• <<گۆھەر>> ساتقۇچى بوۋاي - [ھىكايە-نەسىرلەر]

    <<گۆھەر>> ساتقۇچى بوۋاي

     

    ئاپتورى: ئابدۇلئەزىز ئىسمائىل

     

    — ‹‹گۆھەر›› ساتىمەن، ‹‹گۆھەر››! قەدىمكى دەۋردىكى ئېسىل ‹‹گۆھەر›› لەر...

    بەستلىك، ئۇچىسىغا ناۋات رەڭ يالاڭ يەكتەك، بېشىغا قىزغۇچ چىمەن دوپپا كىيگەن، قارامتۇل يۈزىنى تورلاشقان چار قوغۇندەك ئەگرى – بۈگرى قورۇق باسقان، قاڭشارلىق، ئور!كۆز، ئاپئاق بومبا ساقىلى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرغان 75 ياشلار چامىسىدىكى بىر بوۋاي بازار دەرۋازىسىنىڭ سول يېقىدىكى نەقىشلىك تۆمۈر رىشاتكىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئالدىدىكى قىپقىزىل تاۋارئۈستىگە رەت – رېتى بىلەن تىزىلغان ھەر خىل قەدىمكى كىتاب – ژۇرناللارغا خۇش تەبەسسۇم بىلەن خېرىدار چاقىرىپ، پات – پات توۋلاپ قوياتتى. ناگان –ناگاندا زىيالىي سۈپەت كىشىلەر يايما ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، كىتابلارنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە كۆرۈپ، بوۋاينىڭ دېگىنىگە سېتىۋالاتتى.

    ئۇچىسىغا مېغىز رەڭ قىممەت باھالىق كاستۇم – بۇرۇلكاكىيگەن، تاقىر بېشى يېڭى مىس چۆگۈندەك پارقىراپ تۇرىدىغان، چىقىر كۆزلىرىدىن مەككارلىق ئەكس ئېتىپ تۇرىدىغان 30 ياشلاردىكى بىر يىگىت توساتتىن يايما ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇردى – دە، 50 يۈەنلىك بىر كاللەك پۇلنى بوۋاينىڭ ئالدىغا تاشلاپ، توڭ تەگكىلى تۇردى:

    دوست - دۈشمەنلىرىم ئالدىدا ئىناۋىتىمنى تۆكۈپ، ئۇيالماستىن يەنە كىتاب ساتقىلى تۇرۇپسەنغۇ ئاتا، يېتىپ ئاشقۇدەك پېنسىيە مائاشىڭ تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھالىڭدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىۋاتسام، بۇ... بۇ... تايىنى يوق ئىشتىن نېمىشقا قول ئۈزمەيسەن؟ئاۋۇ 3000 سومغا لەنىتى كىتابلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالاي، ئەمدى كىتابپۇرۇشلۇق قىلما.

    بوۋاينىڭ -چىرايى تاتىرىپ، نەپسى قىسىلىپ، ئوغلىغا مىختەك قادالدى. بىر ھازا ئۈندىمەي تۇرغاندىن كېيىن پۇلنى ئوغلىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، ئۇلۇغ – كىچىك تىنغىنىچە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، تىترەڭگۈ ئاۋازدا سۆزگە كىرىشتى:


    — خەلقئالەم ئالدىدا سەت بولمىسۇن دېمىسەم، سېسىق پۇلۇڭنى يۈزۈڭگە ئېتىپ مەمەدانلىقىڭغا تويغۇزاتتىم. توغرا ئېيتىسەن، مېنىڭ ھېچنىمىدىن غېمىم يوق. بىراق ساڭا ئوخشاش ئىلىمسىزلەرنى ئادىمىيلىك قېلىپىغا سېلىش مەقسىتىدە 50 نەچچە يىلدىن بېرى يىغقان مۇنۇ بىباھا ‹‹گۆھەر›› لىرىvمنى سېتىشقا مەجبۇر بولدۇم.

    — ھىم! بىباھا ‹‹گۆھەر›› مىش، دەپ غۇدۇرىدى يىگىت بوۋايغا يەر تېگىدىن ھۈرپىيىپ.

    — ‹‹گۆھەر›› بولماي نېمىكەن؟ –دېدى بوۋاي ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ،  كىتاب  -خەزىنىسى، كىشىلىك تەپەككۇرنىڭ تۈۋرۈكى...

    شۇ پەيتتە 14– 15 ياشلاردىكى ئىككى بالا ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› نى قولدىن قولغائېلىپ كۆرۈپ، نەرقىنى سوراپ بوۋاينى ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى.

    — ئېلىڭلار بالىلىرىم، سىلەرگە سوۋغا قىلدىم، – دېدى بوۋاي ئۇلارغا چەكسىز سۆيۈنۈش نەزەرىدە قاراپ.

    — بۇ بىباھا ‹ ‹گۆھەر›› نى بىكارغا ئېلىۋېلىش ئۇچىغا چىققان ئاچكۆزلۈك بوۋا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھالال ئېرىشكەن نەرسىنىڭ قىممىتى تەڭداشسىز بولىدۇ.

    بالىلار بوۋاينىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي 20 يۈەننى يايما ئۈستىگە تاشلاپ قويۇپ، كىتابنى ئېلىپ كېتىشتى.

    بالىلارنىڭ ئاددىي، ئەمما چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرى يىگىتنىڭ ئازغۇن كۆڭلىگە قاتتىق تەسىر قىلدى. شۇڭا پوكاندەك قىزىرىپ ئاچچىق مۇڭغا پاتتى.

    —ئۇ گۆدەك بالىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىدىڭمۇ، بالام؟ – دېدى بوۋاي ئىختىيارسىز كۆزىگە ياش ئېلىپ، – شۇلار جېنىدا ئاشۇ ‹‹گۆھەر›› نىڭ قىممىتىنى بىلگەن يەردە سەن نېمىشقا بىلمەيسەن.

    بوۋاي دەقىقە دېمىنى ئېلىۋېلىپ، ئوغلىغا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى:

    — ماڭا قارا ئوغلۇم، ساڭا قىلمىغان تەنبىھ – نەسىھەتلىرىم قالمىدى،يامان ئىللەتنىڭ مەنبەسى دەل ئىلىمسىزلىك. ئەينى چاغدا مەكتەپتە ئوقۇغان بولساڭ، ھېچبولمىغاندا مۇنۇ كىتابلىرىمدىن بىر نەچچە پارچىسىنى ئوقۇپ چىققان بولساڭ، دۇرۇس ئادەم بولغان بولاتتىڭ. ھېلىمۇ كېچىكمەيسەن،ئەمدى ئوڭشال، ئاشۇ باقىي ئالەمدىكى كۆيۈمچان ئاناڭنىڭ قېشىغا يۈزۈم يورۇق، ئارمانسىز كېتەي...

    بوۋاي شۇنداق دەپلا بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. يىگىت ئەمدىلىكتە ئادىمىيلىكنىڭ ھەقىقىي مىزانىنى بىلگەن بولسا كېرەك، ئىختىيارسىز ئورنىدىن تۇرۇپ: ‹‹ئاتا مېنى كەچۈرگىن، بۇ ...بۇ ئېسىل ‹گۆھەر› لىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ يېڭىۋاشتىن ئادەم بولىمەن›› دەپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى...

     

    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى