ۋاقىتلىرىم تولۇق ئوتتۇرىغا يېڭى چىققان چاغلىرىم ئىدى .
    - ئاداش بىزنىڭ سىنىپقا ئەزىمەت دەپ بىر بالا يۆتكىلىپ كىرىدىكەن ، مەن ئۇ بالىنى مۇدىر ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا كۆردۈم خېلى يامان ئەمەس بالىلاردەك تۇرىدۇ جۇمۇ .
    - شۇنداقمۇ؟بىزنىڭ سىنىپتا ئوغۇللار كۆپمۇ ئەمەس ، بىرى بولسىمۇ كۆپىيىدىكەندە ، - دېدىم مەنمۇ .
    راست دېگەندەك ئەتىسى ئەتىگەنلىك تەكرار ۋاقتىدا سىنىپ تەربىيچىمىز سېنى باشلاپ سىنىپقا كىرىپ كەلدى ھەم سېنى سىنىپتىكىلەرگە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرۇشۇڭنى ئېيتتى . توۋا شۇ كۈنى خۇددى بىزنىڭ تونۇشۇشىمىزغا پۇرسەت يارىتىلغاندەك پارتىدىشىم زۇلپىيە كەلمىگەنىدى . باشقا يەردە بوش ئورۇن بولمىغاچقا مۇئەللىم سېنى مېنىڭ يىنىمدا ئولتۇرۇشقا بۇيرىغاندى . سەن بىر خىل خىجىللىق ئىكىدە سىنىپتىكىلەرگە قاراپ قويغاندىن كېيىن يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردۇڭ . بۇ بىزنىڭ سىنىپقا كىرگەن تۇنجى كۈنۈڭ بولغاچقىمۇ گەپمۇ قىلمىدىڭ . تەنەپپۇس ئارىلىقلىرىدا بولسا ئوغۇللار سېنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كېتەتتى ، ئوغۇللار بىلەنغۇ بىردەمدىلا چىقىشىپ كەتتىڭ ، ئەمما قىزلارغا تېخى گەپ قىلىپ باقمىدىڭ ، بەلكىم خىجىل بولغانسەن . مەنمۇ ساڭا گەپ قىلماي ئولتۇرىۋەردىم ، شۇنداق قىلىپ سەن بۇ بىر كۈننى گەپمۇ قىلماي توشقۇزدۇڭ . ئەلۋەتتە مەن بۇنى توغرا چۈشەندىم . چۈنكى سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن بولغان بولساممۇ تۇنجى كۈنىلا ھەممەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ كېتىشىم مۇمكىن ئەمەستە . ئەتىسى ئەتىگەندە مەن تەكرار قىلىۋاتسام سەن ئاخىرى ئېغىز ئاچتىڭ .
    - ئىسمىڭىز نىگارمۇ ؟
    - ھەئە .
    - تېكىست يادلاۋېتىپسىزدە ؟
    -ھەئە ، بۈگۈن خەنزۇتىلى دەرسىدە تېكىست يادلىتىدۇ ئەمەسمۇ .
    - ھە.....
