• پەرىشتە ئانا -ئالۋاستى بالا - [تورداشلار ئەسەرلىرى]

    پەرىشتە ئانا -ئالۋاستى بالا

     

    كەپسىز قىز  يازمىسى

     

     

    ئېسىمنى بىلسەم دادام ئاشقازان راكى بىلەن ئاپام ئىككىمىزنى تاغاردا بىر قەرىزگە بوغۇق قۇيۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن ،ئاپام بىچارا مەسۇم ،ھاردىم- تالدىم دېمەي ،دادامنىڭ كېسلىنى داۋالىتىش ئۇچۇن ئالغان قەرىزلەرنى تۆگتۇش ئۇچۇن كىچنى- كۇندۇزگە ئۇلاپ  جاپالىق ئەمگەك قىلاتتى ،قەرىزلەرنى ئاز دېگەندەك مىنىڭ تۇرمۇش ،ئوقۇش خېراجىتىم قۇشلۇپ ياش ئاپام قېرماي تۇرۇپ موماي بۇلۇپ قالغان ئىدى .
    ئاپامنىڭ ۋاقىتسىز ئاقارغان چاچلىرىغا قاراپ ئۆزۇمنىڭ يارماس ئوغۇل بۇلۇپ قالغىنىمغا پۇشايمانمۇ قىلىپ كېتەتتىم ،بۇنداق چاغلاردا پەرىشتە ئاپام كۆڭلۇمدىكنىى بىلۋالغاندەكلا ،ئوماق تاھىرجان بالام ،سەن مىنىڭ يۈرەك پارەم ،مەن سەنسىز ياشيالمايمەن ،سېنىڭ بەختىڭ، خۇشاللقىڭ ،مىنىڭ بارلىقىم ،پەقەت سەن ياخشى ئوقۇپ ئالىي بىلم يۇرتىدا ئىلىم ئىگەلەپ ،كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولساڭلا مەن دوزاقتىكى ئوت دېڭىزغمۇ كېرىشكە تەييار ،جېىنم بالام چۇقۇم ياخشى ئوقۇپ مىنىڭ ئاق سۇتۇمنىڭ ئەجىىرنى ئاقلا ،شۇنداق قىلالىساڭلا ،مەن ئىككىلا ئالەم سېنىڭدىن رازى بۇلمەن .
    ئاپامنىڭ بۇ سۆزنى ئاڭلاڭ ، ئەگەر دادام بىلەن ئاپامدىن كېيىن قالغان بولسام ،ئۆگەي ئاپدىن بىرنى تېپىپ بېرىپ نەلەرردە ،كىملەرنىڭ كۆزگە قاراپ ياشاپ يۇرەتتىم ،كونلارنىڭ "ئالتۇن باشلىق داداڭ بىلەن قالغىچە ،پاخما باش ئاپاڭ بىلەن قالغىنىڭ ئەۋزەل "دېگەن سۆزنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم .ئىچىمدە ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئاپامغا سالامەتلىك ئۇزۇن ئۈمۇرنىڭ يار بۇلۇپ ،مىنىڭ كېيىنچە كۆرستىدىغان راھىتىمنىڭ مەلىكىسى بۇلشنى تېلدىم ،ھەم چۇقۇم ياخشى ئۆگنۇپ ئاپامغا جاۋاب قايتۇرماقچى بولدۇم .
    ئۇلۇغ ئاللاھ بەندىسىنى كەچ قويغان بىلەن ئاچ قويمايدىكەن ،دادامدىن ئايرىلغان بىلەن مېرىبان ئاپامنىڭ جاپالىق ئەجىرى ، ئۆزۇمنىڭ تېرىشچانلىقى بىلەن مەركىزى شەھەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتىغا شەھىرمىزدىن بىرنجى نەتىجە بىلەن ئۆتۇم ،ئالەمچە شاتلاندىم ،ئۆزۇمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك سەزدىم ،ئۇلۇغ ئاپام مەندەك بەكرەك خۇشال ئىدى ،چاقىرىق كەلگەن كۇنسى كچىچە ئاپام جەينىماز ئۇستىدىن چۇشمەي بىر نىملەرنى دەپ دۇئا قىلۋاتاتتى ،تۇيۇقسىز چاقىرقتىكى  تۆت يېرىم مىڭ كوينىڭ غېمى كاللامغا كېرىپ قالدى .پۇلنىڭ غېمدە يېلاندەك تولغۇنۇپ ئوخلىيالمايۋاتاتتىم ،پەرىشتە ئاپام جەينىمازدىن قوپۇپ مىنىڭ تورۇسقا قاراپ ياتقىنى كۆرۇپ بېشىنى سېلاپ تۇرۇپ ،
    جېنىم بالام ،مىنىڭ ئوماق تاھىرجان بالام ،پۇلدىن غەم قىلۋاتسەن ھە خاتىرجەم بول بالام ،قېرى جانىم ئامان بولسا سېنى ئوقۇسىز قالدۇرمايمەن ،پۇلنىڭ غېمىنى ئۆزۇم جۆندەيمەن ،خاتىرجەم ئوقۇش تەييارلىقنى قىل دېدى ،
    ئويلاپ كۆرۇڭلار دوسلار قېرى مۇكچەيگەن 50 ياشلىق تۇل خوتۇن قانداق جۇندەيدۇ بۇ پۇلنى ،بۇ يە 40 كوي ،400 كوي بولمىسا ،ئېغىر خۇرسۇنۇپ ئاپامغا
    ئاپا ،ئەمدى ئوقىماي سىزگە قارشايمىكىن دېدىم
    ئاپامنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى تۇيۇقسىز نۇرلۇنۇپ كەتتى ،
    پوق يەپ قالمىغانسەن تاھىرجان بالام ،تۇلا قالايمىقان گەپ قىلماي ،چوڭ شەھەردىكى ئۇيۇنغا دۇم چۇشمەي ،ياخشى ئوقۇپ بەرسەڭ بولدى ئارتۇق گەپ قىلماي ئوخلا دېدى ھەم پىشانەمگە بىرنى سۈيۇپ ئورنىغا كېرىپ چېراقنى ئۆچۇردى ،ئۇزاقىچە ئويلاندىم ،ئويلا -ئويلا ئاخىرى ئالىي مەكتەپكە بېرىپ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ ،بىر تەرەپتىن ئىشلەپ تۇرمۇش خىراجىتىمنى ئۆزۇم كۆتۇرمەكچى بولدۇم .
