• شەيتان ئازدۇرغان ئايال - [ھىكايە-نەسىرلەر]

    شەيتان ئازدۇرغان ئايال

     


    راستىمنى ئېيتسام ، ئېرىم بىلەن ئۆي تۇتۇۋاتقان شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئىشنى يۇشۇرماي ، ئىككى بالام ۋە كىچىككىنە ئائىلەم ئۈچۈن ئاياللىق ، ئانىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمەن . ئېرىمنىڭ ئازغىنە مۇئاشى بىلەن ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىش ۋە باللىرىمىزنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشتىن باشقا قۇلىمىزدا قالدىغىنى چاغلىقلا بىر نەرسە .
     بىر ئائىلىنىڭ ئايال خوجايىنى دەپ ئاتالغىنىم بىلەن بازار- ئۇچارلارغا ، توي- تۈكۈنلەرگە كىيىپ بارغۇدەك كىيمىمنىڭمۇ تاينى يوق .
    بىچارە بۇلۇپ سولتىيىپ تۇرغان قۇلاق ، بۇيۇن  ،  قول بارماقلىرىمدا باشقا قېز -ئاياللارنىكىدەك نەپىس زىننەت بۇيۇملىرىممۇ يوق
     .  ئەمما تۇرمۇشۇم ئىنتايىن خاتىرجەم شۇغىنىسى ، ئۆز ۋاقتىدا مېنى قوغلۇشۇپ يۈرۈپ دېگۈدەك ئارلىشىپ ئۈتىدىغان دوسلىرىمنىڭ پالانچى خوجايىن ، پوستانچى ھاجىملار بىلەن توي قىلىپ ، بۇيۇن قۇلاقلىرىغا قوش - قوشلاپ زىببۇ زىننەتلەرنى ئېسىپ داڭلىق ماركىلىق كىيىم - كېچەكلەر ئىچىدە ئاياللىق سۆلىتىنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ، ئۆزىچە ياراشمىغان ئىسىملىرىنىڭ ئارقىسىغا بىر ئەپلىك پالانچى خېنىم ، پۇستانچى خانىم دېگەندەك ھۆرمەت ئاتالغۇلىرىنى قېتىۋىلىپ مېنى ئەپسۇسلاندۇراتتى . بەزىدە مەندىمۇ پۇلدارراق بىرىگەتەككەن بولسام ، ئاشۇلاردەك راھەت ئىچىدە ياشاپ باققان بولسام ، دېگەندەك ئويلار پەيدا بۇلۇپ قالاتتى . لېكىن نېمە ئامال ؟ سايدا ئىچىلىپ قالغان يىگانە گۈلدەك تۇرمۇش غېمى ، يوقسۇزلۇق دەردىدە ئۈن - تىنسىز يۈرۈيمەن . تۇلۇق ئوتتۇرىنى تۈگۈتۈپلا ئاتا - ئانامنىڭ رازىلىقى بىلەن توي قىلدىم . شۇندىن ئېتىبارەن ھېچقاندەك ھالاۋەت كۆرمەي بالا تۇغۇش ، بېقىش ، ئېرىمنىڭ ئاش - تامىغىنى ئېتىپ ، كىر - قاتلىرىنى يۇيۇشتەك ئايىغى چېقماس ئائىلە ئىشلىرىغا بەنت بولدۇم . توۋا ، مېنىڭ باشقا ئاياللاردىن نەرىم كەم ؟ چىراي دېسە چىرايىم بار ، بوي - بەستىم يىتىپ ئاشقۇچە تۇرۇپتۇ . ئائىلەمگە سادىقلىغىمچۇ تېخى . شۇلارنى ئويلىساملا خۇرسىناتتىم . قېرىشقاندەك دوسلۇرۇم راھەت ئىچىدە يۈرگەننى ئاز دەپ كۆڭلۈمگە تەسەللى بېرىشنىڭ ئورنىغا ؛
    _ يائاللا ئاداش ، قاچانلا قارىسام ئېرىم ، بالام دەپلا يۈرەمسەن ، - دەپ زاڭلىق قىلاتتى .