    مانا بۇ بىزنىڭ تۇنجى پاراڭلىشىشىمىز بولدى . شۇنىڭدىن تارتىپ سەن مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرېۋەردىڭ . ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى . بىركۈنى مەن تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرۇپ سېنىڭ ماڭا قاراۋاتقانلىقىڭنى سەزگەندەك بولۇپ ساڭا قارىسام سەن كۆزلىرىڭنى ئىتتىك ئېلىپ قاچتىڭ . مەنمۇ پەرۋاسىز ھالدا تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەۋەردىم . كېيىن يەنە شۇنداق بولدى ، مەن سەل ھەيران قالدىم ، سېنىڭ نېمىگە بۇنچىۋالا قاراپ كەتكەنلىكىڭنى سوراي دېدىميۇ لېكىن سورىيالمىدىم . كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ بىر مەۋسۈممۇ توشۇپ بىز تەتىلگە چىقتۇق . ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، تەتىل كۈنلىرىدە سېنى سېغىنىپ قالغانىدىم . بۇ سېغىنىشىمنىڭ سەۋەبىنىمۇ دەپ بېرەلمەيمەن ، بەلكىم ساۋاقداشلىق مېھرىدۇ ، مەنمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلدىم . ئۆز-ئۆزۈمگە <<ئۇنى ياخشى كۆرۈل قالمىغاندىمەن ھە ، ياق بۇ مۇمكىنمۇ ، ئۇ ساۋاقدىشىم يەنە كېلىپ پارتىدىشىم بولغاچقا سېغىنىۋاتىمەن ، ھەرگىزمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالمىدىم >>دەپ تەسەللىي بېرەتتىم . ئەمەلىيەتتە مەن كۆڭلۈمنى بەزلەش ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئالداۋاتاتتىم . ئاخىرى بۇ سېغىنىشلىق مىنۇتلارمۇ ئاخىرلىشىپ ئوقۇش باشلاندى . ئوقۇش باشلىنىپ تۇنجى كۈنى سېنىڭ يەنە ئۈمىدۋارلىق چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىڭ كۆزلىرىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى ، ئەمما بۇ قېتىم سەن ئەمەس بەلكى كۆزلىرىمنى ئېلىپ قاچتىم . مەن شۇ چاغدىلا سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى كۆڭلۈمدە ئېتىراپ قىلدىم . مەن سېنىڭ كۆزلىرىڭگە قاراپلا ھەممىنى چۈشەندىم . توۋا ، كۆز دېگەن كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى دەپ ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئېيتقانىكەن ، سېنىڭ كۆزلىرىڭ ھەممىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى .
    بىركۈنى مەن تەنەپپۇس توشۇپ سىنىپقا كىرىۋېتىپ سېنىڭ سومكامغا بىر نېمىنى سېلىۋاتقانلىقىڭنى كۆرۈپ قالدىم . سەن مېنى كۆرۈپ ئىتتىك ئۆزۈڭنى ئوڭشىۋالدىڭ ، مەن بىر خىل گۇمان نەزىرىدە ساڭا قارىدىم ، ئەمما سەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئولتۇراتتىڭ ، مەن ئۇ نەرسىنى تېزراق كۆرۈپ بېقىشنى ئويلايتتىم . مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە يېنىپ كەلگەندىن كېيىن قارىسام سېنىڭ سېلىپ قويغىنىڭ بىر پارچە خەت ئىكەن . مەن سېنىڭ نېمىلەرنى يازىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم ، بايا ئېيىتقىنىمدەك كۆزلىرىڭ بۇنى ماڭا ئاللىقاچان ئېيتپ بولغانىدى . مەن كۆڭلۈمدە خۇشال بولغان بولساممۇ ، ئەمما سېنىڭ تەلىپىڭگە نېمىدەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلمەي گاڭگىراپلا قالغانىدىم . مەن ئويلىنىپ ساڭا << بىزنىڭ ئىمتاھانىمىز يېقىنلاپ قالدى مەن تېخى بۇ ئىشلارنى ئويلاشقۇدەك بولمىدىم ، بىز ئاۋۋال ئىمتىھاننى بېرىۋالايلى ئاندىن بىر گەپ بولا >> دەپ تەلىپىڭنى رەت قىلدىم . لېكىن سېنىڭ كەينىدىن يەنە نەچچە پارچە خەت يېزىپ تۇرۇۋېلىشىڭ بىلەن مەن سېنىڭ تەلىپىڭگە قوشۇلدۇم ، چۈنكى مەنمۇ مۇھەببىتىمنى يوشۇرۇپ قالالمىدىم .
    شۇنداق قىلىپ بىز سىنىپتا كۈندە بىللە تەكرار قىلاتتۇق ، سەن تەبىئىي پەندە ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئىدىڭ ، شۇڭا مەن سەن بىلەن تەكرار قىلىش جەريانىدا فىزىكا نەتىجەم كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . سەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇڭ .  بىز مەكتەپتىن بىللە قايتاتتۇق ، سەن ماڭا كەلگۈسىدىكى ئارزۇ -ئارمانلىرىڭنى سۆزلەپ بېرەتتىڭ .
    - نىگار سەن كەلگۈسىدە نېمە بولۇشنى ئارزۇ قىلىسەن ؟
    - مەن داڭلىق دوختۇر بولسامكەن دەيمەن ، سەنچۇ ؟
    - مەن فىزىكا ئالىمى بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن ، ئۆزەڭمۇ بىلىسەن مەن فىزىكىنى بەك ياخشى كۆرىمەن .
    - سەن چوقۇم بولالايسەن ، تىرىشقىن .
    - سەنمۇ شۇ ، سەن دوختۇر بولۇپ قالساڭ ، ئاق خالات ساڭا چوقۇم بەك يارىشىدۇ ، ساڭا ھەرقانداق نەرسە يارىشىدۇ ، ئىشقىلىپ ئارزۇيۇڭغا يېتەلەيدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن .
    - ۋاي بولدى ئادەمنى مازاق قىلمىغىنە ، تازىمۇ بىر .
    - كىم سېنى مازاق قىپتۇ ، سېنى مازاق قىلىپ بىكار قالغان ئاغزىم بولمىسا مېنىڭ .
    - بىكار قالغان ئاغزىڭ بولغان بولسا مازاق قىلاتتىڭ ھە .
    - ئادەمنى تىرىكتۈرىمەنلا دەيسەن ھە ، سېنى مازاق قىلىپ بېشىم ئون ئەمەس مېنىڭ ، ھېلى ئادەمنى تىللاپلا كېتەرسەن .
    - خەپ مەن شۇنداق ئەسكىما ، قاچان سېنى تىللاپ باقتىم مەن ، بولدىلا سەن بىلەن ماڭماي ئۆزەم يالغۇز كېتەيچۇ ، خوش .
    - ھەي.......نىگار ، توختا ، ساڭا چاقچاق قىلىپ قويدۇم ، سەن مېنى نەدە تىللايسەن ، خاپا بولمىغىنە بولدى ، ھەجەپ نازۇك بولۇپ كېتىپسەن .
    - بولدى خوش مەن شۇنداق نازۇك ، ئەتە سەندىن بىر ھېساپ ئالىمەنغۇ تېخى .
    ئىككىمىز شۇنداق ئىناق ئۆتكەنىدۇق . ھەممە ساۋاقداشلار بىزگە ھەۋەس قىلىپ قاراپ كېتەتتى . بۇنداق چاغلاردا سەن ئىللىققىنا كۈلۈپ قوياتتىڭ . شۇنداق قىلىپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى . بىزمۇ تولۇق 3-يىللىققا چىقتۇق . بۇ بىزنىڭ ئەڭ جىددىي ۋاقىتلىرىمىز ئىدى . چۈنكى ھەر ئىككىلىمىز ئەڭ ياخشى ئالي مەكتەپلەرگە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلاتتۇق . ئۇ چاغدىكى مۇھەببىتىمىزگە سەبىيلىك ئارلاشقانىكەن . بىز گەرچە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرەي دەپ قالغان بولساقمۇ ، ئەمما بىز تولىمۇ سەبىي ئىكەنمىز . مەن ھەرقېتىم سېنىڭ كۆزلۈرۈڭگە قارىغىنىمدا كۆزلۈرۈڭدىن بىر خىل سەبىيلىك ، پاكلىق ئارىلاشقان ئۈمىدۋارلىق چاقناپ تۇراتتى . مانا سەن مۇشۇ ئۈمىدۋارلىقىڭ بىلەن ئاخىرى ئۆزۈڭ ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈڭ ، مەنمۇ ھەم شۇنداق ، ئاخىرى ئارزۇيۇمدىكى مەكتەپكە باردىم . لېكىن بىز ئالىي مەكتەپكە بېرىپ بىر-بىرىمىزنى نېمىشقا ئىزدىمەيمىز ؟ بۇ بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ ۋەيران بولغىنىمۇ ؟ ياق بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس ، سەن ئۇنداق ۋاپاسىزلاردىن ئەمەس .
    شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى ، ساڭا تېلىفۇن قىلسام تېلىفۇنۇڭ توختاپ قاپتۇ ، قارىغاندا سەنمۇ كارىڭنى ئالماشتۇرىۋەتكەن ئوخشايسەن . كۈنلەر شۇنداق ئۆتىۋەردى . مەن بەزىدە سەندىن رەنجىپمۇ قالاتتىم . چۈنكى سەنمۇ مېنى ئىزدەپ كەلمىگەنىدىڭ ، بەزىدە سېنى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپمۇ قالاتتىم . كېيىن مەن سېنىڭ يېقىن  ئاغىنەڭنى ئۇچرىتىپ قالدىم . ئۇ ماڭا سېنىڭ مېنى نەچچە قېتىم ئىزدەپ بېرىپ زادىلا تاپالمىغانلىقىڭنى ، سېنى چوقۇم ئىزدىشىمنى ئېيتىپ ، ھازىرقى تېلىفۇن نومۇرۇڭنى يېزىپ بەردى . ئەمما مەن ساڭا تېلفۇن قىلمىدىم .