    ناھيە، يېزا كادىرلىرمىز مىنىڭ ئائىلە قىيىنچىلقىمنى بىلىپ مىنىڭ ئوقۇش خېراجىتىمنى ھۆكمەتىن ھەل قىلىپ بەردى ،ئاپامغىمۇ ھەر ئايدا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىردىغان بولدى ،شۇنداق قىلىپ خاتىرجەم ھالدا ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان ئۈرۇمچىگە ئانا يۇرۇت ،پەرەشتە ئاپام ،دوس- بۇرادەرلىرمنى قالدۇرۇپ يېتىپ كەلدىم ،رەت -رەت بىنالار ،قاتار -قاتار ماشىنا ،مىغ -مىغ ئادەملەر ،مىنى ھەيرەتتە قالدۇراتتى ،ئونۋېرسىت ئىچمۇ بىزنىڭ يېزدىن چوڭ ئىدى ،ياتاق بىناسى ئىللىق ،يۇرۇق ئىدى ،مەكتەپ تاماقلىرى شۇنداق مىزللىك ،مەن چوڭ بۇلۇپ كۆرۇپ باقمىغان رەڭگاراڭ ئىدى ،
    ياتاقتا مەن قەشقەردىن ،يەنە ئىككى ئاقسۇلۇق ،بىر كورلا ،بىر قارماي ،بىر ئۈرۇمچىلىك بۇلۇپ ئالتىمىز بىرگە تۇراتتۇق ،ئىككى ئاقسۇلۇق تۈۋەن تەبىقىدىكى  باللار بولغاچقا ئاسانلا چىقشىپ كەتتۇق ،قالغانلار يالغۇز پەرزەنتلەر ،باشلىق باللىرى بولغاچ بىزنى ئارغا ئالمايتتى ،ھە دېسە بىزنى گەپتە چۇشۇرۇپ شاڭخو قىلاتتى ،مەنغۇ كىچكىمدىن ھاقاراەت ،جاپا ئىچىدە چوڭ بولغاچقا ئانچە ئېغىر ئېلىپ كەتمىدىم ،لىكىن ئىككى ئاقسۇلۇق دوستۇم دائىم ئۇلار بىلەن زۇكىرلىشاتتى ،
    كۇنلەر ئايلارنى قوغلۇشۇپ ،جىدى ئۆتمەكتە ئىدى ،ئۆگنىش رېتمىز شۇنداق تېز ئىدى ،مەن بۇ مۇھىتقا ماسلىشىش ئۇچۇن ئۇنسىز تېرشاتتىم ،توختىماي ئاپامنىڭ سۆزلىرىن ئەسلەيتتىم شۇڭمۇ مىنۇت ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۇزگۇم كەلمەيتتى ،تېرىشقان ئاشار دەپ نەتىجىلىرىممۇ سىنىپ بۇيۇنچە كۆزگە كۆرنەرلىك ئىدى ،بۇنىڭلىق بىلەن بۇشاپ قالماي تېخمۇ بەك تېرىشاتتىم ،ئاللاھ ئەجىر ئەزىم بېرىپ يىل ئاخىردا ئەلاچى بۇلۇپ مەكتەپنىڭ بىرنجى دەرجىلىك ئوقۇش موكاپات پۇلغا ئېرىشتىم ،قىشلىق ھەم يازلىق تەتلىدە ئۆيگە بېرىپ بىر ھەپتە تۇرۇپلا مەركىزى شەھەرگە قايتىپ كېلىپ ئىش تېپىپ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمنىڭ پۇلسىنى غەملىدىم ،ئاپامغا ئىككى كۇندە بىر تېلغۇن قىلىپ ئۆزۇمنىڭ تىنىچلىق خەۋېىرىمنى ،ئاپامغا يەتكۇزگەچ ،ئاپامنىڭ ئامان ئىسەنلىكىنى بىلىپ تۇردۇم ،ئىشلىگەن چىشلەيدۇ دەپ ئوقۇش خېراجىتىمدىن باشقا ئاپامغىمۇ ئاز بولسىمۇ پۇل -پۇچەك ،ئەرزان بولسىمۇ ئون- يېگىرمە يېلدىن بىرسىگە كىيىپ باقمىغان يېڭى كېيىم ئەۋەرتىپ تۇردۇم ،پەرىشتە ئاپام ھەر قېتىم مەن ئەۋەتكەن نەرسىلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندە ماڭا تېلغۇن قېلىپ توختىماي "رەھمەت تاھىرجان بالام رەھمەت"دېگەندە يۇركۇم ئېچشاتتى ،ئۇچۇپ بېرىپ ئاپامنىڭ باغرىغا ئۆزۇمنى ئاتقىم ،ئاپامنىڭ يېرلىپ چىپارقۇت بۇلۇپ كەتكەن تاپنى ئاسىتىدا ئۆمىلەپ يۇدۇپ مەككگە ئاپىرىپ ئاق سۇت ئەجىرگە جاۋاپ قايتۇرغۇم كېلەتتى ھەم ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ شۇنداق كۇنلەرگە ئۇلاشتۇرشىنى تېلەيتتىم ،
    ئىككىنجى ئوقۇش مەۋسۇممۇ ئوخشاشلا ئالدىراشچىلىق ئىچىدە باشلاندى ،ياتقىمىزدىكى ئۈرۇمچىلىك دېدارنىڭ دادسى شەھەردىكى مەلۇم ئىدارىگە مۇئاۋىندىن جىڭ بۇلۇپ ئۈسكەندىن كېيىن ئۇنىڭ گېپى تېخمۇ يوغاندىن ،كۇندە كەينىگە كورلۇق ،قارمايلىق ئىككىسىنى سېلىپ رېستۇران ،قاۋاق ،دېسكوخانلاردىن كەلمەيتتى ،ياتاققا قايتىپ كەلسە توختىماي شۇ سورۇنلارنىڭ گېپىنى قىلىپ خوددى ئۆزلىرى ھىچكىم قىلىپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلغاندەك ماختىنىپ سۆزلەيتتى ،ئاقسۇلۇق دوستۇمنىڭ بىرسى ئۇنىڭ سېپىگە قۇشۇلدى ،ياتاققا تۆت ھاراقكەش ،بەڭگە بىلەن بىلەن ئىككى مۆمىن تاڭسىڭ قالغان ئىدۇق ،ئۇلار دەرىس تاشلاپ قىز قۇشلاپ يۇردى ،مەن  شۇندىمۇ ئىرادەمنىڭ بۇشاشتۇرماي تېرشاتتىم ،ئاپامنىڭ ئەجىرگە ،يازدا ئاياغ پۇلنى تېجەش ئۇچۇن  يالاڭ يۇرۇپ ئاپتاپتا كۆيۇپ ،تىكەندە تاۋلانغان تاپانلىرىغا  ،كېچىچە خەقنىڭ كىرىنى يۇيۇپ قان ئۇيغان قولىرىغا ،باشقىلارنىڭ يىڭنە ئىشلىرىنى قىلىپ ناماز شام قارىغۇسى  بۇلۇپ قالغان كۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۇچۇن تىرشىپ ئوقۋاتاتتىم ،
