-
دادام بەرگەن ھېيتلىق - [ھىكايە-نەسىرلەر]
دادام بەرگەن ھېيتلىق
(ھېكايە)
ئاپتورى : مۇھەممەت ئېلى تۇردى (بابۇرىم)
مەن دادامنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئۇ ئۆيدە بولمىسا:«نەگە كەتكەندۇ؟» دەپ ھەمىشە ئاچىلىرىمدىن سورايمەن.
مانا بۈگۈن قوربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى ئەتىگەندىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىسام، دادام يوق تۇرىدۇ. ئاچىلىرىمدىن سورىسام، ئاچىلىرىم:
- دادىمىز ھېيت نامىزىغا چىقىپ كەتتى،- دېدى. كىيىملىرىمنى كىيىپ، يۈزلىرىمنى يۇيۇپ، ئىشىكە يېنىش - يېنىشلاپ تەلمۈردۈم. بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ، دادام خوشال كىرىپ كەلدى. مەن ئاچىلىرىم بىلەن بىللە دادامنىڭ ئالدىغا يۈگۈردۈم. دادام:
- بالىلىرىم، ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! - دەپ ئاچىلىرىمغا 10 كويدىن ھېيتىلىق بەردى. مەنمۇ ئاچىلىرىمنىڭ قاتارىدا دادامغا قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئوغلۇم، ساڭا پۇل ئەمەس، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر نەرسىنى ھېيتلىق بېرىمەن، -دېدى.
مەن ئىچىمدە«شاكىلات ياكى كەمپۈت بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدىم - دە:
- شاكىلات!-دېدىم.
- ياق!-دېدى دادام بېشىن چايقاپ.
- كەمپۈت!
- ياق!
دادام ماڭا ھەمىشە مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرگەچكە، ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتىم.
- شاكىلات ھەم كەمپۈت بولمىسا، ئەمىسە نېمە ئۇ؟ -دېدىم - دە، سومكىسىدىن يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان «خەيرىلىك كەچ ھېكايىلىرى» دېگەن كىتابنى ئالدى، - مانا بۇ سېنىڭ ھېيتلىقىڭ.
- ھېكايە كىتاب! -خۇشاللىقتىن ۋارقىراپ كەتكىنىمنى تۇيماي قاپتىمەن. چۈنكى، بۇ كىتابنى مەن ھېيتلىق پۇلۇمغا ئېلىشنى ئويلاپ قويغانىدىم.
- رەھمەت دادا، - دېدىم - دە، دادامنىڭ بېلىدىن قۇچاقلىدىم، لېكىن غۇلىچىم دادامنىڭ بېلىگە يەتمىدى.تارىم غۇنچىلىرى 2006-يىل، 5-سان