    ھازىر ئويلىسام نېمىشقا شۇ چاغدا ئۇ ئاغىنىڭگە تېلىفۇن نومۇرۇمنى يېزىپ بەرمىگەندىمەن دەپ پۇشايمان قىلىمەن ، ئەگەر يېزىپ بەرگەن بولسام سەن مېنى چوقۇم ئىزدەيتتىڭ ئەمەسمۇ ! نېمانچە دۆتلۈك قىلغاندىمەن ، بەزىدە ئادەم شۇنداق بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ .
    كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈۋاتاتتى . بەزىدە پات-پات بۇرنۇم قانايدىغان بولۇپ قالدى . مەن دەرسلەر ئېغىر كېلىپ چارچاپ كەتكەن ئوخشايمەن دەپ پەرۋاسىز يۈرىۋەردىم . بۇرنۇم كۈندە قانايتتى . بەزىدە توختىتالماي جىددىيلىشىپ كېتەتتىم . ئاخىرى مەۋسۈم توشۇپ ، تەتىلگە چىقتۇق . ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ بۇرنۇم كۈندە قاناپ تۇردى ، بېشىممۇ قېيىپلا تۇراتتى . ئاخىرى ئاپامنىڭ زورلاپ تۇرۇۋېلىشى بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپام بىلەن بىللە باردىم . 
    بىر كۈنى ئاپامنىڭ يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ نېمە بولغانلىقىنى سورىسام ، ئاپام دېگىلى ئۇنىمىدى . مەن چوڭ دادامغا چاي دەملەپ كىرىۋېتىپ ، ئىشىكنىڭ يېنىغا كەلگەندە ، ئاپامنىڭ <<دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتۇق ، دوختۇر ئۇنى ئاق قان راكى دەيدۇ ، بىچارە قىزىم بىر مەۋسۈم بۇرنى قانىسىمۇ چىداپ كەپتۇ >>دەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم . قولۇمدىكى چەينەك يەرگە چۈشۈپ كەتتى . كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ يىقىلدىم . كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن ، ئاپام يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ .
    ھەي توۋا ، ئېسىڭدە بارمۇ ؟ ئىلگىرى بىزنىڭ سىنىپىمىزدىكى ئادىلە دېگەن قىزمۇ ئاق قان راكى بولغاندى . ئۇ قىزنىڭ ئاكىسى روسىيىدە بولغاچقا ، ئۇ قىزنىمۇ شۇ ياققا ئاچىقىپ ، يىلىك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇراتتىكەن ، بولمىسا ئۇ ئۆلۈپ كېتىدىكەن . ئۇ قىزنىڭغۇ يىلىكىنى بېرىدىغان ئاكىسى بار ئىكەن ، ئەمما مېنىڭچۇ ؟مېنىڭ يا بىرەر قېرىندىشىم بولمىسا ، مانا مۇشۇنداق ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرامدىم ؟ كىمدۇر بىرى << بۇ ئاجايىپ كېسەلكەن ، ھەتتا ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ يىلىكى توغرا كەلمەيدىكەن ، پەقەت بىر تۇغقان قېرىنداشلارنىڭلا يىلىكى ماس كېلىدىكەن ، بۇ نېمىدىگەن ئادالەتسىزلىك ھە ! قېرىندىشى يوقلارغا ھەقىقەتەن بەك ئۇۋال بولىدىكەن >> دېگەنىكەن . مەن ھازىر شۇ گەپلەرنى ئويلاپ ئازابلىنىۋاتىمەن . كىمنىڭمۇ بۇ دۇنيادىن بۇنداقلا كېتىپ قالغۇسى بار دەيسەن ، لېكىن رەھىمسىز تەقدىر مېنى شۇنداق قىلشقا مەجبۇرلاۋاتمامدۇ . مېنىڭ سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاخىرقى قېتىم ئاڭلىۋالغۇم ، سېنى ئاخىرقى  قېتىم كۆرۈۋالغۇم بار ئىدى . لېكىن بۇ نېسىپ بولامدۇ-بولمامدۇ ئاللا ئۆزى بىلىدۇ . ئەگەر مەن ئۆلۈپ كېتىپ قالسام تەتىلدە كەلگەنلىرىڭدە قەبرەم بېشىغا چىقىپ قويارسەن ، چۈنكى شۇ يەرگە مېنىڭ ئاخىرقى ھىدلىرىم سىڭىپ كەتكەن ئەمەسمۇ .