    _ نېمىشقىمۇ مېنى چۈشەنمەيدىغانسىلە ،_دېدىم بىر كۈنى ھېلىقى دوسلۇرۇمنىڭ بىرىگە ئۆكۈنۈش بىلەن .
    _ نېمىنى چۈشەنمەپتىمىز ؟ _ دېدى ئۇ ماڭا ئىستىھزا بىلەن قاراپ .
    _ ئائىلە شارائىتىمنىچۇ ؟
    _ ۋىيەي ، بۇ نېمە دېگىنىڭ ئەمدى ؟ ئائىلىدىكى قىيىنچىلىق دېگەن كېمدە يوق؟ ئەمما بىز سېنىڭ ئاقكۆڭۈللۈك قىلدىم دەپ بەكلا ئاشۇرۋەتكىنىڭگە ، ھەتتا ئۆزۈڭنىمۇ تاشلىۋىتىپ مەتولىشىپ كەتكىنىڭگە ئىچىنىمىز شۇ .
    _ ئۇنداقتا قانداق قىلىمەن ؟
    _ ھەي ئاداش ، ئازراق يالغان سۆزلەشنى ، پۇل يىغىپ ئۆزۈڭنى تۈزەشتۈرۈشنى ئۆگەن . ئەر كىشى دېگەنىچۇ قارا ئىچ قارنىڭنى تۈكۈپ بەرسەڭمۇ بەرىبىر سېنى چۈشەنمەيدۇ . ۋاختى كەلگەندە سېنىڭ ساداقىتىڭنى ئۇنتۇپ قايسى گۈل چىرايلىق بولسا شۇنىڭغا قۇنۇپ باققۇسى كېلىدۇ .
    _ بىراق ، ئېرىمنىڭ ئايدا تاپىدىغان بىرەر يېرىم مىڭ يۈەن پۇلنىڭ قايسىسىغا يالغان سۆزلەپ ، قايسىسىنى تىقىمەن ؟ قايسى بىر ئىشىپ كەتكەن ئىقتىسادىمغا ئۆزۈمنى تۈزەيمەن ؟ _ دوستۇم تۇمشىقىنى ئۇچلاپ سۆزلەپلا كەتتى ؛
    _ ماڭا قارا ئاداش ، ھازىر بارغۇ ، قاپاقنى ئەمەس باراڭنى پۇلغا ئالىدىغان زامان بۇلۇپ كەتتى ، زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق دېگەن گەپ بار . بىزدەك دوسلىرىڭغا ئارلاش ، قاتار چاي ئوينا ، ئاچە مۇنچە خالى سورۇنلارغا بار . زامانغا لايىق مودا خىنىم بۇلۇپ ياشا . شۇندىلا كاللاڭ ئېچىلىدۇ . ئېرىڭگە زېرىكىپ قالىدىكەنمەن ، قىزلار بىلەن ئانچە - مۇنچە چاي ئويناي دېدىم ، دېسەڭ گەپ يېمەي قالارمۇ ؟
    << قازانغا يولۇقساڭ قارىسى >> دېگەندەك ئۇلارنىڭ ھەر قېتىملىق يول كۆرسىتىشى ، تەنبىھلىرى مېنى قانداقتۇر خىياللارغا سېلىپ قۇياتتى . بارا - بارا قۇلۇم ئىشقا بارمايدىغان ، غورۇگۈل ئائىلەمدىن زېرىكىدىغان ، ئۆزۈمنى بەكمۇ شور پىشانە ، بىتەلەي ھېس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم . بىر كۈنى ھېلىقى دوسلۇرۇمنى دوراپ ئەينەك ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن گىرىم قىلدىم . ئۇلار ماڭا سوۋغا قىلغان كۆڭنەكلىرىمنى كىيىپ بەللىرىمنى تۇتۇپ ، ئېغىزلىرىمنى قورۇپ نازلىنىپ كۈلۈشنى مەشىق قىلىپ باقتىم . ئەمما ئەينەك ئىچىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان باشقىچە چىراي ، چاكىنا تەققى - تۇرۇق مېنى خېلىغىچە ئويغا سېلىپ قويدى . "ھەممىنى قېلغان ئېرىم دېگەن يارىماس . ئەگەر ئۇ مېنى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۇرۇپ خاتىرجەم قىلغان بولسا ، مەنمۇ بۇنداق ئۆز خارەكتېرىمگەماس كەلمەيدىغان ئۇيۇنلارنى ئوينىماس بولغىيدىم ؟!" بارغانچە ئېرىمگە بولغان ساداقىتىم سۇسلىشىپ ئۇنىڭدىن يىرگىنىدىغان دەرىجىگە يەتتىم . ئۇنىڭ مىڭ جاپادا تېپىپ كەلگەن پۇللىرىغىمۇ قاشلىرىمنى سۈزۈپ مەنسىتمەسلىك بىلەن قارايتتىم . دوسلىرىمنىڭ قوش - قوش زىبۇ-زىننەتلىرىنى، بارماقلىرى ئارىسىدىن چىقىۋاتقان تىزىق - تىزىق پۇللارنى خىيال قىلاتتىم . مەن راستىنلا سېپى ئۆزىدىن بىر مەتو خۇتۇن ئىكەنمەن . ھايات دېگەن ئاخىرلاشمايدىغان نەرسە ئەمەسقۇ ؟ چەكلىك ھاياتىمنى خوشال ، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگىنىمنىڭ نەرى يامان ؟
    _ ئويلاپ باقسام دېگەنلىرىڭمۇ توغىرىكەن ،- دېدىم بىر كۈنى ھېلىقى دوستۇمغا ،_ لېكىن مەن ئۇنداق سورۇنلارغا بېرىپ باقمىغان تۇرسام قانداق قىلارمەن ؟
    _ ھېچقىسى يوق، _ دېدى ئۇ مېنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشىپ ، _ ئاستا - ئاستا كۈنۈپ قالىسەن . ئەگەر پۇلى جىقىراق بىر خوجايىن بىلەن تۇنۇشىۋالساڭ قۇلۇڭ پۇل كۆرۈپ كۈنلىرىڭ باياشاتچىلىقتا ئۈتىدۇ . گەپ سېنىڭ ئاشۇ رولنى قانداق ئوينىشىڭدا ، - ئۇ بىر دەم توختۇۋىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ، _ ئالدى بىلەن بىرەر قۇر ئۈسىتباش ئال ، ئاندىن بىرەر ھۆسۈن تۈزەش ئورنىغا بېرىپ ھۆسۈن تۈزەت ، سەن چوقۇم ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتىسەن .
    ئۇ مېنىڭ لېۋىمنى چىشلەپ چىشلىگىنىمچە تۇرۇپ قالغىنىمنى كۆرۈپ ؛
    _ كېلەر شەنبە كۈنى بىر يىغىلىشىمىز بار بارالامسەن ؟ - دېدى .
    _ بارسامغۇ بۇلاتتى ئۆيدىن قانداق چىقارمەن ؟
    _ ۋاي - ۋۇي ، يەنە ئىتائەتمەنلىكىڭ يول قويمايۋاتىدۇ ھە ؟ ! _ قاش - قاپاقلىرىنى سوزۇپ رەنجىش ئاھاڭىدا سۆزلەشكە باشلىدى ئۇ ، _ داۋاملىق ئېرىم نىمە دەركىن ، دەپلا تۇردىكەنسەن . نېمە دەيتى ، يامىنى كەلسە ئاجىرشىپ كېتەرسەن . << تۈشۈك مونچاق يەردە قالماپتۇ ، يەردە قالسىمۇ توپا باسماپتۇ >> دەپ ئوھۇش .... ئۇ قەلەندەر ئېرىڭدىن ياخشىراق ئەر چىقىدۇ ساڭا .