    بىرشەنبە كۇنى دېدار بۇگۇننىڭ ئۆزنىڭ توغۇلغان كۇنى ئىكەنلىكىنى توغۇلغان كۇننى **دېسكوخانسىدا ئۆتكۇزدىغانلىقىنى ،ياتاقتىكى ئوغۇللارنىڭ داخل بولمىسا بولمايدىغانلقى ئېيتتى،مەندىن باشقا تۆت ياتاقدېشىم قۇشۇلدى ،مەن ھەر شەنبە ،يەكشەمبە دەم ئېلىش كۇنلىرى مەكتەپ ئاشخانسىدا قاچا يۇيدىغان بولغاچقا بارماي ئۆز ئىشىمنى قىلماقچى بولدۇم ،بۇ چاغدا دېدار
    ئوخو تاھىرجان بالام "بۇلار دائىم مىنى شۇنداق ئاتايتتى "،قاچا يۇيۇپ ئالدىغان مۇئاشىڭنى مەن بېرەي ،مىنىڭ باھانىمدا بېرىپ ئوينىۋال ،كېيىنچە بىرەر ئىسىل يەرلەرگە كىېرىپ قالساڭ ،ئاياغ سېلىپ تۇشۇك پايپاقلىرىڭ بىلەن سوكۇلداپ يۇرسەڭ  بىز ياتاقداشلارنىڭ يۇزگە سەت "ۋىيىت ،،،،،،،ھا،،،،،،،ھا،،،،،،ياتاق ئىچىدىن ئەبجەش زاڭ كۇلكە كۇتۇرۇلدى "
    ،باشقا سېرىتنىڭ ئادەملىرىنى چاقىرمىدىم ،شۇ بىزنىڭ ياتاقتىكى ئوغۇللار بىلەن ،مۇھابىتىمنىڭ ياتاقداشلىرى ،شۇ باھانىدە بىرەر قىز دوس تۇتۇپ قالامسەن تېخى ،ھى،،،،ھى،،،،پايدا كۆپ دەيمەن دېدى ،
    باشقا ئوغۇللارمۇ توختىماي مىنى زورلاشقا باشلىدى ،ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت دەيدىغان گەپ بار دېدىمدە ئۇلارغا ئەگەشتىم ،يول بۇيى خاتا يولغا ماڭغاندەك يۇركۇم دۇپۇلدەيتتى ،شۇندىمۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدە ئۈزۇمگە تەسسەللىي بېرەتتىم ،بولدى قىل تاھىر قاچانغىچە مۇشۇنداق ياشايسەن سەنمۇ ئادەم جاھان كۆرگەنگە بىر -ئىككى قېتىم دېسكۇخانغا كىرگەنگە نىمە بولاتتى دەيتم ،
    ۋاراڭ -چۇرۇڭ ،چېقىراق ناخشا مۇزىكا ئىچىدە ھىچكىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق ،ئالۋاستىلار ئوردىسغا قەدەم قويدۇم ،
    قىزلار ئالبۇرۇن كېلىپ بولغان ئىدى ،دېدار قىزلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ شوخلۇق بىلەن ،
    ۋاھ سەتەڭلار كېلىپ بوپسىلەردە سەت بولدى ھە ،ماۋۇ بىزنىڭ ياتاقنىڭ ئوغۇللىرى بەك ياسانچۇق ياسنىشتا قىزلارنىڭمۇ كەينىدە قاپتۇ ۋىيىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىيت
    ھا،،،،،ھا،،،،،،،ئارلاش يالغان كۇلكىلەر ئىچىدە دېدار جازا شارابىي ئىچىشكە باشلىدى قالغانلىرىمىز ئۇنىڭ بېشىدا قاراپ تۇردۇق ،ئىچىپ بۇلۇلغاندا قىزلار بىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ،
    توۋا جاھاندا مۇشۇنداق تاپتىن چىققان قىزلارمۇ بار ئىكەن ،ئۇلار قىزلار تونىغا ئورنىۋالغان قانخور تۇلكە جىنلار بولسا كېرەك ،توخىتىماي سېرىق يومۇرلار ئىچىدە رۇمكا سوقۇشتۇرۇپ ،تاماكىنى ئىتبارسىز قىڭغىر چىشلەپ سەھنە ئولتۇرسىغا چۇشۋېلىپ ئالا -تاغىل ۋاقىراپ" دىبا "خەلىق ئۇسۇلىرىغا جور بۇلاتتى ،ئىچىمدە بۇلارغا مىڭ لەنەت ئوقۇيتتۇم ،ئىسىت سەنلەرنىمۇ مىھىربان پەرىشتە ئانلار بۇدۇنياغا ئاپىىردە قىلغان ھە ،قېنى سەندىكى شەرمىي -ھايا ،قېنى سەندىكى ئەدەب -ئەخلاق ،قېنى سەندىكى ئادىمىي پەزىلەت ،داداڭ مۇشۇ مەيدىسى ئوچۇق دۇمبىسى ئوچۇم كېيىملەرنى كېيىپ يۇرسەڭ ساڭا لەنەت ئوقمامدىغاندۇ ،ئاپاڭ ئۇ كېيىملەرگە ئوت يېقىپ كۆيدۇرمەمدىغاندۇ ،توۋا چېرىكلىك ھادىمىي ھايۋانلىق دېگەن مۇشۇ ئوخشىمامدىغاندۇ دەپ ئۆز -ئۆزۇمگە پىچىرلايتتىم ،ياقامنى چىشلەپ يىپلىرىن يەپ بۇلاي دېگەن ئىدىم ،تۇيۇقسىز مۇزىكا توختاپ سەھنىدىكى بىزنىڭ چولپانلىرىمىز قايتتىپ كېلىپ  يەنە ئىچىشىنى باشلىۋەتتى ،يېنىمدىكى كىينىشى شۇنچىلىك ئاددى بىر قىز ماڭا بىر رۇمكا ھاراقنى تەڭلەپ تۇرۇپ
    قېنى ھۆرمىتىڭىزگە بىرنى تۇتۇم دەپلا ھاراقنى پاك -پاكىز ئىچۋەتتى ،دىېدار  قۇمۇلغا بىر رۇمكا ھاراقنى تۇتقۇزۇپ ھە تاھىرجان قىزلاردىن كىيىن قالساق بولمايدۇ سەنمۇ بۇ زۆھراخاننىڭ ھۆرمىتىگە بىرنى كۆتۇرۋەت دېدى
    مەن ئاستا ئۇستەلگە تېزىقلىق قىزىل چاينى قۇلۇمغا  ئېلىپ
    قەدىرلىك ساۋاقداشلار مەن ئەزەلدىن ھاراق ئىچىپ باقىمغان شوڭا مىنى توغرا چۇشنىشىڭلارنى ئۇمىد قىلمەن ھاراق ئورنىغا چاي ئىچەي دەپلا بىر بوتۇلكا قىزىل چاينى تىنماي تۇرۇپ ئېچۋەتتىم ،