    خەير ئاللاغا ئامانەت ، كۈنلىرىڭگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن ، تېلىفۇن نۇمۇرۇمنى خەتتە يېزىپ قويدۇم ، تېلىفۇن قىلارسەن ياكى خەت يازارسەن . ئاللا ئىگەمنىڭ سېنى يامان كېسەللەردىن ساقلىشىنى تىلەيمەن .

    رېئاللىق ھامىنى رېئاللىق ، ئۇنى كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن ئانا تۇپراقنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا كۆمۈۋەتكىلى ، ئانا دەريانىڭ قوينىدا ئېقىتىۋەتكىلى بولمايدۇ ، ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ . بىز كىشىلىك ھاياتىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئىشلارغا دۇچ كېلىمىز ، مەيلى قانداقلا ئىش بولسۇن ھاياتقا كۈلۈپ قارايلى ، چۈنكى ھاياتنىڭ ئۆزى بىر ئەينەك ، سىز ئۇنىڭغا كۈلۈپ باقسىڭىز ، ئۇ سىزگە تېخمۇ گۈزەل ھەم سۆيۈملۈك كۆرىنىدۇ . 

    مانا قولۇمدا ئۇنىڭدىن كەلگەن بىر پارچە خەت ، بۇ چاغدىكى خۇشاللىقىمنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن ، خەت قوللىرىم بىلەن قوشۇلۇپ تىترىمەكتە . كۆز چاناقلىرىمدىكى ياشلىرىمنى يۇتۇۋەتتىم ، چۈنكى  يىغلىسام بولمايدۇ ، كىچىكىمدىنلا يىغلاشنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيتتىم ، رەھمەتلىك بوۋام بۇرۇن دائىم ماڭا << قىزىم ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ يىغلىمىغىن ، يىغلىغان بىلەن ھېچ ئىشنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ ، يىغلاش ئاجىزلىقنىڭ بەلگىسى >>دەيتتى . بوۋامنىڭ مۇشۇ گېپى ماڭا بەك تەسىر قىلغاچقىمىكىن ، كۆز چاناقلىرىمدىن تېشىپ چىقاي دېگەن ياشلىرىمنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپ تۇرۇۋالدىم .  خەتنى تۇتقان پېتىم ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئوقۇشقا تەمشەلدىم .

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نىگار
    مۇشۇ تاپتا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن ، خېتىڭنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي بەك خۇش بولۇپ كەتكەنىدىم ، لېكىن ئوقۇپ كۆرۈپ ئىزىمدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم ، دەسلەپ سېنى ماڭا چاقچاق قىلىۋاتىدۇ چوقۇم شۇنداق ئۇ ئەزەلدىن ماڭا چاقچاق قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى دەپ ئويلىدىم ، كېيىن خېتىڭنى تولۇق ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن سېنىڭ ماڭا چاقچاق قىلمايۋاتقانلىقىڭنى بىلدىم . كۆڭلۈمدە نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئويلىدىم ، ئەگەر دوختۇر بىخەستىلىك قىلىپ خاتا دېئاگنوز قويۇپ قويغان بولسىچۇ دەپ كۆڭلۈمنى ياسىدىم ، مەن چىدىمايۋاتىمەن ، سەن نېمىشقا بۇنداق كېسەل بولۇپ قالىسەن ؟ نېمىشقا !!  ئاھ..تەقدىر..