    ئۇ ماڭا خېلىلا كۆپ سۆزلىدى ۋە خوشلىشىپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا چىكىپ دەسسەپ كېتىپ قالدى . << يامىنى كەلسە ئاجرىشارسەن >> دەمدا ؟ بۇ نىمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق ھە ! كۆز ئالدىمغا بىر - بىرىدىن ئۇماق ئىككى بالام كەلدى . ياق ... ياق ئۇلارنى يىتىم قىلىشقا ، بۇيۇن قىستۇرۇشقا كۆڭلۈم ھەرگىز ئۇنىمايدۇ . ئەمما دوستۇمنىڭ سۆزلىرىگە ئاچچىقلىنىشىمنىڭ ئاساسى يوق ئىدى . دېمىسىمۇ مىس - مىس ئېرىمنىڭ مەندەك چىرايلىق خۇتۇنىنى بۇيۇن قىستۇرۇپ كوچىغا چىقىرىپ قۇيۇۋاتقىنىمۇ ھەقىقەتقۇ . ۋاي - ۋۇي ! ئۇ غوجاممۇ يوق - يوق دەپ قۇيۇپ ، سىرىتتا باشقا ياۋايى قۇشقاچلارنى دانلىتىپ يۈرەمدۇ تېخى .
    دېلىغۇللۇق ، ئىككىلىنىش ئىچىدە كۈتكەن شەنبە ئاخىرى يېتىپ كەلدى . ئەتتىگەندە ئىشقا ماڭغان ئېرىمگە ؛ << بۈگۈن كەچ بىر دوستۇمنىڭ بالىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن، بېرىپ قارىشىپ بېرەي >> دەپ يالغان ئېيتىپ قويدۇم .

     
    شەھەرنىڭ داڭلىق رېستۇرانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ئايرىمخانا ئەر - ئاياللارنىڭ كۈلكە - چاقچاقلىرى بىلەن تولغانىدى . ئەرلەرنىڭ شەھۋەت يېغىپ تۇرغان كۆزلىرى نەچچە مىڭ خىل خۇلۇق ، ناز - كەرەشمە قىلىپ ئولتۇرغان ئاياللارغا تىكىلگەنىدى . سول تەرەپتىكى بۇلۇڭغا قۇيۇلغان ئورۇندۇقتا دوستۇمغا چاپلىشىپ دېگۈدەك ئولتۇرمەن . ئۈستۈمدىكى كىيىملىرىمنىڭ شۇنچە يېڭىلىقىغا قارىماي مېنى تەر بېسىپ كىتىۋاتاتتى . يائاللا ، يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يالغاندىن ھىجىيىپ ئولتۇرۇشتىمۇ قىيىن ئىش بولمىسا كېرەك . ئۆزۈمنى شۇنچە ئەركىن تۇتۇپ ئولتۇراي دېسەممۇ خىجىللىقتىن ئوت ئىلىپ كىتىۋاتقان يۈزۈم ، توختىماي تىترەۋاتقان پۇت - قوللۇرىم ، چىگىشلىشىپ كېتىۋاتقان خىياللىرىم مېنى ئارامىغا قويمايتى .
    ئارىدىن قانچىلىك ۋاقت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن . بىرىنىڭ قۇلىقىم تۈۋىدە شىۋىرلىغىنى ئاڭلاندى . ئۆرۈلۈپ قارىسام ئاق يۈز ، بادام قاپاق ، بەستلىك بىر ئەر مېنى تانسىغا تەكلىپ قىلىپ تۇراتتى . دوستۇمنى كۆز ئىشارىتى بىلەن ئككىنلەنمەيلا ئورنۇمدىن تۇردۇم .