    بۇ ھېساب ئەمەس ،دېدار ياتقىڭلاردا خېلى مەرىت -ئوغلانلار بارمىكىن دېسەم ئىنجى -مەرۇق خېنم مىجەز غىتمەكلەرمۇ ئاز ئەمەسكەن ھە دېدى دېدارنىڭ قىز دوستى رەنا ،ئۇنىڭ ئۇن خالتىسىغا چىلنىپ چىقاندەك قېنىق سۇرۋالغان ئۇپا ئەڭلىك يۇزلىرى كۆزۇمگە تېخمۇ سەت كۇرنىشكە باشلىدى
    خېنىم سىزگە ھاراق ئىچىپ بەرسەم ھەققىيى ئوغۇل بالا بۇلدىكەنمەندە ،قاراڭ تۇرقىڭىزغا ،قايسى مىللەتكە ئوخشاپ قالدىڭىز ،ئاتا -ئانڭىز مۇشۇنداق يۇرشىڭىزگە روخسەت قىلامدۇ دېدىم زەردە بىلەن ،
    ھوۋۇش ،دېدار نەدىكى بىر تومپاي سەھرالىقلارنى سورۇنغا باشلاپ كېلىپ ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ دېدى
    نىمە دەيدۇ ماۋۇ جىن سارڭى دەپ بىر ھاراق بوتۇلكىسىنى قۇلۇمغا ئېلىشىمغا دېدار بىلەن قېشىمدىكى ھېلقى زۆھرا قىز ئېسلىۋالدى ،
    توۋا ،،،،،توۋا،،،،،چېرايلىق ئويناپ چىقىپ كەتسەك بولمامدۇ ،دېدى زۆھرا
    شۇنى دەيمەن تاھىر قىز بالغىمۇ قول كۇتۇرۇپ چىقامدۇ دەيمەن ،ئەركەك بولغاندىن كىيىن ئاچىقڭىنى باس ماۋۇ بىر تال تاماكنى لەزەتلىنىپ چەك ،ئاندىن بىر رۇمكا ئوتلا ،كەيپىياتىڭ ياخشىلىندۇ دېيشىگە ھېلقى بىرنىمە يەنە
    بولدى قىلڭە دېدار ئۇ بۇ رۇمكا ھاراق ئىچەلىسە بايقى گەپلەرنى قىلىپ سورۇننى سۇۋىتمىغان بۇلاتتى دېيشىگە دېدار
    ئەگەر تاھىر بۇ رۇمكا ھاراقنى ئىچىۋەتسە قانداق قىلسىز دېدى
    قانداق قىلاتتىم ،ئىگلىپ تۇرۇپ كەچۇرۇم سۇرايمەن ھەم بىر مەيدان تاڭسىغا تەكلىپ قىلمەن دېدى ،
    بولدى ھۆرمەتلىك خېنىم سىز يەنلا دېدار بىلەن بىرگە تاڭسا ئويناڭ ،دەپلا رۇمكىدىكى ھاراقنى تىنماي ئىچۋەتتىم ،ئەتىراپىمدىكى ھەممە چاۋاك چېلشىپ كەتتى ،
    ئۇ قىز ئالدىمغا كېلىپ ئىگىلىپ تۇرۇپ تاھىرجان مىنى كەچۇرۇڭ دېدى ھەم مەن بىلەن بىر قول تاڭسا ئوينىسىڭىز دېدى نايناقشىپ تۇرۇپ
    بۇ ھاكاۋۇ ئالۋاستىنى باش ئەگدۇرگۈنۇمدىن رازى بولساممۇ لىكىن نىجىس ھاراققا يۇلقۇپ قالغىنمدىن پۇشايمەن قىلدىم ،توخىتماي زورلارشلار ئىچىدە بىرنجى، ئىككىنىجى ،ئۇچۇنجى ،تۆتىنجى رۇمكا ھاراقنى بىئاراملىق ئىچىدە ئىچىتىم ،مەسلىك پەسلىك دەپ ئادىمىي ھايۋانلارغا قۇشلۇپ پۇلاڭشىپ ئۇسۇلغا چۇشەتتىم ،بېشىم پىقىراپ قېنىم قىزىپ ئۆزۇمنى يوقتۇپ قويغان ئىدىم ،تاماكا چەكتىم چەككەندىمۇ چوڭ دادسىنى چەكتىم ،ئاسماندا ئۇچۋاتمەن ،لەپشىپ ئۇچۇپ ئۆزۇمنى شۇنچىلىك بەخىيار سېزۋاتمەن ،
    بىر چاغدا بىر يەرلەردىن بىرسىنىڭ قاتتىق ۋاقىرشى بىلەن چۇچۇپ ئويغاندىن قارسام ناتۇنۇش بىر يەر يۇگۇرۇپ سېرىتقا چىقسام ياتاقتىكى بەش تاز تېلۋېزور كۆرۇپ ئولتۇراتتى ،
    دېدار مىنى كۆرۇپ
    ئوخو بالاڭزا سەن بەك چاتاق ئىكەنسەن جۇمۇ بىر رۇمكا قېقۋالساڭ ئادەمنى ئەنسىرتىپ ساراڭ قىلدىكەنسەن ،خەلپىتىم كۇلمەپتۇ كۇلسە تېلقىپ كېتىپتۇ دەپ ،ئىچىدىغاننى ئىچىپ ،چېكىدىغاننى چېكىپ ئارامىڭدا يۇرمەي قىزلارغا قانات سۆرەپ تاس قالدىڭ ئادەمنى بالاغا تىقىلى ،ماڭ يۇزۇڭنى يۇيۇپ قورسىقىڭنى ئەستەلە ،مەكتەپكە قايتايلى ،بولمىسا ئەتە مۇئەللىمنىڭ تېل -دەشناملىرىدا ئۆلمىز دېدى ،ئاستا تازلىق ئۆيگە كېرىپ يۇز كۆزۇمنى يۇدۇم ،ئەينەكتىكى چېرايىمغا قاراپ تۇرشىمغا كۆز ئالدىدا ئاپامنىڭ سېماسى پەيدا بولدى ،
    ئاپام ماڭا نەپرەتلىك قاراۋاتاتتى ،قىلغىنىڭ خاتا تاھىرجان بالام ،نىمىش قىلىپ يۇردىغانسەن ئۆزۇڭنى تاپ دەپ نەسھەت قىلۋاتتاتتى ،بىر تامچا ياش كۆزۇمدىن سېرغىپ چۇشتتى ،يۇزۇمنى توختىماي يۇدۇم ،دە تاشقىرقى ئۆيگە چىقتىم ،
    بۇ كېمنىڭ ئۆيى دەپ سورشۇمغا دېدار يەنە مەنمەنلىك بىلەن ،مىنىڭ ئۆيۇمدە، دادام ئۆتكەن ئايدا ئېلىپ بەرگەن ھېلمۇ بۇ ئۆي بۇلۇپ قاپتىكەن بولمىسا نەلەردە كېچىنى ئۆتكۆزەتۇقكىن تاڭ ،ھەقاسىڭدەك قۇڭالتاق گۇيلار كۆتۇڭگە  ئون قېتىم تەپسىمۇ بىر تەڭگە چۇشمەيدۇ دېدى ،ھەممىز ئارتۇق گەپ قىلماي ،قېتىپ قالغان نانلارنى مۇراپپاغا تۇگۇرۇپ قورساقنى ئەستەلىگەندىن كېيىن ياتاققا قايتىپ كەلدۇق ،ھەممىسى پۇقۇرتۇپ تاماكا چېكىشكە باشلىدى ،مەنمۇ بىلىپ بىلمەي دېداردىن تاماكا سۇردۇم ،