    سەن مەندىن چوقۇم رەنجىدىڭ ..ئۆزۈڭنى ئىزدىمىگەنلىكىم ئۈچۈن رەنجىدىڭ ، توغرا سەن رەنجىشكە ھەقلىق ، مەن سېنى ئىزدىدىم لېكىن سەن شۇ چاغلاردا نەگىمۇ كەتكەن بولغۇيتتىڭ ، چارچىشىڭغا قارىماي دەرس تەكرارلاۋاتامتىڭ ؟ ياكى سەنمۇ مېنى ئىزدەپ يۈرگەنمىدىڭ ؟ نېمىشقا بىز ئۇچرىشىپ قالمىغان بولغۇيتتۇق ..ھازىر ئويلىسام پۇشايمان قىلىمەن ، ئادەم دېگەن زادى شۇنداق نەرسىكەن ، بار چاغدا قەدرىنى بىلمەيدىكەنمىز ، يوقاتقاندىن كېيىن بولسا ، شۇنى ئىزلەيدىكەنمىز ،،،ئەگەر سەن كېتىپ قالساڭ مەن مەڭگۈ ئازابتا قېلىشىم مۇمكىن ، بىلدىڭمۇ ؟ مېنى دەپ بولسىمۇ ھاياتقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارا بولامدۇ ؟ مېنىڭچە دوختۇرنىڭ ھەممە گېپى توغرا بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ، ئۇ چوقۇم خاتالاشتى ، مەن مانا مۇشۇنداق ئۈمىدۋار سەنمۇ شۇنداق بولغىن ، ئۆتۈنۈپ قالاي ،،،،،،،،،ئۈمىدسىزلەنمە .
    ھەراس سەن خېتىڭدە نۇرغۇن ئەسلىمىلەرنى يېزىپسەن ، ئۇ ئەسلىمىلەر مېنىڭمۇ قەلبىمدە چىڭ ساقلاقلىق ، ئۇنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ ، ئۇ پەقەت ئىككىمىزگىلا تەئەللۇق ، بىلدىڭمۇ ؟!
    مۇشۇ تاپتىدا ئۆزۈمنى ئاران بېسىۋېلىپ بۇ خەتنى ساڭا يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، زادى ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ، سېنى ھازىرلا بۇ بۇ كېسەل قاينىمىدىن تارتىۋالغۇم بار ، لېكىن بەندىدە نېمە ئامال ؟
    قايسى بىر روماندا <<ئوغۇل بالىمۇ يىغلاش نۆۋىتى كەلسە يىغلىشى كېرەك ، يىغلاش گەرچە ئاجىزلارنىڭ بىر قورالى بولسىمۇ ، لېكىن ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس >>دەپ يېزىلغانىكەن .
    بەزى ئادەملەر ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن يىغلاپ ئېقىپ كېتىدىكەنغۇ ، مەنمۇ بىر يىغلىۋالاي ،،،نىگار ،،،مۇشۇ قېتىم يىغلىۋالسام  ئازابلىرىم كۆز ياشلىرىم بىلەن تەڭ چىقىپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ . شۇڭا ...
    سەن بەك غەيرەتلىك ،سەن ئۆزۈڭ ماڭا مۇشۇنداق ئۈمىدۋارلىقنى ئۆگەتكەن ، سەن مېنى ئاخىرقى قېتىم كۆرىۋالسام دەپسەن ، نەدىكى بىر گەپلەرنى قىلىدىكەنسەن ، ئاخىرقى قېتىم ئەمەس كۈندە كۆرەلەيسەن مېنى ...قالايمىقان ئويلىما ، مەن سېنى كەتكىلى قويمايمەن ، مېنى تاشلاپ قويۇپ نەگە كەتمەكچىتىڭ ، مەن سېنى سەن ئارزۇ قىلغان يەرلەرگە ئۆزۈم ئاپىرىمەن . مېنى چوقۇم ساقلا.
    ئاللاغا ئامانەت سېنىڭ ھەر ۋاقىت سالامەتلىكىڭنى تىلەپ : ئەزىمەتتىن .
    مەن خەتتىكى بىر نەچچە بويۇلۇپ كەتكەن يەرلەرنى كۆردۈم ، ئېھتىمال بۇ ئۇنىڭ ئوغۇل بالىمۇ ۋاقتى كەلگەندە يىغلاش كېرەك دېگەن سۆزىنىڭ گۇۋاھچىسى بولسا كېرەك ، مەنمۇ ئەمدى چىداپ تۇرالمىدىم خەتنى چىڭ سىقىمدىغىنىمچە يىغلاپ تاشلىدىم .

     


    تۈگىدى .....