    _ ئىسمىڭىزنى سورىسام بۇلامدىكىن ؟ _ دېدى ھېلىقى ئەر ياسالما سىپايىلىق بىلەن سىرلىق ھېجىيىپ .
    _ رىسالەت .
    _ رىسالەت ؟ پاھ ئىسمىڭىزمۇ ئۆزىڭىزدەكلا چىرايلىق ئىكەن ئەمەسمۇ ؟
    ئۇ بارغانچە ماڭا يېقىنلىشىپ بەللىرىمنى سىلاپ ، قوللىرىمنى سىقىشقا باشلىدى . بەدەنلىرىن تىكەنلىشىپ جىددىلىشىپ كەتتىم . ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا كالۋالاشقان پۇتلىرىم بىلەن ھېلىقى ئەرنىڭ مايلاپ پاقىتىۋەتكەن ئاياقلىرىغا نەچچە قېتىم دەسسىۋلدىم . موزىكىنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم . ئۈمرۈمدە ئېرىمدىن باشقا ئەر كىشى بىلەن بۇنداق يېقىن تۇرۇشۇم مۇشۇ ئىدى . تەلىيىمگە موزىكا ئاخىرلىشىپ جايىمغا كېلىپ ئولتۇردۇم . كۆزۈمگە شىرە ئۈستىدىكى تۈرلۈك قورۇما ، ئىچىملىكلەر ئالا - بۇلىماچ بۇلۇپ كۆرۈنەتتى . شۇ پەيتتە كىمدۇ بىرى قۇلۇمغا ئىچىملىك قۇيۇلغان رومكىنى تۇتقۇزدى .دوسلىرىمنىڭ ، ھېلىقى ئەپەندىلەرنىڭ ؛ << قېنى خوشە ، گۈپلا قىلىپ كۈتۈرۋېتىڭ >> دېگەن زورلاشلىرى بىلەن ئىلاجىسىز كەينى - كەينىدىن سۇنۇلغان بىر نەچچە رومكىنى قۇرۇقداپ قويدۇم . كانىيىمنى ئىچىشتۇرغىنچە كىرگەن سۈزۈك ئىچىملىك ئۆز كارامىتىنى كۆرسۈتۈشكە باشلىدى . ئىچىم قىزىپ كاللامدىكى گادىرماچ خىياللار نەلەرگىدۇر يوقالدى . بارغانچە تارتىنىش ، تەمتىرەشلەرنى ئۇنتۇدۇم . ئەتراپىمدىكى كىشىلەر خۇددى كونا تۇنۇشلىرىمدەك ئۇلارغا قاراپ كۈلەتتىم . سۇئاللىرىغا قىزغىنلىك بىلەن جاۋاپ بېرەتتىم . بىر چاغدا بىشىم قايغاندەك بولدى - دە ، ئۈستەل ئۈستىگە چاپلىشىپ قالدىم . ئۆزۈمنى چوڭقۇر ھاڭ ئىچىگە چۈشۈپ كىتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم .
    _ خۇداغا شۈكرى ، ھەممىسى كېتىشتى ،_ خۇددى يېنىمدا بومبا پارتلىغاندەك ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن سەل ئىسىمگە كەلگەندەك بولدۇم _ دە ئېغىرلاشقان بىشىمنى ئاستا كۈتۈردۇم . ھېلىقى بادام قاپاق ئەر يېنىمغا كېلپلا ئولتۇردى. ئۇ خۇددى مېنى ھازىرلا يەۋىتىدىغاندەك كۆزۈمنى ئىچىگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .
    _ ئېيتقىنە جىنىم ، نەگە بارساق بۇلار ؟
    شۇ چاغدىلا بۇ ئايرىمخانىدا ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم قالمىغانلىقىنى دېققەت قىلدىم .