    ئوخو تاھىرجان بالام سىلمۇ ئۆگەندىلمۇ تاماكا  چېكىشىنى يارايسىلە جۇمۇ  مانا ئوغۇل بالا ئەركەك ،بولدى بىر ئايلىق تاماكا پۇلۇڭ مەندىن ،قېنى بالا تاھىرجان بالمىزنىڭمۇ بىزنىڭ سېپىمىزگە قۇشۇلغىنى تەبرىكلەيمىز چاۋاك دېدى ،ھەممىسى ۋىيىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىت دەپ ئىسقىرتىپ چاۋاك چالدى خېجىل بولغان بولساممۇ لىكىن دېدارنىڭ  تاماكسىنى چەكتىم ،مەنلا ئەمەس ياتاقتىكى ھەممىمىز لەزەت بىلەن چەكتۇق ،لەپىلدەپ ئاسماندا ئۇچۇپ ،كۆزلىرمىز خومارلىشىپ كارۋاتقا ئۆزمىزىنى ئېتىپ راھەت ھېسلار ئىچىدە بەخىت بۇشكىدە ئەللەيلىنىپ ،زامان راھىتىنى سۇردۇق ،كۇندىن كۇنگە بىخۇتلۇشۇپ ،ئىش خوش ياقماس بولدى ،دەرىستىن سېرىتقى ئىشلەش دەيدىغانلارسۆزلەر  مىنىڭ لوغەت تەركىۋىمدىن چىقىرىپ تاشلاندى ،ياتاقتىكى ئالتە ئوغۇل بالا ياتاقتىن چىقماي ،تاماقمۇ يېمەي قۇرۇق تاماكا چېكىپ ياتقىنمىز ياتقان ئىدى ،مۇئەللىم تۇلا قاخشاپ بىزگە گەپ ئۆتكۇزەلمىدى ،ئاپامغىمۇ نەچچە يالغان سۆزلەپ پۇل سالدۇردۇم ،ئۆزۇم ئالغان تاماكا مىنىڭ خۇمارىمنى باسالمايتتى ،شۇڭا پۇل تاپساملا دېدارنىڭ چۆنتىكىگە تاشلايتتىم ،
    بىركۇنى ئاقسۇلۇق دوستۇم يېغلاپ تۇرۇپ
    تاھىر بىز ئاق تاماكاىغا خومار بۇلۇپ قاپتۇق دېدى ،بېشىمدىن تۇتۇن چىقىپ كەتتى ،
    توۋا دە بىز نەدە ئاق چېكىمىز
    كۇندە دېدار بىزگە بەرگەن تاماكىغا ئارلاشتۇرغان ئىكەن
    ئۆزۇمنى تەستەكلەپ نەچىنى ئۇردۇم ،تامغا ئۇسۇدۇم ،تامنى مۇشلاپ باقتىم ،ئۆزۇمنىڭ بۇ نىجىس نەرسىگە يېقىن يولاپ قالغىنىمگە پەقەت ئىشەنگىم كەلمەيتتى ،شۇ ئەسنادا دېدار كېلىپ كەلدى ،مەن ئۇنىڭ ياقسىنى سىقىپ تۇرۇپ
    ھۇ ھاراملىق ئېيتە سەن بىزگە ئاق تاماكا چەكتۇردىڭما دەپ سۇردۇم
    ئۇ دەسلەپ پەقەت تەن ئالمىدى ،كىيىن ،مىنىڭ ئەلپازىمنى كۆرۇپ قورقتى بولغاي ،يېغلاپ تۇرۇپ ،
    ئاداش مەنمۇ خومار بۇلۇپ قاپتىمەن ،
    قاچاندىن باشلاپ دەپ سۇردۇم
    شۇ تۇغۇلغان كۇنۇمدىن باشلاپ ،مەنمۇ سېلەر بىلەن تەڭ چېكىپتىمەن ،ئوخشاش كۇندە دېگىنە ،
    ئۇ تاماكىلار كىمنىڭ ئىدى
    كىمنىڭ بۇلاتتى شۇ رەناننىڭ ،ئۇ پاسكىنا مەن بىلەن مەخسەتلىك ئارلىشپتىكەن ،ئۇنىڭ ئەسلى ئىچكىرگە كىرىپ چىقىدغان ئوغرى ھەم ئاق ساتدىغان مۇھابىتى بار ئىكەن ،ئۇ ھەر جۇمە كۇنى ئايرۇپىلان بىلەن ئىچكىرگە كېرىپ يەكشەنبە كەچ قايتتىپ چىقىدىكەن ،بۇ بۇزۇق بۇ ئىشلارنى ياتقىدىكىلەردىن يۇشرالماي ئۇلارنىڭ تامقىغا ئاق ئارلاشتۇرۇپ قىزلارغا يىگۇزۇپتۇ ،ئۇلار بىلمەي يەۋېرىپ خومار بۇلۇپ قاپتۇ ،ھەر ئايدا قىزلارنىڭ ئۆيدىن پۇل كەلسە رەناغا بېرىدىكەن ،بۇ پۇلار ئۇلارنىڭ خومارىنى باسقىدەك تاماكىغا يەتمىگەچكە ئىپتىنى سېتىپ پۇل جۆندەپ رەناغا بېردىكەن ،كېيىنچە رەنا بىلەن بىرگە ئىچكىرگە كېردىغان بوپتۇ ،ئىچكىردىكى شېرىكى ساقچىلارنىڭ قۇلغا چۇشۇپ قالغاچقا بىزنىڭ مەكتەپتىن ئوۋ نىشانى ئىزدەپ بىزنىڭ ياتاقنىڭ ئوغۇللىرىن پايلاپ يۇرۇپ مىنى ئىندەككە كەلتۇرۇپ ئاندىن مەن ئارقىلىق سېلەرنى زەھەرلەپتۇ ،مەنمۇ بۇ ئىشلارنى تېخى بىر ھەپتە بۇرۇن رەناننىڭ ھېلقى ياتاق دېشى يالغان زۆھرەدىن ئوقتۇم،ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى گۇلمىھرە ئىكەن  ،سېلەرگە دەي دېسەم سېلەرنىڭ مىنى ئەيىپلىشىڭلاردىن قورقتۇم ،شۇڭا سېلەرنىڭ ئازغىنە پۇلۇڭلارنى ئېلىپ تاماكا ئالدىم ئۇنى يەتكۇزەلمەي دادامدىن ،ئاپامدىن ،تۇنۇش بىلىشتىن قەرىز سوراپ قەرىزگە بوغۇلدۇم ،ئاخىر بولماي ھېلقى دادام ئېلىپ بەرگەن ئۆينىمۇ 60 مىڭ سومغا سېتۋەتتىم ،بۇ پۇلمۇ بىزگە بىرەر ئايغىچە يېتىدۇ ،ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئامال قىلمىساق بولمايدۇ ،
    باشقا ئوغۇللارنى چاقىرىپ ئەكىرىپ بۇ  ئىشلارنى ئۇلارغا ئېيتتۇق ،
    ھەي ھەر كالىدا ھەر خىيال دېگەندەك ھەممىسى ھەرخىل مەسلىھەت بەردى
    ئۇ بۇزۇقلارنى ئۆلتۇرۋېتەيلى  يەنە باشقىلارنى زەھەرلەپ يۇرمىسۇن ،ئاندىن ئۆززمىزىنى ئۆلتۇۋالايلى
    ۋاي ماڭا ساراڭ بولدۇڭمۇ ،بىزغۇ ئۆلۇپ تۇگشەمىز ،ئاتا -ئانمىز قانداق قىلدۇ ،
    ئەمسە ھەممىز زەھەر تاشلاش ئورنىغا بارايلى ،
    ئۇنداق قىلساق مەكتەپتىن قوغلايدۇ،
    ئەمسە قانداق قىلمىز
    ئالدى بىلەن ھېلقى رەنا دېگەن بوزۇقنى راسا ئەدەپلەيمىز ئاندىن ياتاقتا زەھەر تاشلايمىز بىز چەكىلى تېخى بىر نەچچە ئايلا بولدى ئىشنىمەن چوقۇم تاشلىيالايمىز ،بىزدە ئىرادە بولسىلا بولدى دېدىم ،ھەمىسى بېشىنى لىڭشىتىپ پىكىرىمگە قۇشۇلدى ،
    شۇنىڭ بىلەن بىر كۇنى كېچىدەسېرىتتا  رەنانى پايلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاغزىنى ئېتىپ تاغارغا قاچىلاپ شەھەر سېرتىغا ئەپچىقىپ ئالتە ئوغۇل بالا راسا ئۇردۇق ،دە ئۇنڭ ئۆلۇپ قالماسلقى ئۇچۇن بېشىدىكى تاغارنى ئېلۋېتىپ شۇ يەرگە قالدۇرۇپ قۇيۇپ قايتتىپ كەلدۇق ،
    ياتاقا قايتىپ كېلىپ ھەممىز بىر -بىرمىزنى كارۋاتقا باغلاپ خۇمار بېسىقتۇردۇق ،پۇت- قوللىرمىز سېقىراپ ئاغرىيتتى ،باشلار قاياتتى ،ۋاقىرايتتۇق ،ئامال بولمدى ،دېدارنىڭ خومارى بەك ئېغىر تۇتتى ئاغزىدىن مازغاپ يېنىپ بىزنى قورقىتاتى ،بىر كۇنى بىر يىلدەك شۇنداق تەسلىكتە ئۆتكۇزدۇق ،ئەتىسى پۇت -قۇلۇمنىڭ سىقىراپ ئاغرىشغا چېداپ تۇرالماي مەكتەپ قايناقسۇخانسىدىن باشقا ياتاقتىن چايدان ئاريەت"بىزنىڭ ياتاقتىكى چايدانلارنى دېدار مەس بۇلۇپ كېرسە توپ قىلىپ تېپىپ پەگىرنى ئۇچراتتى شۇڭا چايدانسىز ئىدۇق"
    ئېلىپ قايناقسۇ ئەكىردىم  ،ئاپام سەكسەنخالتىچىغا سوقتۇرۇپ بەرگەن ئىسىقلىق دورىلارنى چايغا تۇكۇپ تەمنى چىقارغاندىن كىيىن يوغان ئىككى  چېلەككە قۇيۇپ ئىككى پۇتۇمنى تېزىمغىچە چېلاپ ئولتۇردۇم ،دەسلەپ خېلى قۇيۇپ بەرگەندەك قىلسىمۇ ،كېيىنچە تېخمۇ بەك ئاغرىشقا باشلىدى ،ئالتىنجى ئايدا قېلن يۇڭ ئىشتانلارنى كىيىپ باقتىم ،بۇ ئاغرىق قۇيۇپ بېردىغاندەك ئەمەس ئىدى ،
    دېدار ،يەنە باشقىلار يەنە قايتا چېكىشكە باشلدى ،بەزى ئۇكۇل قىلىپ ئۇراتتى ، تاماكا ئادەمنى خۇمار قىلمايدىكەن ،ئادەم تاماكىغا ئۆزى خومار بولدۇم دەپ نېرۋىغا ئۇچۇر بېرىپ نىېرۋا سېستىمىنى قالايمىقان قىلىپ نېرىمىزنى زەھەرگە ،تاماكىغا خومار قىلدىكەنمىز ،
    ئىرادىسىزلىكىم تۇپەيلى نىجىس زەھەرنى يەنە چەكتىم ،چېكىشلا ئەمەس دېدار بىلەن بىرلىكتە بىر شىپىرستا ئوكۇل قىلىپ سالدىم ،دېدارنىڭ ئۆي ساتقان پۇلمۇ تۇگەپ قالدى ئاق ئېلىش ئۇچۇن ،پۇل بۇلۇش كېرەك، پۇل بۇلۇش ئۇچۇن ،بىرەر ئىش تېپىپ قېلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ لىكىن ،بىزنىڭ جىسمانىي قۇۋتىمىز بۇنىڭغا يار بەرمەيتتى ،
    بۇللايلى ،ئوغۇرلاريلى دېدى قارمايلىق ياتاقدېشىم نۇرئەلى ،
    نېمە ئوغۇرلۇق ؟؟؟؟
    بولمىسا قانداق قىلمىز ،
    ئۇنىڭ پىكىرمۇ يامان ئەمەس ئىدى ،شۇنىڭ بىلەن سۇ ئۆتمەس پېلاندىن بىرنى تۇزۇپ ئوغۇرلۇق قىلدۇق ،پىلان مۇكەممەل بولغاچقا ئوڭۇشلۇق بولدى ،ئوغۇرلىغان پۇلغا چېكملىك ئېلىپ ياتاققا ماڭساق ئالدىمىزغا رەنا ئاخساپ دەسسەپ ئۇچراپ قالدى ،
    دېدار ھىچقانداق ئىش يۇز بەرمىگەندەك ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ،
    گۇزلۇم نېمە بولدۇڭ ،يەر چىڭداش ماشىنسى بېسىپ ئۆتۇپ كەتكەندەك ياپلاق بۇلۇپ قاپسەنغۇ ،
    ۋىيىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىت ،ھەممىز قاتتىق كۇلدۇق كۇلگەندىمۇ ئىچى -ئىچمىزدىن چىقىرىپ كۇلدۇق ،دېمسىمۇ ،رەنانىڭ بىر پۇتى ئاخساق ھاسسا تاياققا چۇشۇپ قالغان ئىدى ،قۇلى بوينىغا ئېسىلغان ،يۇز كۆزلىرى ئىشىق ،بەك ھەجىۋ بۇلۇپ قالغان ئىدى ،
    خەپ دېدى رەنا ،بىر-نەچچە لۇكچەك مىنى ئۇردى ،تۇتۋالدىغان بولسام ئەۋلادىنى قۇرتىۋېتىمەن ،دېيشىگە ،
    نۇرئەلى ،ئوخو رەناخان كىم ئۇردى سېنى بۇنچىۋالا ،ئۇلارنىڭ چېرايىنى كۆرەلىدىڭمۇ ،مەن بىر ئەدەپلەپ بېرەي ئۇ شوركىلارنى ،
    ياق كۆرەلمىدىم ،دېدار بۇيۇمدا سېنىڭ بالاڭ بار ئىدى ئۇ لۇكچەكلەر ئۇرۇپ چۇشۇرۋەتتى ،ئەمدى قانداق قىلمىز ،
    قانداق قىلاتتۇق ،ئامال يوق ،دەپلا پېشنى قېقىپ كېتىپ قالدى دېدار ،ئۇنىڭ ئارقىسدىن بىزمۇ ئىسقىرشتىپ يۇرۇپ كەتتۇق ،ياتاققا قايتتىپ كەلگەندە نۇر ئەلى دېداردىن ،
    ھەي راسلا سېنىڭ بالاڭ بولسا قانداق قىلسەن ،دەپ سۇرسا دېدار