    _ ئۇلار قېنى ؟
    _ ئۇلار جۈپ - جۈپ بۇلۇپ كېتىشتى جېنىم . شۇ تاپتا ئۇلار .....
    _ ئۇنداقتا بىزمۇ قايتايلى .
    _ نەگە ياتاققىما ؟
    _ ياق ، ياق ، ئەلۋەتتە ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتىنمىز _ دە
    _ نىمىلەرنى دەيدىغانسىز جېنىم ، _ دېدى ھېلىقى ئەر ماڭا مىقتەك قادىلىپ ، _ ئاران قولغا كەلگەن ئالتۇندەك پۇرسەتنى قولدىن بېرىۋىتىمىزما ؟ ئازادە يورۇق مېھمانخانىدا بىر كېچە پەيزى قىلىپ كەلمەيمىزمۇ ؟
    - نىمە ؟ مەن دېگەن ئېرى بار ، بالىلىرى بار ئايالمەن ، قايتىپ كەتمىسەم بولمايدۇ ، ھېلىمۇ ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپتۇ .
    گېپىم تۈگۈمەيلا ئۇنىڭ كۆزلىرى دەھشەت بىلەن چەكچەيدى ، ئىختىيارسىز شۈركىنىپ كەتتىم . ئۇنىڭ بايىقى مۇلايىملىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى ؛
    _ خېنىم ! _ دېدى ئۇ ماڭا مەنىستمەسلىك بىلەن باشتىن _ ئاخىرى سەپ سېلىپ ،_ ئېرى ، بالىلىرى بار ئايالغا نىمە بار بۇ يەردە ؟ بىكارغا يەپ ئىچىپ قاچىدىغان گەپ يوققۇ جاھاندا ؟
    _ كەچۈرۈڭ ئەپەندىم ، مېنى توغرا چۈشۈنىڭ ،_ دېدىم دۇدۇقلاپ .
    _ مېنى چۈشۈنىڭ ؟ نېمىنى چۈشۈنىمەن ؟ ، _ دېدى ئۇ ھوپىيىپ ،_ ساڭا دەپ قۇياي ، سىنىڭدەك كوچا خوتۇنلىرىنى كۆپ كۆرگەنمەن ، ئۆزۈڭچە يالغاندىن ھايالىق بۇلۇۋېلىپ مېنى ئالدىماقچىمىدىڭ ؟ قورىنىۋاتامسەن ؟ خاتىرجەم بول مەن ساڭا دېگىنىڭدەك پۇل بېرەلەيمەن . پۇلنى دەپ كەلگەن بولغىيتىڭ تايىنلىق ، _ ئۇنىڭ زەھەردەك ئاچچىق گەپلىرىدىن بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ يۈرۈگۈم ئىچىشىپ كەتتى . تۇرۇپلا ئەسلىمگە يېنىپ ئاچچىق بىر سېزىم ھېس قىلدىم . شۇ تاپتا ئۇنىڭ قۇلىدىن قۇتۇلۇشنىلا ئويلايتىم ،. ئازراقلا كىچىككەن بولسام مەڭگۈلۈك ۋېجدان ئازابىغە دۇچار بۇلاتتىم . دوستلۇرۇمنىڭ قېلىقلىرى ئەمدى ماڭا يىرگىنىشلىك تۇيۇلۇشقا باشلىدى . بىھۇدە ئاۋارە بۇلۇپ يۈرگىنىمنى ھېس قىلىپ ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلىپ كەتتىم . ھېلىمۇ ياخشى پۈتۈن كېچىدە بۇ شۆھرەت پەرەس ئەرلەر بىلەن ئاپپاق - چاپاق بۇلۇشۇپ ئولتۇرغىنىمنى بىرەر تۇنۇش بىلىشلەر كۆرۈپ قالمىدى . كۆرگەن بولسا نىمە دەپ ئويلاپ قالار ئىدى - ھە ؟ شۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم . ئەتتىگەن ئېھتىيات ئۈچۈن يانچۇقۇمغا سېلىۋالغان ئەللىك يۈەن پۇلنى شارتتىدە چىقىرىپ ھېلىقى ئەرنىڭ يۈزىگە قارىتىپ ئاتتىم ۋە ئۇ نېمە ئىش ئىكەنلىگىنى ئاڭقىراپ بولغىچە يۈگۈرگىنىمچە سىرتقا چىقىپ كەتتىم . شۇ ئىشتىن بىر نەچچە كۈنگىچە خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بۇلۇپ يۈردۈم . ۋېجدانىمغا خىلاپ بۇ ئۇرۇنۇشلىرىمنىڭ بىر چۈش بۇلۇپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم . ئىچىمگە كىرۋالغان بۇ ۋەسۋەسە مېنى نەقەدەر ئەخمىق قىلغان ھە ؟
    ئۆيدە كىر يۇيۇپ ئولتۇراتتىم ئىشىك تۇيۇقسىز ئىچىلىپ ئېرىم قايتىپ كەلدى ، ئۇ ئادەتتە ئىشتىن بۇنداق بالدۇر قايتمايتى .