    كىم بىلدۇ ،كىمنىڭ ھاراملىقى ئۇ ،مىنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ ئۆز جېنىمنى بېقىپ بۇلالمايۋاتقاندا يەنە بىر سوقۇنداممنى نەدە سۆرەپ يۇرمەن دېدى ،
    ئۇنىڭ بۇ گېپنى ئاڭلاپ توۋا دەپ ياقامنى چىشلەپلا قلدىم ،بىزگە ئوخشاش چىكەرمەنلەرگە ،بالا ،ئانا قېرىنداشلار ھىچنىمە ئەمەس ئوخشايدۇ ،
    ئوغۇرلىغان پۇلارمۇ ئۇزاق خەجلىشىمىزگە يەتمىدى ،يەنە ئوغۇرلۇق قىلماقچى بولدۇق ،ساقچىلارمۇ قۇلنى يۇيۇپ نان يەيدىدۇ دە ،بىز تاش ساناپ بولغۇچە قۇم ساناپ بىزنى دەل ئوغۇرلۇق قىلۋاتقان نەخ مەيداندىلا قولغا چۇشۇردى ،ھەر تەرەپكە تىپىرلاپ قاچاتىم ،ساقچىلاردىن ،جىنايى قىلمىشىمدىن قورقۇپ ئەمەس بەلكى قىلغان ئىشلىرىمنى ئاپامنىڭ بىلىپ قېلشىدىن قورقۇپ قاچاتىم ،قانۇن تورى كەڭ يەنلا قېچىپ كېتەلمىدىم ،ساقچىلار جىنايى پاكىتلارنى قولغا چۇشۇرۇپ بىزنى بۇلاڭچىلىق ،زەھەر چىكىش ،جىنايىتتى بىلەن توختۇپ قويدى ،مەكتەپ رەھبەرلىكى بىزنىڭ قىلمىشىمىزنى بىلگەندىن كىيىن بىزنى مەكتەپتىن چكندۇرۇشنى قارار قىپتۇ ،
    قانۇن دوختۇرلىرى بىزنىڭ بەدەم ساپايىمىزنى ئۇمۇميۇزلۇك تەكشۇرۇپ ھەممىمىزنىڭ ئەيدىس ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقمىزنى ئېيتتى ،توۋا ،،،،،،،توۋا،،،،،،توۋا قىلدىم ،جاھان ،نەس جاھان ،ھايات قاغجىرغان ،شەيتان كەينىگە كىرگەن نەس ھايات ،نىمىشقىمۇ دېدارنىڭ تۇغۇلغان كۇنگە بارا بولغۇيتۇم ،نىمىشقىمۇ ئىپلاس رەنانىڭ  دامىغا چۇشكەن بولغۇيتۇم ،دەپ قاتتىق پۇشايمان قىلدىم ،دۇنيادا ھەممە نەرسىنىڭ دورسى بار ئىكەن ،بىر پۇشايمان بىلەن ئەيدىسنىڭ دورسى يوق ئىكەن ،ساقچىلار بىزنىڭ ئەيدىسنى قانداق يۇقۇملاندۇرۋالغانلىقمىزنى ئىنقلاپ ،دېدارنىڭ رەنا بىلەن بىرگە بۇلۇپ رەنادىن يۇقتۇرغانلىقنى مەن ھەم قالغان ياتاقداشلارننىڭ دېدار ئىشلەتكەن شپىرسنى ئورتاق ئىشلەتكەنلىكىمىز سەۋەبىدىن يۇقتۇرغانلىقمزنى ئېيتتى ،بۇنى ئاڭلاپ ھەممىز دەسلەپ دېلداردىن كۆرگەن بولساقمۇ لىكىن كېيىنچە ئۇنىڭمۇ بىزگە ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ قۇربانى ئىكەنلكنى ئويلاپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرتىشتۇق ،
    ساقچىلار ھەممىزنىڭ ئاتا -ئانسىغا خەۋەر قىلىپ ئەكەپتۇ ،ئاپام مىنىڭ پەرىشتە ئاپام مىنى كۆرۇپلا ماڭا ئېتلىپ كېلىپ مىنى قاتتىق شاپلاقلاپ ئۇرۇپ كەتتى ،مىنى قاتىق ئۇرۋېتىپ زەخمىلەندۇرۇپ قۇيۇشتىن قورقتى بولغاي ،ئۆزنى ئۇرۇشقا باشلدى ،"ھەي ئانلار ھەر ۋاقىت بالام دەپ كۆينىدۇ دە "
    ئىسىت ،،،،،ئىسىت سېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىم،ئىسىت ساڭا بەرگەن ئاپپاق سۇتۇم ،سىنى دەپ بىر ئۈمۇر تۇل ئولتۇرىغۇنۇم  ،سىنى ئۆگەيلەپ قالمىسۇن دەپ تۇرۇكسىز ،تايانچسىز ياشاپ كەلگىنىم  ،داداڭ دېگەن  ئوغرى پاتاڭدا بىر قەرىزگە بوغۇپ قۇيۇپ سەن ئەقىلسىز بىلەن قالدۇرۇپ  كەتتى ،يەرلىكىڭدە سەن ئىپلاسنىڭ ئىشلىرىنى كۆرۇپ ئۆرە ئولتۇرغاندۇ ،ئاھ ئاللاھ بۇ ماڭا نېمە تارتقۇلۇق ،بۇ ئەبلەخ لاي پاچاقنى باقىچە بىر ئىت باققان بولسام كىچە -كۇندۇز ھويلامغا قارا بولغۇيتتى ،
    پەرىشتە ئاپام  توخىتىماي يىغلاپ تۇيۇقسىز  يەرگە يىقىلدى ،ئاپامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاپامنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتىم ،ئاپامدىن سادا چىقمايتتى ،ساقچىلار دوختۇرلارنى چاقىرىپ كەلدى ،دوختۇرلار ئاپامنى تەكشۇرگەندىن كىيىن مىڭسىگە قان چۇشۇپتۇ دەپ دوىتۇخانغا ئېلىپ كېتىشىتى  ،ساقچىلار مىھرىبان قىلىپ  ،مىنمۇ ئاپامنىڭ كەينىدىن دوختۇرخانغا ئېلىپ باردى ،ئاپام ئوخلىغان ئىدى ،ئوخلىغاندىمۇ مەڭگۈگە ئوخلىغان ئىدى ،ئاپامنىڭ يۇزنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۋېلىش ئۇچۇن كېسەلخانغا كىرىدىم ،ئاپام كۆزنى خىرە يۇمۇپ ياتاتتى ،خۇددى بىر نەرسىگە قىيمىغاندەك، تەشۋىشلىك چىقىپ تۇرغان چېرايىغا قاراپ يۇركۇم ئېچىشتتى ،مىھرىبان ئاپامنىڭ كىچكمدىن بۇشكۇمنى تەۋرىېتىپ ،كىر -قاتلىرىمنى يۇيۇپ ،پۇتۇمغا تىكەن كىرسە تىكەنى چىقىرۋېتىش ئۇچۇن ئاغزى بىلەن شوراپ ئېلىپ ،باشقىلار مىنى بوزەك قىلسا ئۆزى ئوتتۇرغا چۇشۇپ مىنى قوغدىغانلىقلىرى ،ئوقۇش پولۇمنى ھەل قىلىش ئۇچۇن ئۆيمۇ -ئۆي كېرىپ باشلىقلارغا يالۋۇرغانلىقى ،مىنى باشقا باي باللىرنىڭ ئالدا بۇيۇن قىسىپ قالمىسۇن دەپ ئۆزى ياماپ كەيسىمۇ ماڭا يېڭنى كەيدۇرگەنلىرى كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمدا نامايەن بۇلۇشقا باشلىدى ،
    پەرىشتە ئانا دەپ توختىماي ۋاقىراشقا باشلىدىم ،ئىھ ئۇلۇغ" ئانا "پەرىشتە بولغان بولسىمۇ سېنىڭدەك قىلماس بولغۇيتتى ،سەن بارچە ئىسىل خسلەتىلىكلەردىنمۇ ئۇلۇغ ئانا ،سەن مىنىڭ بارلىقىم ئىدىڭ ،سەن مىنىڭ ھاياتىم ئىدىڭ ئاپا  ،مەن سېنى ھەرەمگە يۇدۇپ ئاپارماچى ئىدىمغۇ ئاپا ،مەن نېمە قىلدىم ،نىمىش قىلدىم ،ھەتتا سەن پەرەشتە سۆپەت ئىنسانىمۇ خاپىلىقتا ئۇ دۇنياغا قارايڭدىن بۇرۇن يولغا سالدىمغۇ ،مىنى باققانڭ ئورنىغا بىرەر ھايۋان باقان بولساڭچۇ ئاپا  ،مەن قانداق قىلاي ،ئەمدى قانداق قىلاي ،مەن مەئۇن ،مەن ھايۋان ،مەن ئالۋاستى ،مەن شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەن ئىپلاس ئاپا  ،
    كاللامغا دەمەل ئۆلۋېلىش كەلدى دە ،يۇگرەپ بېرىپ تامغا قاتتىق ئۇسۇدۇم ،ھۇشۇمدىن كېتىپتىمەن ،ھۇشۇمغا كېلىپ قارسام كېسەلخاننىڭ كارۋېتىدا ياتمەن ،ساقچىلار مىنىڭ ھۇشۇمغا كەلگەنلىكمنى كۆرۇرپ ماڭا توختىماي ئىدىيۋېي خىزمەت ئىشلدى ،مەنمۇ ئۆزۇمنى بۇ پاتقاقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ياخشى يولغا مېڭىش ئۇچۇن ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىپ رەنانى پاش قىلدىم ،ئۇنى ساقچىلار تۇتۇپ سوراق قىلسا ئۇمۇ نۇرغۇن زەھەر ياسايدىغان ،ساتىدىغان ،چېكىدىغان ،ئالدىغان بۇلۇپ بىرەر يۇز ئادەمنى ئىقرار قىپتۇ ،
    ساقچىلار بىزنى زەھەر چەكلەش ئورنىغا ئاپىرىپ بىر تەرەپتىن زەھەر تاشلاتقۇزسا بىر تەرەپتىن ئەيدىز كېسلىمىزنى داۋالاۋاتدۇ .
    خومارىم بېسلىپ كاللام تېنىچلانغاندا رەھمەتلىك ئاپام كۆز ئالدىمغا كېلۋېلىپ مىنى پەقەت ئارامىمدا قويمايدۇ ،ئۆزۇمنى ئۆلتۇرۋېتىپ ئۇنىڭ قېشىغا بالدۇراق بېرىشىنى ئويلىساممۇ لىكىن ئۇنىڭ مېنى ئۇ ئالەمدىمۇ كەچۇرمەسلىكىنى ،تۇپراقنىڭمۇ مىنى ئۆز قوينىغا ئالماسلىقىدىن قورقۇپ يەنە نېيتىمدىن يېنىپ قالمەن .
                                                                                          "خاتىمە "
    زەھەر تاشلاش ئورنىدا ئۇچ يىل تۇرۇپ ھەم جازا مۇدىدىتمنى يەڭگلىتىپ ھەم زەھەر تاشلاپ قايتتىپ چىقتىم ،مەنلا ئەمەس بىر ياتاقتىكى تۆتىمىز بىرگە قايتتىپ چىقتۇق ،دېلدار دادسىغا تاينىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا بارماي ،ساختا ئوكۇلنى ئۆزگە ئۇرۇپ قېتىپ ئۆلۇپتۇ ،قارمايلىق نۇرئەلى ئۆپكىسگە سۇ چۇشۇپ تۇرمىدە ئالەمدىن ئۆتۇپتۇ ،بىز تۆتىمىز  بىر -بىرمىز بىلەن خوشلۇشۇپ ئۆز يۇرتلىرمىزغا قايتتىپ كېلىشتۇق .
    مەن ئاپامدىن قالغان ئۆيگە قايتتىپ كېلىپ كۇندە ئاپام، دادامنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ ،مازارلىقغا گۇل تىكىپ، كۆچەت سېلىپ ،پەرۋېىش قىلۋاتمەن ،ھويلا -ئارام سەينالارنى قايتىدىن ئاپام بار ھالەتكە كەلتۇرۇپ دادام ،ئاپامنىڭ چېرقىنى ئۆچۇرمەسلىك ئۇچۇن تېرشۋاتمەن ،ئۆزۇمنىڭ قاچان ،قايسى ۋاقىتتا ئەيدىس كېسلىنىڭ قوربانى بۇلۇپ ئۆلۇپ كېتشىمنى بىلمەيمەن ،شۇڭا بۇ ساناقلىق قالغان ئۈمرۇمنى ساۋابلىق ئىشلارغا بېغىشلاش ئۇچۇن ،تىنماي ئىشلەۋاتمەن ،تاپقان ئازغىنە پۇللارنى بولسا تەبئىي  ئاپەتكە ئۇچۇراپ ئاتا-ئانسىدىن يېتىم قالغان سەبىيئلەر ئۇچۇن نامىسىز ئەۋەتىپ تۇرۋاتمەن ،ھەر ھەپتە ئولۇغ جۇمە نامزىدا جاھاندىكى بارلىق ماڭا ئوخشاش ئازغۇ ياشلارنىڭ نىجىس شەيتاننىڭ ،ئادىمىي جىنلارنىڭ كەينىگە كىرمەسلكىنى ،چەكلىك ھاياتنى چەكسىز ساۋابلىق ئىشلارغا بېغىشلاپ مەنلىك ئۆتكۆزىشنى ئولۇغ ئاللاھتىن تىلەۋاتمەن .
    ئولۇغ ئاللاھ ھەر بەندە بولسا كۆڭلىگە ئىنساب ،دىيانەت بەرگەي ،قىزلىرمىگە شەرمىي  ھايا ،قىزلارغا خاس ئىپەت نازاكەت ئاتا قىلغان
    .................................

    تامام