    _ رىسالەت ، بۇ ياققا كىرە ، _ دېدى ئۇ ، نىمىشقىدۇر بەدىنىمگە تىترەك ئولۇشۇپ كەتتى . نىمە ؟ ئۇ مېنىڭ بىرەر ئىشىمنى بىلىپ قالمىغاندۇ _ ھە ؟ قوللىرىمنى ئېرتقىنىمچە ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇردۇم ۋە يەر تېگىدىن ئۇنىڭغا قارىدىم .
    _ زاۋۇتتىن ئىشچىلارغا ئىشتىن قېلىش سوممىسى تارقىتىپتىكەن ، قېنى ئالغىن ، _ ئۇ گىزىتكە ئورالغان بىر بولاقنى ماڭا سۇنغاچ گېپىنى داۋاملاشتۇردى ، _ سېنىڭ بىر ئۆي ئېلىش ئارزۇيۇڭ بار ئىدىغۇ ؟ ئاخىرى مىرادىڭغا يېتىدىغان بولدۇڭ . بۇنىڭ يېرىمىنى ئالدىن تۆلەپ قالغىنىغا قەرز ئالساق بۇلىدۇ . ئاندىن ئۆزۈڭگە كېيىم- كېچەك زىبۇزىننەت ئىلىۋالارسەن . ھېلىمۇ ساڭا مۇشۇ كەمگىچە تۈزۈكرەك بىر نەرسە قىلىپ بېرەلمىدىم .
    _ يائاللا ، ئارزۇيىمىز ئاخىرى ئەمەلگە ئىشىپتۇ ، _ دە ؟ دېدىم مەن ھاياجان ھەم ھودۇقۇش ئىچىدە . ئېرىم ماڭا مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈپ تۇرغان شۇ پەيتتە ئۆزۈمنى يىغلىۋىتىشتىن ئاران - ئاران تۇتىۋالدىم . ئۈكۈنۈشتىن ئېزىلىپ كىتىۋاتقان يۈرۈگىمدىن : << مېنى كەچۈرۈڭ >> دېگەن نىدا كېلەتتى. خېلىدىن بېرى ئارزۇ قىۋاتقان بۇ ئىشتىن خوش بۇلۇپ ، ھاياجانلىنىپ كېتىشىم كېرەك ئىدى . لېكىن قانداقتۇ بىر ئازاپ مېنى بىئارام قىلاتتى . ئېرىمدىن بىھۇدە ئاغرىنىپ يۈرگىنىمگە ، بىھۇدە باسقان ئەرزىمەس قەدەملىرىمگە قاتتىق ئۈكۈندۈم . مەن راستىنلا شەيتان ئازدۇرغان ئايال .

     

    ﻣﻪﻧﺒﻪ : شىنجاڭ ئاياللىرى